- شەرەپ
- 237
- توردا
- 92 سائەت
- تەڭگە
- 182
- تۆھپە
- 242
- قىزغىنلىق
- 491
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-6
- تىزىملاتقان
- 2012-4-24
- تېما
- 8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 970
- ھوقۇقى
- 70
- يازما
- 88
  
- تەڭگە
- 182
- تۆھپە
- 242
- قىزغىنلىق
- 491
- شەرەپ
- 237
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-6
- تېما
- 8
- جۇغلانما
- 970
- تىزىملاتقان
- 2012-4-24
- يازما
- 88
|
بۇ تىمىدا بەك زۆرۈل گەپلەر يوق ! ۋاقتىڭىز قىس بولسا كۆرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، كۆرۈپ بۇلۇپ تىللايدىغان ئىشنى قىلماڭ !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! پاسىبان ئەزالىرى ئەزىز تىنىڭلار سالامەتمۇ ؟
پاسىبان دەسلىۋىدە «بلوگ» ھالىتىدە دۇنياغا كەلگەن ! دەسلەپكى ۋاقىتلاردا قۇلۇمدا بىرىنچى ئەۋلات ئايپەد بارئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئايپەد سېتىلىپ كەتتى. شۇندىن بىرى android تۇتۇپ كەلدىم. لېكىن bookmerkmanager تىزىملىكىدە پاسىبان بلوگىنىڭ ئادېرسى ساقلىنىقلىق ئىدى. كۈنلۈكى بىر يوقلاش ئادىتىم بارئىدى. مىنى بەكىرەك جەلپ قىلىدىغىنى تىمىلارنىڭ رەڭدارلىقى، ۋاقتىدا يىڭىلنىشچانلىقى، ھەم پاسىبان بۇرادەرنىڭ تىما يوللاشتىكى يۇمۇرلۇق گەپ-سۆزلىرى تمىدىن پايدىلنالمىساممۇ ھوزۇرلاندۇراتتى.
بلوگنى تاشلاپ مۇنبەرنى ماڭدۇرغاندىن بىرىغۇ پاسىباننىڭ بۇرۇنقىدەك نادىر يازمىللىرنى كۆرەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق. يوللانغانلىرىمۇ بەك ئاز بۇرۇنقىدەك جانلىق ئەمەس.
شۇنداقلا ئالما توغۇرسىدىكى يىڭىلىقلاردىن خەۋەر تېپىپ تۇراتتىم. ھەرقېتىم كىرگىنىمدە مىنىڭمۇ بۇسەپكە قېتىلغۇم كىلەتتىيۇ لېكىن ئالمىنىڭ چەكلىمىسىنىڭ كۆپلىكى زىرىكتۈرۈپ قۇياتتى. بۇ جەرياندا meizu m9 ئىشلەتتىم. تۇلا قېتىۋېلىپ، قىززىۋېلىپ، تۇكى يېرىم كۈن يەتمەي زىرىكتۈردى. ئۇنى سېتىپ HTC G11 نى ئالدىم بۇ تېلفۇن ھەرھالدا يامان ئەمەس چىقتى. ئۇيغۇرچە تۇنۇتىمەن دەپ سايىنگوننىڭ سىستىمىسىنى قاچىلىدىم. ئۇيغۇرچە تۇنىدىيۇ يامان كۆرۈمسىزكەن كۆزۈمگە سىغمىدى. xiaomi نىڭ سىستىمىسىنى قاچىلىدىم كۆرنىشى بەك كۆرگەم، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش بەك قۇلايلىق ئىدى لېكىن ئۇيغۇرچىنى زادى تۇنۇمايتتى. بىرمەزگىل ئىشلىتىپ تۇردۇم ئاندا-مۇندا چاتاقلارمۇ چىقىپ تۇردى. يامان ئاچچىقىمنى كەلتۈردىغىنى زۆرۈل يەردە سىغىم كارتا قېچىپ خاپا سالاتتى. قېتىۋېلىشىمۇ ئۇچۇراپ تۇراتتى. باشقا يانفۇنلارنىڭ ئۇنداق-مۇنداق چاتىقى چىقىپ تۇراتتى. ھەرقېتىم چاتاق چىققاندا ئالما بولغان بولسا بۇنداقمۇ ئاۋارچىلىق بولماستى دەپ قالاتتىم. بۇيەردە ئالمىنى ئەڭ نوچى دىمەكچى ئەمەسمەن لېكىن ئارتۇق ئېتىشمىسىڭىز ئالمىدىن بىكاغىلا چاتاق چىقمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئەچ تى سى نى ئېلىشىغا سېتىپ شىياڭگاڭ بەنزە دەپ 3000 كويغا ئالما4 16Gلىقتىن بىرنى ئالدىم.
ئېلىپ تۇرشۇمغا IOS5.1.1 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقتى. كۆرسەتمە بويچە تۈرمىدىن قاچۇردۇم، مۇكەممەل قاچۇرۇشتىن بىردىن-بىر پەرقى يانفۇننى ئۆچۈرسىڭىز كومپىيوتىردا يىتەكلەپ قوزغاتمىسىڭىز تۈرمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالاتتى.
سىيدىيادىن ئۇنى بۇنى قاچىلاپ يۈرۈپ يانفۇندا يەنە پارچە پۇرات مەسىلىلەر كۆرلۈشكە باشلىدى. بۇ يەردە مەن ئاڭ ئىھتىياجىق بولغان ئىختىدار: قىسقا ئۇچۇر، ئالبوم، چ چ، مىكرو خەت دىگەندەك بەزى شەخسىيتىگە چېتىلىدىغان ئەپلەرنى مەخپى نۇمۇر ئارقىلىق قوزغىتىش ئىدى، خالىغان ئادەمنىڭ ئېچىشىدىن ساقلىنىپ قېلىش. بۇجەھەتتە شىياۋمىنىڭ ئىختىدارى بەك يۇقۇرى ئىدى، ھەرقانداق ئەپكە ئۆزىنىڭ مەخپى نۇمۇر سېلىش ئىختىدارى بار ئىدى. لېكىن سىيدىيا يانفۇننىڭ ئىچىگە كىرسىلە غۇرا يىگەن ئادەمنىڭ قۇرسىقىنى ئاغىرتقاندەك يانفۇن زادى ساغلام بۇلالمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلانمۇ قىلىندى لېكىن مەن قاچۇرمۇدۇم.
يېقىندىن بىرى مۇنبەردە ياردەم تىمىللىرى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى. قارىسا نۇرغۇنلىرى مەقسىتىنىمۇ تۇلۇق ئۇقتۇرالمىغان، يانفۇن قوزغالمىدى، تۈرمىدىن قاچمىدى، سىيدىيا كۆرۈنمىدى دىگەندەك ناھايىتى ئابىستىراكىت سوئاللارنى سورايدىغانلارمۇ خېلى بار. بەزى چاتاقلارنىڭ مەسىلىسى ئاددى ئىشلار بولسىمۇ ياردەم سورىغۇچى تۇلۇق چۈشەندۈرەلمىگەنلىكتىن ياردەم بەرگۈچىمۇ بىرمۇنچە مۇرەككەپ جەريانلارنى سۆزلەپ كەتكەن، ھەتتا كاللا دىسە پاچاق دەيدىغان ئىشلارمۇ كۆپ ئۇچۇرايدۇ. يەنە بىر ئەھۋال ياردەم سورىغان تىمىلارنىڭ 80% ئىلگىىرى سورالغان، جاۋاپ بىرلىپ بولغان ياكى شۇنداق چاتاقلارنى ئوڭشاش ھەققىدە دەرىسلىك تىمىلار يوللىنىپ بولغان لېكىن ياردەم سورىغۇچى مۇنبەرنى ئارلىمايلا نەق تىما يېزىش كۆزنىكىنى ئاچقان، بۇيەردە شۇنداق بىر ئىش ئايدىڭكى ئاشۇنداق مۇنبەرنى ئارلىمايلا ياردەم سورىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى جاۋاپنى ئېلىپ بولسىلا يەنە يۇقاپ كىتىدىغانلار قاچان يەنە بىر قېتىم چاتاققا يۇلۇقمىغۇچە كەلمەيدىغانلار .
تەۋسىيەلىك تىمىلارمۇ قىزىقارلىق بۇلۇپ كەتتى. پاسىبان باشلىق بىرنەچچە قېتىم قايتا-قايتا «ئەپ دوكىنىدىن چۈشۈردىغىنى ئەپ بۇلىدۇ، سىدىيادىن چۈشۈردىغىنى قىستۇرما بۇلىدۇ» دەپ تاپىلاپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئۆز خاھىشى بويچە يازىۋىرىدۇ.
ئىملا مەسىلىسىغۇ ئاسلاننىڭ كۆزىدىكى چاپاقتەك زادى ئازايمىدى.
بۇيەدە مۇنبەرگە ئىككى ئېغىز تەكلىپىم بارئىدى : بىرى تىما تەستىقلاشقا تۈزۈم چىڭىتىلسا ئىملا خاتالىقى ئېغىر، ئاتالغۇلارئالماش، مەزمۇنى چۈشۈنۈكسىز، ئۇيەر-بۇيەردىن سۆرەپ كەلگەن تىمىلار تەستىقلانمىسا مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى سان بىلەن ئەمەس سۈپەت بىلەن ئۆلچىسەك، ئەگەر ياردەم تمىنىسىنىڭ ئەھمىيتى بولسا، تەۋسىيە قىلغان ئەپنىڭ قىممىتى بولسا تەستىقلىغۇچى پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ياردەم تىما ۋە تەۋسىيە تىمىغا قويدىغان تەلىپىگە چۈشۈرۈپ تەھرىرلەپ ئاندىن تەستىقلىسا.
2- تىمىلارنىڭ تەستىقلىنىشىغا چەك قويغاندىن كىيىن مۇنبەر چۆلدەرەپ قېلىشى مۇمىكن بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلارنى كۆپەيتسە ھەم باشقۇرغۇچىلارغا مەلۇم مەسئۇلىيەت يۈكلەنسە ئۇنداق خالىغان ۋاقىتتا كىرىپ يازغۇسى كەلسە يازىدىغان قىسقىسى پاسىبان كۇلۇبى ئۈچۈن مەلۇم خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆتىيەلمەيدىغان باشقۇرغۇچىلار يەنىلا قىممەتلىك ئەزا بۇلۇپ تۇرسا، مەسئۇلىيەتچان باشقۇغۇچىلار خىزمەتكە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئىچكى قىسىمدا مەسلىھەت قىلىپ مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇردىغان تىمىلارنىڭ ئەڭ تۈۋەن ئۆلچىمى بىكىتىلسە، ھەپتىدە مانچىلىك دەرىسلىك ياكى تەۋسىيە ياكى خەۋەر تمىسى يوللانسا، باشقۇرغۇچى بولغانلار ئۆزى قۇربى يىتىدىغان، قىزىقىدىغان رايۇننى تاللاپ شۇيەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولسا.
ئۆزى مەسئۇل بولغان رايۇننى ئاۋاتلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ بولغان باشقۇرغۇچىلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن مۇكاپاتلىنىپ(ماددىۋى بۇيۇم بىلەن دىمەكچى ئەمەس) رىغبەتلەندۈرۈپ تور يۈزىدە ئېلان قىلىنىپ چۆلپان باشقۇرغۇچىلاردىن قىلساق. ئۆزى مەسئۇل بولغان رايۇننى كۇلۇبنىڭ ئەڭ تۈۋەن تەلىپىدىمۇ ساقلىيالماي خارابلاشتۇرغان باشقۇرغۇچىلارنى تەنقىتلەش، ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش، ئالماشتۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن جانلىق ھالەت ساقلىنىپ قالسا .
بۇ مىنىڭ شەخسى خىياللىرىم ۋە تەكلىپلىرىم باشقىكارنىڭمۇ ئويلىغانلىرى بار ھەقاچان خالىساڭلار ئورتاقلىشايلى ! |
|