- شەرەپ
- 672
- توردا
- 203 سائەت
- تەڭگە
- 755
- تۆھپە
- 780
- قىزغىنلىق
- 701
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-16
- تىزىملاتقان
- 2011-12-10
- تېما
- 30
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 4015
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 430
     
- تەڭگە
- 755
- تۆھپە
- 780
- قىزغىنلىق
- 701
- شەرەپ
- 672
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-16
- تېما
- 30
- جۇغلانما
- 4015
- تىزىملاتقان
- 2011-12-10
- يازما
- 430
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، ھەممىڭلارغا ئاتاماندىن ئوتلۇق سالام !
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى: پېقىر تېخى يېقىندىلا ئايفون ساھەسىگە قەدەم باسقان بولساممۇ ، بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ( ئۇستىلاردىن ) سوراش، سىناش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خېلى بىلىملىك بولۇپ قالدىم. ( بۇ يەردە بىزنىڭ مۇشۇنداق كۆپ بىلىملەرنى ئىگەللىشىمىزگە سەۋەپ بولغان خالاستان بلوگى ۋە نەزەرىگە؛ پاسىبان كۇلۇبى ۋە پاسىبان ئەپەندىگە؛ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى ۋە قۇرغۇچىلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ! ! !)
شۇڭا ئۆزۈممۇ ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش دىگەن قائىدە بويىچە بىلگەنلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولۇۋاتىمەن.
تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلارغا تەۋسىيە :
1. ئەڭ ئاۋال تونۇشتۇرىدىغىنىم ئەلۋەتتە مۇقەددەس كىتابىمىز بولغان قۇرئان كەرىم. app store دا ھەقسىز تارقىلىتغان قۇرئاننىڭ تۈرلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، مىنىڭ ئىشلىتىپ باققانلىرىم تۆۋەندىكىچە:
1. al mushaf
2. QuranMajeed
3. myQuran
4. Quran Hak
5. Quran Tafsir
2. قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا بىزلەرگە ئەڭ لازىملىقى پەيغەمبەر سۈننىتى (ھەدىس) ، بۇ يەردە ھەدىس app تىن بىرنىلا تونۇشتۇراي, چۈنكى مۇشۇ بىر app ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان 6 كىتاپنى (بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئىي، ئىبنى ماجە) ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئىسمى : Hadeeth pro
3. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى، ناماز ۋاقتى، قىبلىنى كۆرسىتىش، زىكرى - تەسبىھ ، ئىسلام كالېندارى . . . قاتارلىقلار:
1. 99 names of ALLAH
2. iPray
3. Islamic , Find Qibla , Find Mecce
4. Islamic Dhikr , iSubha
5. Islamic calendar
4. كېرەكلىك دېتاللار :
1. siriنىڭ ئىقتىدارىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەگەر siri بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك ؟
A: ئەلۋەتتە vlingo نى ئىشلىتىمىز دە !
B: بۇيرۇقنى قانداق بېرەمىز ؟
A: ئاۋۋال باسىمىز، ئاندىن سۆزلەيمىز !
B: نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش باكەن ؟
A: دەۋر ئالماشتى ! ! !
2. Speed Test ئىسمىدىنلاچىقىپ تۇرىدۇ، بۇ دېتال ئارقىلى تور سۈرئىتىنى ( تورغا ماتېرىيال چىقىرىش ۋە ماتېرىيال چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى ) بىلگىلى بولىدۇ.
3. flash drive بۇ دېتال ئارقىلىق كومپىيۇتېردىكى ماتېرىياللارنى ئايفونغا (سىمسىز ھالەتتە) تېز سۈئەتتە يوللىغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ.
4. iLlumination بۇ دېتال ئارقىلىق ئايفون كامېراسىنىڭ چىرىقىنى يېقىپ قولچىراق ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. (بۇنداق app لەر كۆپ بولسىمۇ بۇ ئالاھىدىرەككەن)
5. viber , tanggo گەرچە بۇلار ئىككى دېتال بولسىمۇ، لىكىن ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ قالىدۇ. بۇ قاچىلانغان ئايفونلار ( تور بولسىلا ) ئۆز ئارا ھەقسىز ئاۋازلىق ۋە كامېرالىق پاراڭلىشالايدۇ. (تەۋسىيە قىلىشىمدىكى سەۋەپ بۇلار تور ئېقىم مىقدارىنى بەك ئاز ئىسراپ قىلىدىكەن).
6. mobilevoip بىزدەك چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن تېلفون ئالاقىسى قىلىشتا كۆپىنچىمىز دىگۈدەك nonoh, webcall, freecall, voipdiscount, freevoip . . . . . قاتارلىق ئەرزان باھالىق تور تېلفونلىرىنى ئىشلىتىمىز، بۇ مۇشۇ خىل voip تىپىدىكى دېتاللارنى ئۆز ئارا باغلاش رولىنى ئۆتەيدىغان قولايلىق دېتال بولۇپ، قاچىلىغاندىن كىيىن ئۈچ ، تۆت يۈز خىلدىن ئاشىدىغان تور تېلفونىدىكى ھېساۋات قالدۇق سوممىڭىزنى مۇشۇ بىر دېتالدىلا ئىشلىتەلەيسىز.
5. كۆڭۈل ئېچىش دېتاللىرى :
1. islash
2. ibasket free
3. ichess
4. ARSoccer
5. Fruit Ninja
6. temple run
( قىسمەن دېتاللار ئەسلىدىنلا ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەقلىق بولۇشى مۇمكىن )
تۈرمىدىن قاچۇرغانلارغا تەۋسىيە:
1. ئۇيغۇرچە فونت بۇنى قاچىلىساق ئۇيغۇرچە خەتلەر ئىنتايىن چىرايلىق چىقىدۇ. ( پاسىبان كۇلۇبىدا فونت ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى بار )
2. winterboard ئۇيغۇچە كىرگۈزگۈچ ۋە باشقا ئىقتىدارلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ( كەمچىلىكى ئۈسكۈنىدە ئازراق قېتىۋېلىش كۆرۈلىدۇ، توكنى بەك خورىتىدۇ)
3. SBSettings بۇ ئىنتايىن قولايلىق ئارقا سۇپا دېتالى بولۇپ، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا 3G ، ئايرۇپىلان ھالىتى، كۆك چىش ، ئېكران يورۇقلىقى ، تور ، ئورۇن بەلگىلەش ، سىمسىز تور . . . . قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوزغىتىش، تاقاش ۋە ئۈستەل يۈزىدىكى ئايكونلارنى يوشۇرۇش . . . قاتارلىق كۆپلىگەن ئىقتىدارغا ئىگە.
4. Activator قايتىش كۇنۇپكىسى، مەنبە كۇنۇپكىسى، ئاۋاز كۇنۇپكىسى قاتارلىقلارغا ۋە سائەتنى قوش چىكىش، ئاز مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش، پەسكە سىيرىش شۇنداقلا ئايفوننى سىلكىش قاتارلىقلارغا ھەرخىل app لەرنى قوزغىتىش، ئارقا سۇپىدا ئىجرا قىلىش، ئۈسكۈنىنى ئۇخلىتىش ۋە ئويغىتىش . . . . . قاتارلىق ئىقتىدارلانى تەڭشەپ قويغىلى بولىدۇ. ( مەن ئەڭ رازى بولغان app لەرنىڭ بىرى )
5. kuaidial كەلگەن تېلفون رايون نۇمۇرىنى كۆرسىتىش، تېلفون خاتىرىسىنىڭ يېنىغا ئالاچىلاشقۇچىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىش، قارا تىزىملىك، كۇنۇپكا تاختىسىدىن ماس قەدەمدە ( سان ۋە ھەرپ بويىچە ) ئىزدەش . . . . . قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدارغا ئىگە قوللىنىشچان app .
6. Lockdown Pro ھەر بىر دېتالغا ئايرىم - ئايرىم مەخپى نۇمۇر سالغىلى بولىدۇ، بۇ دېتالغا ھەممەيلەن بەك ئېھتىياجلىققۇ دەيمەن ؟ (ئەگەر قىسقا ئۇچۇرغىلا مەخپى نۇمۇر سالماقچى بولساق مەن Beyond SMS نى تەۋسىيە قىلىمەن. كاساپەت ئايفوننىڭ سىتېمىسىغا ماسلىشىپلا كېتىدىكەن ئەمەسمۇ ؟)
7. SBRotaytor ئايفوننىڭ ئېكران يۈزىنى ئايپەدنىڭكىدەك (تۆت يۆلىنىشكە) 360 گرادۇس ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
8. IconRenamer ئىسمىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرخىل ئايكونلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
9. Mywi بۇ app ئارقىلىق ئايفوندىكى تورنى Wi Fi قىلىپ تارقىتىپ كۆپ ئۈسكۈنىدە تورغا چىققىلى بولىدۇ. ( بۇنىڭدەك app تىن يەنە TetherMe مۇ بار )
10. Remove Background SBSettings بۇ دېتالنى بىرلا چىكىش بىلەن ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان بارلىق app لەرنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ.
مەنغۇ ئېرىنمەي پۈتۈن بىر تېما يازدىم، قېنى ئوقۇرمەنلەر ئېرىنمەي ئىككى قۇر ئىنكاس يازالامدۇ يوق ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاتامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-12 06:48
|
|