- شەرەپ
- 984
- توردا
- 372 سائەت
- تەڭگە
- 847
- تۆھپە
- 1123
- قىزغىنلىق
- 1786
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تىزىملاتقان
- 2011-12-9
- تېما
- 55
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6481
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 757
     
- تەڭگە
- 847
- تۆھپە
- 1123
- قىزغىنلىق
- 1786
- شەرەپ
- 984
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تېما
- 55
- جۇغلانما
- 6481
- تىزىملاتقان
- 2011-12-9
- يازما
- 757
|
چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Yankee Group بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى بازار ئۈلۈشى تېخىمۇ كېڭىيىپ، سامسۇڭنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى بازار ئۈلۈشىنى ئىگەللەيدۇ دېگەن.
Yankee Group گوروھىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورىCarl Howe مۇنداق دەيدۇ:
«سامسۇڭ شىركىتى گەرچە يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال تەرەپلەردىن ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، سامسۇڭGalaxy S4 يانفونىدا ھىچقانداق يېڭىلىق يوق، پەقەت چوڭلۇقى، سىستېما تېزلىكى، قاچىلانغان ئەپلەردە ئۆزگىرىش بولغان،خالاس. ئەلۋەتتە، بىزGalaxy S4 نىڭ سامسۇڭنىڭ بىر مۇنەۋۋەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، شۇنداقتىمۇ، بۇ سامسۇڭنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى بازار ئۈلۈشىنى يۈتۈپ كىتەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.»
ئۇلار يەنە مۇنۇلارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن:
«نۆۋەتتە پەقەت %15 ئىستېمالچى كەلگۈسى 6 ئاي ئىچىدە سامسۇڭ يانفونىنى سېتىۋىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن،بىراق، %40 ئىستېمالچىنىڭ كەلگۈسى 6 ئاي ئىچىدە ئايفون سېتىۋىلىش ئارزۇسى باركەن. سامسۇڭ ماركىسىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسى ئالما شىركىتىنىڭكىگە يەتمەيدۇ، سامسۇڭ يانفون ئابونتلىرى ئارىسىدا، كىيىنكى قېتىمدا يەنە سامسۇڭنى تاللاش نىسبىتى %61، بىراق، ئوخشاش ئەھۋالدا ئايفوننى تاللايدىغانلار %85 نى ئىگەللەيدىكەن، سامسۇڭ شىركىتى كەلگۈسى 6 ئاي ئىچىدە ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە قارىتىۋالمىسىلا، بىز ئىشىنىمىزكى، بۇ يىل ئامېرىكا بازىرىدا ئالما شىركىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ.»
Carl Howe نىڭ سۆزى بويىچە قارىغاندا، ئالما يەنە نۆۋەتتىكى ئابونتلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماركا ئىكەن، ئالما iPad نى سېتىۋىلىش ئارزۇسىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ سانى ئۇنىڭغا ئەڭ يىقىنلىشالايدىغان رىقابەتچى ئامازوننىڭ Kindle سىنى سېتىۋىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ 7 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىكەن.
نۇر ئاخبارات تورىدىن ئېلىندى |
|