- شەرەپ
- 81
- توردا
- 12 سائەت
- تەڭگە
- 120
- تۆھپە
- 47
- قىزغىنلىق
- 103
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-19
- تىزىملاتقان
- 2014-2-8
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 231
- ھوقۇقى
- 50
- يازما
- 30
 
- تەڭگە
- 120
- تۆھپە
- 47
- قىزغىنلىق
- 103
- شەرەپ
- 81
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-19
- تېما
- 11
- جۇغلانما
- 231
- تىزىملاتقان
- 2014-2-8
- يازما
- 30
|
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھەرقانداق ۋاقىتتا سالام قىلىشنى ئۇنۇتماڭ .
شۇنداق قىلىپ [ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ] ناملىق بۇ چاتما يازمامنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن . بۇ قىتىم تونۇشتۇرماقچى بولغان ئەپ ، كۆپىنچىمىزگە تونۇشلۇق فىلىم كىرىشتۇرۇش قۇرالى 绘声绘影 نىڭ ئايفون نۇسخىسى بولۇپ گەرچە كومپىيۇتېر نۇسخىسىدەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ ئىشقىلىپ خاتىرە ئالبوم ياساشقا ۋە يۇقرى ئىنىقلىقتا ساقلاشقا بولىدىكەن .
بۇ ئەپ ئىشلىگەن ئىلىكترونلۇق سىن ھۆججىتڭىزنى ئۈچ خىل فورماتتا ساقلاشقا بولىدىغان بولۇپ ، ئوتتۇراھال 480p , چوڭ 540p ۋە يۇقرى ئىنىقلىق HD720p ھالەتتە بىۋاستە ئايفون ساقلىغۇچىغا ساقلىۋالسىڭىزبولىدۇ ، تورغا يوللاشتا شىنلاڭ تور بىكىتىگە ياكى خالىغان دوستىڭىزغا مىكرو ئۇچۇر ئارقىلىق يوللاپ بىرىشنى ئەپ ئىچىدە بىۋاستە قوللايدۇ .
ئاۋال قىنى مەن ئۆزۈمنىڭ كۆرۈمسىز سۈرىتىمنى چىقىرىپ مىسال قىلىپ ئىشلىگەن ئىلىكترونلۇق ئالبۇمنى كۆرۈپ بىقىڭ .
خاتا ئەمەس ، يۇقاردىكى سىن ھۆججىتى دەل ئايفوندا ، مىسال ئۈچۈن ئىشلەنگەن. ئامراق بولۇپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن . قىنى قىزىقسىڭىز داۋامىنى ئوقۇڭ .
دەسلەپ چۈشۈرگەن ۋاقتىڭىزدا پەقەت بىر خىللا ئۈنۈم تەمىنلەنگەن بولۇپ ، دىتال ئاچقۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن مەلۇم ئويۇننى چۈشۈرسىڭىز ۋە شۇ ئويۇننى قوزغىتىپ 3~4 مىنۇت ئەتراپىدا قوزغىتىپ قويۇپ نۇمۇرغا ئىرىشەلەيسىز ،ئىرىشكەن نۇمۇر ئارقىلىق ئەپ ئىچىدىكى باشقا ئۈنۈملەرنى چۈشۈرەلەيسىز . جەريان ئاددىيلا بولۇپ بىر ئاز تىرىشسىڭىزلا چوقۇم ئون نەچچە خىل ئۈنۈم ھۆججىتىنى تولۇق چۈشۈرەلەيسىز .
سىزلەرگە ئامەت تىلەيمەن ، شۇنداقلا ئاللاھتىن ئامانلىق تىلەيمەن .
|
|