- شەرەپ
- 187
- توردا
- 157 سائەت
- تەڭگە
- 106
- تۆھپە
- 181
- قىزغىنلىق
- 418
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- تېما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1264
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 185
     
- تەڭگە
- 106
- تۆھپە
- 181
- قىزغىنلىق
- 418
- شەرەپ
- 187
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تېما
- 40
- جۇغلانما
- 1264
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- يازما
- 185
|
تۈنۈگۈن كەچتە مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3.15 كېچىلىكىدە ئالما شىركىتىنىڭ < پۈتۈن يانفون ئالماشتۇرۇپ بېرىش>تەك رىمونت قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەھسۇلات سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەسلىلىرى پاش قىلىنغاندىن كېيىن،بۈگۈن ئەتىگەن كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگو باش شىتابىغا توپلاشقان،لېكىن ئالما شىركىتى جۇڭگو باش شىتابىنىڭ باش پوكىيىدە بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ،ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى قۇرۇق <شەھەر>گە بېرىپ قالغان ئىدى.
مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3.15 كېچىلىكى پىروگرامما گۇرۇپپسىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا،ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرىدە < پۈتۈن يانفون بويىچە ئالماشتۇرۇش>تەك رىمونت قىلىپ بېرىش ئۇسۇلى ئىسمى-جىسمىغا لايىق بولماسلىق،iPhone يانفونىنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ ئارقا قېپىنى ئالماشتۇرۇپ بەرمەسلىك؛ئالماشتۇرۇپ بېرىلگەن بۇيۇملارنىڭ ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش رىمونت قىلىش مۇددىتى ئۇزارتىپ بېرىلمەي،< كۆچمە تېلېفون تاۋارلىرىنىڭ رىمونت قلىش،مال قايتۇرۇش مەسئۇلىيەت بەلگىلىمىسى>گە خىلاپلىق قىلىش؛كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ مەھسۇلات ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ،iPad نىڭ رىمونت قىلىش بەلگىلىمىسى مەملىكىتىمىزدىكى 3C ئىجازەتنامىسى ئالغان خاتىرە كومپىيوتېرلارنىڭ ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك؛نۇرغۇنلىغان مەھسۇلات سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرىدە جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ كۆرۈنەرلىك پەرقى بۇلۇپ،جۇڭگودىكى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چەتئەلدىن تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان ئىدى.
مەنبە : نۇر تورى |
|