جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 33

دېتاللارنى ئوغۇرلاشنىڭ ھۆكۈمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

8

دوست

2346

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
407
تۆھپە
649
قىزغىنلىق
1043
شەرەپ
654
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
40
جۇغلانما
2346
تىزىملاتقان
2012-1-21
يازما
288

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 09:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئاۋال روزا ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك بولغاي.

مەن بىلىك كۇلۇبىغا تىزىملىتىپ كەلگەندىلا، نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە يۇمشاق دېتاللارنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش، بۇزۇش، چۇۋۇش، ئەسلىگە ياندۇرۇش ... قاتارلىق ئىشلارنىڭ قەتئىلا ھارام بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «يۇمشاق دېتاللاردىكى ھارام» ئۇقۇمىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشكە تىرىشقان ئىدىم.

بۇنىڭدىكى ئۆزەمنىڭ دەلىلى بولسا، «مۇسۇلمان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»، «مۇسۇلمان باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالمايدۇ»، «اللە 2 خىل كىشىنىڭ گۇناھىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ، ئۇنىڭ بىرى اللە غا شېرىك كەلتۈرگۈچى؛ يەنە بىرى، كىشىنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋالغۇچى» ... دېگەندەك مەزمۇنلاردىكى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىكى بايانلار ئىدى.

نەشىر ھوقۇقى قوغدىلىدىغان دېتاللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندا (ئورناتقاندا) «بۇ دېتالنى كۆچۈرۈشكە، تارقىتىشقا، بۇزۇشقا بولمايدۇ... بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلسىڭىز [ھەئە، قوشۇلىمەن] دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئەھدىنامىگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ، قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ...» دېگەندەك مەزمۇنلار بار. بىز مۇشۇ ۋاقىتتا [ھەئە، قوشۇلىمەن] دېگەن كۇنۇپكىنى باسقىنىمىزدا، گەرچە بىزنى باشقىلار كۆرسۈن-كۆرمىسۇن، اللە ۋە پەرىشتىلەر چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ. يۇمشاق دېتاللارنى ئوغۇرلاپ تۇرۇپ، «ئەھدىگە قوشۇلىمەن» دەپ باشقىلارنى، بەندىلەرنى ئالدىيالىغىنىمىز بىلەن، اللە نى، پەرىشتىلەرنى ئالدىيالمايمىز. ئاقىۋەتتە ۋە قىيامەتتە پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئالدىغان بولىمىز.

بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ، ئىزدىنىش تورىغا كۆچۈرۈپ چاپلانغان يۇمشاق دېتاللارنى ئوغۇرلاپ ئىشلىتىشنىڭ ھۆكۈمى ھەققىدىكى بۇ پەتىۋانى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە بىلىك كۇلۇبىغىمۇ بىر نۇسقا كۆچۈرۈپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر نۇقتا: ساجىيە تورىدا، ئەزھەر ئۇنۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللا قېرىندىشىمىز ساجىيە تورىنىڭ سۇئال-جاۋاپلار بۆلىكىدە «نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىتىشى ئۈچۈن كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ» دېگەن بىر باياننى بېرىپ قويغان. گەرچە دىنى بىلىمىم بۇ دوكتۇردىن بەك تۆۋەن بولسىمۇ، مەن بۇ جاۋاپقا مەڭگۈ قايىل بولمايمەن. بىزدىكى بىر كەمتۈكلۈك، پەننىي زىيالىلار دىنىي بىلىملاردىن خەۋەرسىز، دىنىي زىيالىلار پەننىي بىلىملەردىن خەۋەرسىز بولۇپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، بەزى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش زۆرۈردۇر.

تۆۋەندىكىسى ئىزىدىنىش تورىدىن كۆچۈرۈلگەن، پەتىۋانىڭ ئەينەن نۇسقىسى:

---------------------------------------------------------------------------------
كومپىيۇتېرنىڭ ۋە باشقا دېتاللارنى ئوغرىلىقچە كۆپەيتىشنىڭ ھۆكۈمى

18453-نومۇرلۇق

سوئال: مەن كومپىيۇتېر دېتال ساھەسىدە ئىشلەيمەن. بۇ ئورۇندا ئىشقا چۈشكەندىن بېرى گەرچە، دېتالدا بەزى كىتابلاردىكى «نەشر ھوقۇقى ئىگىسىگە خاس. باشقىلارنىڭ كۆپەيتىپ بېسىشىغا بولمايدۇ» دېگەندەك ئەسكەرتىش مەزكۇر دېتالدىمۇ بار بولۇپ، «دېتالنى كۆپەيتىش ھوقۇقى ئىگىسىگە خاس، باشقىلارنىڭ كۆپەيتىشىگە رۇخسەت يوق» دەپ يېزىقلىق بولسىمۇ، دېتال ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئىشلىتىدىغانلارغا كۆپەيتىپ بېرىۋاتىمەن. بۇ دېتاللار مۇسۇلماننىڭمۇ، كاپىرنىڭمۇ بار. سوئالىم مۇشۇ. بۇ خىل شەكىلدە كۆپەيتىشىم توغرىمۇ-خاتا؟

جاۋاب: دېتال ئىگىسى رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋالدا كۆپەيتىش توغرا ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: «مۇسۇلمانلار شەرتلەرگە رىئايە قلىش كېرەك» دېگەن. (ئەبۇداۋۇد، ھاكىم توپلىغان، ئالبانى سەھىھ دەپ باھالىغان.)

يەنە رەسۇلۇللاھ: «كىمىكى ئەھدىلەشكەن تۇرۇپ زۇلۇم قىلسا، ياكى نەرسىسىنى كېمەيتىۋەتسە، ياكى ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قويسا، ياكى رازى قىلماي ئورۇنسىز نەرسىسىنى ئېلىۋالسا، قىيامەت كۈنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى تەرەپتە تۇرۇپ، ھەققىنى ئېلىشىغا ياردەم قىلىمەن» دېگەن (ئەبۇداۋۇد توپلىغان، ئالبانى سەھىھ ھەدىس توپلىمى 445-نومۇرلۇق ھەدىس.)

شۇڭا، دېتاللار ئىگىسى مەيلى مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن ئوخشاشلا ھوقۇقى قوغدىلىدۇ، پەقەت ھەربى ھالەت بۇنىڭ سىرتىدا. كاپىرنىڭ ھەققىنى ئېلىۋېلىش مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى ئېلىۋالغان بىلەن ئوخشاش.

مۇۋەپپەقىيەت ئەللاھتىندۇر. ئەللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھىم قىلغاي، ئۇلارنى سالامەت قىلغاي.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، پەتىۋا دائىمى ئورنى
رەئىس مۇفتى: بىن باز.
مۇئاۋىن رەئىس مۇفتى: ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ
ئەزا مۇفتى: سالىھ فەۋزان.
ئەزا  مۇفتى: بەكرى ئەبۇزەيد

مەنبە: http://www.alifta.net
www.bilik.biz
www.izdinix.com
(ئەسكەرتىش: باشقا يەرگە كۆچۈرگۈچىلەر مەنبەسى بىلەن كۆچۈرگەي)
چىلبۆرە كەبى دوستۇم بولغۇچە، يولۋاس كەبى دۈشمىنىم بولسۇن.(پولات ئالەمدەر)

2

تېما

3

دوست

79

جۇغلانما

يېڭى ئاۋتو

Rank: 2Rank: 2

تەڭگە
8
تۆھپە
10
قىزغىنلىق
45
شەرەپ
24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
تېما
2
جۇغلانما
79
تىزىملاتقان
2013-5-24
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 13:48:29 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ەـە ققىقە تە ن ئويلىماپتىكە نمە ن رە ەـمە ت سىزگە قىرىندىشىم!
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

40

تېما

8

دوست

2346

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
407
تۆھپە
649
قىزغىنلىق
1043
شەرەپ
654
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
40
جۇغلانما
2346
تىزىملاتقان
2012-1-21
يازما
288

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 13:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال ئىگىسى كاپىر بولسا ئوغۇرلىساڭ ھالال بۇلىدۇ، دەيدىغانلامۇ باكەندە... توۋۋا
چىلبۆرە كەبى دوستۇم بولغۇچە، يولۋاس كەبى دۈشمىنىم بولسۇن.(پولات ئالەمدەر)
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
13#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
14#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
15#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش