- شەرەپ
- 91
- توردا
- 25 سائەت
- تەڭگە
- 209
- تۆھپە
- 90
- قىزغىنلىق
- 227
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-18
- تىزىملاتقان
- 2013-3-30
- تېما
- 21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 408
- ھوقۇقى
- 50
- يازما
- 54
 
- تەڭگە
- 209
- تۆھپە
- 90
- قىزغىنلىق
- 227
- شەرەپ
- 91
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-18
- تېما
- 21
- جۇغلانما
- 408
- تىزىملاتقان
- 2013-3-30
- يازما
- 54
|
ھەركۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، كۆپلىگەن ماشىنا سوقۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۋېتسىيە ۋولۋو شىركىتى ھازىر سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، ھەقىقىي سوقۇلۇشتىن ساقلىنالايدىغان ماشىنا ياساپ چىقماقچى.
يېقىندا تارقىتىلغان بىر ۋىدېئودا ۋولۋو شىركىتى تەتقىق قىلىۋاتقان سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى ئاشكارىلانغان. سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى يالغۇز ۋولۋو شىركىتىنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماي، پۈتۈن ماشىنا كەسپى سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە بىز بەلكىم ئادەمسىز ماشىنىلارنىڭ كوچىدا يۈرگەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
ۋىدېئودا، ۋولۋو شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى توماس.بىروبىرگ تۆۋەندىكى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىنىۋاتقان سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرگەن.
----قاراڭغۇدا پىيادە كىشىلەرنى بايقاش
----يولدىكى ھايۋانلارنى بايقاش
----يول قىرى ۋە توسالغۇلارنى بايقاش
----ماشىنىلار ئارىسىدىكى بىخەتەر ئارىلىقنى ئۆلچەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش
----ئاپتوماتىك ماشىنا توختىتىش
----شوپۇر ياردەمچىسى
بۇنىڭ ئىچىدە،پىيادە كىشىلەرنى ۋە ھايۋانلارنى بايقاش سىستېمىسى ۋولۋو شىركىتىنىڭ «شەھەر بىخەتەرلىك سىستېمىسى» غا كىرگۈزۈلۈپ، ۋولۋو شىركىتىنىڭ S60قاتارلىق تىپتىكى ماشىنىلىرىغا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.بۇ سىستېما ئىشلىتىلگەن ماشىنا، سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بولسا، ماشىنىنى مەجبۇرىي تورمۇزلايدۇ. ئەگەر ماشىنىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 30 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولسا، بۇ سىستېما سوقۇلۇشتىن تامامەن ساقلىنالايدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇبالۇ شىركىتىمۇ تىپتىكى ماشىنىلىرىغا ۋولۋو شىركىتىگە ئوخشاش بىخەتەرلىك سىستېمىسى ئىشلەتكەن.
ۋولۋو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يول قىرى ۋە توسالغۇنى بايقاش تېخنىكىسىنى ۋولۋو شىركىتى تۇنجى بولۇپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، پىلان بويىچە، 2014-يىلى XC90تىپتىكى ماشىنىلارغا بۇ تېخنىكا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ سىستېما ماشىنىنىڭ يولدىن يولدىن چىقىپ كېتىش ئەھۋالى، يول قىرىغا سوقۇلۇش ئەھۋالىنى بايقىيالايدۇ. ھەمدە ماشىنىنى ئاپتوماتىك ھالدا يول قىرىغا سوقۇشتىن ساقلايدۇ. ۋولۋو شىركىتىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ سىستېما يولدا سىزىق بولمىغان ۋە يول بەلگىلىرى تۇتۇق بولغان يول ئەھۋالىغا ماس كېلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ماشىنىلار ئارىسىدىكى ئالاقە سىستېمىسى قۇرۇشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ سىستېما ئارقىلىق ئىككى ماشىنا سوقۇلۇشتىن بۇرۇن، سىگنال تارقىتالايدۇ.
ماشىنا توختىتىش جەھەتتە، ۋولۋو شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسى، ھەممە كىشى ماشىنىدىن چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن، ماشىنا ئاپتوماتىك ھالدا توختاش ئورنىنى تېپىپ، ماشىنىنى توختىتالايدۇ. بۇ ئىقتىدار ئادەمسىز ماشىنىنىڭ ئىقتىدارىغا يېقىنلىشىدۇ.
«Vision 2020پىلانى»دەپ ئاتالغان بۇ پىلان ئارقىلىق،ۋولۋو شىركىتى 2020-يىلىغا بارغاندا«سوقۇلۇشتىن ساقلىنالايدىغان ماشىنا»ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئارقىلىق، ماشىنا سوقۇلۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش ھادىسىسى ئازىيىدۇ.ۋولۋو شىركىتىنىڭ بۇ پىلانى يەنە پۈتكۈل ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.
نۇر تورى خەۋىرى |
|