- شەرەپ
- 187
- توردا
- 157 سائەت
- تەڭگە
- 106
- تۆھپە
- 181
- قىزغىنلىق
- 418
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- تېما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1264
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 185
     
- تەڭگە
- 106
- تۆھپە
- 181
- قىزغىنلىق
- 418
- شەرەپ
- 187
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- تېما
- 40
- جۇغلانما
- 1264
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- يازما
- 185
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇرۇڭقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 22:55
فوربېس ژۇرنىلى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ،ئالما شركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ يانفون ۋە ياكى كومپىيوتېر سېستىمىسىنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەلىىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.
1.Elk Cloner ۋىرۇسى
رىچ سىكرېنتا (Rich Skrenta) بىر ئالما كومپىيوتېرىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى كومپىيوتېر ۋىرۇسىنى ياساپ چىققان بولۇپ،1982-يىلى ئۇ كومپىيوتېرنىڭ يۇمشاق دېسكىسى ئارقىلىق ئۇقۇلىدىغان كومپىيوتېر ۋىرۇس پىروگراممىسىنى يېزىپ چىققان.ئۇ بۇ ۋىرۇسقا Elk Cloner دەم نام قويغان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا كومپىيوتېرنىڭ قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچىسى يوق ئىدى.بۇ ۋىرۇس نەچچە ئون مىڭلىغان كومپىيوتېرنى يۇقۇملاندۇرغان بولۇپ،لېكىن بۇ ۋىرسنىڭ كومپىيوتېرلار ئۈچۈن زىيىنى يوق ئىدى.بۇ ۋىرۇس پەقەت يۇقۇملانغۇچى كومپىيوتېرلارنىڭ ئېكرانىدا بىر كۇبلىت شېئىرنى چىقىرىپ قوياتتى خالاس.
2.Leap-A ۋىرۇسى
رىچ سىكرېنتا دۇنيا بويىچە تۇنجى كومپىيوتېر ۋىرۇسى پىروگراممىسىنى يېزىپ چىققاندىن كېيىن،Mac كومپىيوتېرىنىڭ ۋىرۇسى 24 يىلدەك يوقاپ كەتكەن ئىدى.2006-يىلغا كەلگەندە،Leap-A ۋىرۇسى ئالما مەھسۇلاتلىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ مۇنبىرىدە ئاشكارىلانغان Leopard مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ رەسىمىنى ئالما مەھسۇلاتلىرى ئىشلەتكۈچىلىرىگە تارقىتىشنى باشلىغان بولۇپ،بۇ ۋىرۇس ئالما مەھسۇلاتلىرىدىكى iChat ئارقىلىق تارقالغان.ئوخشاشلا،Leap-A ۋىرۇسىمۇ ئوخشاشلا بىر خىل ئۇقۇم ئىسپاتى بولۇپ،ئۇ كومپىيوتېرلار ئۇتتۇرىسىدا تارقىلالىسىمۇ،لېكىن ئۇ كومپىيوتېر ئابونتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىناۋەتلىك ئۇچۇرىنى ئوغرىلىمىغان شۇنداقلا ھېچقانداق يامان غەرەزلىك ھۇجۇملاردىمۇ بولمىغان.
3.iPhone غا يىراق ئارلىقتىن ھۇجۇم قىلىش
2007-يىلى 7-ئايدا iPhone يانفونى بازارغا سېلىنىپ پەقەت بىر ئايلا ۋاقىت بولغاندا،دۇنياغا داڭلىق خاككېر چارلىي مېللېر (Charlie Miller) iPhone يانفونىنىڭ يىراق ئارلىقتىن ھۇجۇم قىلىنىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئىسپاتلىغان.ئۇ شۇ يىللىق قارا شىلەپە يىغىنى (Black Hat Conference) دا ئۆزىنىڭ بۇ بايقىشىنى تۇنۇشتۇرغان بولۇپ،ئۇ ئۆزى بىر تور بەت ياسىغان،iPhone يانفون ئابونتلىرى بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلسىلا يانفونى بۇزۇلىدىغان بولۇپ،ئاندىن بۇ iPhone يانفونى خاككېرلارنىڭ كونتىروللۇقىغا چۈشۈپ قالىدىكەن،بۇ يانفون خاككېرلارنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا ئېلخەت يوللايدىكەن،تور ەت زىيارەت قىلىىدىكەن،ھەتتا يانفوننىڭ مىكروفونىنى ئېچىپ قويىدىكەن.بۇ يىغىندىن بۇرۇن،مېللېر ئالما شىركىتىگە بۇ بىخەتەرلىك يوچۇقىنى ياساش ئۈچۈن ئەسكەرتمە بەرگەن ئىدى.
4.iPhone يانفونىنى تۈرمىدىن قاچۇرغۇچى
ئالما شىركىتى 2007-يىلى iPhone يانفونىنى بازارغا سالغان ۋاقىتتا،جورج خوتىز (George Hotz) تېخى ئارانلا 17 ياشقا كىرگەن ئۆسمۈر بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى T-Mobile شىركىتىدە خىزمەت قىلاتتى.ئۇ 500 سائەتلىك كود يېزىش ھەم ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئىشلىگەنىدىن كېيىن،iPhone يانفونىدىكى تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ بېكىتىلگەن قۇلۇپىنى يېشىپ چىققان.قىسقىغىنا بىر قانچە ئاي ئىچىدە،ئۇ ۋە باشقا پىروگراممىرلار پەقەت يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىقلا iPhone يانفونىنى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىققان بولۇپ،تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كېيىنكى iPhone يانفونىنىڭ نەچچە يۈز خىللاپ ئىشلىتىلىشى بارلىققا كەلگەن.
5.Mac خاككېرلىرى
تۇنجى قېتىم iPhone يانفونىغا ھۇجۇم قوزغاپ 6 ئايدىن كېيىن،چارلىي مېللېر كانادا ۋېنكۇۋائېردىكى CanSecWest بىخەتەرلىك يىغىنىدا پەقەت 2 مىنۇتتىلا ئالما شىركىتىنىڭ يېقىندىلا ئېلان قىلىنغان MacBook Air كومپىيوتېرىغا ھۇجۇم قىلىپ،Pwn2Own خاككېرلار مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە،مېللېر يەنە Pwn2Own مۇسابىقىسىدە MacBook خاتىرە كومپىيوتېرىغا ھۇجۇم قوزغاپ،ئۆزىنىڭ MacBook قا ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدىكى باشلامچىلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.
6.پالەچلەشتۈرۈش تورى
2009-يىلى،تور دۇنياسى كەڭ تارقالغان پارازىت قۇرت ۋىرۇسلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان پەيتتە،ئالما شىركىتى iWork ئىشخانا ئىش بېجىرىش يۇمشاق دېتالىنىڭ بىر خىل ئوغرىلانغان نۇسخىسى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئابونتلىرى ئىچىدە يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالنى كەڭ تارقاتقان بولۇپ،بۇ يۇمشاق دېتال يۇقۇملاندۇرغان كومپىيوتېرىنىڭ كونتىرول قىلىپ،ئۇنى <پالەچلەندۈرۈش تورى> نىڭ بىر قىسمىغا ئ.ايلاندۇرۇپ قويدىكەن.چۈنكى بۇ خىل ھۇجۇم قىلىش ئاپتوماتىك ھالەتتە ئەمەس،ۋە ياكى ئېلخەت تارقىتىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلماي،بەلكى پەقەت ئابونتلار بىر خىل يۇشۇرۇن ھالەتتىكى ھۈججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ھۇجۇم قوزغايدىغان بولغاچقا،شۇڭلاشقا ئۇ ھۇجۇم قىلىدىغان ئابونتلارنىڭ سانى ئۇنچە كۆپ بولمىغان.شۇنداقلا ئۇنىڭ ھۇجۇم قوزغاش مەقسىتىمۇ ئېنىق بولمىغان.
7.iPhone نى كونتىرول قىلىۋېلىش
چارلىي مېللېرنىڭ iPhone يانفونىغا قىلغان تۇنجى ھۇجۇمى شۇنداقلا MacBook كومپىيوتېرلىرىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىنىڭ ھەممىسىلا ئابونتلارنىڭ ۋىرۇس بولغان Web تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى ھەم يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللار بىلەن يۇقۇملىنىشى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.2009-يىلى 7-ئايدا،مېللېر iPhone يانفونىنىڭ يەنىمۇ خەتەرلىك بولغان بىر خىل يوچۇقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،بۇ خىل يوچۇق خاككېرلارنىڭ يېزىقچە ئۇچۇر ئارقىلىق iPhone يانفون ئابونتلىرىنىڭ يانفونىنى كونتىرول قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدىغان بولۇپ،خاككېرلار يانفوننى كونتىرول قىلغاندا،ئابونتلارنىڭ ھېچقداق ھەركىتىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىكەن.بۇ خىل ۋىرۇس ئارقىلىق خاككېرلار باشقىلارنىڭ iPhone يانفونىنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلالايدىغان بولۇپ،بۇ يۇقۇملانغان يانفونلار باشقىلارغا ئاپتوماتىك ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ،تېخىمۇ كۆپ بولغان يانفونلارغا ۋىرۇس تارقاتقان.مېللېر يەنە قارا شىلەپە يىغىنىدا iPhone يانفونىنىڭ بۇ يوچۇقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن،ئالما شىركىتى ئەتىسى بۇ يوچۇقنى ياساپ چىققان.
8.Ikee Worm ۋىرۇسى
بىرىنچى تۈركۈمدىكى پارازىت قۇرت ۋىرۇسلىرى iPhone يانفونىغا ھۇجۇم قىلغاندا،ئۇلار مېلللېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئوخشاش غەلىتە ئۇسۇلدا ھۇجۇم قىلمىغان ئىدى.ئەكسىچە،بۇ خىل ۋىرۇسلار پەقەتلا قۇلۇپ سېلىنمىغان iPhone يانفونلىرىغلا ھۇجۇم قىلغان .Ikee ۋىرۇسى ئايفون يانفونى ئابونتلىرىنىڭ يانفونىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى داڭلىق ناخشىچى-رىك ئاستلېينىڭ باش سۈرىتىگە ئۆزگەرتىپ قويىدىغان بولۇپ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يانفونىنىڭ ئېكرانىدا:< ikee ۋىرۇسى سىزدىن بىر ئۆمۈر ۋاز كەچمەيدۇ> دەيدىغان ئۇچۇرنى كۆرسەتكەن.بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق بولۇپ،پەقەتلا يانفون ئابونتلىرىنىڭ YouTube دىكى بەزى مودا مۇزىكىلارنى چېكىشى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
9.JailbreakMe
2010-يىلى،Comex ئىسىملىك بىر خاككېر iPhone ۋە iPad نىڭ تۈرمىدىن قېچىش قورالى-JailbreakMe 2 نى ئېلان قىلغان بولۇپ،بۇ خىل قورال ھەر قانداق ئادەمنىڭ JailbreakMe.com تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن ھەم نەچچە سىكۇنت ئچىدىلا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سولىقىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن.بۇ خىل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى iOS مەشغۇلات سستىمىسىدىكى ئېغىر بولغان بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ،ئالما شىركىتىنى 10 كۈندە بۇ يوچۇقلارنى ياساپ چىققان ھەم ئۇنىڭغا قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانغان.لېكىن،Comex بۇ يىل 7-ئايدا يەنە JailbreakMe 3 نى ئېلان قىلىپ،ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇم باشلىغان.فوربېس ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە،Comex ئىسىملىك بۇ خاككېر ئەمەلىيەتتە بولسا نىكولاس ئېلورگا (Nicholas Allegra) ئىسىملىك 19 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئىكەن.
10.Flashback
-يىلنىڭ باشلىرىدا،Flashback ناملىق مۇما مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،شۇنىڭ بىلەن ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللار ئۆزىنىڭ ئالتۇن پەسلىنى كۈتۈۋالغان.ئالما شىركىتى 2 ئاي ۋاقى سەرپ قىلىپ،Java نى يېڭىلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا،تور جىنايەتچىلىرى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،كۆرۈنمەس مۇما ۋىرۇسى-Flashback ئارقىلىق،ئالما مەھسۇلاتلىرى ئابونتلىرى يامان غەرەزلىك WordPress بىلوگ تور بېتىنى زىيارەت قىلغاندا،ئۇلارنىڭ كومپىيوتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىۋالغان.بۇ خى ۋىرۇس ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا،700 مىڭدىن ئارتۇق Mac كومپىيوتېرلىرى Flashback ۋىرۇسى تەرىپىدىن كونتىرول قىلىۋېلىنغان بولۇپ،بۇ غايەت زور پالەچلەندۈرۈش تورىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
رەسىمنى رەت تەرتىۋى بىلەن يوللىسام يەنە مۇشۇنداق چىقىۋاپتۇ ، بىرىنجى رەسىم بىرىنجى مۇندەرىجىنىڭ قالغىنىنى قىلالمىدىم ،
مەنبە نۇر تورى
|
|