- شەرەپ
- 476
- توردا
- 215 سائەت
- تەڭگە
- 423
- تۆھپە
- 547
- قىزغىنلىق
- 850
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-18
- تىزىملاتقان
- 2012-2-19
- تېما
- 28
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3094
- ھوقۇقى
- 100
- يازما
- 322
   
- تەڭگە
- 423
- تۆھپە
- 547
- قىزغىنلىق
- 850
- شەرەپ
- 476
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-18
- تېما
- 28
- جۇغلانما
- 3094
- تىزىملاتقان
- 2012-2-19
- يازما
- 322
|
مەيلى iPhone بولسۇن، ياكى باشقا يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بىر ئەندىشىسى – ئېھتىياتسىزلىقتىن يانفوننى يۈتتۈرۈپ قويۇش. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىخەستىلىك سەۋەبىدىن ئامراق يان تېلېفونىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋالغا ئۇچراپ تۇرىمىز، خېلى جىق پۇل خەجلەپ ئالغان تېلىفون شۇنداقلا يۈتۈپ كەتسە، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ چوقۇم ئىچى ئاچچىق بولىدىغۇ دەيمەن؟ بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، دەل iPhone ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەپ – iGotya.
ئاۋال بۇ ئەپنىڭ ئىقتىدارىنى بىر كۆرۈپ باقايلى:
iGotya نىڭ باشقا ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش قوراللىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ يانفون يۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن يېڭى سېلىنغان كارتىنىڭ نومۇرىنى بەلگىلەنگەن يانفونغا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتىپلا قالماي، بەلكى يەنە تۇيدۇرماستىن كامېرانى قوزغىتىپ يانفون ئوغرىسىنىڭ سۈرىتىنى تارتىۋالىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ GPS ئارقىلىق يانفوننىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ بارلىق ئۇچۇرلار بىلەن قوشۇپ بەلگىلەنگەن E-Mail ۋە يانفونغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. يانفون ئوغرىلانغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ پەقەت پارولنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق خاتا كىرگۈزۈپلا سالسا، iGotya ئاپتوماتىك ھالدا يانفوندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى يوشۇرىۋېتىپ يانفوننى پاك-پاكىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ھەتتا تەڭشەش قىسمىغا كىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس، يانفوننى تاقىۋېتىش ئىقتىدارىمۇ ئىشلىمەيدۇ. يانفون بىر ئاماللار بىلەن قايتا قوزغىتىلغان تەقدىردىمۇ، يەنە پارول خاتا كىرگۈزۈلسە، iGotya ئوخشاشلا يۇقىرى مەشغۇلاتلارنى ئاپتوماتىك تاماملايدۇ.
قانداق؟ ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ كۈچلۈكمىكەن؟ ئۇنداقتا تۆۋەندە بۇ قىستۇرمىنى iPhone غا قانداق ئورنىتىشنى كۆرۈپ باقايلى.
كېتەرلىك شەرتلەر:
بىر دانە iPhone(ئەڭ ياخشىسى iPhone4 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نۇسخىلىرى بولسا ياخشى، چۈنكى ئالدىنقى ئەۋلاد يانفونلارنىڭ ئالدى كامېراسى يوق، بۇ ئەھۋالدا سۈرەتكە تارتىش مەقسىدىگە يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن)، شۇنداقلا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك مەنزىل: iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
iGotya نى ئورنىتىش:
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان iPhone بولغانىكەن، Cydia چوقۇم بولىدۇ، ئاۋال Cydia نى ئېچىپ كېرەكلىك مەنبەنى قاتىمىز. تۆۋەندە iGotya نى مىسال قىلىپ تۇرۇپ Cydia غا مەنبە قوشۇش دەرسلىكىنى قالدۇرۇپ قوياي.
1. Cydia نىڭ ئىچىدىن 管理 نىڭ ئىچىگە كىرىمىز.
2. ئاندىن 软件源 نى تاللايمىز.
3. ئوڭ ئۈستى تەرەپتىن 编辑 نى باسساق سول ئۈستى تەرەپكە 添加 دېگەن كۇنۇپكا كۆرۈنىدۇ، شۇنى باسىمىز.
4. چىققان كۆزنەككە apt.178.com دېگەن ئادرېسنى يېزىپ جەزملەيمىز(ئامال بار سىمسىز WiFi تورى شارائىتىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ).
5. قارا ئېكراندا بىر قاتار ئۇچۇرلار چىقىپ تاماملانغاندىن كېيىن Cydia غا قايتىمىز ۋە ئاستى تەرەپتىن 搜索 غا كىرىمىز.
6. ئۈستىدىكى ئىزدەش ئورنىغا iGotya دەپ ئىزدىسەك بىر قانچە خىل نەتىجە چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئايكون رەڭگى قىزغۇچ بولغان بىرسىنى تۇتۇپ باسىمىز.
7. ئوڭ ئۈستى تەرەپتىن 安装 دېگەننى بېسىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز، قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يانفوننى قايتا قوزغىتىدۇ.
8. iGotya نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئېنگلىزچە، ناۋادا تەڭشەشتە قىينالسىڭىز، ئوخشاش ئۇسۇلدا iGotya دېگەن ھالقىلىق سۆزنى ئىزدىسىڭىز iGotya 汉化包 دېگەن خەنچە تىل بولىقى چىقىدۇ، شۇنى تاللاپ قاچىلاپ قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
iGotya نى تەڭشەش:
يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق iGotya نى قاچىلاپ بولدۇق. ئەمدى يانفوننىڭ 设置 قىسمىغا كىرسەك iGotya نىڭ تەڭشەش ئورنى كۆرۈنىدۇ، بېسىپ كىرىپ iGotya نىڭ تەڭشەش كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
كىرگەندىن كېيىن، ئاساسلىق تەڭشەك بۆلىكىنىڭ تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەنلىكىنى بايقايمىز.
بىرىنچى بۆلىكى بولسا، يانفون ئېكرانى قۇلۇپلانغان ھالەتتە ئوڭغا سىيرىپ ئاچساق پارول كىرگۈزۈشنى سورايدۇ ۋە پارولنى خاتا كىرگۈزگەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلاتلارنى تەڭشەيمىز.
iGotya پارولنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم خاتا كىرگۈزۈشكە يول قويىدىغان بولۇپ، ناۋادا ئىككىنچى قېتىممۇ خاتا كىرگۈزسىڭىز، ئۇنداقتا يازمىنىڭ ئۈستى قىسىمدا دېيىلگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئاستىدىكى تەڭشەكلەر تەرتىپ بويىچە سۈرەتكە تارتىش، GPS ئارقىلىق ئورنىنى بەلگىلەش، پارول خاتا كىرگۈزۈلگەندە چىقىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ ئېچىش/تاقاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى. بۇلار ئادەتتە ھەممىسى ئوچۇق بولىدۇ، ئاستىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە يېزىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنچى بۆلەك بولسا بىرىنچى مۇداپىئە تېمىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن ياكى بىۋاستە تېلىفوننى تاقىۋەتمەكچى بولغاندا قوزغىلىدىغان مۇداپىئە تېمى. تەڭشەكلەر ئۈستىدىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ بۆلەكتە يانفوننى تاقىۋېتىشتىن ساقلىنىش دەيدىغان تۈر بار، بۇ تۈر ئوچۇق قويۇلسا، ئوغرى يانفوننى تاقايمەن دەپمۇ تاقىيالمايدۇ، ئەكسىچە تاقاش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يەنە بىر قانچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ ئورنىنى مەلۇم قىلىپ سىزگە يوللاپ بېرىشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى بۆلەك بولسا، ئوغرىنىڭ تارتىلغان سۈرىتى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىنى E-Mail ۋە قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتىشنى تەڭشەيدىغان بۆلەك، بۇ ئورۇنلارمۇ ئادەتتە ئوچۇق بولۇپ، سىز بەلگىلەنگەن E-mail ئادرېسىڭىز ۋە قىسقا ئۇچۇر يوللىنىدىغان تېلىفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئاستىدىكىسى قوغدىنىش ھالىتى بولۇپ، بۇ ھالەت ئادەتت ئوچۇق بولىدۇ. كىرگەندىن كېيىن پارول بېكىتىپ بېرىسىز. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەن. چۈنكى مۇشۇ سەۋەپلىك ئۆزى سىناپ باقىمەن دەپ يانفونىنى تاقاپ قويۇپ ئاچالماي ئامالسىز ئىچىدىكى ئۇچۇرلىرىنى يۈتتۈرگەنلەر خېلى كۆپ. بىراق iGotya ھېچقانداق ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرىۋەتمەيدۇ، شۇڭا خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت: iGotya غا بېكىتكەن پارول بىلەن يانفونغا بېكىتكەن پارول چوقۇم بىردەك بولۇش كېرەك. بۇنى iGotya نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ ئەسكەرتكەن. يانفونغا پارول بېكىتىش ئۈچۈن 设置 نىڭ ئىچىدىن 通用 نى بېسىپ كىرىپ 密码锁定 دېگەن تۈرنى ئاچىمىز ۋە 打开密码 نى تاللايمىز، سۈكۈت قىممەتتە ئاستىدىكى 简单密码 دېگەن تۈر ئوچۇق بولۇپ، پەقەت تۆت خانىلىق ساننى پارول قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تۈرنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ ئۇزۇن پارولنى بېكىتەلەيسىز.
يەنە دىققەت: ئېھتىياتسىزلىقتىن پارولنى خاتا كىرگۈزۈپ قويۇپ تېلىفونىڭىزدىكى ئۇچۇرلار يوشۇرىۋېتىلگەن بولسا، پارولنى قايتا توغرا كىرگۈزسىڭىزلا ئۇچۇرلىرىڭىز يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ. ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن iGotya بىلەن يانفوننىڭ پارولىنى ئوخشاش بېكىتمەي تاقىلىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا يانفوننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىرىماڭ. بۇنىمۇ تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىراق يازمىنى تەپسىلىي ئوقۇغان بولسىڭىز، چوقۇم بۇ خىل تۆۋەن دەرىجىلىك خاتالىقنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايسىز.
تېخنىكىلىق مەزمۇن شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى، ئەمدى ئۆزىڭىز سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. E-Mail نى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ، سۈرىتىڭىز ۋە ئورنىڭىز يوللىنىپتىمۇ يوق؟
ئاخىرقى سۆز:
بىر تۈرلۈك ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش قورالى بولۇپ سۈپىتى بىلەن، iGotya ئۆزىدە ئاساسلىق بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلارنى تولۇق ھازىرلاپلا قالماستىن، يەنە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسىنى ھازىرلىغان. ئوغرىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى گەرچە ئۆزىمىزگە چىڭ بولۇش بولسىمۇ، بىراق بەزىدە iGotya دەك بىر ياردەمچى قورالنىڭ بولغىنىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
مەنبە تورخۇمار بىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alturuk007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-3 09:49
|
|