جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 302 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 9

Android پروگراممېرلىرىنىڭ كىرىمى iOS تىكىلەرنىڭ %24 ىگە توغرا كېلىدىكەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
898
تۆھپە
1097
قىزغىنلىق
1494
شەرەپ
902
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
تېما
58
جۇغلانما
5904
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
611

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 11:35:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر كۆچمە ئۈسكۈنە يۇمشاق دېتاللىرى ئانالىز شىركىتى Flurry نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە Android ئەپلىرىنى ياسايدىغان پروگراممېرلارنىڭ كىرىمى ئوخشاش تۈردىكى iOS ئەپلىرىنى ياسايدىغانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاران %24 ىگە (تەخمىنەن 1/4 گە) توغرا كېلىدىكەن.



بۇ سىتاتىستېكا Flurry شىركىتىنىڭ «ئەپ ئىچىدىن سېتىۋېلىش» ئىقتىدارى (in app purchasing) غا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۈندىلىك ئاكتىپ ئەزالىرى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان Android ۋە iOS ئەپلىرى ئۈستىدە قىلىنغان سىتاتىستېكا ئىكەن. ستاتىستىكىدا Android ئەپلىرىنى ياسايدىغان پروگراممېرلارنىڭ كىرىمى ئوخشاش تۈردىكى iOS ئەپلىرىنى ياسايدىغانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاران %24 ىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ چىققان.
Flurry بۇ ئەپلەرنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتىكى ئەپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. يەنە كېلىپ بۇ ھەق تۆلەپ چۈشۈرىدىغان ئەمەس، ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئەپ ئىچىدە ئىقتىدار تولۇقلاش، مۇناسىۋەتلىك قورال سېتىۋېلىش شەكلىدە ھەقلىق سېتىۋېلىش شەكلىدىكى ھەقلىق ئەپلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىتاتىستېكىنىڭ نەتىجىسىنى مۇقەررەر دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ، كۆپلىگەن پروگراممېرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يەنىلا iOS نى تاللايدىغانلىقىغا جاۋاب تېپىپ بەرگەن ئىدى.
Goole نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەرىك شىمىت Eric Schmidt يېقىندا «Android ھازىر iPhone نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى» دەپ جاكارلىغان ئىدى. كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تەھلىلى بويىچە ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى، Android تېلىفونلىرىنىڭ كۈندىلىك ئاكتىپلىنىش سانىغا ئاساسەن ئىشەنچلىك بولسىمۇ، ئەپ ياساپ كىرىم يارىتىشقا قارىتا ئېيتقاندا چاك بېسىشى ناتايىن ئىكەن. ستاتىستېكىدا Android سېستىمىسى قاچىلانغان تېلىفوندىن كۈنىگە تەخمىنەن 550 مىڭ دانىسى ئاكتىپلىنىدىكەن. يەنى كۈندە 550 مىڭ دانە Android تېلىفونى سېتلىدىكەن. بۇ سان، كۈندە 450 مىڭ دانە سېتىلىدىغان iPhone دىن يۇقىرى ئىدى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، پروگراممېرلار 2011-يىلى ئىچىدە يېڭىدىن 50 مىڭ دانە iOS سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغان ئەپ ياسىغان بولۇپ، iOS ئەپلىرى يەنىلا دۇنيادا ئەڭ كۆپلىكى بىلەن ئالدىنقى قاتارنى ساقلاپ كېلەلىگەن. ئۆتكەنكى 6 ئاي ئىچىدە، ئېچىلغان يېڭى تۈرلەرنىڭ 3/4 قىسمى iOS تە ئىكەن.


PS: ئالدىنقى قېتىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە Android ROM ياسىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. كىيىن تورنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭ تاۋباۋدىكى دۇككىنىنى كۆردۈم ۋە ئۇلارغا قايىل بولدۇم. قايىللىقىم يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تېلىفون سېستىمىسى ئۈچۈن قويغان ئىئانە پائالىيىتىگىمۇ قاتنىشىپ قويدۇم. ئۇلار بۇ نەتىجىلەرگە ئاز ئەجىر سىڭدۈرمەپتۇ. خېلى كۈچەپتۇ، خۇداغا شۈكرى، كۈچىگىنىگە لايىق ئەمگىكى مىۋە بېرىپتۇ.
لېكىن ئويلىدىمكى، ئەگەر ئۇلار ئاشۇ زېھنىنى بىرەر قولايلىق ئۇيغۇرچە iOS ئەپلىرى ياساشقا ئىشلەتكەن بولسا، خېتىنىڭ ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا App Store دا 3 دوللاردىن (ھازىرقى 18 يۈەن خەلق پۇلى) ساتسا ئىشىنىمەنكى App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپكە تەلۋىلەرچە چاڭقىغان دىلىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ 4~5 مىڭ يۈەنگە تېلىفون ئالغان ئايفونچىلار بۇ باھادا بىر ئاماللارنى قىلىپ بولسىمۇ چوقۇم سېتىۋالىدۇ.
ئەڭ ئاددىي بىر ستاتىستېكىنى مىسال قىلاي:
ئۇيغۇرلار ئىچىدە 50 مىڭ ئادەم iPhone ئىشلىتىدۇ دېسەك، بۇنى كۈچىمىزنىڭ بېرىچە چوڭ تور بەتلەردە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ 10 مىڭىنى مۇشۇ نەرسىنى سېتىۋالىدۇ دەپ قارىيالايمىز. 10 مىڭ ئادەم بىزگە جەمئىي 180 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى (ئالمىغا بېرىدىغان قىسمى، بىزنىڭ خىراجەتلىرىمىز دېگەندەك) چىقىرىپ تاشلىساق 100 مىڭ يۈەن قولىمىزغا قالار؟ بوپتۇ چىقىمغا 100 مىڭنى چىقىرىۋەتسەك 80 مىڭ يۈەنغۇ قالار؟ سىلەر نېمىشقا بۇ بازارنى ئويلاشمايسىلەر؟
مەن ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئىككى موچەن خەجلەپ Anroid ئەپلىرىنى سېتىۋالغىنىنى ئاڭلىمىدىم. گەرچە ئۆزۈم ئاران يېرىم يىلچە ئىشلەتكەن بولساممۇ بىر پۇڭ خەجلىمەي ئويناپ يۈردۈم. لېكىن ھەرقانداق بىر iPhone ئىشلەتكۈچىدىن سورىسىڭىز كېمىدە بىرەر دوللارلىق بىر نەرسە ئالمىدى دېسەكمۇ، سىز ئۇيغۇرچە ئەپ ياسىسىڭىز 4~5 دوللارلىق بولسىمۇ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
شۇڭا پروگراممېرلارغا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمەنكى، ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىش - ئالمىنى ئۆزىنىڭ رايى بويىچە سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن ھەر بىر iPhone ئابونتلىرى ئۈچۈن نورمال بىر ئىش. ھەتتا iOS ئابونتلىرى شۇنداق بولىشى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. بۇنى Steve Jobs بىزگە تاڭدى. لېكىن ئەسلى شۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى. ھەقلىقنى يېشىپ، چۇۋۇپ ھەقسىز ئىشلىتىشكە كۆنۈپ قالغان بىزمۇ، ئۇيغۇرچە بىرەر ئەپ بولسا ئۇنى 破解 قىلغۇمىز كەلمەيدۇ (قىلالىغان تەقدىردىمۇ). خەنزۇلار ئاۋارە بولۇپ بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى چۇۋۇپ يۈرمەيدۇ. بىزمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن بولسىمۇ ھەق تۆلەپ سېتىۋالغۇمىز كېلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر پروگراممېرلارنىڭ مۇشۇ كەمچىللىكنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىگە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەت تولۇقلىۋېلىپ كۈچىيىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
245
تۆھپە
279
قىزغىنلىق
373
شەرەپ
260
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
تېما
8
جۇغلانما
1571
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
149

شەرەپ ئوردېنى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:36:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەمگە شۇنداق خىتاپ قىلىدىغان بۇپقالدىم،سەن تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىلىم جۇغلاپ باشقىلارغا دەپ بەرگىن لىكىن،باشقىلاردىن سورىما.....................................................
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
838
تۆھپە
1184
قىزغىنلىق
718
شەرەپ
1033
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
تېما
46
جۇغلانما
5689
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
868

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 13:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن مەنمۇ بۇ مەسىلىگە شۇنداق مۇئامىلىدە ئىدىم ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت چەتئەل تىلىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا ، سىتىۋ جوب نىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرغان كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق شۇنى ھېس كىلدىمكى بىر كىم بىركىمنىڭ ئەجىرىگە ھۆرمەت قىلىش نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن ، شۇڭا مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ 2 ئايدەك بولدى ،AppStore  دىن پۇل خەجلەپ ئەپ ئېلىپ كېلىۋاتىمەن ، بۇرۇنمۇ تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چىقىپ بولغۇچە ،قىۋىتەتتىم، ھازىر نە ق ئەكسى بوپ قالدىم ...

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
320
تۆھپە
203
قىزغىنلىق
69
شەرەپ
58
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
تېما
10
جۇغلانما
829
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
121

ئاكتىپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 13:22:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە ئۆزىمىزگە ياققان باشقا تىلدىكى ئەپلەرنىمۇ سېتىۋالىمىزغۇ، ئۇيغۇرچە ئەپلەر بولسا ئەلۋەتتە سېتىۋالىمىز.

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
671
تۆھپە
683
قىزغىنلىق
725
شەرەپ
565
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
تېما
31
جۇغلانما
3526
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
317

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 17:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى كۈنلەردىمۇ ھىلىقى پارىسلىقلار ياسىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ چىقىپ بولغۇچە نۇرغۇنلىرىمىز سىتىۋالدۇق ئىشلەتتۇق..تىخى تەكلىپ پىكىرلەرنىمۇ بەردۇق.......مۇشۇ ئەمەلىي پاكىت.........

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
898
تۆھپە
1097
قىزغىنلىق
1494
شەرەپ
902
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
تېما
58
جۇغلانما
5904
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
611

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 17:47:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى پارىسنىڭ ياسىغان نەرسىسىدىن «پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى» مىڭ ھەسسە ياخشىكەن.شۇ ئەپ بىلەن كىم ئۇيغۇرچە «مەن» دەپ يازالايدۇ؟

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
838
تۆھپە
1184
قىزغىنلىق
718
شەرەپ
1033
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
تېما
46
جۇغلانما
5689
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
868

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 18:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىبان يوللىغان ۋاقتى  2011-12-14 17:47
ھېلىقى پارىسنىڭ ياسىغان نەرسىسىدىن «پاسىبان ئۇيغۇرچە  ...

ئايفوننىڭ ئۆزىنىڭ ئەرەب تىل كىرگۈزگۈچىمۇ بولىدۇ مېنىڭچە ، پەقەت ‹ڭ›،‹ۋ› ھەرىبلىرىنىلا كىرگۈزەلمەيدۇ خالاس ...

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
97
تۆھپە
128
قىزغىنلىق
199
شەرەپ
120
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-27
تېما
1
جۇغلانما
727
تىزىملاتقان
2011-12-14
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 22:08:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت پۇل مەسىلىسى ئەمەس ........................................

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
558
تۆھپە
534
قىزغىنلىق
648
شەرەپ
401
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
تېما
23
جۇغلانما
2874
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
332

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 08:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىبان يوللىغان ۋاقتى  2011-12-14 17:47
ھېلىقى پارىسنىڭ ياسىغان نەرسىسىدىن «پاسىبان ئۇيغۇرچە  ...

بۇ گۇي بۇ ئەپنى يېڭىلاي، مەسىلىنى ئۆزگەرتەي دېمەيدۇ يا؟! پۇلغا سېتىۋالغانلار بېرىپ ياقىسىنى بىر ئالىمىزمۇ يا؟!

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
74
تۆھپە
87
قىزغىنلىق
173
شەرەپ
67
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
تېما
1
جۇغلانما
495
تىزىملاتقان
2012-1-1
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 15:08:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچەئۇيغۇرچە ئەپلەنىڭ ياسىلىشىنى ھەممىمىز قوللايمىز،ھەم  app storeغا چىقىرىلسا پۇل چىىقىرىپ سېتىۋالىمىز.         
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش