جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 7

2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

135

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2500
تۆھپە
2957
قىزغىنلىق
12299
شەرەپ
1884
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
135
جۇغلانما
17145
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1553

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 20:35:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەر يىلى يۈكسەل بلوگى ئاساسلىق تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «يىللىق 10 چوڭ بلوگ» پائالىيىتى بۇ يىل سەل كېچىكىپرەك باشلاندى. پەقەت 20 كۈنگىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىش، نامزات كۆرسىتىش، تاللاش قاتارلىق باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىش كېرەك ئىدى.

يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق  10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە  «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى.  شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل  بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 - نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
گەپنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتساق، پائالىيەت يۈكسەل بلوگىدا باشلىنىپ شۇ يەردە ئاخىرلىنىش قارار قىلىنغان بولۇپ، نامزات كۆرسىتىشمۇ يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىلەت تاشلاپ قارار قىلىشمۇ شۇنداق ئىكەن.
تۆۋەندىكىلىرى «يۈكسەل بلوگى» دىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار:

2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى

1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.

3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار  يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.


گەپكە كەلسەك…بلوگ ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلۇپ بۈگۈن ساق 1 يىل بولىشىغا يەنە 2 كۈن قاپتۇ. مۇشۇ 1 يىل جەريانىدا پېقىر مەزمۇننىڭ كۆچۈرۈلمە بولماسلىقىغا، ئىجادىي بولمىسىمۇ نەپ تېگىش تەگمەسلىكىگە ئالاھىدە نەزەر سالغان ئاساستا ئىزچىل بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. يازمىنىڭ ھەر بىر سۆز-جۈملىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پۈچەك سۆز-جۈملىلەرنىڭ بولۇپ قالماسلىقىغا، زېرىكتۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكىگە ئەھمىيەت بەردىم. مۇشۇنىڭدەك بەلگىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈش تەسىرىدە، ھازىرقىدەك كۈندىلىك مۇقىم چېكىلىش قېتىم سانى 3,000 دىن ئارتۇق، 400 ئەتراپىدىكى مۇقىم، ئاكتىپ زىيارەتچىلەر قوشۇنىغا ئېگە بولدى. يېزىلغان ھەر بىر ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بىلسەم بىلگىنىمچە، بىلمىسەم توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بولسىمۇ جاۋاب بەردىم. كاپالەت بېرەلەيمەنكى، ھەر بىر سورالغان سۇئاللار جاۋابسىز قالمىدى. ھەر بىر زىيارەتچىنى ئېيتىۋاتقان سۆزۈمنى قايسى خىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرسەم ئېنىقراق بىلىۋالاركىن دەپ ئېلاجىمنىڭ بېرىشىچە تەپسىلىي، ئوچۇق جاۋاب بېرىشكە تېرىشتىم. بۇنى، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۇلۇبنى زىيارەت قىلىۋاتقان بۇرادەرلەر چوقۇم ھېس قىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.
بىر مىسال ئالسام، بلوگ قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە تور بەت ساھەسىدىن پەقەتلا خەۋىرىم بولمىغانلىقتىن، بەزى مەسىلىلەرنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوراشقا توغرا كەلدى. نەچچە سۇئالنى سورىسام جاۋاب بەرسىمۇ بىرەر تالغا شۇنداقلا جاۋاب بېرىپ يوقاپ كەتتى. يەنە قايتىلاپ سوراشتىن ئۆزۈم خىجىل بولدۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا بۇنچە تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ مېنىڭ ئىشىمنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق، مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن رەنجىشىمنىڭ ئورنى يوق. لېكىن بۇنداق قىلغىنى ئۆزۈمگە ئازراق ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ماتىرىيال ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، ئىزدىنىپ يۈرۈپ ماۋۇ ئۇسلۇبنى ئۆزۈم ئۆزلەشتۈردۈم، بەتنى مۇشۇ ھالەتتە ھەرقايسى تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنگىدەك بىر شەكىلگە ئەكەلدىم. يەنى، شۇ قېتىملىق ئىشنىڭ تەسىرىدە مەندىن سۇئال سورىغۇچىلارنى ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ، شۇ كىشىگە مەن چوقۇم چۈشىنىشلىك، رازى بولغۇدەك بىر جاۋاب بېرىشىمنى مەجبۇرىيەت دەپ قاراپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشۇم، تىجارىتىم بولغانلىقتىن ئارىلىقتا نەچچە كۈنلەپ بلوگ تاشلىنىپ قالغىنىمۇ راست. ئۇ چاغلاردا سۇئاللار بەلكى بىر ئىككى كۈن جاۋابسىز قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، مۇشۇلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر زىيارەتچىلىرىمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگىنىم ئۈچۈن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زىيارەتچىلىرىمگە يۈز كېلەلىگۈدەك بەت مەسئۇلى بولالىدىم، دەپ قارايمەن. گەرچە مەن ئۆزۈم شۇنداق قارىساممۇ، زادى شۇنداقمۇ ئەمەس، بۇنىسى سىلەرگە بېرەلىگەن تەسىرىمنىڭ قانچىلەكلىكىدە. ئەڭ مۇھىمى بۇ، ئەلۋەتتە.
بىر يىلدىن بۇيان چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەسلىگىنىمىزدە مۇشۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان سىز، بەلكى ھاۋا ئىللىق بىر كۈنلەردە، ياكى خۇشخۇي، سىم-سىم يامغۇرلۇق بىر كۈنلەردە، ياكى بولمىسا كەيپىياتىڭىز ئوچۇق، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىر كۈنلەردە كۇلۇبقا كىرىپ سىزگە پايدا بېرەلەيدىغان بىرەر تېمىنى كۆرۈپ، «پاسىبان كۇلۇبى» دەپ ئاتىلىدىغان شۇنداق بىر تور بەتنىڭ بولغىنىدىنمۇ خۇشال بولغان، مەمنۇن بولغانمىدىڭىز؟ كۇلۇبىمىز گەرچە سىزنىڭ قولىڭىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرەر مەنپەئەت كۆرسىتىپ، بىر چاپىنىڭىزنى ئىككى قىلىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، مۇشۇ بلوگنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سىزنىڭ بەزى ئىشلىرىڭىز ئاسانلاشقان، قولىڭىزدىكى ئايفونىڭىزنىڭ قىممەتلىك بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىزغا ياردەم بېرەلىگەن، شۇ ئارقىلىق سىزگە ئازغىنە مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىگەندىمىزمۇ؟
ئەگەر سىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بلوگىمىزدىن مەنپەئەت كۆرگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن «2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» گە «پاسىبان كۇلۇبى» مىزنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىڭىزنى، بىلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلانغاندا بىزگە بىلەت تاشلىشىڭىزنى سورايمەن.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
2011–يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار
‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ!
PS: بۇ پائالىيەتتە مۇكاپات ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئەمەلىيرەك بولدى. ئىلگىرى قۇرۇق ناملا بولسا ئەمدىلىكتە نەخ پۇل شەكلىدە بولدى. گەرچە مۇكاپات سوممىسى بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بۇ بىزدەك تور بەت ئېگىلىرىگە چوڭ ئىلھام بولىدىكەن. ئەگەر بىز 10 چوڭ بلوگنىڭ ئالدىنقى بەشىگە كىرەلىسەك، مۇنبەرنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، ياخشىراق مۇلازىمېتىرغا ئالماشتۇرۇش ھاجىتى تۇغۇلسا ئالماشتۇرۇپ، مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزاغا ئايرىم بىر بوشلۇق بېرىش، تېمىلارغا قىستۇرىدىغان رەسىمنى بىۋاستە مۇنبەر بوشلۇقىغا چىقىرىش دېگەندەك ئىقتىدارلارنى قوشۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسىبان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-13 20:36  

14

تېما

3

دوست

2379

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
409
تۆھپە
467
قىزغىنلىق
537
شەرەپ
358
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
تېما
14
جۇغلانما
2379
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
250

ئاكتىپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 13:37:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2011-يىللىق 10چوڭ بىلوگقا بىلەت تاشلاش پائالىيىتىدە پاسىبان كۇلۇبىغا ب

مەن ئەسلى  ئاقساقاللىق قىلىپ بۇ تىمىنى يوللىمىسام بولاتتى...      بىراق  پاسىبان كۇلۇبىدىكى مۇنۇ تىما/top-10-bl ... page-1#comment-3415  نى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ بىر بىلەت تاشلاش ئۈچۈن مۇنۇhttp://www.yuksel.me/1845.html تىمىغا كىرىپ تورداشلارنىڭ  بلوگگىرلارنىڭ بەس-بەستە ئۆز بىلوگلىرىنى  كۆرسۈتۈپ ماختاۋاتقانلىغىنى  مەن شۈنچە ياختۇرۇپ كۆرىدىغان پاسىبان كۇلۇبىنى بىرنەچچە تورداش مۇنداقلا تىلغا ئىلىپ قويغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا  پاسىبان كۇلۇبىنىڭ بىر چەتتە قايرىلىپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى... بىرنەچچە پاسىبانداش بىلەت تاشلىغان بولسىمۇ ئەستايىدىل بىلەت تاشلىمىغانلىغىنى كۆرۈپ سەل كۆڭلۈم يىرىم بولدى...
3بەت ئىنكاسنى كۆرۈش جەريانىدا پاسىبان ئەپەندىمنىڭ ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا بىلەت تاشلىغىنىنى كۆرۈشنى ئۈمۈت قىلىۋىدىم ئەپسۇس پاسىبان ئەپەندىم بىز پاسىبانداشلاردىن ئۈمۈتسىزلەندىمۇ ياكى كەمتەرلىك قىلىپ ئۆزىنى ماختىغىسى كەلمىدىمۇ  بىلمىدىم ئۆزىنىڭ بىلوگىغا بىلەت تاشلىماپتۇ....
مەن بىر بىلەت تاشلىدىم  بىلەت تاشلاشنىڭ ئۆلچىمى باركەن  باشقا تورداشلارنىڭمۇ شۇ ئۆلچەم بويچە  بىلەت تاشلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزادە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-14 13:39  

!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

13

تېما

5

دوست

847

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
392
تۆھپە
334
قىزغىنلىق
320
شەرەپ
193
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
13
جۇغلانما
847
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
159

ئاكتىپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 13:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەممىنى يېزىپ بولۇپ يوللاشنى باسسام خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى.

14

تېما

3

دوست

2379

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
409
تۆھپە
467
قىزغىنلىق
537
شەرەپ
358
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
تېما
14
جۇغلانما
2379
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
250

ئاكتىپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 13:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك پاسىبانداشلار پاسىبان كۇلۇبى ئۈچۈن بىلەت تاشلاشنى خالايدىغانلار ھەركەتنى باشلاڭلار…بىلەت تاشلىغانلارمۇ چوقوم تەلەپ بويچە بىلەت تاشلاپ بىلەتنىڭ ئىناۋەتلىك بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار…

تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تاشلىغان بىلەت ھەم باھانى قالدۇراي خەت يىزىش خوشياقمىسا شۇنى كۆچۈرۈپلا چاپلاڭلار.. مىنىڭ باھايىم ئارتۇق-كەم بولۇپ قالغان بولسا تورداشلار ئۆزۈڭلار تولۇقلاپ يوللاڭلار….

بىلوگ نامى: پاسىبان كۇلۇبى
ئادېرسى:
مەزمۇن دائىرىسى: ئالما تىلفۇن بىلىملىرى، فوتۇگىرافېيە، ماشىنا.
باھا: رەسمىي ئېچىۋېتىلگىنىگە بىر يىلچە بولغان بولسىمۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئالما تىلفۇن ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر قەدەر ئەتراپلىق،چۈشۈنۈشلۈك،يۇقىرى سەۋىيىلىك تىمىلارنى يوللاپ،ئالما تىلفۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يۈەنلىك تىلفۇنىنى چۈشۈنۈش،ئەپ قاچىلاش،كۆرۈلگەن كاشىلىلارنى ھەل قىلىش جەھەتلەردە ئەمىلى تۆھپە قوشىۋاتىدۇ بولۇپمۇ ئالما تىلفۇنىغا ئەپ قاچىلاش،سىتىۋىلىش جەھەتتە ئالما ھەۋەسكارلىرىغا ساغلام بولغان ئەپلەرنى قاچىلاش ۋە ناتوغرا ئۇسۇلدا ئەپ سىتىۋالماي ھەقلىق ئەپلەرنى قانداق ئۇسۇلدا تىۋىلىش كىرەكلىگىنى ئۈگۈتۈپ ئۇيغۇر ئالما ھەۋەسكارلىرىنى توغرا نىشان توغرا يۆنۈلۈشتە يىتەكلەۋاتىدۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىلوگنى كەسپى جەھەتتە بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ ،زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ بىلوگ نى تەرەققى قىلدۇرۇپ مۇنبەر نى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىچىپ بىلوگ بىلەن مۇنبەرنى بىرلىكتە باشقۇرۇپ تورداشلارنىڭ ئۆزئارا ئۈگۈنۈش بىلىم ئىلىش،بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى،مەن پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پاسىبان كۇلۇبىنىڭ مەزموننىڭ سەرخىللىغى،يىڭلىنىش سۇرئىتىنىڭ تىزلىكى ئالما ھەۋەسكارلىرىغا ئەمىلى نەپ يەتكۈزىۋاتقانلىغىغا ئاساسەن ،پاسىبان كۇلۇبىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن.
ئالما تىلفۇن سىتىۋالغان ساۋاتلىق ئادەملەر رىمۇنىتچىغا نەچچە يۈز يۈەن پۇل خەجلىمىسمۇ پاسىبان كۇلۇبىغا كىرسىلا ئۆز تىلفۇنىغا،ئۆزى سىستىما قاچىلاپ كۈرۈلگەن كاشىلىنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ…
پاسىبان كۇلۇبىنى ياقتۇرغىنىم ئۈچۈن سەل كۆپ يىزىپ سالدىم… بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزادە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-14 13:41  

14

تېما

3

دوست

2379

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
409
تۆھپە
467
قىزغىنلىق
537
شەرەپ
358
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
تېما
14
جۇغلانما
2379
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
250

ئاكتىپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 13:50:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەن پاسىبان كۇلۇبىدىكى تىمىڭىز نى كۆرۈپلا  يۈكسەل بلوگىغا چىقىۋىدىم ئۇيەردىكى ئەھۋال سەل ئوغامنى قاينىتىپ قويدى.... شۇ ئاچچىغىمدا بۇ تىمىڭىزنى كۆرمەيلا ئايرىم تىما يوللىۋىتىپتىمەن..... مىنىڭ تىمامنى بۇ تىمىغا يىغىۋىتەمسىز يا.....  تور داشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى چىچىلىپ كەتمىسۇن....

0

تېما

1

دوست

1216

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
197
تۆھپە
214
قىزغىنلىق
368
شەرەپ
183
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
تېما
0
جۇغلانما
1216
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
71
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 16:22:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مۇ چوقۇم بىلەت تاشلاش پائالىيىتنى قىززىتىمىز

135

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2500
تۆھپە
2957
قىزغىنلىق
12299
شەرەپ
1884
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
135
جۇغلانما
17145
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1553

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 17:37:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپنى قىلسام مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم تەۋسىيە قىلىپ، نامزات قىلىپ كۆرسەتكۈم كەلمىدى .
مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ بولىۋاتقىنىنى تور بېتىمىزگە يوللاپ زىيارەتچىلەرنى خەۋەردار قىلىش يۈزىسىدىن بۇ جايغا تەپسىلىيرەك يازدىم. دوسلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت.

23

تېما

3

دوست

1780

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
200
تۆھپە
364
قىزغىنلىق
1045
شەرەپ
371
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
23
جۇغلانما
1780
تىزىملاتقان
2011-12-14
يازما
221

مۇنەۋۋەر ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 20:07:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىخى نامزات كۆرسىتىش پالىيىتىكەنغۇ؟ رەسمى بىلەت تاشلاش باشلانغاندا مەن بىرىنچى بولۇپ ھەركەتنى باشلايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاھزادە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-14 20:08  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش