- شەرەپ
- 1884
- توردا
- 495 سائەت
- تەڭگە
- 2500
- تۆھپە
- 2957
- قىزغىنلىق
- 12299
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 135
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 17145
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1553
      
- تەڭگە
- 2500
- تۆھپە
- 2957
- قىزغىنلىق
- 12299
- شەرەپ
- 1884
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تېما
- 135
- جۇغلانما
- 17145
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1553
|
ئارتۇق گەپنى قويۇپ رەسىمگىلا قارىساڭلار تېمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن تورداشلار بىلەلەيدۇ. بۇ تېمىدا تونۇشتۇرىدىغىنىمىز سىگنال چىقىدىغان جايدىكى 中国移动 ياكى 中国联通 دېگەن خەتنى ئۆزىمىز خالىغان رەسىمگە ئالماشتۇرىۋالىدىغان ھۈنەر. رەسىمدىكىدەك:
بۇنى ھەل قىلىش تولىمۇ ئاسان بولۇپ، خەن يولداشلار بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس كىچىك بىر قورال ياساپ چىقىپتۇ. بۇ قورالنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
چۈشۈرۈپ ئاچقاندىن كىيىن بۇنداق كۆزنەكنى كۆرىسىز. ئايفوننى كومپىيۇتېرغا چېتىپ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسىڭىز 中国联通 دېگەن تۈرنى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسىڭىز 中国移动 دېگەن تۈرنى تاللاڭ. شىركەت تۈرىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن 写入 نى بىر قېتىم بېسىڭ. ئاندىن مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغانلىق ئۇچۇرى كۆرىنىدۇ. (ئەگەر تېلېفوندىكىسى ئۆزگەرمىسە ئۆچۈرۈپ قايتا ئېچىڭ).
ئەگەر سىز كۆرۈنگەن ئاۋۇ Wo دېگەن رەسىمنى ياقتۇرمىسىڭىز ئۆزىڭىز 140*40 لىق ئاستى رەڭگى يوق PNG رەسىم لايىھەلىۋېلىپ شۇنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تۆۋەندە بىرقانچە تال قوشۇمچە تەمىنلىدىم. شۇلار ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە ياققىنىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
باشتىكى قىستۇرما رەسىمدىكى Ferrari نى ئۆزۈم ئۆزگەرتكەن ئىدىم. ياققانلار بۇ يەردىن چۈشۈرىۋېلىپ ئالماشتۇرىۋېلىڭلار.
ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئاددىي قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي. تەمىنلەنگەن رەسىملەر ئىچىدە Default_CARRIER_运营商@2x.png ۋە FSO_CARRIER_运营商@2x.png دەپ ئىككى تال رەسىمنى كۆرىسىز. سىز بايىقى قورالنى قايتا ئېچىپ Default نى بېسىپ ئۆزگەرتمەكچى بولغان رەسىم مۇندەرىجىسىدىكى Default_CARRIER_运营商@2x.png ئىسىملىك رەسىم ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. ئاندىن FSO نى بېسىپ FSO_CARRIER_运营商@2x.png ئىسىملىك ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. TS نى بېسىپ ئوخشاشلا FSO_CARRIER_运营商@2x.png ئىسىملىك ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. ھەر 3 رەسىم ئۆزگىرەپ تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
سىز ئەمدى 写入 نى بېسىۋەتسىڭىز يېزىلغانلىق ئۇچۇرى كۆرىنىدۇ.
ئايفوننى بىر قېتىم ئۆچۈرۈپ قايتا ئاچسىڭىز يېڭى رەسىم كۆرىنىدۇ. |
|