ئالما شىركىتى Mac نىڭ OS X 10.8.3 نەشىرنى ئېلان قىلدى
شىنلاڭ تېىنىكىسى 3-ئاينىڭ 15- كۈنى خەۋىرى: ئالما ئورگان تەرەپ پەيشەنبە كۈنى OS X Mountain Lion مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ 3- قېتىملىق يېڭىلاش بولىقى OS X 10.8.3 نى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى نەشىرىدە، OS X 10.8.2 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىردىكى كاشىلىلار تۈگىتىلگەندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
يېڭى نەشىردە قوشۇلغان ئەڭ چوڭ ئىقتىداربولسا، Windows 8 نى قوللاش ئەمەلگە ئاشقان. دېمەك ئالما كومپىيوتىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لەززىتىنى سۈرەلەيسىز. ئۇنىڭدىن سىرت، Mac ئابونتى iSight كامىراسى ئارقىلىق iTunes نىڭ سوۋغات كارتىسىنى ئالماشتۇرالايدۇ. ئابونت Mac App Store دا سوۋغات كارتىسىنى رەسىمگە تارتىسا، سېستىما ئاپتوماتىك تونۇيدۇ، نومۇرنى بىرمۇ-بىر كىرگۈزىشنىڭ ھاجىتى يوق.
يېڭى نەشىرىدە File:///URL سېستىما يامىقى ئېتىلگەن بولۇپ، Logic نىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر قىلىدىغان بوگلار ئوڭشالغان. شۇنداقلا، 2011- يىللىق نەشىردىكى ئاۋاز بۇزۇلۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان.
يېڭى OS X نەشىرىدە، Retina ئېكرانلىق MacBook Pro ئابوتلىرى ئۈچۈن SMC دېتالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئابونتلار، كۆرۈنىشلىرى مۇرەككەپ HD 3D ئويۇنلارنى ئوينىغاندا، ئېكران فىرامى سانى يەتمەسلىك ۋە چاستوتا سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىش مەسىلىلىرى ئۆنۈملۈك ھەل قىلىنغان. سېستىما يېڭىلانغاندىن كېيىن، سېستىمىدىكى BootROM نەشىرى 2.3f35 كە ئۆزگىرەيدىكەن.
ئابونتلار ئالما سىتونىدىكى Software Update مۇلازىمىتى ئارقىلىق چۈشۈرۈپ، نەشىرىنى يوقىرى كۆتۈرسە ياكى ئورگان تەرەپ تور بېتىدىن نەشىرنى يوقىرى كۆتۈرسىمۇ بولىدىكەن. |