جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 918|ئىنكاس: 10

ئادەتتىكى كومپىيوتېرغا Apple Macمەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

1163

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
141
تۆھپە
206
قىزغىنلىق
333
شەرەپ
189
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
تېما
7
جۇغلانما
1163
تىزىملاتقان
2012-4-28
يازما
105
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 17:36:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ROCK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-22 18:40  

ئادەتتىكى كومپىيوتېرغا Apple Macمەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاش


ئالمىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىلىرى ئادەتتە بىرلەشتۈرۈلۈپ Mac OS دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ سىلىق،راھەت بولغان مەشغۇلات ئۇسۇللىرى ۋە چىرايلىق،ئۆزگىچە كۆرۈنمە يۈزى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.ئەلۋەتتە،ئىقتىدار جەھەتتىمۇ ئاز بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
2006-يىلىدىن باشلاپ ئالما شېركىتى ئۆزىنىڭ كومپىيوتېرلىرىغا Inte مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچلىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدە ئالمىنىڭكىدىن باشقا ھەرقانداق قاتتىق دېتالنى قوللىمايدىغان بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئادەتتىكى كومپىيوتېرلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلدى ۋە كەڭ ھەۋەسكارلار بۇنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقتى.



تۆۋەندە مەن بۇ چىرايلىق سېستىمىنى ئادەتتىكى كومپىيوتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى توردىن ئۆگىنىۋالغانلىرىم ۋە تەجرىبىلىرىم بويىچە بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، كومپىيوتېر بىلەن يېڭى تونۇشقان ياكى مىجەزى چۇس،ئاسان چېچىلىدىغان دوستلارغا بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلمايمەن.
Mac OS نى ئادەتتىكى كومپىيوتېرغا قاچىلاش ئۈچۈن بىر قىسىم تەقلىدلەش ۋە يېشىش مەشغۇلاتلىرىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.شۇڭا ئالدىنئالا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى،يازمىدا دېيىلگەن مەشغۇلاتلارنى قىلىپ كومپىيوتېرىڭىزدىن ھەرقانداق كاشىلا چىقسا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز.
سۆزلىمەكچى بولغىنىم Windows7 شارائىتىدا تۇرۇپ Mac OS نى قاچىلاش ئۇسۇلى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن كومپىيوتېرىڭىزدا ئىككىلا سېستىمىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز.قاچىلاشنى باشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم يازمىنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ.
قاچىلايدىغىنىمىز "قار يىلپىزى"نامىدىكى،يەنى Mac OS X Snow Leopard 10.6.4 سېستىمىسى بولۇپ،ئەگەر باشقا نەشرىنى قاچىلىماقچى بولسىڭىزمۇ مەزكۇر ئۇسۇل بويىچە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئەمىسە بىسمىلنى ئېيتىپ ئىشنى باشلايلى!



كومپىيوتېر سەپلىمىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:
مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ: IntelياكىAMD،Intelنىڭ قوش ياكى تۆت يادرولۇقى بولسا تېخى ياخشى.
قاتتىق دېسكا: C دىن باشقا مەلۇم بىر رايوندا 20GB دىن ئارتۇق بوش ئورۇن بولۇشى كېرەك.
قاتتىق دېسكا رايونلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى NTFS شەكلىدىغۇ دەيمەن،شۇنداق بولسا ياخشى.
قاتتىق دېسكىنىڭ AHCI ئىقتىدارى بولۇشى ۋە ئېچىۋېتىلگەن بولۇشى كېرەك.(تەپسىلاتىنى يازمىنى كۆرۈش جەريانىدا بىلىۋالىسىز)
كېرەكلىك ماتېرىياللار:
قار يىلپىزىنىڭ DMG تەسۋىر ھۆججىتى
OSInstall  ۋە  OSInstall.mpkg  
HFS-Explorer  
Windows سۇپىسىدىكى JAVA مۇھىتى(HFSنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇشۇ بولۇشى كېرەك)
يىلپىز قاچىلاش ياردەمچىسى (Leopar HD Install Helper)
Mac Drive
Bootthink
7 Windowsنىڭ قاچىلاش نۇر دېسكىسىمۇ تەييارلىۋېلىڭ
ئۇندىن باشقا يەنە ئۆزىڭىزدە ئازراق ئەستايىدىللىق،باتۇرلۇق ۋە چىدامچانلىق بولۇشى كېرەك.

پۈتكۈل قاچىلاش جەريانى تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1.قاتتىق دېسكىدىن ئالما سېستىمىسىنى قاچىلاشقا ئورۇن تەييارلاش
2.DMG ھۆججىتنى ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە ئۇنى تەييارلىۋالغان بوشلۇققا قويۇش
3.قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ يېتەكلەش قەۋىتىنى ئالماشتۇرۇش
4.قاچىلاشقا يېتەكلەش پروگراممىسىنى سەپلەش
5.قار يىلپىزىنى قاچىلاش
6.قار يىلپىزىنى قوزغىتىش ۋە تەڭشەش
7.ئالمىدىكى قاتتىق دېتال قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى قاچىلاش
(يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ھېچقىسى يوق،مەشغۇلات جەريانىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلىدۇ)


قاچىلاشتىن بۇرۇن مۇنۇ توربەتكە www.kexts.com چىقىپ كومپىيوتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى قوزغىتىشقا ماس كېلىدىغان قوزغىتىش پىروگراممىلىرى بارمۇ يوق،بىر قۇر ئىزدەپ بېقىڭ. بىزنىڭ ئادەتتىكى كومپىيوتېرلارنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى ياسىغان زاۋۇتلار ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئالمىدىكى قوزغىتىش پروگراممىسى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.بۇ توربەتتە بولسا كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى ئۆزلىرى تۈزگەن ھەرقايسى قاتتىق دېتاللارغا ماس كېلىدىغان قوزغىتىش پروگراممىلىرى بار. Kext بولسا ئالمىدىكى قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى،ئۆزىڭىزنىڭكىگە ماس كېلىدىغىنى بولسا ھازىرلا چۈشۈرۈۋالغاچ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

قاتتىق دېسكىدىن ئالما سېستىمىسىنى قاچىلاشقا ئورۇن تەييارلاش


  قاتتىق دېسكىنىڭ C دىن باشقا رايونىدىن يەنە ئىككى رايون ئاجرىتىپ چىقىشىمىز كېرەك.بۇنىڭ بىرىنى ئۆزىمىز ياسىغان DMG ھۆججىتىنى قويۇشقا ئىشلىتىمىز، 8GB بولسا بولىدۇ.يەنە بىرىنى يىلپىزنى قاچىلاشقا ئىشلىتىمىز،چوڭلىقىنى خالىغانچە ئالساق بولىدۇ،سېستىما ئۆزى 5GB ئەتراپىدا ئورۇن ئىگەللەيدىغان بولۇپ،مەن بۇ رايونغا 30GB بوشلۇق بەردىم. سىز بەلكىم DMG ھۆججىتىنى باشقا خالىغان جايغا قويساق بولمامدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن،جاۋاب:بولمايدۇ.چۈنكى ئالما ئىشلىتىدىغان HFS+ ھۆججەت سېستىمىسى Windows نىڭ NTFS ھۆججەت سېستىمىسى بىلەن سىغىشمايدۇ.
رايون تەييارلاش ئۈچۈن 计算机 نى ئوڭ چېكىپ 管理 نى بېسىڭ،ئاندىن ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى 存储 ئاستىدىكى 磁盘管理 نى بېسىڭ.بۇ يەردە قاتتىق دېسكىڭىزنىڭ رايونغا ئايرىلىش ئەھۋالىنى كۆرەلەيسىز.
ئەگەر بىز كېرەكلىك رايوننى D دېسكىدىن ئاجراتماقچى بولساق،D نىڭ ئۈستىگە ئوڭنى چېكىپ 压缩卷 نى تاللايمىز،ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ 输入压缩空间量 دېگەن يېرىگە 38912 دەپ تولدۇرىمىز.
(30+8)GB×1024=38912MB
مەشغۇلاتتىن بۇرۇن ھەرئېھتىمالغا قارشى بۇ رايوندىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىڭ.



ئەمدى يېڭىدىن ئاجرىتىلغان 38GB رايوننى ئوڭ چېكىپ 新建简单卷 نى باسىمىز،ئاندىن 下一步 نى بېسىپ مىقدار كىرگۈزىدىغان يەرگە   8192   دەپ كىرگۈزىمىز. 下一步دىن كېيىن 不要格式化 نى تاللاپ،رايوننى خالىغان ھەرپ بىلەن ئىپادىلەپ مەشغۇلاتنى تاماملايمىز.ئاخىرىدا بىر كۆزنەك چىقىپ مەزكۇر رايوننى فورماتلامسىز دەپ سورايدۇ،ئىككىلەنمەيلا 取消 نى باسىمىز.
  ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن قالغان 30GB رايوننى يېڭى رايون قىلىپ بەلگىلەيمىز.
RAWشەكلىدىكى ئىككى رايون پەيدا بولغان بولسا،بىرىنچى باسقۇچ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.



(رەسىمدىكى رايونلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ،كارىڭىز بولمىسۇن)


DMGھۆججىتنى ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە ئۇنى تەييارلىۋالغان بوشلۇققا قويۇش


توردىن چۈشۈرۈۋالغان يىلپىزنىڭ قاچىلاش ھۆججىتى پەقەت ئالما كومپىيوتېرىغىلا قاچىلاشقا تەييارلانغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى ئادەتتىكى كومپىيوتېرغا بىۋاستە قاچىلىغىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان يېتەكلەش قەۋىتىنى چىقىرىۋېتىشىمىز ھەم ئۇنى بايا تەييارلىۋالغان RAW فورماتىدىكى 8GB بوشلۇققا قويۇشىمىز كېرەك.
HFS-Explorerنى قاچىلاپ ئۇنى قوزغىتىمىز،ئاندىنFile دىن Load file system from file نى تاللايمىز.بۇ يەردە چۈشۈرۈپ تەييارلىۋالغان Mac OS X 10.6.4 RETAIL.dmg دېگەن ھۆججەتنى تېپىپ 打开 نى باسىمىز.
  ئەمدى HFS-Explorer دىن Tool نى بېسىپ Creat disk image نى تاللايمىز،ئاندىن ساقلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرىمىز،ھۆججەت نامىنى خالىغانچە قويۇڭ.
دىققەت:بۇ يەردىكى ئورۇن بايىقى تەييارلىۋالغان 8GB رايون ئەمەس ھەم ئۇ يەرگىمۇ قويغىلى بولمايدۇ.





ئەمدىكى ئىش ئۇنى ھېلىقى 8GB لىق رايونغا يېزىش(يۆتكەش)
بۇ يەردە بىز يىلپىز قاچىلاش ياردەمچىسىنى ئىشلىتىمىز. Leopard HD Install Helper دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى ddmac.exe نى ئوڭ چېكىپ 以管理员身份运行 نى بېسىپ قوزغىتىمىز.ئاندىن 镜像文件 دېگەنگە بايا ئۆزىمىز يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ تەييارلىۋالغان قاچىلاش ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز،目标分区گە باشتا تەييارلىۋالغان 8GB رايوننى تاللايمىز،ئاندىن ئاستىدىكى ئۈچ خىل تاللاشنىڭ ئۈچىلىسىنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ،开始نى باسىمىز.



يېزىش تەخمىنەن 10 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ،ئاخىرىدا   日志نىڭ ئاستىدىكى تىزىملىكتە Change partition type to AF:Success دېگەن خەتلەر كۆرۈنسە ئىش تامام. بۇنىڭ مەنىسى دېسكا رايونى ئالما سېستىمىسى قوللايدىغان شەكىلگە ئايلاندى دېگەنلىك بولىدۇ.
ئەگەر بۇ باسقۇچتا Change partition type to AF:Success دېگەن خەت كۆرۈنمىسە،ئۆزىمىز قول سېلىپ رايون تىپىنى AF كە ئالماشتۇرساقمۇ بولىدۇ.بۇنىڭ ئۇسۇلى:
باشلاشتىكى ئىزدەش رايونىغا diskpart دەپ كىرگۈزۈپ،ئاندىن diskpart.exe نى ئوڭ چېكىپ 以管理员身份运行 قىلىمىز،ئاندىن تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇقلارنى كىرگۈزىمىز:
1.list disk
2.select disk 0
3.list part
4.sel part x
(بۇ يەردىكى x دەل بىز بايا قاچىلاش ھۆججىتىنى يازغان 8GB رايوننىڭ ئالدىدىكى تەرتىپ نومۇرى)
5.set id=af
ئاخىرىدا ENTER نى بېسىپ مۇقىملاپ،تاماملىنىش ئۇچۇرى چىققاندىن كېيىنلا ئىش تامام.




  ئەمدى قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېلىقى يېتەكلەش قەۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىمىز.

قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ يېتەكلەش قەۋىتىنى ئالماشتۇرۇش


بۇ قەدەمدە بىز بايىقى RAW شەكلىدىكى 8GB لىق رايونغا كىرىپ ئىچىدىكى ئىككى تال ھۆججەتنى ئۆزىمىزدە بار بولغان يېشىۋېتىلگەن ھۆججەتلەرگە ئالماشتۇرىمىز،لېكىن ھازىرچە بۇ رايونغا بىۋاستە كىرەلمەيمىز،سەۋەبىنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتتۈم.
بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قورال ئىشلىتىمىز،macdrive_8.0.5.31_en_setup نى قاچىلايمىز،تۈگىگەندە قايتا قوزغىتامسىز دەپ سورايدۇ،NO.بۇ دېتالنى ئاكتىپلىمىساق نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.ئاكتىپلاش ئۇسۇلى:
باشلاش تىزىملىكىدىن Mac Drive 8 دېگەن ھۆججەت قىسقۇچتىكى Activate Mac Drive 8 نى باسىمىز.رەسىمدىكىدەك قىلىپ下一步 نى باسىمىز.ئاندىن بايىقى دېتالنى قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ يېنىدىكىMacDrive8_keygenنى قوزغىتىمىز،مەشغۇلاتلار رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

















ئەمدى باشلاش تىزىملىكىدىن  Mac Drive  نى قوزغىتىمىز،ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى Explore Mac disks نى باسساق 我的电脑نى ئاچقانغا ئوخشاش كۆزنەك ئېچىلىدۇ،تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارنى مۇشۇ يەردە قىلىمىز.
چۈشۈرگەن ھۆججەتلەر ئىچىدە OSInstall دەيدىغان ھۆججەت قىسقۇچ بار،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تال ھۆججەتنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆچۈرۈپ  8GB رايونغا كىرىپ بەلگىلەنگەن ئورۇندىكى ماس ھۆججەتلەر بىلەن ئالماشتۇرىمىز.ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈپ چاپلاش ئورنى تۆۋەندىكىچە:

OSInstall : System/Library/PrivateFrameworks/Install.framework/Frameworks/OSInstall.framework/Versions/A/
OSInstall.mpkg:
/System/Installation/Packages

文件夹选项دىن يوشۇرۇن ھۆججەتنى كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز ھەممە ھۆججەت قىسقۇچنى تاپالايسىز.
يادرو ھۆججىتىنى يېشىش ( AMD ياكى Intel تاق يادرولارغا )
ئەگەر كومپىيوتېرىڭىز Intel قوش ياكى تۆت يادرولۇق بولسا بۇ باسقۇچنى كۆرمەي ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
ئالما كومپىيوتېرلىرى ھازىرغىچە AMD ياكى Intel تاق يادرولۇق CPU  نى ئىشلىتىپ باقمىغاچقا، ئەسلىدىكى قاچىلاش ھۆججىتىنى بىز بىۋاستە ئىشلىتەلمەيمىز.لېكىن بۇنىڭ ئامالىمۇ ئاددى: www.kexts.com غا چىقىپ يېشىۋېتىلگەن mach_kernel   ھۆججىتىنى تېپىپ،  8GB  رايوننىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى ئوخشاش ئىسىملىك ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.مەن تەمىنلىگەن پىرىسلانغان ھۆججەت ئىچىدە بىر نەچچە خىل يادرو ھۆججىتى بار،ئاۋۋال شۇلارنى سىناپ بېقىڭ.

شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى باسقۇچ تاماملاندى.غەيرەت قىلىڭ!


قاچىلاشقا يېتەكلەش پروگراممىسىنى سەپلەش


يۇقىرىدىكى باسقۇچلار ئارقىلىق بىز Mac OS X نىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى كومپىيوتېرىمىزغا قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ تەييارلىۋالدۇق،ئەمدى ئۇنى قانداق قاچىلايمىز؟
يەنە قورال ئىشلىتىمىز،بۇ قورالنىڭ ئىسمى Bootthink . BootThink 2.3.18.exe نى ئوڭ چېكىپ以管理员身份运行 قىلىپ قاچىلايمىز.قاچىلاپ بولۇپ كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىمىز.
دىققەت:بۇ قېتىم ئادەتتىكىگە ئوخشاش كومپىيوتېرنىڭ قايتا قوزغىلىپ Windows7 نىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرمايمىز،قوزغىلىش باشلىنىپ كومپىيوتېرنىڭ ماركىسى كۆرۈنگەن ھامان F2 نى بېسىپ كومپىيوتېرنىڭ BIOS تەڭشەش تىزىملىكىنى ئاچىمىز،ئەلۋەتتە ھەممە كومپىيوتېرنىڭ بۇ كۇنۇپكىسى F2 بولۇشى ناتايىن.
ئەمدى بۇيەردىن Advanced تىكى AHCI Mode Control نى Manual قىلىپ،ئۇنىڭ ئاستىدىكى Native AHCI Mode نى Enabled قىلىپ تەڭشەيمىز،ئاندىن Exit تىكى Save Changes نى بېسىپ Yes قىلىپ،Exit Saving Changes نىمۇ Yes قىلىپ چېكىنىمىز.بىردەمدىن كېيىن ئېكراندا Windows7 بىلەن Bootthink نى تاللاش تىزىملىكى ئېچىلىدۇ.



ئەلۋەتتە Bootthink نى تاللايمىز،قارىساق ئېكراندا قاتتىق دېسكىنىڭ ئىككى سىنبەلگىسى تۇرىدۇ،بۇنىڭ بىرى Windows7،يەنە بىرى بىز ئەتىگەندىن بېرى تۈجۈپىلەپ تەييارلىغان يىلپىزنىڭ قاچىلاش پىروگراممىسى.يۆنىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق يىلپىزنى تاللاپ،بىسمىلدىن يەنە بىرنى ئېيتىۋېتىپ Enter نى باسىمىز.



يېقىندىن بۇيان ئىشلىرىڭىز خېلى ئوڭۇشلۇقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆز ئالدىڭىزدا ئالما سېستىمىنى قاچىلاش پىروگراممىسىدىكى تۇنجى قەدەم--تىل تاللاش كۆزنىكى پەيدا بولىدۇ.



بۇ يەردىن ئۆزىمىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تىلنى تاللايمىز.



继续 نى باسىمىز.



بۇيەرگە قارىساق بىز ئالما ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلاپ قويغان 30GB لىق رايون يوق،چۈنكى بىز ئۇنى تېخى ئالما تونۇيدىغان شەكىلدە فورماتلىمىدۇق،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈستىدىكى 实用工具 دىن 磁盘工具 نى باسىمىز.



سول تەرەپتىن بىز تەييارلىۋالغان30GBدېسكىنى تاللاپ،ئوڭ تەرەپ ئۈستى قۇردىن 抹掉نى باسىمىز.ئالما سېستىمىسىدا فورماتلاشنى 抹掉 دەيدىكەن. ئەمدى بۇ يەردىن 格式 غا Mac OS扩展) 日志式)نى تاللايمىز،名称غا خالىغانچە ئىسىم قويۇۋالسىڭىز بولىدۇ.ئاندىن ئاستىدىكى抹掉 نى باسىمىز.      
تاماملانغاندىن كېيىن كۆزنەك ئۈستىدىكى يۇمىلاق قىزىلنى بېسىپ 磁盘工具 دىن چېكىنىمىز.



ئەمدى قارىساق ھېلىقى رايون قوشۇلدى،سېستىمىنى دەل مۇشۇ يەرگە قاچىلايمىز.لېكىن تېخى ئالدىرىماڭ،يەنە ئازراق ئىش بار.سول تەرەپ ئاستىدىكى 自定 نى باسىمىز.



بۇ يەردىن 打印机 نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىمىز(ئەلۋەتتە،پىرىنتىر سىز ئۈچۈن بەك مۇھىم بولسا ئېلىۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،قاچىلاشتا سەل ئۇزاق ساقلاپ قالىسىز شۇ) ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىنى تاللايمىز،بولدى ئىككىلەنمەڭ ھەممىسى مۇھىم نەرسىلەر.تاللاپ بولۇپ 好 نى باسىمىز.
ئەمدى بايىقى رايوننى تاللاپ 安装 نى بېسىپ قاچىلاشنى باشلايمىز.قاچىلاش يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ.ئىسسىق بىر پىيالە چاي ئىچكەچ كېيىنكى مەشغۇلاتلارنى كۆرۈپ تۇرۇڭ.



قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن كومپىيوتېر ئاپتوماتىك ئۆچىدۇ (ئەسلىدە قايتا قوزغالماقچى ئىدى،لېكىن قوزغىلالمايدۇ)
كومپىيوتېرنىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باسساق،ئېكراندا بىر قۇر ئېنگىلىزچە خەت چىقىپلا قوزغالماي تۇرىۋالىدۇ.نېمىشقا؟ چۈنكى ئالما سېستىمىسى قاچىلانغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزى قاچىلانغان رايوننى ئاكتىپ رايون قىلىپ بەلگىلەپ قويىدۇ،شۇنىڭ بىلەن Windows7 قوزغىلالمايدۇ.ئەمىسە نېمىشقا ئالما سېستىمىسىمۇ قوزغالمايدۇ؟ چۈنكى ئالما سېستىمىسىنى بىز پەقەت Bootthink ئارقىلىقلا يېتەكلەپ قوزغىتالايمىز ھەم بىز بۇ قورالنى Windows7 گە قاچىلىغان. بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۇنىڭ سەۋەبىگە ئوخشاشلا ئاددى.قولىڭىزغا Windows7 نىڭ قاچىلاش نۇر دېسكىسىنى ئېلىڭدە،كومپىيوتېرغا سېلىڭ.كومپىيوتېرنى ئۆچۈرۈپ قايتىدىن  قوزغىتىڭ. كومپىيوتېر دېسكىنى ئوقۇغاندىن كېيىن،ئاۋۋال قاچىلاش كۆزنىكى ئاستىدىكى 修复计算机 نى ، ئاندىن 启动修复 نى بېسىڭ.ئەمدى Windows ئاكتىپ رايوننى ئالمىدىن تارتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەسىلە ھەل بولدى.
قايتا قوزغالغاندا باشتا دېيىلگەن ئۇسۇل بويىچە F2 نى بېسىپ تەڭشەشكە كىرىپ ھېلىقى تەڭشەكلەرگە قاراپ بېقىڭ، ئەگەر سىز بۇرۇن تەڭشەپ قويغان پېتى بولسا ھېچنىمىگە چېقىلمايلا چېكىنىڭ، بولمىسا بۇرۇنقىدەك تەڭشەڭ.
Bootthink نى تاللىغاندىن كېيىن قارىساق يەنە بىر دېسكا كۆپىيىپ قالغان.كۆپىيىپ قالغىنى دەل شۇ قار يىلپىزى قاچىلانغان دېسكا رايونى.ئەمدى شۇنى تاللاپ Enter نى باسىمىز.



مانا كارامەت!!! ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ تىلىدىكى قارشى ئېلىش سۆزلىرى......








ئاندىن كېيىن ۋاقىت رايونى تاللاش،بۇ يەردە Windows تىكى ۋاقىتقا تەسىرى بولماسلىقى ئۈچۈن ئەنگىلىيە لوندون بىلەن بىر رايوندىكى گرېنۋىچ مەركىزى ۋاقىت رايونىنى(格林尼治标准时间)تاللايمىز.(سائەتنى ئۆزىمىزنىڭكىگە تەڭشىۋالساقلا بولىدۇ ئەمەسمۇ) تەڭشەش ئۇسۇلى،ئاۋۋال خەرىتىدىن شۇنىڭغا يېقىنراق رايوننى بىر چېكىپ، ئاندىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن تاللىماقچى بولغان رايوننى تاپىمىز.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرقانچە تۈرلۈك شەخسىي تەڭشەكلەر.(بۇ يەردە تەڭشىگەن مەخپىي نومۇرىڭىز كېيىن بەك لازىم بولىدۇ)

ئاخىرىدا قار يىلپىزىنىڭ ئۈستەل يۈزى




ئەلۋەتتە بۇ پۈتۈنلەي ئوڭۇشلۇق بولغاندىكى نەتىجە.لېكىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھەممە ئىش بۇنداق ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ،مەسىلىگە يولۇققاندا Google ۋە 百度 قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،چۈنكى ئالما سېستىمىسىنى ئادەتتىكى كومپىيوتېردا مۇكەممەل قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر نۇرغۇن،باشقىلار قىلالىغانكەن چوقۇم سىزمۇ قىلالايسىز،ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.
تۆۋەندە كۆپ ئۇچرايدىغان بىرقانچە خاتالىق ۋە ئۇلارنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن:

Bootthink  يېتەكلەش خاتالىقى


تۆتىنچى باسقۇچتا،كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ bootthink نى تاللىغاندىن كېيىن ھېلىقى تاللاش چىقمايلا يەنە قايتا قوزغىلىپ كېتىدۇ ياكى قارا ئېكران بولىۋالىدۇ ۋە ياكى تاللاش تىزىملىكىدە 8GB رايون يوق.بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئىككى خىل بولىدۇ:بىرى، bootthink نورمال قاچىلانمىغان، Carwin دىكىuninstall.bat ئارقىلىق ئۆچۈرىۋېتىپ، install.batئارقىلىق قايتا قاچىلاڭ (باشقۇرغۇچى سالايىھىتىدە قوزغىتىڭ) يەنە بىرى، ئىككىنچى باسقۇچنىڭ ئاخىرىدىكى قاچىلاش ھۆججىتىنى بەلگىلەنگەن رايونغا يېزىپ بولۇپ دېسكا رايونىAF تىپىغا ئاپتوماتىك ئايلىنالمىغان. بۇنى قول سېلىپ ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى ئاشۇ باسقۇچنىڭ ئاخىرىدا بار.

قاچىلاش باسقۇچىدا چەكلەش بەلگىسى چىقىۋېلىش


بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى:ئاساسى تاختىنىڭ AHCI ئىقتىدارى ئېچىلمىغان،باشتا دېگەندەك BIOS تەڭشەشكە كىرىپ ئېچىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.



بەش دۆلەت تىلىدىكى خاتالىق ئۇچۇرى




قىسقارتىلىپ "بەش دۆلەت"دېيىلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ،كېسەلگە قارىتا دورا بېرىش كېرەك.
Bootthink قا كىرگەندىن كېيىن F8 نى بېسىپ،ئاندىن “-v” نى كىرگۈزۈپ، " دىئاگنۇز " ھالىتىگە كىرىمىز،بۇيەردە خاتالىقنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،ئۇنى خاتىرىلىۋېلىپ، گۇگىل ئەپەندىمگە ئىلتىجا قىلساق ئاشۇ بىر نەرسە دەيدۇ.(ئۇندىن بۇرۇن –x بۇيرۇقى بىلەن "بىخەتەر"ھالەتتە ئىجرا قىلىپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ)

قاچىلاش جەريانىدا قايتا قوزغىلىپ كېتىش


بۇ ئاساسلىقى تاق يادرولۇق كومپىيوتېرلاردا كۆرۈلىدۇ،سەۋەبى ھېلىقى يادرو يېشىش ھۆججىتى سىزنىڭ كومپىيوتېرىڭىزغا ماس كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.ھېلىقى چەتئەلنىڭ تور بېتىگە چىقىپ،يېشىۋېتىلگەن mach_kernel   ھۆججىتىنى تېپىپ،  8GB  رايوننىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى ئوخشاش ئىسىملىك ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
قاچىلاشتا ئۇزۇن ۋاقىت ئىنكاس بولماسلىق
كۈلرەڭ ئېكراندىكى ئالمىنىڭ ئاستىدىكى يۇمىلاق توختىماي ئايلىنىۋېرىش.بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،يەنە بىر قېتىم BIOS تىن AHCI ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ،چوقۇم ئوچۇق ھالەتتە (Enabled) ئىكەنلىكىنى جەزملەڭ.بۇنىڭ بىلەنمۇ مەسىلە ھەل بولمىسا،win7 نى قوزغىتىپ MacDrive ئارقىلىق 8GB رايوندىكى system/library/extensions مۇندەرىجە ئاستىدىكى ئىسمى ATI بىلەن باشلانغان بارلىق kext ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ.دىققەت:ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن زاپاسلاشنى ئۇنتۇماڭ.

ئالمىدىكى قاتتىق دېتال قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى قاچىلاش


بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ يېڭى سېستىمىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەن بولسىڭىز،مۇبارەك بولسۇن! ئالما دۇنياسىغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز!



ئەمدى ھەرقايسى قاتتىق دېتاللارنى سېستىمىغا تونۇتىۋەتسىڭىزلا،ئامراق كومپىيوتېرىڭىزدا ئالما ھۇزۇرىنى بىمالال سۈرەلەيسىز.پىرىس ھۆججىتىنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم مۇھىم قوزغىتىش پروگراممىلىرى تەمىنلەندى.
VoodooHDA.kextبولسا ئاۋاز كارتىسى ئۇنىۋېرسال قوزغاتقۇچىسى.قاچىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى:
Kext Helper b7 نى قاچىلاپ،سىنبەلگىسىنى ئۈستەل يۈزىگە قويۇپ،قاچىلىماقچى بولغان قوزغاتقۇچنى شۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاڭ،ئەمدى مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپEasy Installنى باسسىڭىزلا قاچىلىنىدۇ.

ھەممىڭلارغا بەخت-ئامەت يار بولسۇن!!!
ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!!!



قوشۇمچە:
مۇۋەپپەقىيەت قازانسىڭىز،تەجرىبىلىرىڭىزدىن ۋە ئالمىدا ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دېتاللىرىڭىزدىن دوستلارنى تەڭ بەھرىلەندۈرۈشنى ئۇنتۇماڭ! بۇمۇ زاكىتى بار ئىشلار !
ئەگەر سىز بۇ ساھەدە خېلى تەجرىبىڭىز بار بولۇپ،يازمىدا خاتالىقلارنى ياكى باشقا كەمچىلىكلەرنى بايقىسىڭىز،
مۇشۇ يازما ئېلان قىلىنغان توربەتتە قىممەتلىك پىكرىڭىزنى بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
  


+++===========================================================================+++

      
Mac OS X 10.6.7 يېڭىلاش بولىقىنى چۈشۈرىۋېلىڭ !
بۇ قار يىلپىزىنىڭ 7-قېتىملىق يېڭىلىنىشى بولۇپ ، سېستىمىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتلەردە ياخشىلىنىش بولغاندىن سىرت يەنە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان .
ئەلۋەتتە سېستىمىنىڭ تور شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا «ئالما تىزىملىكى»دىن 软件更新 نى بېسىپ يېڭىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، پۈتۈنلەي ھەقسىز !
يېڭىلاش بولىقىنى ئادەتتە دېتال قاچىلىغانغا ئوخشاش قاچىلاپ،كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .

Mac OS X v10.6.7 Update
http://support.apple.com/kb/DL1363

Mac OS X v10.6.7 Update Combo
http://support.apple.com/kb/DL1361

سېستىمىڭىزنىڭ نەشرى 10.6.6 بولسا Mac OS X v10.6.7 Update نى چۈشۈرۈڭ !
10.6.6دىن تۆۋەن بولسا Mac OS X v10.6.7 Update Combo نى چۈشۈرۈڭ !

ئېچىلغان توربەتتىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Download نى بېسىپ چۈشۈرىسىز، 迅雷 دا چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن .
چۈشۈرۈش ئۇسولى : http://makanmusic.com/bbs/viewthread.php?tid=1445


«ماكان مۇزىكا بىلىملىرى» تورىدىكى ئالىمجاننىڭ يازمىسى

0

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
52
تۆھپە
52
قىزغىنلىق
162
شەرەپ
52
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
تېما
0
جۇغلانما
423
تىزىملاتقان
2013-3-1
يازما
53
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 19:49:17 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەپسىلى بوپتۇ يامانكەنسىز ! رەھمەت
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

8

تېما

1

دوست

1395

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
237
تۆھپە
360
قىزغىنلىق
666
شەرەپ
369
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-26
تېما
8
جۇغلانما
1395
تىزىملاتقان
2011-12-12
يازما
257

ئاكتىپ ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 23:17:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم .

7

تېما

3

دوست

339

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
56
تۆھپە
63
قىزغىنلىق
208
شەرەپ
68
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
تېما
7
جۇغلانما
339
تىزىملاتقان
2013-2-11
يازما
78
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 00:40:07 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  قىرىندىشىم بەك تەپسىلى يىزىپسىز  مەنمۇ سىناپ باقمىسام

8

تېما

1

دوست

2205

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
385
تۆھپە
526
قىزغىنلىق
1157
شەرەپ
522
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-1
تېما
8
جۇغلانما
2205
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
431
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:20:21 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا تەپسىلىي يېزىلىپتۇ،  مەنمۇ بىر سىناپ باقمىسام بولمىدى.  مەن Windows8 ئىشلىتىۋاتقان،   بۇنى قىلىش ئۈچۈن Windows7 نى قايتا قاچىلىشىمغا توغرا كەلگۈدەكتە ئەمدى.

0

تېما

0

دوست

124

جۇغلانما

سپارك

Rank: 3

تەڭگە
20
تۆھپە
20
قىزغىنلىق
42
شەرەپ
20
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-14
تېما
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2013-3-23
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:57:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xpسىستىمىسغا قاچىلاش دەرىسلىكى بارمىدۇ؟

2

تېما

0

دوست

583

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
127
تۆھپە
130
قىزغىنلىق
309
شەرەپ
144
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-1
تېما
2
جۇغلانما
583
تىزىملاتقان
2012-7-30
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 20:41:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ بەكلا ئىشلەتكۇم بار ئىدى بۇ mac نى، قولۇمنى بوشىتىپ سىناپ باقمىسام. تېما تەپسلى يېزىلىپتۇ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!!

0

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

سپارك

Rank: 3

تەڭگە
24
تۆھپە
24
قىزغىنلىق
52
شەرەپ
26
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-5
تېما
0
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2012-9-20
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 15:02:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!

0

تېما

3

دوست

199

جۇغلانما

سپارك

Rank: 3

تەڭگە
31
تۆھپە
40
قىزغىنلىق
110
شەرەپ
49
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-3
تېما
0
جۇغلانما
199
تىزىملاتقان
2012-10-3
يازما
33
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 18:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئالما كومپىيۇتىر ئالمايمۇ ئالما سىستىمىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان  بوپتىمىز دە

1

تېما

0

دوست

27

جۇغلانما

يېڭى ئاۋتو

Rank: 2Rank: 2

تەڭگە
3
تۆھپە
4
قىزغىنلىق
9
شەرەپ
4
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-7
تېما
1
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-3-20
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 09:28:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچىلاش باسقۇچىغا كىرگەندە  «正在准备安装“دېگەن ئۇچۇر چىقىۋىلىپ تۇرۇۋالدى،ھەل قىلىشىپ بەرمەمسىلەر!

2

تېما

0

دوست

142

جۇغلانما

سپارك

Rank: 3

تەڭگە
24
تۆھپە
30
قىزغىنلىق
71
شەرەپ
41
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-3
تېما
2
جۇغلانما
142
تىزىملاتقان
2012-7-22
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 09:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدە  تاغ مۈشۈكى 10.8.4 ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بارمۇ ؟يەنە بىر ئەمىلىرەك گەپ ئۇيغۇرچە خەت قانداق قىلسا ئوڭدىن باشلاپ چىقىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش