iPhone 3GS ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىتىلماي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاساسلىق تەمىنلىنىدۇ .
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2009-يىلى بازارغا سېلىنغان iPhone 3GS ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىتىلمايدۇ. ئالما شېركىتى مەزكۇر مەسھۇلاتنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىپ،تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئىستىمالچىلارنى ئاساسلىق تەمىنلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ. كۆپ قىسىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى يانفۇن مۇلازىمەتلىرى ئالدىن ھەق تاپشۇرۇش شەكلىنى ئاساس قىلغاچقا،ئالمىنىڭ iPhone 3GS يانفۇنى مەزكۇر بازارلارنى نىشان قىلدى.ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئالما شېركىتى ئاللىبۇرۇن مەلۇم بىر پارچە سېتىش ۋە مال يەتكۈزۈش شېركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان بولۇپ، iPhone 3GS نى دۇنيادىكى ئالدىن ھەق تاپشۇرۇشنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەرگە سېتىپ چىقىرىش ھەم مەزكۇر دۆلەتلەردىكى سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان .
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىغان، ئالما شېركىتى ھازىر iPhone 3GS نىڭ باھاسىغا قارىتا قايتىدىن بېكىتىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 250دوللاردىن 300دوللارغىچە بولىشى مومكىن.بۇنداق بولغاندا ئىستىمالچىلار بىر تال ھەمكارلىشى تۈرىدىكى iPhone 4 نىڭ پۇلىغا بىر تال ئادەتتىكىدەك iPhone 3GS يانفۇنى سېتىۋالالايدۇ.
نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاساسلىق سېتىپ چىقىرىش بازىرى بولۇپ،ئىستىمالچىلار ئىككى يىللىق توردا تۇرۇش توختىمىنى ئىمزالاش ئارقىلىق ھەقسىز ھالدا بىر دانە iPhone 3GS يانفۇنىغا ئېرىشەلەيدۇ، توختاملىق iPhone 4نىڭ باھاسى 99دوللار.
ئالمىنىڭ 10-ئايدا يېڭى ئەۋلاد يانفۇنىنى ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، iPhone 4 بولسا iPhone 3GS نىڭ ئورنىنى ئېلىپ دەسلەپكى ئىشلەتكۈچىلەر تۈرىدىكى يانفون بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئىككى يىللىق توختام تۈزۈش ئارقىلىق ھەقسىز ھالدا بىر دانە iPhone 4قا ئېرىشكىلى بولىدۇ.بۇ باشقىلارنىڭ iPhone 3GS ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىتىلىدۇ دەپ قىياس قىلىشىنىڭ ئاساسىي. ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباب ئاشكارىلاپ، ئالما بۇ مەھسۇلات ئارقىلىق باشقا بازارلاردىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش سانىنى ئاشۇرۇش، دېدى.
شېركەتنىڭ CEO سى ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا، ئالدىن ھەق تاپشۇرۇش شەكلىدىكى بازار ئىنتايىن مۇھىم،دېگەنىدى. بۇ شېركەتنىڭ نىمە ئۈچۈن iPhone 3GSنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى.
مەنبە : http://www.nur.cn/news/2012/05/68899.shtml |