- شەرەپ
- 187
- توردا
- 157 سائەت
- تەڭگە
- 106
- تۆھپە
- 181
- قىزغىنلىق
- 418
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- تېما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1264
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 185
     
- تەڭگە
- 106
- تۆھپە
- 181
- قىزغىنلىق
- 418
- شەرەپ
- 187
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تېما
- 40
- جۇغلانما
- 1264
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- يازما
- 185
|
2-ئاينىڭ 25-كۈنى،جۇ ئەپەندى ئويغىنىپلا سول كۆزىنىڭ ئالدى قاپقاراڭغۇ بۇلۇپ ھېچنىمىنى كۆرەلمىگەن.شۇنىڭ بىلەن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن،ئۇنىڭ كۆرۈش پەردىسى مەركىزىدىكى ئارتىرىيە تۇمۇرلىرى تۇسۇلۇش سەۋەبىدىن كۆزىنىڭ ۋاقىتلىق كۆرمەس بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلگەن.ئېيتىلىشىچە،ئۇنىڭ كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب بولسا،ئۇنىڭ بىر كېچە يانفونغا قاراپ < سىڭلىسىنى ئىزدەش> ناملىق بىر خىل يانفون ئويۇنىنى ئويناپ چىققانلىقى بولغان ئىكەن.< سىڭلىسىنى ئىزدەش> بولسا بىر خىل يانفون ئويۇنى بولۇپ،بۇ خىل ئويۇندا ئوينىغۇچىلاردىن دىققىتىنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ،ئاندىن رەسىمدىكى ئوخشاش بولمىغان جايلارنى تېپىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.جۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە،24-چېسلا كەچتە ئۇ كارۋاتتا يېتىپ بۇ ئويۇننى ئويناشنى باشلىغان بولۇپ،ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاندىن ئۇخلاشقا باشلىغان ئىكەن.چۈشتە ئويغىنىپ قارىسا،سول كۆزى ھېچنىمىنى كۆرمىگەنلىكتىن،دەرھال ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كۆزىنى تەكشۈرتكەن ئىكەن .
دوختۇرلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە،جۇ ئەپەندىنىڭ سول كۆزى < سەكتە> بولۇپ قالغان بۇلۇپ،بۇ خىل ئەھۋال مېدىتىسىنادا كۆرۈش پەردىسى مەركىزىي ئارتىرىيە تۇمۇرلىرىنىڭ توسۇلۇشى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ،بۇنى بەلكىم ئۇزۇن ۋاقىت يانفونغا تىكىلىپ قاراپ ئويۇن ئوينىغانلىق كەلتۈرۈپ چقارغان بۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.دوختۇرلارنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە،بۇ خىل كۆز كېسەللىكى ئادەتتە ئۇتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ،لېكىن ياشلارمۇ تورمۇش قانۇنىيىتىگە دىققەت قىلىپ بولالماسلىق،ئۇزۇن مەزگىل كېچىسى ئۇخلىماستىن كۆز يېتەرلىك ئارام ئېلىش ۋاقتىغا ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا بۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
نۆۋەتتە،جۇ ئەپەندىنىڭ داۋالاشنى قۇبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە،ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال ئەسلىگە كەلگەن.
قېنى ئويۇنغا ئامىراقلار بۇتىمىنى كۆردىڭىز ئەمدى بولسىمۇ ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ .
|
|