- شەرەپ
- 188
- توردا
- 158 سائەت
- تەڭگە
- 107
- تۆھپە
- 182
- قىزغىنلىق
- 420
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-7
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- تېما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1270
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 185
     
- تەڭگە
- 107
- تۆھپە
- 182
- قىزغىنلىق
- 420
- شەرەپ
- 188
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-7
- تېما
- 40
- جۇغلانما
- 1270
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- يازما
- 185
|
ئەگەر سىز يانفونىڭىزدا باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا،يانفونىڭىزدىن تۇيۇقسىز ئىس چىقسا،سىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىنكاسىڭىز قانداق بۇلار؟تايلاندلىق يانفون ئابونتى Suwicha غا نىسبەتەن ئالغاندا،بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بولسا دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قولىدىكى يانفوننى مەيلى iPhone 5 بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر يەرگە دەرھال تاشلىۋېتىشتىن ئىبارەت بولغان.iPhone 5 يانفونىنىڭ پارتلاپ كېتىشى تايلاندتا ھەقىقي يۈز بەرگەن ۋەقە.تايلاند ئاخبارات ۋاستىسى -Conconuts Bangkok نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،Suwicha ئىسىملىك بۇ يانفون ئابونتى ئۆزىنىڭ يېقىندا iPhone 5 يانفونى پارتلاپ كەتكەن كەچۈرمىشنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىغان.
Suwicha نىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە،ئۇ يانفوندا باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا،ئۆزىنىڭ قولىدىكى iPhone 5 يانفونىنىڭ تۇيۇقسىزلا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قېزىپ كەتكەنلىكىنى،كەينىدىنلا يانفونىدىن ئىس چىقىپ كەتكەن بولۇپ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېچبىر ئىككىلەنمەيلا قولىدىكى iPhone 5 يانفونىنى دەرھال يەرگە تاشلىۋەتكەن.< ئەڭ ئاخىرىدا بۇ iPhone 5 يانفونى خۇددى ساليوتقا ئوخشاش 4 قېتىم پارتلاپ كەتتى>. دېدى Suwicha ئىسىملىك بۇ يانفون ئابونتى تايلاند ئاخبارات ۋاستىسى- Conconuts Bangkok نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا.ئىگەللىنىشىچە،بۇ iPhone 5 يانفونىنى Suwicha ئىسىملىك بۇ كىشى 2 ئاي بۇرۇن سېتىۋالغان بولۇپ،بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن،Suwicha غەزەپلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئالما شىركىتىنىڭ ھەر قانداق مەھسۇلاتىنى سېتىۋالمايىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ پارتلاپ كېتىشتەك بۇنداق ئەھۋالنى بىز تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقىنىمىز يوق،بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر نەپەر iPod touch ئابونتىنىڭ ئۈسكۈنىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پارتلاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ iPod touch ئابونتى ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ،ئالما شىركىتىنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغانىدى.ئالما شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانىدا پارتلاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلۈشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ۋەھىمىگە سېلىپ قويىدۇ،ياخشى يېرى شۇكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پارتلاپ كېتىش ۋەقەلىرىمۇ ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ،شۇنداقلا ئالما شىركىتىمۇ ھازىر دەل مۇشۇ خىل يامان ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،مەھسۇلات قاتتىق دېتال سېستىما بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىش كۈچىنى زورايتماقتا.
|
|