- شەرەپ
- 902
- توردا
- 232 سائەت
- تەڭگە
- 898
- تۆھپە
- 1097
- قىزغىنلىق
- 1494
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-29
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5904
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 611
      
- تەڭگە
- 898
- تۆھپە
- 1097
- قىزغىنلىق
- 1494
- شەرەپ
- 902
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-29
- تېما
- 58
- جۇغلانما
- 5904
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 611
|
يۈرەك سوقۇشنى ئۆلچەيدىغان ئەپنى ياسىغان ئادەمگە قول قويدۇم. چۈنكى ئۇ شۇنداق بىر پرىنسىپنى بايقاپ چىقىپتۇ. سىز قولىڭىزغا ئايفوننىڭ چاقمىقىغا ئوخشىغان ئۆزى كىچىك، لېكىن كۈچلۈك يانىدىغان قولچىراغدىن بىرنى تۇتۇپ تۇرسىڭىز بارمىقىڭىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بارماق رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدىكەنسىز. بۇ رەڭ ئۆزگىرىشى دەل يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقارغاندىكى قاننىڭ دولقۇنى ئىكەن. دېمەك يۈرەك سوقۇشنى تىۋىپلار تومۇر تۇتۇپ بىلسە، بىز ئازراقلا ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنى كۆرەلەيدىكەنمىز.
بۇ پروگراممېر دەل بۇ ئۇسۇلنى تېپىۋاپتۇ. ئۇ iPhone نىڭ چاقماق چىرىغى ئارقىلىق رەڭ ئۆزگىرىشىنى ھاسىل قىپتۇ. ئاندىن ئەپ ئىچىدە بۇ رەڭ ئۆزگىرىشىنى كامېراغا يوللاپتۇ. ئاخىرىدا بۇ تەسۋىر تىنچ ھالدا مۇقىملاشقاندىن كىيىن، ئەپ ئىچىدە كامېرادا ھاسىل بولغان بۇ تەسۋىرنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىنى يۈرەك رېتىمىنىڭ ئۆزگىرىشى 心电图 شەكلىدە كۆرسىتىپ چىقىرىپ بېرىدىكەن. شۇڭا بۇنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئەگەر سىز توغرىلا مەشغۇلات قىلسىڭىز % 100 كە يېتىدۇ. بۇ ئەپنىڭ ئىش پرىنسىپى بۇ.
ئەگەر قان بېسىمنى ئۆلچەش توغرىسىدا بوپقالسا بۇنىڭغىمۇ يۇقارقى ئەپكە ئوخشاش فىزىكىلىق ئامىلغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۆلچەپ چىقىشى كېرەك.
لېكىن، قان بېسىم دېگەننى، بىر ئۈسكۈنىنى بىلەككە باغلاپ، ئۇنىڭغا يەل بېرىپ مەلۇم مىقداردا بېسىمنى ئاشۇرۇپ، بېسىمنى ئاستا-ئاستا قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، تومۇردىكى يۈرەك سوقۇش ئاۋازىنى سېزىپ تۇرۇپ، ئاۋاز باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان بېسىمنى خاتىرىلەش ئارقىلىق ئۆلچەپ چىقىمىز.
دېمەك بۇنىڭغا مەيلى يەل ئارقىلىق بولسۇن ياكى باشقا بىر نەرسە بىلەن بولسۇن، تومۇرىمىزنى سىقىپ (چۈشىدىغان بېسىمنى كۈچەيتىپ) ئاندىن قويۇپ بېرىدىغانغا ياندىن بىر ئۈسكۈنە ئۇلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاۋازنى ئاڭلاپ بېسىمنى خاتىرىلەيدىغاننى بىر ئەپ ئارقىلىق iPhone غا قىلغۇزساق ئۇ بولىدۇ.
شۇڭا خۇلاسەم، يالغۇز iPhone ئارقىلىق يۈرەك رېتىمىنى ئۆلچىگىلى بولغىنى بىلەن، ھېچقانداق قوشۇمچە ئۈسكۈنىنىڭ ياردىمىسىز قان بېسىمنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پاسىبان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 03:44
|
|