جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 871 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 462|ئىنكاس: 2

ئالما توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان 10 ئىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

10

دوست

633

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
20
تۆھپە
42
قىزغىنلىق
454
شەرەپ
127
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-26
تېما
29
جۇغلانما
633
تىزىملاتقان
2012-11-28
يازما
242

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 15:54:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات iPhoneۋە iPadنى ئىشلەپچىقارغان ئالما شىركىتى ئەزەلدىن مەخپىيەتلىك ساقلاش بىلەن داڭقى بار. تۆۋەندىكىلەر ئالما شىركىتىنىڭ سىز بىلمەيدىغان 10 ئىش.
1. جوبىز بىر بېقىۋېلىنغان بالا ھەم يېرىم سۈرىيەلىك

ئالما شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى جوبىز 2011-يىلى 10-ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر بېقىۋىلىنغان بالا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى جوۋئەن ۋە سۈرىيەلىك مۇھاجىر ئابدۇفەتتاھ جاندالى ئونۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تونۇشقان ئىدى. 1995-يىلى جوۋئەن ئاتا-ئانىسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا جوبىزنى باشقىلارنىڭ بېقىۋىلىشىغا بېرىۋەتكەن.

2. ئالمىنىڭ تۇنجى كومپىيوتىرىنىڭ باھاسى ناھايىتى غەلىتە قويۇلغان.

تۇنجى ئالما كومپيوتىرنىڭ باھاسى 666.66 دوللار قىلىپ بىكىتىگەن، شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، Wozniakتەكرارلانغان سانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ باھا بىكىتكەن ۋاقىتتا بۇ ساننىڭ سېھرى كۈچىنى ئويلاپ باقمىغان، چۈنكى بۇ باھا بۇ كومپيوتىرنىڭ توپ سېتىش باھاسىنىڭ دەل 1/3ھەسسە ئارتۇق بولغان.

3. ئالمىنىڭ بارلىق مەھسۇلاتى ھاۋا يولى ئارقىلىق توشۇلىدۇ.

ئالما شىركىتى خەلىق ئاۋىئاتسىيسىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى، چۈنكى بۇ شىركەت ھاۋا يولى ئارقىلىق مال يەتكۈزۈشكە رازىكى ھەرگىز دېڭىز يولىنى تاللىمايدۇ، سەۋەبى مال يەتكۈزۈش تىز. جۇڭگودىن ئامرېكىغا مال يەتكۈزۈشكە پەقەتلا 15 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

4. "مەكىنتاش" ئەمەلىيەتتە بولسا بىر خىل ئالمىنىڭ ئاتىلىشى

ئالما شىركىتىنىڭ "مەكىنتاش" كومپيوتىرى ئەمەلىيەتتە بىر ئالمىنىڭ ئاتىلىشى. "مەكىنتاش" كومپيوتىرىنىڭ ئاتىسى بۇ خىل ئالمىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە مۇشۇنداق ئىسىم قويغان.

5. ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ رەسىمى كومپيوتىردا لايىھەلەنمەيدۇ.

ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ تەشۋىقات رەسىمى ۋە تور بەتلەردىكى رەسىمى قارىماققا كومپيوتىردا لايىھەلەنگەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس. بۇ رەسىملەر نۇرغۇنلىغان يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ھەقىقى رەسىملەرنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

6.Wozniak ھازىرمۇ يەنىلا ئالما شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى

1976-يىلى جوبىز بىلەن Wozniakماشنا ئىسكىلاتىدا ئالما شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان، گەرچە ئۇ ئاللىقاچان ھەقىقى تۈردە ئالما شىركىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسىمۇ، بىراق ھەر يىلى بۇ شىركەتنىڭ 120 مىڭ دوللار مائاشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

7. جوبىز جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇدا ئۈچ قېتىم "ۋاۋ" دەپ ۋارقىرىغان

جوبىزنىڭ سىڭلىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۆلۈم ئۇنىڭ ئاكىسىنى ئىزدەپ كەلمىگەن، بەلكى ئۇنىڭ ئاكىسى "ئۆلۈمنى تېپىۋالغان".

8. ئالما شىركىتىنىڭ ئۈچ نەپەر قۇرغۇچىسى بار

رونالد ۋىئون كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ئالمىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئالمىنىڭ تۇنجى ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىنى ۋە تۇنجى ئەۋلات ئالما كومپىيوتىرىنىڭ ئىشىلتىش قوللانمىسىنى يازغان. ئەمما ئۇ قەرىز مەسلىسىدىن ئەنسىرگەچكە، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قولىدىكى 10% پاينى 800 دوللارغا سېتىۋەتكەن.

9. ئاق رەڭلىك iPodنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئەيۋىنىڭ چىڭ تۇرۇشىنىڭ پايدىسى


ئەينى ۋاقىتتا جوبىر ئاق رەڭلىك مەھسۇلات ئۇقۇمىغا ناھايىتى قارشى ئىدى. بىراق ئالما شىركىتىنىڭ لايىھلىگۈچىسى ئەيۋى ئاخىرى ئۇنى قايىل قىلىپ، ئاق رەڭنى ئالما شىركىتىنىڭ ئاساسلىق رەڭگىگە ئايلاندۇردى.

10. ئالما شىركىتى ئورالما قاپ لايىھەسىگە ناھايىتى ئەستايىدىل

ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەپسىلاتىغا كۆڭۈل بۆلىشى ھەتتا ئورالما قاپ لايىھەسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئالما شىركىتىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىغا جايلاشقان باش شىتابىدا مەخسۇس ئورالما قاپ تەتقىق قىلىدىغان بىر ئىشخانىسى بار.

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملېتىش

2

تېما

0

دوست

254

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
0
تۆھپە
3
قىزغىنلىق
168
شەرەپ
83
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-31
تېما
2
جۇغلانما
254
تىزىملاتقان
2013-12-24
يازما
83
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 19:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇخەقنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ ساختا چىقمايدىغانلىقىغا قايىل!
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

21

تېما

6

دوست

392

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
53
تۆھپە
27
قىزغىنلىق
272
شەرەپ
93
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-30
تېما
21
جۇغلانما
392
تىزىملاتقان
2013-12-4
يازما
147

ئاكتىپ ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 10:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق چوڭ شىركەتلەر ئەجەپ سىرلىق ھە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش