- شەرەپ
- 369
- توردا
- 73 سائەت
- تەڭگە
- 237
- تۆھپە
- 360
- قىزغىنلىق
- 666
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-26
- تىزىملاتقان
- 2011-12-12
- تېما
- 8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1395
- ھوقۇقى
- 90
- يازما
- 257
 
- تەڭگە
- 237
- تۆھپە
- 360
- قىزغىنلىق
- 666
- شەرەپ
- 369
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-26
- تېما
- 8
- جۇغلانما
- 1395
- تىزىملاتقان
- 2011-12-12
- يازما
- 257
|
ئامېرىكا پەن-تىخنىكا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كۆچمە تىجارەت مەركىزى AT&T يىقىندا iPhone 5 نىڭ قۇلۇپىنى ئىچىش ئۇسۇلىنى ئاددىيلاشتۇرىۋەتتى، يەنى ئالما شىركىتىگە كىرىپ زاۋۇتتىن چىققاندىكى سىستىما ھالىتىگە ئەكەلسىلا قۇلۇپىنى ئاچقىلى بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر خىرىدارلار ئىلگىرى AT&T نۇسخىدىكى iPhone 5 نى سىتىۋالغان بولسا، ھەمدە قۇلۇپىنى ئىچىپ باشقا بىر مۇلازىمەتىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، AT&T تور بىتى تەمىنلىگەن جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ، ئۇنى بىسىپ چىقارغاندىن كىيىن AT&T شىركىتىگە فاكىس قىلىپ يوللاپ بەرسىلا، ئۇلار خىرىدارغا 5-7 كۈن ئىچىدە قۇلۇپنى ئاچىدىغان مەخپى نۇمۇرنى ئەۋەتىپ بىرەتتى . لىكىن ھازىر AT&T بۇ جەرياننى تىخىمۇ ئاددىيلاشتۇرىۋەتتى، ئالما شىركىتىنىڭ iTunes ماگزىنلىرىغا كىرىپ زاۋۇتتىن چىققاندىكى ھالەتكە قايتۇرسىلا قۇلۇپ ئىچىلىدۇ. AT&T تىخنىكا مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ ئىيتىشىچە، AT&T ھەقىقەتەن بۇ جەرياننى بەكلا ئاددىيلاشتۇرىۋەتتى، ئالما شىركىتىنىڭ iTunes ماگزىنىغا كىرىپ زاۋۇتتىن چىققاندىكى ھالىتىگە ئەكەلسىلا يانفۇندا" سىزنى تەبرىكلەيمىز، سىزنىڭ iPhone نىڭىزنىڭ قۇلۇپى ئىچلىدى" دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ.
ئىگلىنىشىچە، ئىلگىرى بەزى iOS قارا مىھمانلار مەخسۇس iPhone 5 نىڭ قۇلۇپىنى ئىچىش بىلەن شۇغۇللانغان. بىر قىسىم قارا مىھمانلار تىخى ھازىرمۇ نۇرغۇن تېلېفونلارنىڭ قۇلۇپىنى يەنى iPhone 5 ، ئامېرىكىنىڭ AT&T ، كانادانىڭ Fido ، Rogers ، Koodoo /Telus نىڭ قۇلۇپىنى ئاچالايدىغانلىقىنى ئىيتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بولمىغان تېلېفونلارنىڭ قۇلۇپىنى ئىچىش باھاسىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.
مەنبەسى : ئالىپ مۇنبىرى |
|