- شەرەپ
- 294
- توردا
- 90 سائەت
- تەڭگە
- 294
- تۆھپە
- 314
- قىزغىنلىق
- 747
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-6
- تىزىملاتقان
- 2011-12-9
- تېما
- 24
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 2070
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 122
     
- تەڭگە
- 294
- تۆھپە
- 314
- قىزغىنلىق
- 747
- شەرەپ
- 294
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-6
- تېما
- 24
- جۇغلانما
- 2070
- تىزىملاتقان
- 2011-12-9
- يازما
- 122
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uzboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-6 13:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، مەن تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن بىرىنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپتىمەن، ئاندىن قىلغان ئىشىم Kuaidial نى قاچىلاش بولدى، لېكىن بۇ Kuaidial تېخى iOS6 گە ماس كەلمەيدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن بىر دوستۇمنىڭ 360 نى قاچىلىغانلىقى يادىمغا كېلىپ، قاچىلاپ باقتىم ۋە شۇنداق رازى بوپ قالدىم ، بۇ 360 نىڭ كەسپى نۇسقىسىنىڭ ئىقتىدارى بەك كۆپكەن.
ئالدى بىلەن قاچىلاش ئۇسۇلىنى سۆزلىگەچ تۇراي، بىر تەرەپتىن قاچىلىغاچ ئىقتىدارلىرىنى چۈشىنەرسىلەر.
يانفۇنىڭىزدا http://shouji.360.cn نى زىيارەت قىلىپ 一键安装 نى بىسىڭ ، Cydia قوزغىلىدۇ ۋە 360 نىڭ قاچىلاش بېتى ئېچىلىدۇ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 安装 نى بىسىپلا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى:
1. كەلگەن ۋە ئۇرۇلغان تېلېفوننىڭ رايون تەۋەلىكىنى كۆرسىتىش ۋە تېلېفون ئۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئالاقىداشلار تىزىملىكى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېلېفون ئۇرۇش قولايلاشتۇرۇلغان.
2. مەخپى نومۇر سېلىپ ئايرىم قىسقا ئۇچۇرلارنى، رەسىم ۋە باشقا نەرسىلەرنى ساقلاپ قويغىلى بولىدۇ، ھەم ھەرقانداق ئەپ ۋە تېلېفوننىڭ ئۆزىدە بار پروگراممىلارغا(مەسىلەن رەسىم، كامىرا ياكى 微信 دېگەندەك ئەپلەرگە) مەخپى نومۇر ئورنىتىپ قويغىلى بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارلارنى بىز بۇرۇن ئايرىم ئەپ ۋە قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ ئەمەلگە ئاشۇراتتۇق.
3. كەينى سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەرنى تىز سۈرئەتتە ئۆچۈرگىلى بولىدۇ ۋە 通知中心 (يەنى ئۈستىدىن پەسكە سىيرىغاندا چىقىدىغان يەر) گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ(تىزلەتمە كونۇپكىلار قوشۇلۇپ) كۆپ قولايلاشتۇرۇلغان. بۇلارنىمۇ بۇرۇن ئايرىم قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ ئەمەلگە ئاشۇراتتۇق.
4. تېلېفوننىڭ ئوغىرلىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى، بۇنىڭدا SIM كارتا ئالماشقاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن نومۇرغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ كېيىن سېلىنغان نومۇرنى ۋە ئورنىنى مەلۇم قىلىش، يىراقتىن بۇيرۇق بېرىش ئارقىلىق تېلېفوننىڭ ھازىرقى ئورنىنى بىلىش، قۇلۇپ سېلىش، ئاۋاز چىقىرىپ سايرىتىش ، ئوغرىنى رەسىمگە تارتقۇزۇپ يوللىتىش، تېلېفوندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. بۇنىمۇ بۇرۇن ئايرىم قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ ئەمەلگە ئاشۇراتتۇق.
بۇلاردىن باشقا يەنە تېلېفوننىڭ سۈرئىتىنى تىزلىتىش، تور ئېقىم مىقدارىنى كونترول قىلىش، توك تىجەش، ئاۋارە قىلىدىغان ئۇچۇر- تېلېفونلارنى چەكلەش، تېلېفوندىكى ئوشۇق نەرسىلەرنى تازىلاش، ئېقىم مىقدارى تىجەش، موھىم ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش قاتارلىق بەك كۆپ ئىقتىدارلىرى بار ئىكەن.
مەنمۇ تېخى كۆپ سىناپ باقمىدىم، ئىشقىلىپ بۇنى قاچىلىۋالسىڭىز، تۈرمىدىن قاچۇرغاندەك ھىس قىلىدىكەنسىز... |
|