- شەرەپ
- 312
- توردا
- 202 سائەت
- تەڭگە
- 355
- تۆھپە
- 409
- قىزغىنلىق
- 1771
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- تېما
- 13
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3218
- ھوقۇقى
- 100
- يازما
- 59
   
- تەڭگە
- 355
- تۆھپە
- 409
- قىزغىنلىق
- 1771
- شەرەپ
- 312
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تېما
- 13
- جۇغلانما
- 3218
- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- يازما
- 59
|
نۇر تورى خەۋىرى،

ئىلاۋە:ھازىر ئاللىقاچان 114 مىڭ ئادەم مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قۇيۇپ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن يانفون قۇلۇپى ئېچىشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان،ئاقساراي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان بۇ تەلەپكە قۇشۇلغان.
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئامېرىكا ئاقساراي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئاممىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ،ئاقساراي ھۆكۈمىتى ئېستىمالچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يانفونى ئارقىلىق باشقا سىمسىز تورلارنى زىيارەت قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىر پارچە بىلوگ ماقالىسىدە،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئېنتېرنېت تورىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم مەخپىيەتلىك (Internet Innovation and Privacy ) جەھەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى داۋىد ئېدىلمان (David Edelman) نىڭ ئېيتىشىچە،ھازىر ئاللىقاچان 114 مىڭ ئادەم مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قۇيۇپ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن يانفون قۇلۇپى ئېچىشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان،ئاقساراي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان بۇ تەلەپكە قۇشۇلغان.يانفون قۇلۇپىنى ئېچىش -يانفون ئارقىلىق باشقا كۆچمە تورلارنى زىيارەت قىلغىلى بولۇش ئىمكانىغا ئېرىشتۈرىدىغان بولۇپ،لېكىن بۇ خىل قىلمىش 1-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىزلىق دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى.
داۋىد ئېدىلماننىڭ ئېيتىشىچە،بۇ خىل پىرىنسىپ تۈز ئېكرانلىق كومپىيوتېرلارغا ئىشلىتىشكىمۇ ماس كېلىدىغان بولۇپ،ئۇ مۇنداق دېگەن:< ئەگەر سىز پۇل تۆلەپ كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىسىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز،يەنە كېلىپ سىزنىڭ ھېچقانداق بىر تورغا چىقىش كېلىشىمنامىڭىز بولمىغان ياكى ھېچقانداق بىر چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان بولسىڭىز،ئۇنداقتا سىز چوقۇم بۇ ئۈسكۈنىڭىزنى ئىشلىتىپ تورغا چىقالايسىز>. سىمسىز تور بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى ئادەتتە ئۆزلىرى بىلەن تورغا چىقىش كېلىشىمنامىسى تۈزگەن ئابونتلار ئۈچۈن تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قۇيىدىغان بولۇپ،لېكىن بۇ ئابونتلارنىڭ تورغا چىقىش كېلىشىمنامىسى ئالغان يانفون ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىگە ئالدىن بىر خىل ئالاھىدە بولغان يۇمشاق دېتال قاچىلىنىپ قۇيۇلىدىغان بولۇپ،بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت،ئۇلارنىڭ يانفونىنىڭ باشقا كۆچمە ئالاقە تىجارەتچىلىرىنىڭ تورىغا يۆتكىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن.بۇنداق بولغاندا يانفون ئابونتلىرى پەقەتلا ئۆزى بېجىرگەن تور مۇلازىمەت شىركىتىنىڭلا تور ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلالايدىغان بولۇپ،باشقا كۆچمە تور تىجارەتچىلىرىنىڭ تورىغا كىرەلمەيدىكەن.بەزى يانفون ئابونتلىرى خاككېرلىق ۋاستىسى ئارقىلىق بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى يېشىپ چىققان ھەم شۇ ئارقىلىق خالىغان كۆچمە تورغا ئۇلىنالايدىغان بولغان ئىدى.206-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى (Library of Congress) يانفون قۇلۇپىنى ئېچىشتىن ئىبارەت بۇ خىل تېخنىكىنى ئويلاشقان بولۇپ،شۇ ئارقىلىق يانفونلارنىڭ تورغا چىقىشتىكى چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىىدى.
لېكىن ئۆتكەن يىلى كۈزدە،ئامېرىكا دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى يەنە ئۆزىنىڭ يولىغا قارشى مۇقام توۋلاپ،يانفونلارنىڭ قۇلۇپىنى ئازاد قىلىش تېخنىكىسىنىڭ ھۇقۇق بېرىلىشىنى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەلى توشىدۇ دېگەن،شۇنىڭ بىلەن يانفونىنىڭ قۇلۇپى ئېچىۋېتىلىپ،خالىغان كۆچمە تورنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بەزى يانفون ئابونتلىرى ئامېرىكا كۆچمە تور تىجارەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەرز قىلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
لېكىن ئەكسىچە،سىمسىز تور شىركەتلىرى تەشكىلىي يانفون گۇرۇھلىرىنى ئەرز قىلغان بولۇپ،چۈنكى بۇ يانفون گۇرۇھلىرى نەچچە مىڭلىغان يانفونلارنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ،شۇنداقلا بۇ يانفونلارنى چەتئەللەرگە ئاپىرىپ سېتىش ئارقىلىق ئۇتتۇرىدىن غايەت زور پايدا ئالغان ئىكەن.دەل مۇشۇنداق يانفون گۇرۇھلىرى باشقىلارنىڭ يانفونىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن،باشقىلار ھەتتا چەتئەلنىڭ كۆچمە تورلىرىغىمۇ چىقالايدىغان بولغان ئىدى.
لېكىن،توردا ئېىقپ يۈرگەن ئاقساراي ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان مۇراجىئەتنامە بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىك كۇتپخانىسىنىڭ قارارى دەل قارىمۇقارشى چىقىپ قالغان بولۇپ،بۇ مۇراجىئەتنامە بولسا يانفونلارنىۇ قۇلۇپىنى ئېچىشنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغان ئىدى.بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئاللىقاچان 100 مىڭدەك ئادەم ئىمزا قۇيۇپ بولغان بولۇپ،بۇ ئاقساراي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئادەم سان چەكلىمىسىگە يەتكەن ئىدى.
مەنبە:نۇر تورى |
|