- شەرەپ
- 550
- توردا
- 256 سائەت
- تەڭگە
- 452
- تۆھپە
- 585
- قىزغىنلىق
- 1000
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تىزىملاتقان
- 2012-2-19
- تېما
- 32
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2135
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 355
     
- تەڭگە
- 452
- تۆھپە
- 585
- قىزغىنلىق
- 1000
- شەرەپ
- 550
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تېما
- 32
- جۇغلانما
- 2135
- تىزىملاتقان
- 2012-2-19
- يازما
- 355
|
نۇرغۇن كىشىلەر يانفونىنى ئوغرىغا بىرىپ قويسا ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ ياكى يانفونىغا توختىماي تېلېفون قىلىدۇ. ئەمما چىڭدۇ شەھىرىدىكى يانفونىنى يوقىتىپ قويغان يىگىت سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇپ يانفونىنى ئوغرىلىۋالغان 16 ياشلىق بالا ئوغرىنى ئالداپ چىقىپ ئوغرى بىلەن ھارام مالنى تەڭ قولغا چۈشۈرگەن.
5-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت7دە، چىڭدۇ شەھىرى شۇخۇا كوچىسىدىكى مەلۇم مېھمانساراينىڭ خىزمەتچىلەر ياتىقىدا 16 ياشلىق ليۇ جىياڭ ياتاقتىكى بىر ئەرنىڭ كارىۋات بېشىدا توكقا چېتىقلىق تۇرغان ئالما ماركىلىق يانفوننى كۆرۈپ نىيىتى بۇزۇلىدۇ ۋە يانفوننى ئوغرىلاپ ئۆزى يالغۇز تيەنفۇ مەيدانىغا بېرىپ لاغايلاپ يۈرىدۇ.
ئەسلىدە ليۇ جىياڭ ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن لاغايلاپ يۈرۈپ تۈزۈكرەك خىزمەتنىڭ بېشىنى تۇتمىغان. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن چىڭدۇ شەھىرىدىكى مەلۇم مېھمانسارايدا ئىشلەيدىغان يۇرتدىشى جاڭ جىينىڭ ياتىقىغا كېلىپ قونۇپ قالغان ئىكەن.
ليۇ جىياڭ يانفوننى ئوغرىلاپ چىققاندىن كېيىن يانفوننى ئېتىۋەتمىگەن. شۇ كۈنى سەھەر سائەت 9 دا يانفونغا ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كەلگەن. ئەمما ليۇ جىياڭ تېلېفوننى بېسىۋەتكەن. چۈش سائەت 12 دە يانفونغا بىر قىسقا ئۇچۇر كېلىپ قارشى تەرەپ يانفوننىڭ ئىگىسىدىن ئالغان 2000 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ليۇ جىياڭ ئۆزىنى ناھايىتى ئەقىللىق بىلىپ <<ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ>> دەپ قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى ئېيتىپ بىرىپ پۇلنى مۇشۇ كارتىغا سېلىشنى ئېيتقان. ئەمما قارشى تەرەپ پۇلنى ئۆز قولى بىلەن قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ليۇ جىياڭ بىكار-بىكاردىن 2000 يۈەن پۇلنى قولغا چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ تيەنفۇ مەيدانىدا قارشى تەرەپ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ تيەنفۇ مەيدانىدا كېلىپ بىر نەچچە مىنۇت بولمايلا پاكىت بىلەن قوشۇپ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.
ئالما ماركىلىق يانفوننىڭ ئىگىسى جاۋ خاۋنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇ دېلو يۈز بەرگەن كۈنى سەھەر سائەت 4 دە كەچلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ ياتاققا قايتىپ كېلىپ يانفونىنى توكقا چېتىپ قويۇپ ئۇخلاپ قالغان. سەھەر سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئويغىنىپ يانفونىنى تاپالماي ياتاقدىشىنىڭ يانفونىدا ئۆزىنىڭ يانفونىغا تېلېفون قىلغاندا قارشى تەرەپ تېلېفوننى بېسىۋەتكەن. شۇڭا ئۇ يانفونىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىدىن گۇمانلانغان. ئارقىدىن ئۇ ئەقلىنى ئىشلىتىپ يالغاندىن قەرز قايتۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئوغرىنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئوغرىلانغان يانفونىنى قايتۇرۇپ كەلگەن.
ليۇ جىياڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى. دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.
مەنبە؛ نۇر تورى |
|