- شەرەپ
- 211
- توردا
- 80 سائەت
- تەڭگە
- 481
- تۆھپە
- 347
- قىزغىنلىق
- 338
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-31
- تىزىملاتقان
- 2011-12-9
- تېما
- 15
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1791
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 203
      
- تەڭگە
- 481
- تۆھپە
- 347
- قىزغىنلىق
- 338
- شەرەپ
- 211
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-31
- تېما
- 15
- جۇغلانما
- 1791
- تىزىملاتقان
- 2011-12-9
- يازما
- 203
|
بۇركۇت8 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 11:30 
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار ياخشىمۇسىلەر؟ مىنىڭ ئشلىتىۋ ...
سىستېما قاچىلاشقا پۇل خەجلىگىلى تۇرسىڭىز پۇل توشىمايدۇ. ئۆزىڭىزمۇ قىلالايسىز. ئۇسۇلى مۇنداق. كومپيۇتېرىڭىزغا iTunes نى قاچىلاڭ (iTunes نى http://www.apple.com.cn/itunes/download/ دىن چۈشۈرۈڭ). ئاندىن تېلېفوننى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ iTunes نى قوزغاتسىڭىز سىستېما قاچىلاشنى سورايدۇ (ئەگەر ئۇنداق كۆرسەتمە چىقمىسا 恢复 نى بېسىڭ). ھەئە دېسىڭىز ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشر 5.1.1 نى قاچىلايدۇ. سىزدە 5.1.1 نىڭ نەشر بۇلىقى بولسا shift بىلەن 恢复نى تەڭ بېسىپ ئالدىن تەييارلاپ قويغان 5.1.1 نىڭ نەشر بۇلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. ئەگەر 5.1.1 نىڭ نەشر بۇلىقى بولمىسا ھەم بۇ باسقۇچلارنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز 恢复 نى بېسىپ سورىغانلىرىغا «ھە» دەپ بەرسىڭىز 5.1.1 نىڭ نەشر بۇلىقىنى ئۆزى ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بېرىدۇ (بۇنىڭغا بىر ئاز ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. تەخمىنەن بىرەر سائەت) بۇ جەرياندا سىز ھېچقانداق ئىش قىلماي قاراپ ئولتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
سىستېما قاچىلاش ھەققىدە كۇلۇبتا مۇناسىپ تېمىلار بار (ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ)، مەن دېمەكچى، سىز تورغا چىقىشنى، ئۇنى-بۇنى قاچىلاشنى بىلىدىكەنسىز، شۇنداق بولغاندىكىن سىستېما قاچىلاشنى پۇلغا قىلدۇرۇپ يۈرمەي ئۆزىڭىز بىۋاسىتە قول تىقىپ قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئالما ھەققىدىكى بىلىمىڭىز ئاشقانچە ھەممە ھاجىتىڭىزدىن ئۆزىڭىز چىققۇدەك بولىسىز.
يەنە بىرى 3Gs نى 5.1.1 دە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ دېگەن ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەڭ. 3Gs قاتارلىق بەزى ئۈسكۈنىلەرنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلگەچكە تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى مۇشۇنداق كېچىكتى، بولمىسا بىرەر ھەپتە بولاتتى ئېلان قىلىنىپ بولغىلى. 5.1.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدۇ ئەمەس بولىدۇ، ئەمما مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى تېخى چىقمىدى. 91 تورىنىڭ خەۋىرى ئىشەنچلىك بولسا بۈگۈن كەچكىچە 5.1.1 نەشردىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ئېلان قىلىنىدۇ. |
|