تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 680 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 3

خەۋەر:گوگۇل كۆزەينىكىنىڭ 10 خىل ئالاھىدىلىكى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

298

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
30
تۆھپە
44
قىزغىنلىق
118
شەرەپ
39
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
تېما
12
جۇغلانما
298
تىزىملاتقان
2013-3-30
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 08:37:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە گوگۇل كۆزەينىكى خۇددى فانتازىيىلىك فىلىملەردىكى مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، لېكىن بۇ كۆزەينەك ھەقىقەتەن 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنماقچى بولۇۋاتماقتا. بۇ خىل يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق مەھسۇلات كۆچمە  كومپىيوتېرلارنى كىيىۋالغىلى بولىدىغان ھەركەتچان كومپىيوتېر دەۋرىگە ئېلىپ كىرگۈسى. گوگۇل كۆزەينىكىنىڭ سىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىڭىز ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىشىڭىز، يولدا  نىشان بەلگىلىشىڭىز، شۇنداقلا رەسىمگە تارتىشىڭىز بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، گوگۇل كۆزەينىكى بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى سىزنىڭ كۆرۈش دائىرىڭىز ئىچىگە مۇجەسسەملىگەن بولغاچقا، بۇ مەشغۇلاتلارنى سىز قولىڭىز ئارقىلىق ئەمەس بەلكى كۆزىڭىز ئارقىلىقلا بېجىرەلەيسىز. ئۇناقتا، كىىشلەر گوگۇل كۆزەينىكىنى تاقىۋالغاندىن كېيىن تۇرمۇشىدا  زادى قانداق ئوخشاشماسلىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن؟ تۆۋەندە بىز گوگۇل كۆزەينىكىنىڭ 10 خى ئالاھىدىلىكىنى تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق، سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىمىز.

  1.قولدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ھاجەتسىز

گوگۇل كۆ‍زەينىكىنىڭ بىرىنچى بۇلۇپ جەزىملەشتۈرۈلگەن ئىقتىدارى بولسا، ئۇنىڭدا رەسىمگە  تارتىش ھەم سىنغا ئېلىش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ، قولدا  مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ھاجەتسىز. سىزپەقەت ناھايىتى ئاددىي قىلىپلا ‹ كۆزەينەك، سىنغا ئېلىشنى باشلىساڭ بولىدۇ› (OK,Glass, record a video) دەپلا  قويسىڭىز، گوگۇل كۆزەينىكى دەرھال ئاپتوماتىك ھالدا مەنزىرىلەرنى سىنغا ئېلىشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل كۆزەينەك يەنە گوگۇل Hangouts ئىقتىدارى ئارقىلىق سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا كۆرۈۋاتقان نەرسىلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بۇ دېگەنلىك گوگۇل كۆزەينىكى سىز ئۈچۈن ھەر قانداق بىر گۈزەل مەنزىرىنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتمەيدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ بۇ مەشغۇلاتلارنى سىزنىڭ قول ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

2.گوگۇل ئىزدەش نەتىجىسى بىۋاستە ھالدا سىزنىڭ كۆز ئالىدىڭىزدىلا  نامايەن بولىدۇ

ئادەتتىكىچە  قىلىپ ئېيتقاندا، گوگول كۆزەينىكى Wi-Fi تورى شۇنداقلا  يانفون سانلىق مەلۇمات ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئابونتلارنى گوگۇلنىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئابونتلار  گوگۇل كۆزەينىكىگە بىر نەرسىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋازلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، تېپىلغان ئۇچۇر ھەم ئابونتلارغا  بېرىلىدىغان جاۋاب قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاپتوماتىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. جىيېلەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يېقىندا يولۇچىلارنىڭ گوگۇل كۆزەينىكىنى ئىشلىتىش تەسىراتىنى توردا  ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سىن ھۈججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، گوگۇل كۆزەينىكى ئاپتوماتىك ھالدا بۇ نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى ھەم يۈك تاقلارنى قۇيۇش يۆنىلىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئابونتلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلغان ئىكەن.

3.پۈتۈن مۇساپىلىق ئاۋازلىق يول باشلاش

بۈگۈنكى كۈندە، يول باشلاش قوللىنىش ئەپلىرى كىشىلەرنى ناھايىتى قولاي ھالدىلا A نۇقتىدىن  B نۇقتىغا ئېلىپ بارالايدىغان بولۇپ، لېكىن يەنىلا  گوگۇل كۆزەينىكى سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىلا سىزگە قايسى يولدا  مېڭىشنى ئۆگىتىپ قويالايدۇ. گوگۇل كۆزەينىكى گوگۇل خەرىتىسى ئارقىلىق سىزنىڭ ئەتراپىڭىزنىڭ خەرىتىسىنى كۆز ئالدىڭىزدا  كۆرسىتىپ شۇنداقلا ئاۋازلىق ھالدا سىزنىڭ قايسى يۆنىلىشكە مېڭىشىڭىزنى ئەسكەرتىپ تۇرالايدۇ. گەرچە  ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنيە شىتاتى قانۇن تۇغۇزۇپ، ماشىنا ھەيدېگەندە گوگۇل كۆزەينىكى تاقاشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۆزەينەك سىز پىيادە يول يۈرگەندە يەنىلا سىزنىڭ ياخشى يول باشلىغۇچىڭىز بولالايدۇ.

4.ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش

  ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش بولسا  گوگۇل كۆزەينىكىنىڭ يەنە بىر خىل ئالاھىدىلىكى بولۇپ، مەسىلەن، ئابونتلار گوگۇل كۆزەينىكىدىن بىۋاستە ھالدا ‹ يېيىشلىك › دېگەن گەپنى بىرازىلىيە تىلىدا نېمە دەيدىغانلىقىنى سوئال سورىسا گوگۇل كۆزەينىكى بۇنىڭغا  جاۋاب قايتۇرالايدۇ.

5.كۆرۈش سەزگۈلۈك ئەسكەرتىش بېرىش

گوگۇل كۆزەينىكى خۇددى سىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىڭىزغا ئوخشاشلا، سىزنىڭ يېقىندا قايسى ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىقىڭىز توغرىسىدا ئەسكەرتىش بېرەلەيدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ ئەسكەرتمىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈش سەزگۈلۈك ئەسكەرتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، ئابونتلار مەلۇم بىر خىل ۋەزىپە بىلەن ئالاقىدار بىر نەرسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ‹ مېنى پالانى ئىشنى قىلىشقا ئەسكەرتكىن› دەپ بۇيرۇق بەرسىلا، گوگۇل كۆزەينىكى دەرھال بۇ نەرسىنى رەسىمگە  تارتىۋىلىپ، كېلەر قېتىم مۇشۇ رەسىم ئارقىلىق سىزنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، گوگۇل كۆزەينىكى يەنە سىزنىڭ كالىندارىڭىز بىلەن ماس قەدەملىشەلەيدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئۇ سىزنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىڭىز قايسى ۋاقىتتا ئىكەنلىكىنى سىزگە ئېيىتىپ بېرەلەيدۇ.

6.گوگۇلنىڭ Now قوللىنىش پىروگراممىسىنى قوللاش

  بۇ خىل يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق گوگۇل كۆزەينىكى بولسا يەنە گوگۇل شىركىتىنىڭ Now قوللىنىش پىروگراممىسى بىلەن بىرلىشەلەيدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا سىز مەيلى نەدە بۇلۇڭ، سىز شۇ يەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرالايسىز. مەسىلەن ئالايلى، ناۋادا ئابونتلار بىر مىترو بېكىتىگە  يېقىنلاشقاندا، گوگول كۆزەينىكى دەرھال ئابونتلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇ مىترو بېكىتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى نامايەن قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر بۇ مىترو لىنىيىسى ۋاقىتلىق توخىتىتىلغا بولسا، سىز يەنە گوگۇل كۆزەينىكىدىن باشقا يول لىنىيىسىنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىسىڭىز بولىدۇ.

7.ئاۋازلىق بۇيرۇق بىلەن خەت كىرگۈزۈش ھەم ھالەت كونتىرول قىلىش

گوگۇل كۆزەينىكى ئابونتلارنىڭ باش قىسمى شۇنداقلا  يۈز قىسمىدىكى بىر قىسىم ئاددىي ھەركەتلەرنى سېزەلەيدىغان قىلىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، مەسىلەن، سىز كۆز  قارىچۇقىڭىزنى مىدىرلىتىش ئارقىلىق كۆزەينەك ئېكرانىنى كونتىرول قىلالايسىز ياكى بېشىڭىزنى لىڭشىتىش ئارقىلىق ئېكراننى يۆتكىيەلەيسىز. گوگۇل كۆزەينىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچىسى- Jorden بولسا SXSW  يىغىنىدا  گوگۇل كۆزەينىكى ئارقىلىق ئېلخەت ئەۋەتىش ھەم قۇبۇل قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ جەرياننىڭ ھەممىسى ئاۋازلىق خەت كىرگۈزۈش ئارقىلىق  ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى.

8.كۆزەينەك ئارقىلىق پاراڭلىشىش

ئاۋازلىق خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلخەت ئۇچۇرى ئەۋەتىشتىن باشقا، گوگۇل كۆزەينىكى يەنە كۆزەينەك ئارقىلىق ئاۋازلىق پاراڭلىشىش ھەم كامىرادا كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە  قىلىنغان.قىزىق يېرى شۇكى، سىز يەنە ئۆزىڭىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان كىشىلەرگە سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا كۆرۈۋاتقان نەرسىلىرىڭىزنىمۇ كۆرسىتەلەيسىز. ئەگەر سىز شۇ ۋاقىتتا ئاچىڭىز ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشا كېچىلىكىنى كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇ كۆزەينەك ئارقىلىق ئۇنى بۇ كېچىلىكتىن بەھرىمەن قىلالايسىز.

9.ئۈچىنچى تەرەپ قوللىنىش ئەپلىرىنى توپلاش

گوگۇل كۆزەينىكى مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكىنىڭ SXSW مۇزىكا  يىغىلىشىدا نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، Evernote,Path and Skitch قاتارلىقلارنىڭ قوللىنىش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئالدى بىلەن گوگۇل كۆزەينىكىگە قاچىلىنىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

10.يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆزەينىكى قىلىپ ئىشلىتىش

گوگۇل كۆزەينىكى كەرچە يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق مەھسۇلات  بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ ئادەتتىكى كۆزەينەكلەر ئىگە بولىدىغان ئىقتىدارلارغا ئىگە  ئىكەنلىكىنى چەتكە  قاققىلى بولمايدىكەن.مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، گوگۇل شىركىتى يەنە ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم گىرادۇسلۇق كۆزەينىكىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. گوگۇل شىركىتى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ‹ گوگۇل كۆزەينىكى ئۆلچەملىك كۆزەينەكنى ئاساس قىلىپ ياساپ چىقىلىدىغان بولغاچقا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ، ئۆزىڭىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ماس كېلىدىغان ئەينەك پارچىسىنى سەپلەتسىڭىز بولىدۇ› دېگەنىدى.

نۇر تورىدىن ئىلىندى.

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملېتىش

16

تېما

7

دوست

2144

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
202
تۆھپە
300
قىزغىنلىق
740
شەرەپ
330
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-5
تېما
16
جۇغلانما
2144
تىزىملاتقان
2012-7-2
يازما
242
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 16:12:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەرنىمۇ ئاڭلاپ قويساق بولغىدەك!!!
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

0

تېما

0

دوست

397

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
60
تۆھپە
60
قىزغىنلىق
142
شەرەپ
60
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
تېما
0
جۇغلانما
397
تىزىملاتقان
2012-12-23
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 18:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزەنراق  سېتىپ  قالسا  بىرنى  ئېلىپ سېلىشىم  مۇمكىن

7

تېما

1

دوست

3090

جۇغلانما

لېكساس

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

تەڭگە
348
تۆھپە
468
قىزغىنلىق
979
شەرەپ
461
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
تېما
7
جۇغلانما
3090
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
373
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 11:37:14 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى زادى تىزجۇمۇ !  فانتازىيىلىك فىلىملەردىكى تېخنىكىلار تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ،  سىڭىپ كىرىپ بولغانلىرىمۇ بار.  
ھەي،  كونىلار بىكاغا ئېيتماپتىكەن.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،  كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ .
دەپ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش