- شەرەپ
- 188
- توردا
- 158 سائەت
- تەڭگە
- 107
- تۆھپە
- 182
- قىزغىنلىق
- 420
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-7
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- تېما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1270
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 185
     
- تەڭگە
- 107
- تۆھپە
- 182
- قىزغىنلىق
- 420
- شەرەپ
- 188
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-7
- تېما
- 40
- جۇغلانما
- 1270
- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- يازما
- 185
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇرۇڭقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 21:20
ئايفون مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان،ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش ئاسان ۋە ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ قالدى، كىيىن، گۇگېل شىركىتىنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا ئەگىشىپ، ئالما ۋە ئاندىرويىد ئۆز-ئارا كەسكىن رىقابەتكە چۈشتى.نۆۋەتتە، بۇ ئىككى خىل يانفون سىستېمىسى پۈتكۈل ئەقلىي يانفون ساھەسىنى مونوپۇل قىلىۋالدى.ئۇنداقتا، ئاندىرويىد ۋە ئالما يانفونى ئىچىدە زادى قايسىسى ياخشى؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى قىسقىچە سېلىشتۇرۇشقا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.
مەھسۇلات تىپى جەھەتتە
ئالما يانفونلىرىنىڭ تىپى بىر قەدەر ئاددىي، پەقەت ئالمىدىن ئىبارەت بىرلا شىركەت ئىشلەپچىقارغاچقا، بىر مەزگىلدە ئاساسەن بىر-ئىككى خىل مەھسۇلات مودا بولىدۇ، ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى، شۇنداقلا يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئاستا.
ئاندىرويىد سىستېمىسى بولسا ئېچىۋىتىلگەن سسىتېما، سامسۇڭ، خوڭدا، موتورولا، شىياۋمى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى بەس-بەس بىلەن ئاندىرويىد يانفونلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ.بۇ يانفونلارنىڭ سىستېمىسى ئوخشاش بولغان بىلەن، نەشىر نۇسخىسى، كۆرۈنمە يۈزى قاتارلىق جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى قوغلاشقان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ تاللىشى كۆپ بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئايفونغا قارىغاندا تۆۋەن. كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ تۇرۇپ سېتىۋالسا بولىدۇ.
بىراق، باھاسى تۆۋەن بولغان بىلەن، ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ئىشلەتكەندىكى تۇيغۇسى ئايفونغا يەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتتە ئايفونغا يېتىشىپ قالىدىغان يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاندىرويىد يانفونلىرىمۇ بار، بىراق، بۇلارنىڭ باھاسىمۇ ئايفونغا تەڭلىشىپ قالىدۇ.
باتارىيە چىدامچانلىقى جەھەتتە
باتارىيە چىدامچانلىقى جەھەتتىن قارىغاندا، كۆپ قىسىم چوڭ ئىكرانلىق ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ باتارىيىسى پەقەت 1 كۈن ئىشلىتىشكە يىتىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ئايفوندىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يانفون ئىكرانى باتارىيە سەرپىياتىنى دېگەندەك توغرا كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئايفون بولسا بۇ جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئايفوننىڭ يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال لايىھەسى يۇقىرى دەرىجىدە ماسلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئالما يانفونى توك تېجەپلا قالماستىن، بەلكى ئىجرا بولۇش سۈرئىتى تېز.ئەكسىچە، ئاندىرويىد يانفونلىرى باتارىيە چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەجىمى چوڭ باتارىيە ئىشلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، يانفون گەۋدىسىمۇ بارغانسېرى چوڭ بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.
ئىشلەتكەن ۋاقىتتىكى تۇيغۇ جەھەتتە
ئالما سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ھەربىر ئىنچىكە نۇقتىغىچە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەچكە، لايىھەلىنىشى جەھەتتە يۈكسەك لىككە يەتكەن دىيىشكە بولىدۇ. ئالما شىركىتىمۇ ھەريىلى يېڭى سىستېما نەشىرىنى ئېلان قىلىپ، ئىشلىتىش تۇيغۇسىنى بارغانسېرى ئەلالاشتۇرىۋاتىدۇ.
ئاندىرويىد سىستېمىسى بولسا قىسقا ئۇچۇر كۆرسىتىش، كۆرۈنمە يۈز، تېلفون دەپتېرى ۋە ھۆججەت باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى كەمچىلىكلەردىن خالىي بولالمىغان.بىراق، ئالما سىستېمىسى يىپىق سىستېما بولغاچقا، يەرلىكلەشتۈرۈلگەندىن كىيىن ئىقتىدار جەھەتتە بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ، ئەمما ئاندىرويىد سىستېمىسى نۇمۇر تەۋەلىكىنى كۆرسىتىش، قارا تېزىملىك ۋە خەنزۇچە كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە.ئەلۋەتتە، ئالما سىستېمىسى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن، يۇقارقى مەسىلىلەرنى يەنىلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئەپ دۇكىنى ۋە سۈپىتى جەھەتتە
نۆۋەتتىكى ئانىدىرويىد ئەپ دۇكىنى ئاجايىپ قالايمىقان، ئىچىدىن چۈشۈرگەن مودا ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز، بىر دۆۋە ئېلانلار ئارىسىدا قالىسىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەپ دۇكانلىرى تېخى قىلىپلاشمىغان.
ئەمدى چۈشۈرگەن ئەپنىڭ سۈپىتىگە كەلسەك، ئاندىرويىد ئەپلىرى ساماندەك بولغان بىلەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي نادىر ئەپلەرنىڭ تايىنى يوق. ئالما سىستېمىسى ئەپلىرى سان جەھەتتىن ئۇنچە كۆپ ئەمەس، بىراق، سىز ئالما يانفونىڭىزغا چۈشۈرگەن ئەپلەرنىڭ سۈپىتىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئالما شىركىتى ئەپ دۇكىنىنى ئىنتايىن قاتتىق باشقۇرىدۇ، سۈپىتى ناچار ياكى يامان نىيەتلىك ئەپلەر ئاساسەن تەستىقلانمايدۇ.
ئويۇن ئويناش ئىقتىدارى جەھەتتە
گەرچە يىقىندىن بۇيان ئاندىرويىد بازىرى ھەرقايسى جەھەتلەردىن كۆپ ئىلگىرلىگەن بولسىمۇ، بىراق، ئويۇن ئەپلىرىنىڭ سۈپىتى ئايفوننىڭكىگە ھەرگىز يەتمەيدۇ.بۇنى ئويۇن ئاچقۇچىلارنىڭ ئۆزىمۇ ئتىراپ قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاندىرويىد سىستېمىسىدا بارلىققا كەلگەن چوڭ ئويۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى يىلى ئالما سىستېمىسىدا ئوينالغان ئويۇنلاردۇر.
مۇقىملىقى جەھەتتە
ئاندىرويىد سىستېمىسى مەلۇم بىر ئەپنى ئىجرا قىلغاندىن كىيىن ياكى قىلىش جەريانىدا ئاسانلا قېتىۋىلىش ياكى ئېچىلماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، يەنى قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ماس كەلمەسلىكىدۇر.چۈنكى، ئالدى بىلەن ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ نەشىرى كۆپ خىل، ئۇنىڭدىن قالسا يانفون تىپىمۇ ھەرخىل، بۇ ئەپ ئاچقۇچىلارغا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. بىراق، ئايفوندا ئاساسەن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
سىستېما يېڭىلاش جەھەتتە
ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئايفون بولسا، ئۇنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاش ئىنتايىن ئاسان، بىراق، ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاش سەل ئاۋارىچىلىق، چۈنكى يانفون ئىشلەپچىقارغان كارخانىلار بىلەن گۇگېل ئوتتۇرىسىدا ماس قەدەمدە مېڭىش ئىشقا ئاشمىغان.
ئومومەن ئېيتقاندا، يېڭى مەھسۇلات ئوتتۇرىغا چىقىرىش جەھەتتە ئالما ئاندىرويىدنىڭ كەينىدە تۇرسىمۇ، بىراق، ئايفون نۆۋەتتە ئابونتلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شۇنداقلا ئىشلىتىش تۇيغۇسى ئەڭ ياخشى يانفون بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئۇ سىستېمىسنىڭ مۇقىملىقى ۋە قولايلىقى جەھەتتىن يەنىلا ئاندىرويىدنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ باھاسى قىممەت بولسىمۇ، بىراق، سىستېما يېڭىلاشنىڭ قولايلىق بولۇشى ئۇنىڭ دەۋىر سۈرۈش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزارتىدۇ.
مەنبە نۇر تورى
|
|