توردىشىمىز "ھەۋەسكار" نىڭ تەلىپىگە بىنائەن دوستلارغا چىراي پەرقلەندۈرۈپ ئېكران قۇلۇپى ئېچىش دېتالىنى تەۋسىيە قىلىشنى ئويلاشتىم... بۇ ئەپنىڭ ئىسمى RecognizeMe بولۇپ ، چىراي پەرقلەندۈرۈپ ئېكران قۇلۇپىڭىزنى ئاچالايدۇ، ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق . بۇ ئەپ پەقەت iPhone 4 ياكى iPhone 4S نىلا قوللايدۇ ، ھەم ئەسۋابىڭىزنىڭ چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .
قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1.ئالدى بىلەن Cydia كىرىپ ، http://apt.weiphone.com مەنبەسىنى قوشۇڭ ، ئاندىن "ئىزدەش" دىن 面部识别 دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ ، قاچىلاڭ ! 2. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، باش ئېكرانىڭىزدىكى چېكىپ كىرىڭ . 3. كىرگەندىن كېيىن Facetrainer نى تاللاڭ . ئاندىن يورۇق يەرنى تېپىپ ، يۈزۈڭىزنى كامېراغا توغۇرلاپ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Train نى بىر بېسىڭ. رەسىم تارتىپ بولغاندىن كېيىن چىكىتىڭ .(جەمىي 6 پارچە تارتىدۇ)
4. 设置—通用—密码锁定—设置密码 مۇشۇ بويىچە كىرىپ مەخپىي سېفىر ھاسىل كىلىڭ ، ئاندىن يانفونىڭىزنى ئۆچۈرۈپ ئاچسىڭىز Recognizeme نى قۇلۇپ ئېچىش ئېكرانىدا كۆرۈسىز . بىر بېسىپ چىراي پەرقلەندۈرۈشكە باشلايسىز .
ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت تونۇيالمىسا ، Recognizeme Settings غا كىرىپ ، "توغۇرلۇق دەرىجە" پېرسەنتىنى تەڭشەڭ . (پېرسەنت نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا ، شۇنچە ئېنىق سىكانلايدۇ ، ھەم ۋاقىتمۇ جىق كېتىدۇ )
دوستلار ياقتۇرغايسىلەر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-18 12:03
|