تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 660 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 693|ئىنكاس: 2

كونا iPhone لار نەگە كەتتى ، بىلىشنى خالامسىز قېنى كۈرۈپ بېقىڭ .

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

1

دوست

1270

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
107
تۆھپە
182
قىزغىنلىق
420
شەرەپ
188
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-7
تېما
40
جۇغلانما
1270
تىزىملاتقان
2012-12-22
يازما
185
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 00:36:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىلاۋە:نېمىشقا  كونا نۇسخىدىكى ئايفونلار يەنىلا  نەچچە يۈز ئامېرىكا  دوللىرىغا  يارايدۇ؟بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات دوكلاتى بۇنىڭدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سەۋەبنى بىزگە ئېچىپ بەردى: چۈنكى نۇرغۇنلىغان يانفون ئابونتلىرى ئۆزىنىڭ كونا ئايفونلىرىنى ئاسارە ئەتىقە  قاتارىدا  ساقلاپ قويغان ئىكەن.
       چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،يېقىندا ئېلان قىلىغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا  كۆرسىتىلىشىچە،ئامېرىدىكىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك يانفون ئابونتلىرى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىككى تال ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كونا يانفونىنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.بۇ ساقلاپ قۇيۇلغان كونا يانفونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇمۇمىي باھاسى تەخمىنەن 34 مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ،كونا يانفونلارنى سېتىش تور بېكىتى- SellCell.com نىڭ تۇنۇشتۇرۇشىغا  قارىغاندا،بۇ يىغىپ ساقلاپ قۇيۇلغان كونا يانفونلارنىڭ ئىچىدە ئالما  شىركىتىنىڭ ئايفونلىرى تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدىكەن.
    ئالما شىركىتى 2007-يىلىدىن باشلاپ يىلىغا بىر خىل يېڭى تىپتىكى يانفوننى بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ،يىلىغا يېڭى بازارغا  سېلىنغان يانفونىدىن تەخمىنەن 85 مىليون تالنى ساتىدىكەن، بۇنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 50 مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ،بۇنداق ياخشى سېتىش نەتىجىسىنى بارلىققا  كەلتۈرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا،ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى يانفونى بازارغا سېلىنغاندا نۇرغۇنلىغان كونا يانفون ئابونتلىرى ئۆزىنىڭ قولىدىكى باشقا ماركىدىكى كونا نۇسخىلىق يانفونىنى سېتىۋىتىپ،ئاندىن ناھايىتى ئاسانلا تۆۋەن باھاغا ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى iPhone يانفونىدىن بىرنى سېتىۋالىدىكەن.لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كونا iPhone يانفونىنى بولسا  سېتىۋەتمەي،ساقلاپ قويىدىكەن.
        <ئەگەر  بازارغا كۆپ مىقداردا كونا iPhone يانفونى كىرسە، ئۇ چاغدا iPhone نىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئابونتلارنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى iPhone يانفونى سېتىۋىلىش ئېھتىياجىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ> دېدى. تېخنىكىلىق تەھلىلچى جەف كاگان،كونا نۇسخىدىكى iPhone  يانفونىنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى يانفون ئابونتلىرىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى iPhone  يانفونىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشكە  پايدىلىق. يېڭى نۇسخىدىكى iPhone  يانفونىنىڭ سېتىلىش  باھاسى ئادەتتە 650 ئامېرىكا  دوللىرى بولىدىغان بولۇپ، لېكىن كۆپ ساندىكى يانفون ئابونتلىرى بولسا كۆچمە ئالاقە سودىگەرلىرى بىلەن ئىككى يىللىق توختامدىكى يانفون سېتىۋىلىش  كېلىشىمىنى تۈزۈپ پەقەت 199 ئامېرىكا  دوللىرىلىق تولۇقلىما ياردەم پۇل باھاسى بىلەنلا يېڭى نۇسخىلىق iPhone يانفونىنى سېتىۋالىدىكەن. يەنە كېلىپ نۇرغۇنلىغان كونا  يانفون سېتىۋىلىش تور بېكەتلىرى 200  ئامېرىكا  دوللىرىلىق باھا بىلەن كونا نۇسخىىدىكى iPhone يانفونىنى سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان يانفون ئابونتلىرى كونا يانفونىنى 200 ئامېرىكا  دوللىرىغا سېتىپلا، يېڭى نۇسخىدىكى iPhone  يانفونىغا بىكارغىلا  ئېرىشىدىكەن.
       تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە،گەرچە  بەزى كونا يانفونلار ئېغىر دەرىجىدە  بۇزۇلغان ياكى رىمونت قىلغىلى بولمىغانلىقتىن سېتىۋەتكىلى بولمىغان بىلەن،لېكىن بەشتىن بىر قىسىم بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان يانفون ئابونتلىرى ئۆزىنىڭ كونا يانفونىنى سېتىۋېتىش خۇشياقمىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ كونا نۇسخىدىكى iPhone يانفونىنى سېتىۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنە بەشىتن بىر قىسىم تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغۇچى يانفون ئابونتلىرى بولسا ئۆزىنىڭ كونا نۇسخىدىكى يانفونىنى تاشلىۋەتسە ياكى سېتىۋەتسە،ئۆزىنىڭ يانفوندىكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،يانفونىنى ساتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا،يەنە بىر قىسىم تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان يانفون ئابونتلىرى بولسا  كونا  يانفونىنى سېتىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىشنى قەتئىي بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.پەقەت %20 يانفون ئابونتلىرىلا ئاندىن كونا يانفونىنى سېتىۋىتىدىكەن.
      ئالما  شىركىتى يەنىلا كەسىپ ئىلغارلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،2012-يىلى 12-ئايدا،%83 دىن كۆپرەك iPhone يانفونى ئابونتلىرى ئۆزىنىڭ يانفونىنى يېڭى تىپلىق  iPhone يانفونىغا ئىلغارلاشتۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.بۇ ئۆتكەن بىر يىلدىكى %73  يانفون ئابونتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ  iPhone  يانفونىنى يېڭى تىپتىكى يانفونغا ئىلغارلاشتۇرۇش پىلانىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن.

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملېتىش

ئامانەتكە خىيانەت ئەڭ چوڭ جىنايەت ..................

16

تېما

7

دوست

2018

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
184
تۆھپە
282
قىزغىنلىق
695
شەرەپ
312
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-7
تېما
16
جۇغلانما
2018
تىزىملاتقان
2012-7-2
يازما
233
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 08:31:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ كونىسىنى بىرىپ ئازراق پۇل بەرگەن بولساق بىزنىڭمۇ  ئايفونلىرىمىز يىڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن بولسا  ھە!!!!!
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

3

تېما

0

دوست

812

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
123
تۆھپە
134
قىزغىنلىق
279
شەرەپ
130
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-27
تېما
3
جۇغلانما
812
تىزىملاتقان
2011-12-11
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 19:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىسنىڭ ھەممىسى تاۋباۋ دۇككىندىمىكىن دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش