تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 710 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 439|ئىنكاس: 5

قەپەزدە قۇش باقسا بولامدۇ غا جاۋاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

561

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
83
تۆھپە
84
قىزغىنلىق
206
شەرەپ
84
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
تېما
1
جۇغلانما
561
تىزىملاتقان
2013-3-16
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 19:47:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ئائىلەمدە قەپەسگە سۇلاپ بىر قانچە قۇش باققان ئىدىم، بەزىلەر بۇنداق قىلىش خاتا دەيدۇ، سىلىنىڭچە قانداق قىلسام بۇلار؟ قەپەزدە قۇش بېقىش خاتامۇ؟
جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:         
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم              
 
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئەسلىدە قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولىۋالماي ئوچۇق جايلاردا كۆندۈرۈپ بېقىش ۋە ئۇلارغا دان بېرىش ساۋابلىق ئىش، بۇ جەھەتتىن قۇشلارنى بېقىش ساۋابلىق مۇستەھەب ياخشى ئىش قاتارىغا كىرىدۇ.
قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر مۇسۇلمان بىر كۆچەت تىكسە ياكى بىر زىرائەت تېرىپ، ئۇنىڭدىن ئۇچار قۇشلار ياكى ئىنسانلار ياكى ھايۋانلار يەيدىكەن، ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشى سەۋەبىدىن سەدىقە ساۋابى بولىدۇ» دېگەن.(سەھىھەين: بۇخارى 2320-ھەدىس. مۇسلىم: 1553-ھەدىس).
ئەمدى سايرىشىدىن، مەنزىرىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولاپ بېقىشقا كەلسەك، بۇ مەكرۇھ ئىشتۇر. تېخى ھارام بولۇشىمۇ يىراق ئەمەس. نېمە ئۈچۈن دېگەندە ئاللاھ تائالا ئۇچىدىغان، قاناتلىق قىلىپ ياراتقان بۇ قۇشلارنى تار قەپەسگە سولىۋېلىش ئۇنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ قىيناش دائىرىسىگە كىرىدۇ. قىيناشتا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىيناش بولامدۇ؟ ئەركىنلىك، ھۆرلۈك دېگەن ئىنسانلارغىلا ئەمەس بەلكى ئۇچار-قۇشلارغا نىسبەتەنمۇ ئەڭ قىممەت ھەم تەبىئىي ھەقلەرنىڭ بىرى.
شۇڭا بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان: "ئەمدى دەمدەر ۋە بۇلبۇل قاتارلىق سايراپ بېرىدىغان قۇشلارنى سايرىشى ئۈچۈن قەپەسلەرگە سولاپ بېقىش بولسا، ئىماملىرىمىز بۇنى يامان كۆرگەن. چۈنكى بۇ ئېھتىياج دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن بولماستىن، ھاكاۋۇرلۇق، چوڭچىلىق ۋە ئارتۇقچە راھەت-پاراغەتتىندۇر. ئۇنى سولاپ قويۇش ئازابلاشتۇر. ئىماملىرىمىز بۇنى مەنئى قىلىپ سولاپ بېقىشنى ھاماقەتلىك دەپ ئاتىغان. چۈنكى ئۇ ئۇچۇشقا سېغىنىشتىن، ھاۋا بوشلىقىدا پەرۋاز قىلالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىشتىن ئىڭراۋاتقان قۇشنىڭ سايرىشىدىن شادلىنىشتۇر".(ئەلفۇرۇئ 4/7)
ئەلۋەتتە قەپەسگە سولانغان قۇشلارنىڭ سايرىشى ئەركىنلىككە بولغان سېغىنىش، ئىنسان بالىسىدىن كۆرگەن بۇ زۇلۇمنى پەرۋەردىگارىغا شىكايەت قىلىش بولۇشى چوقۇم. ئەپسۇسكى ئىنسان بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلىنى ئاچىمەن دەيدۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بولغان بولسا بەلكى قەپەسلەرگە سولانغان قۇشلارنىڭ ئاھۇ-پەريادىنى بىزگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولاتتى. بىراق بىز ئۇنىڭ تىلىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ داد-پەرياد، نالە قىلىشىدىن، ئەزىزلىرىدىن ئايرىلغىنىغا ھەسرەت چەككىنىدىن كۆڭلىمىزنى ئاچىمىز.
ئىسلام دىنىمىز ئىنسانلارنى مېھىر-شەپقەتلىك قىلىشنى كۆزلەيدۇ، مۇسۇلمان ھەقىقى ئىسلام تەربىيىسى كۆرگەندە ئەتراپىدىكى بارلىق مەۋجۇداتقا خاتىرجەملىك، ئەمىنلىك بەخش ئېتەلەيدۇ، ھېچكىم، ھېچنېمە، ھېچبىر جانىۋار ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر سەپەردە بىللە ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ ھاجەت قىلىش ئۈچۈن كەتكىنىدە بىز ئىككى چۆجىسى بىلەن تۇرغان قۇشقاچتەك بىر قۇشنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىككى چۈجىسىنى ئېلىۋالدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئانىسى كېلىپ قانىتىنى يېيىپ زارلانغىلى تۇرۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ: «كىم بۇنىڭ بالىسىنى ئېلىۋېلىپ ئۇنى قايغۇغا سالدى؟ بالىسىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار» دېدى. (سۈنەنى ئەبى داۋۇد 2675-ھەدىس. ئالبانى سەھىھ دەپ باھالىغان).
ئىسلام دىنى پۈتۈن مەخلۇقلارغا رەھمەتتۇر، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پۈتۈن جانلىقلارغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن. يۇقىرىقى ھەدىستىنمۇ شۇ مەزمۇننى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەبۇ نەئىيم سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، سەلەپلىرىمىزدىن سۇفيان سەۋرى ئەينى ۋاقىتتا زالىم پادىشاھلاردىن ساقلىنىپ ئەبۇ مەنسۇر دېگەن كىشىنىڭ بەسرىدىكى ئۆيىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئىدى. ئەبۇ مەنسۇر مۇنداق دەيدۇ: سۇفيان مۇشۇ ئۆيدە قونغان ئىدى. بۇ جايدا ئوغلۇمنىڭ بىر بۇلبۇلى بار ئىدى. سۇفيان بۇنى كۆرۈپ: بۇ قۇش نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە سولانغان؟ قويۇۋەتكەن بولسىچۇ؟ دېۋىدى، مەن: ئۇ ئوغلۇمنىڭ، ئۇ بۇ قۇشنى ئۆزلىرىگە ھەدىيە قىلىۋېتىدۇ، دېسەم. ئۇ: ياق، ئەمما مەن ئۇنىڭغا بىر تىللا بېرىمەن، دەپ قۇشنى ئېلىپ قويۇۋەتتى. قۇش كېتىپ قورسىقىنى تويغۇزۇپ يەنە ئاخشاملىرىدا كېلىپ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا قوناتتى. سۇفيان ۋاپات بولغان چاغدا قۇش ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ قەبرىسى ئۈستىدە پالاقشىييتى. كېيىن بىرقانچە كۈن ئۇنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ يوقلاپ تۇردى. بەزىدە قەبرىسى ئۈستىدە قوناتتى. بەزىدە ئۆيگە قايتاتتى. كېيىن كىشىلەر ئۇ قۇشنى ئۇنىڭ قەبرىسى قېشىدا ئۆلۈك ھالەتتە كۆرگەن. نەتىجىدە ئۇ ئۇنىڭ قەبرىسىگە ياكى قېشىغا دەپنە قىلىنغان.(ھىليەتۇل ئەۋلىيائ 7/58)
جانىۋارلارغا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن كاتتا ساۋابلىق ئىشتۇر.
نافىئ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئايال ئاچلىقتىن ئۆلگۈچە سولاپ قويغان بىر مۈشۈك تۈپەيلى ئازابلىنىپ دوزاخقا كېرىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا-ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر-مۇنداق دېگەن: سەن ئۇنى سولاپ قويغىنىڭدا يا ئۇنىڭغا تاماق بەرمىدىڭ، يا ئۇنى سۇغۇرۇپ قويمىدىڭ، يا زېمىندىكى ھاشاراتلارنى يېيىشى ئۈچۈن قويۇپمۇ بەرمىدىڭ».(سەھىھەين: بۇخارى 2365-ھەدىس. مۇسلىم: 2242-ھەدىس).
بۇ ھەدىسنى بەزى ئالىملار يېمەك-ئىچمەك بېرىپ سولاپ باقسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەدىس سولاپ بېقىشنى قاتتىق چەكلەشكە دەلىل بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەدىستە سولاپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر زۇلۇم سۈپىتىدە چەكلەنگەن ئىش دېيىشكە بولىدۇ.
قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولاپ باققان ئەھۋالدا بەزىدە ئۆيدە يوق بولۇپ قېلىپ ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ دان بەرمەي قالسا، قۇشلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ، قىشتا سىرتتا قالسا سوغۇقتىن توڭلاپ قالىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئەھۋال.
قۇش بېقىش توغرىسىدا يەنە مۇنداق بىر ھەدىس كەلگەن: ئەبۇتتەيياھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئارىلىشىپ يۈرەتتى. ھەتتاكى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ كىچىك بىر ئۇكامغا: «ئى ئەبۇ ئۇمەير، نۇغەير (بۇلبۇلنىڭ چۈجىسى) نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ ئەركىلىتىپ قوياتتى. (سەھىھەين: بۇخارى 6129-ھەدىس. مۇسلىم: 2150-ھەدىس).
بۇ ھەدىسكە تايىنىپ ھافىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىق كۆپ ئالىملار: "بۇ ھەدىستە قەپەز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردە قۇشلارنى سولاپ بېقىشنىڭ ۋە قانىتىنى كېسىۋېتىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بار، چۈنكى ئەبۇ ئۇمەيرنىڭ قۇشىنىڭ ئەھۋالى ئاشۇ ئىككى ئىشتىن خالىي بولمايدۇ، ئەھۋال قايسى بىرى بولغان بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭغا قىياسەن ئوخشاش ھۆكۈمنى ئالىدۇ." دەپ قارىغان.(فەتھۇل بارى 10/584)
بىراق بۇ ھەدىستە يا قەپەسنى ياكى قانىتىنى كېسىۋەتكەنلىكنى تىلغا ئالمىغانلىقتىن بۇ ھەدىستىكى قۇشنىڭ ئەھۋالىدا بىر قانچە ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن. بەلكى قۇش تېخى قانىتى چىقمىغان كىچىك قۇش بولغاچقا ئەبۇ ئۇمەير ئۇنى ئوينىغاندۇ، ھەدىستە نۇغەير دەپ كىچىكلىتىش سىيغىسى ئىشلەتكەنلىكىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. ياكى ئۇچالايدىغان قۇشنى قولىغا كۆندۈرىۋالغاندۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ ئۇمەير كىچىك بالا ئىدى. ئادەتتە كىچىك بالىلارغا مۇكەللەپ بولمىغاچقا چوڭلارغا بېرىلمىگەن رۇخسەتلەر بېرىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھەدىستە كىچىك بالىلار قۇش ئوينىسا رۇخسەت بار، يەنە چوڭلارنىڭمۇ بالىلارنىڭ ئوينىشىغا يول قويسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار، دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.
يەنە شەرىئەتنىڭ ئومۇم روھىغا، كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، پۈتۈن جانىۋارلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئازار بەرمەسلىك تەلەپ قىلىنغان بىر ئىش.
ئەبۇ سالھ ئەسسەممان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئادەم كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئۇسسۇزلۇق يېتىپ، بىر قۇدۇققا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. قۇدۇقتىن چىقىپ ئۇسسۇزلۇقتىن ھاسىراپ نەم توپىنى يالاۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ، ماڭا يەتكەن ئۇسسۇزلۇق ئۇنىڭغىمۇ يېتىپتۇ، دېدىدە، قۇدۇققا چۈشۈپ، ئۆتۈككە سۇنى قاچىلاپ، ئۆتۈكنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ، ئۈستىگە ئۆرلەپ، قۇدۇقتىن چىقىپ ئىتنى سۇغۇردى. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى» دېگەن ئىدى. ساھابىلار: يارەسۇلەللاھ! ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلساق، بىزگە ئەجىر بولامدۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ھەرقانداق جانلىققا ياخشىلىق قىلىشتا ئەجىر بار» دېدى. (سەھىھەين: بۇخارى 6009-ھەدىس. مۇسلىم: 2244-ھەدىس).
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر پاھىشە ئايال ئىسسىق بىر كۈندە ئۇسسۇزلۇقتىن تىلىنى چىقىرىپ بىر قۇدۇق ئەتراپىدا چۆگىلەپ تۇرغان بىر ئىتنى كۆرۈپ ئۇ ئىتقا ئۆتۈكى بىلەن سۇ تارتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىنغان». يەنە بىر رىۋايەتتە: «بەنى ئىسرائىلدىن بىر پاھىشە ئايال» دەپ كەلگەن. (سەھىھۇ مۇسلىم: 2245-ھەدىس)
يۇقىرىقىلاردىن كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قەپەسلەرگە سولاپ قۇش بېقىشنىڭ ئەقەللى تەقدىردە مەكروھ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. شۇڭا قەپەسلەرگە سولاپ قۇش باقماسلىق كېرەك، ئەمما ھويلا-ئاراملاردا ياكى ئوچۇق يەرلەردە كۆندۈرۈپ بېقىشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا خالىغىنىچە ئۇچۇپ ئايلىنالايدۇ، دان بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋالدا قورسىقىنى ئۆزى تويغۇزالايدۇ.
شىشا قۇتا، ئەينەك ساندۇقلارغا سولاپ بېقىلىدىغان بېلىقلارمۇ شۇنداق. ئازادە ئەركىن ياشايدىغان چوڭراق كۆلچەك بولسا، ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالمايدىغان بولسا، باقسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە:wisalstudio.net/
باۋۇدۇن ئۈندىدار سالونى ئېلان قىلىندى

0

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
52
تۆھپە
52
قىزغىنلىق
162
شەرەپ
52
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
تېما
0
جۇغلانما
423
تىزىملاتقان
2013-3-1
يازما
53
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 14:51:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ ئەھمىيىتى بار تىما ئىكەن بىلىۋالدۇق . بۇندىن كىيىن دېققەت قىلىڭلار ھە ئۆزەممۇ شۇ ! خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت !
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

1

تېما

0

دوست

561

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
83
تۆھپە
84
قىزغىنلىق
206
شەرەپ
84
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
تېما
1
جۇغلانما
561
تىزىملاتقان
2013-3-16
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 18:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانىش186 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 14:51
بۇمۇ ئەھمىيىتى بار تىما ئىكەن بىلىۋالدۇق . بۇندىن كىيى ...

ئەرزىيدۇ

0

تېما

0

دوست

626

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
92
تۆھپە
93
قىزغىنلىق
234
شەرەپ
91
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
تېما
0
جۇغلانما
626
تىزىملاتقان
2012-4-14
يازما
25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 21:05:14 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ بەك تەپسىلى يېزىپسىز ئاللا رەھمەت قىلسۇن دىققەت قىلايلى

1

تېما

0

دوست

561

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
83
تۆھپە
84
قىزغىنلىق
206
شەرەپ
84
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
تېما
1
جۇغلانما
561
تىزىملاتقان
2013-3-16
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:03:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇبويدا يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 21:05
ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ بەك تەپسىلى يېزىپسىز ئاللا رەھ ...

مەن يازمىدىم باشقا توربەتلەردىن كۆچۈرگەن.        wisalstudio.net/uy

41

تېما

1

دوست

1793

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
183
تۆھپە
259
قىزغىنلىق
605
شەرەپ
265
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
تېما
41
جۇغلانما
1793
تىزىملاتقان
2012-12-22
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 14:50:11 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ~ ئەلەيكۇم !
رەھمەت قېرىندىشىم ناھايتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ئاللاھ سىزدىن ۋە ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش