128GB لىق iPad 4 سېتىلىشقا باشلىدى
ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئالما شىركىتى ئالدىنقى ھەپتە 4-ئەۋلاد iPad نىڭ 128GB لىق نۇسقىسىنىمۇ بازارغا سالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن ئىدى . مانا تۆنۈگۈن ، يەنى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ توردىكى Apple Store دا 128GB لىق iPad 4 مۇ سېتىلىشقا باشلىدى .
جۇڭگو تەۋەسىدىكى Apple Store غا ئاساسلانغاندا ، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 128GB لىق iPad 4 نىڭ باھالىرى بولسا : WLAN نەشىرى 6088 خەلق پۇلى ، WLAN + Cellular نەشىرى ( 3G نەشىرى ) 7088 خەلق پۇلى ئىكەن .
بەلكىم ئويلاپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، 128GB لىق سىغىمدىكى iPad 4 گە قانچىلىك نەرسە قاچىلىغىلى بولىدۇ ؟ قېنى ئەمسە تۆۋەندىكى جەدۋەلنى كۆرۈپ باقايلى :
رەسىم 56998 پارچە ، ناخشا 18639 دانە ، ئويۇن 2185 دانە ، سۈزۈك سىن 85 قىسىم ، ئالاھىدە سۈزۈك سىن 32 قىسىم .
ئەگەر 128GB لىق iPad 4 نى سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز ، جۇڭگو تەۋەسىدىكى توردىكى Apple Store دۇككىنىغا كىرىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ ، مال سېلىش ۋاقتى 1 كۈندىن 3 كۈنگىچە ئىكەن.
مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلانلارنى چېكىپ قويۇڭ . كۆپ رەھمەت!
|