قۇلۇپلىق iPhone نى iOS5 لەردە كارتىسىز ئاكتىپلاش ئۇسۇلى
بىز ھازىرقى iPhone لارنى مەيلى قايسى سېستىما دەرىجىسىنى يېزىشتىن قەتئىي نەزەر، سېستىما يېڭىلاپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم بىر ئاكتىپلاشقا توغرا كېلىدۇ ، يەنى 激活 دەپ قويىدۇ. ئەگەر يانفون چوڭ قۇرۇقلۇق ياكى شىياڭگاڭ نەشىرى بولسا ، ھەرقانداق كارتا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پەقەت iTunes غا بىر ئۇلىۋەتسەكلا يانفون ئېچىلىدۇ . بىراق قۇلۇپلۇق iPhone بولسا ئۇنداق ئاددى ئەمەس ، پەقەت يانفوننىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقىرىش دۆلەتنىڭ 运营商 كارتىسى بولغاندىلا نورمال ئاچالايمىز ، بولمىسا iOS 5 سېستىمىنى يېزىپ بولۇپ تۆۋەندىكىدەك ئېكراننى ئۇچرىتىمىز . بەزەن قۇلۇپلۇق iPhone ئىشىلىتىۋاتقان دوستلار بۇنداق كارتىنى ئېلىپ بولغان بولىشى مۇمكىن ، لېكىن ئىشىنىمەن يەنە جىق دوستلىرىمىز بۇنداق كارتىنى تېخى كۆرۈپمۇ باقمىغان .


بۈگۈن قۇلۇپلۇق iPhone ئىشىلىتىۋاتقان ھەم تېخى ئەسلى دۆلەت كارتىسى يوق دوستلارغا بۇنداق ئاۋارىچىلىقنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويۇش مەسىتىدە بۇ يازمىنى يازدىم . كارتىسىز ئاكتىپلاشنى بىز ئاكتىپلاشدىن قېچىش دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ ، پىرىنسىپى بولسا يانفون ئىچىدىكى ئاكتىپلاش ئۈچۈن يېزىلغان ھۆججەتلەرگە بىراز ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئاكتىپلاش مەقسىتىگە يېتىش . قانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزىمىز ؟ ئەنسىرىمەڭ ، بۇنى مەن تەييار قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويدۇم ، سىز پەقەت تۆۋەندىكى مېنىڭ دېگۈنۈم بويىچە قىلسىڭىزلا بولىدۇ .
1. تۈرمىدىن قاچۇرۇش لازىمدۇر . ھەممىمىزگە ئېنىق ، ھۆججەت سېستىمىغا قول سېلىش ئۈچۈن چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرتدۇر . 2. مەن تەمىنلىگەن ماۋۇ ئۆزگەرتىپ قويغان ھۆججەت خالتىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ . ئادېرىسى : چۈشۈرۈش 3.تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، iFunbox ياكى iTools ئارقىلىق /var/root/Library/ بۇ مۇندەرىجە ئىچىگە كىرىپ lockdown دىگەن ھۆججەت خالتىسىنى يۇيۇۋېتىڭ . ئاندىن 2-قەدەمدىكى مەن تەمىنلىگەن rar خالتىسىنى يېشىپ مۇشۇ مۇندەرىجە ئىچىگە ئەكىرىپ قويۇڭ . 4. كومپىيوتېرىڭىزنى ئېچىپ ، C:\ProgramData\Apple ماۋۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى lockdown دىگەن ھۆججەت خالتىسىنى يۇيۇۋېتىڭ . 5. iPhone نى قايتا قوزغىتىڭ .
تاماملاندى ، ئەمدى iPhone ڭىزنى كارتىسىز ئاكتىپلاندۇرۇۋالدىڭىز . بۇ ئۇسۇل iOS 5 دە سىناقتىن ئۆتتى ، iOS 3 ۋە iOS 4 دە سىناپ باقمىدىم ، لېكىن نەزىرىيەتتە ماھىيىتى ئوخشاش دەپ قارايمەن ، سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ . يەنە باشقا سوئاللار بولسىمۇ ماڭا خەت قالدۇرۇپ سورىساڭلار بولىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-17 07:06
|