جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 2

ھەقىقى رومانتىك دىئالوگ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

0

دوست

1330

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
246
تۆھپە
339
قىزغىنلىق
637
شەرەپ
354
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-18
تېما
18
جۇغلانما
1330
تىزىملاتقان
2012-5-16
يازما
82
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 21:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئېرى : -ئەي سۈيۈملۈك ئايالىم، ئۆلچەملىك ھىجابلانمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە ۋارقىرىشىم، مېنىڭ كۈندەشلىكىم سەۋەبىدىندۇر. مەن سىز قەبرىگە قويۇلغان بىرىنچى كۈندە يۈز بىرىشى مومكىن بولغان ئىشلارنى ئويلىسام بەكلا قورقىمەن.
ئايالى :  -قەدىرلىك جۈپتى ھالالىم، مەن چۈشىنېمەن، مېنى داۋاملىق يىتەكلەڭكى، مېنىڭ قىلغان بەزىبىر نادانلىقلىرىم ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مەندىن قىلچە نارازى بولىشىڭىزغا سەۋەپ بولۇپ قالمىسۇن. چۈنكى مەن سىزنىڭ مېنى خاتالىقلىرىم ئۈچۈن تەنقىدلەپ ۋارقىراشلىرىڭىزغا چىدىغان بىلەن، ئاخىرەتتە "ئېرىنى نارازى قىلغان ئايال" دېگەن نامغا ئېرىشكۈچىلەر تارتىدىغان جازالارغا ھەرگىزمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيمەن.

ئېرى:-ئەيسۈيۈملۈك خانىشىم، مەن سىزگە ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمنى ئېيىتقىنىم ھەرگىزمۇ سىزنى كىشىلىك دۇنيادىن ئايرىپ يالغۇزلۇق تارتقۇزماقچى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى، ئۇ دوستلىرىڭىزدىن ھېچقايسى بىرى قەبرىدە سىز بىلەن بىللە بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈندۈر.
ئايالى :  -قەدىرلىك دانىشمەنىم، مەن بىلىمەن، ئۇنداقتا سىز ياقتۇرمىغانلاردىن مەنمۇ يىراق تۇراي. سىز مېنى ھەرگىزمۇ يامان ئىشقا بۇيرىمايسىز.  كۈندىن-كۈنگە چۈشىنىۋاتىمەنكى، سىزنىڭ "ئاللاھ ئاياللارنى ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغانىكەن، ئاياللارئەرلىرى بۇيرىغان شەرئىي ئىشلاردا چوقۇم ھىكمەت بارلىقىنى ئويلاپ تۇرۇپ، ئۆزلىرى خالىمىسمۇ بەجا كەلتۈرىشى كېرەك" دېگەن سۆزلىرىڭىز بەكلا توغرا ئىكەن. ماڭا دۇئا قىلىڭ، ئاللاھ مېنى يامان ھەمراھلاردىن ساقلاپ، سىزگە تېخىمۇ ئىتائەتمەن، سىزنىڭ بۇيرۇق-پەرمانلىرىڭىزغا شەرتسىز بويسۇنىدىغان قىلسۇن.

ئېرى :  -ئەي سۈيۈملۈك مەلىكەم، بىلىمەن، كۆپ قېتىم كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتتىم، ئەمما مەن ئۇنداق بولىشىنى ئەسلا خالىمايىتتىم. ھازىر رەنجىگەندەك قىلغىنىڭىز بىلەن، بىر كۈنى ئاللاھ ئامانىتىنى ئېلىپ، سىز قەبرىگە قويۇلغىنىڭىزدا مېنىڭ نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىمنى چۈشىنىپ قالىسىز.
ئايالى :   -قەدىرلىك يول باشچىم، مەن چۈشىنېمەن. ھەر قېتىم دەماللىققا كۆڭلۈم ئازراق يېرىم بولغاندەك ھىس قىلىمەنۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىمەن ۋە "ئەسر" سۆرىسىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، سىزنىڭ مېنىڭ دۇنيا ۋە ئاخرەتتە زىيان تارتىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىڭىزنى ئەسلەپ، رەببىمىزدىن بىز ئۈچۈن جىق ياخشىلىقلارنى تىلەپ دۇئالار قىلىمەن.

ئېرى :  -ئەي سۈيۈملۈك پەرىشتەم، مەن بىلەن بىللە ياشايدىغان قىسقىغىنا ھاياتنى قەدىرلەڭ، چۈنكى بىر كۈنى مېنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلىغىڭىز كەلگەندە، مەن بۇ دۇنيادىن ۋە سىزدىن ئايرىلغان بولىمەن، قايتا قېشىڭىزغا قايتىپ كەلمەيمەن. ئۇنداق كۈنلەر كەلسە، ھەرقېتىم تېلېفۇنىڭىزنىڭ خاتىرىسىدە مېنىڭ نومۇرۇمنى كۆرگەندە يىغلايسىز، ئۆزىڭىز يالغۇز ئولتۇرغان چاغلىرىڭىزدا مېنى سېغىنىسىز...ئەمما مەن قايتىپ كەلمەيمەن، كۈلكە ئاۋازىمنى ۋە گەپ-سۆزلىرىمنى قايتا ئاڭلىيالمايسىز.
  ئۇ چاغدا سىزنى ئاچچىقلىتىدىغان، چاقچاق قىلىپ جىلە قىلىدىغان، ئاندىن سىزنى كۆلدۈرۈپ كەچۈرۈم سورايدىغان مەن يوق! مەن كەتسەم كۆز ياشلىرىڭىز دەريا بولۇپ ئېقىشى مومكىن، ئەمما مەن يەنىلا كېتىشىم كېرەك، شۇنچىلىك يىراققا...شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت...مەڭگۈگە...
  شۇڭا مەن كۆزلىرىمنى مەڭگۈلۈك يۇمۇشتىن بۇرۇن، مەندەك گالۋاڭ ۋە پەلىپەتىش بىر ھەمرايىڭىزنىڭ بارلىقىنى قەدىرلەڭ!!!
ئايالى :  -قەدىرلىك سەركەردەم، ئاللاھ خالىسا دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن. سىزنى قەدىرلەشنى قانداقتۇر قۇرۇق خىياللار ياكى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى سىزگە چىن ئىخلاسىم بىلەن قىلىنغان ئىتائىتىم ئارقىلىق سىزنىڭ تولۇق رازىلىقىڭىزغا ئېرىشىش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

ئېرى : -ئەي سۈيۈملۈك ئەركەم، ماڭا نىسبەتەن رومانتىك بولۇڭ، ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئەڭ ياخشى ئاياللاردىن بولۇڭكى، مەن ئاللاھنىڭ گۈزەل جەننەتلىرىدىمۇ يەنە مەڭگۈ سىز بىلەن بىللە بولۇشنى تىلەي.
ئايالى : -قەدىرلىك شاھزادەم، تاتلىق دۇردانىلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە ۋە سىزنى ماڭا نىسىپ ئەيلىگەن ھېكمەتلىك ئاللاھىمىزغا مىڭ تەشەككۈرلەر. چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھ ۋە ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىمىز بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسىلا، بۇ ھاياتىمدا مەن ئۈچۈن جەننەت يوللىرىنى يۇرۇتۇپ، قولۇمدىن تۇتۇپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يېتەكلەپ ئالغا ئىلگىرلىتىغان يول باشچىم سىز،  كۆز نۇرۇمسىز! قېنى، مەن كەينىڭىزدە تۇرۇپ بارلىقىمنى سىزگە بېغىشلاپ سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلاي. سىز ئالدىمدا قەيسەرلىك بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرلەڭ. بۇ يول مۈشكۈلدۇر، سىز جاپا تارتىسىز. ئەمما سەبىرچان ۋە جەسۇر بولۇڭ، ئۆي ئىچى ۋە باشقا غەملەرنى ماڭا قويۇپ بىرىڭ. بوران-چاپقۇنلارغا باش ئەگمەي، يىرتقۇچلارنى يېڭىپ شۇنداق ئىلگىرلەيلىكى، ئاخىرقى نەپەسلىرىمىزگىچە رەببىمىزنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ مېڭىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ قۇچىقىدا شىھىتلەرچە جان ئۈزۈپ، رەببىمىزنىڭ گۈزەل جەننەتلىرىگە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ رومانتىك ھالەتلىرىمىزدە بىللە كىرەيلى ۋە ئۇ ئامان جايدا مەڭگۈ بىللە ياشايلى!

ئېرى : -ئەي سۈيۈملۈك گۈزەلىم، بىر كۈن مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىپ چارچىدىڭىز، كۆزلىرىڭىز قىزىرىپ، ئەتراپلىرى قارىداپ قاپتۇ، ئەمدى بىردەم بولسىمۇ ئوبدان ئارام ئېلىۋېلىڭ. مەن يەنە ئازراق ئولتۇرۇپ رەببىمىزنى زىكىر قىلىپ، بىزلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخرەتلىك ياخشىلىقلارنى تىلەي.
ئايالى : -قەدىرلىك ھارماس تۇلپارىم، مەن چارچىمىدىم. قاراڭ، مانا كېچىنىڭمۇ ئۈچتىن بىرى قاپتۇ، مەن تاھارەت ئالاي، بىز بىرلىكتە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، بىزنى مۇسۇلمانلاردىن قىلىپ ياراتقان، بۈگۈنكىدەك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن رەببىمىزگە شۈكۈرلەر ئېيتىپ، يەنە ئۇنىڭدىن ئەبەدىي جەننەت تىلەيلى، دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغان رەببىمىزدىن باشقا كىم بار؟...
              اللە اكبر، اللە اكبر
           اشھد ان لا الە الا اللە،

1

تېما

1

دوست

102

جۇغلانما

سپارك

Rank: 3

تەڭگە
14
تۆھپە
16
قىزغىنلىق
36
شەرەپ
15
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-30
تېما
1
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2013-5-27
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 12:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشە ئاللاھ...
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

41

تېما

2

دوست

1229

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
188
تۆھپە
264
قىزغىنلىق
659
شەرەپ
306
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
41
جۇغلانما
1229
تىزىملاتقان
2012-12-22
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 23:40:53 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش