جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 726 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 11169|ئىنكاس: 28

ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5 گە ئائىت بىلىملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 00:11:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5 گە ئائىت بىلىم




  ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، پاسىباندىكى تورداشلار ياخشىمۇسىلەر . بۈگۈن مۇنبەردىكى تورداشلارغا ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5 توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەي . بۇ تېما يېقىندا دوستلارنىڭ دېققىتىنى ناھايىتى جەلىپ قىلغان بولسا كېرەك ، مەيلى QQ دا بولسۇن مەيلى مۇنبەردە بولسۇن كۈندە دوستلىرىمىز مۇشۇ توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ كېلىۋاتىدۇ . شۇڭا ، مۇشۇ توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ بىلىدىغىنىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىيىتىغا كەلدىم ( ئەگەر بەزى مەزمۇنلار خاتا بولۇپ قالغان بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر ) .



ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5 لەرنىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرى توغرىسىدا :  
  ئاتالمىش ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5  دېگىنىمىز ئامېرىكا دۆلەت تەۋەسىدە سېتىلىدىغان iPhone 5 لەرنى كۆرسىتىدۇ . بەلكىم بەزى دوستلىرىمىز سورىشى مۇمكىن : نېمىشقا باشقا دۆلەت ئەمەس بۇ ئامېرىكا نەشىرىنى تاللاپ سۆزلەپ قالدىڭىز دەپ ، چۈنكى ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone لار بىرقانچە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .بىرىنجىدىن ، Apple شىركىتى ئامىرىكىنىڭ چوڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغاچ ، ھەرقايسى ئەۋلاد iPhone لار بىرىنجى بولۇپ ئامېرىكىدا سېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ ، يەنى ئەڭ دەسلەپكى تۈركۈم مال بولىشىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، بىزگە ئوخشاش ئالما مەستانىلىرى بالدۇرراق iPhone نىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەكچى بولساق مۇشۇ نەشىردىكى iPhone لارنى بىرىنجى بولۇپ ئويلىشىمىز ، باھاسى جەھەتتىنمۇ ئەرزانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ .
  ئىككىنجىدىن ، ئامېرىكىدا ئۇچۇر-ئالاقە تىجارەتچى كارخانىلىرى باشقا دۆلەتكە سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر كۆپ . مەسىلەن ئەڭ دەسلەپ Apple شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان AT&T شىركىتى ۋە يېقىندىن بۇيان Apple شىركىتى بىلەن  GSM , WCDMA ۋاستىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان Sprint شىركىتى بىلەن Verizon شىركىتى دېگەندەك . ئۇچۇر-ئالاقە تىجارەتچى كارخانىلىرىنىڭ كۆپ بولىشى iPhone نەشىرىنىڭمۇ كۆپ بولىشىدەك سەۋەبنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .  مۇشۇ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن ، ھازىرقى بازاردا سېتىلىۋاتقان ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5 لار سېتىلىش شەكلى جەھەتتىن ئوخشىمىغان 3 چوڭ خىلغا بۆلىنىدۇ :


1. توختاملىق iPhone 5 (قۇلۇپلۇق iPhone 5)
  توختاملىق iPhone 5 دېگىنىمىز قۇلۇپلۇق iPhone 5 بولۇپ ، AT&T , Sprint , Verizon شىركەتلىرى بىلەن توختاملىشىپ سېتىۋالغان iPhone 5 لەرنى كۆرسىتىدۇ (خۇددى دۆلىتىمىزدىكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلىگرافنىڭ توختاملىق يانفونلىرىغا ئوخشاش ) . توختاملىشىپ سېتىۋالغان باھاسىمۇ خېلى ئەرزان ، ئادەتتە ، 16GB لىكى 199 ئامېرىكا دوللىرى ، 32GB لىكى 299 ئامېرىكا دوللىرى ، 64GB لىكى 399 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ . بىردىنبىر چوڭ كەمچىلىكى بۇ خىلدىكى iPhone 5 لەرنىڭ سېگنال قۇلۇپى بار بولۇپ ، توختاملاشقان تىجارەتچى كارخانىسىنىڭ كارتىسىدىن باشقا كارتىنى سېلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . خەنزۇچە 合约机 دەپ ئاتايدۇ .


2. توختامسىز iPhone 5
  توختامسىز iPhone 5 بولسا ، ئابونتلار تىجارەتچى كارخانىسىدىن توختام تۈزمەي سېتىۋالغان iPhone 5 نى كۆرسىتىدۇ ، باھاسى بولسا پۈتۈن باھا iPhone 5 بىلەن ئوخشاشدۇر ، يەنى 16GB لىكىنى 649 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ . بۇ خىلدىكى iPhone 5 لەر ئورگان تەرەپ ئەمەس بەلكى AT&T , Sprint , Verizon شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېتىلغان بولۇپ ، پۈتۈن باھا بىلەن سېتىۋېلىنغان بولغاچقا ، بۇ خىلدىكى iPhone 5  نىڭ سېگنال قۇلۇپى يوق ، قۇلۇپسىز دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ ( لېكىن بۇ خىلدىكى iPhone 5 ھەقىقىي ئورگان تەرەپتىن سېتىلغان قۇلۇپسىز نەشىرى ئەمەس ) . خەنزۇچە 无合约机 ياكى 全价机 دەپمۇ ئاتايدۇ .  مەن نەچچە كۈن ئالدىدا مۇشۇ خىلدىكى iPhone 5 لەرنىڭ تەپسىلىي تىپ نومۇرلىرىنى رەتلەپ بىر ماقالە يېزىپ قويغان ئىدىم ، بەلكىم بەزى تورداشلىرىمىز كۆرگەن بولىشى كېرەك ، ماۋۇ ئۇلانمىنى چېكىپ كىرىڭ : /article-54-1.html


3. قۇلۇپسىز iPhone 5
  بۇ خىلدىكى iPhone 5 لەر بولسا ، ھەقىقىي ئورگان تەرەپتىن سېتىلغان قۇلۇپسىز نەشىردىكى iPhone 5 نى كۆرسىتىدۇ .خەنزۇچە 裸机 ياكى 无锁机 دەپ  ئاتايدۇ . بۇ خىلدىكى iPhone 5 لار ھېچقانداق تىجارەتچى كارخانىسى بىلەن باغلانغان ئەمەس ، پەقەت ئايرىملا سېتىلىدۇ ، ئالما شىركىتى ھەرقايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنىڭ كارتا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشىنىڭ قولايلىق بولىشى ئۈچۈن بازارغا سالغان ، ھەرقانداق كارتا سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، قۇلۇپسىز . ئامېرىكىدىمۇ تېخى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ئالما تور دۇكىنىدا ( يەنى ئامېرىكا Apple Online Store رىدا ) سېتىلىشقا باشلىدى . باھالىرى بولسا : 16GB لىكى 649 ئامېرىكا دوللىرى ، 32GB لىكى 749 ئامېرىكا دوللىرى ، 64GB لىكى 849 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ ، بۇنى بىز خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق باشقا دۆلەت نەشىرلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭكىگە قارىغاندا جىق ئەرزان ھېس قىلىمىز . لېكىن ئامېرىكا پۇقراسىدىن سىرت سېتىۋالغۇچىلار چوقۇم يانفون پۇلىدىن سىرت يەنە باج پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك . مەسىلەن نىيورك شەھىرىدىن 16GB لىكىنى سېتىۋالسىڭىز 50 ئامېرىكا دوللىرى باج تاپشۇرىسىز (شۇنداقتىمۇ يەنىلا چوڭ قۇرۇقلۇق مېلىمىزدىن ئەرزان توختايدۇ ).





سەمىمىي ئەسكەرتىش :

  ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، يېقىندا دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەل ھەرقايسى iPhone 5 سېتىۋالغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىشىچە ، بەزى بىرقىسىم Verizon ۋە AT&T نۇسخىسىدىكى قۇلۇپسىز iPhone 5 لار ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلانماپتۇ ، ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلانمىسا بۇنداق iPhone 5 نىڭ  قۇلۇپلۇق نەشىرى بىلەن پەرقى بولمايدۇ .  بۇنىڭ سەۋەبىمۇ تېخى ئېنىقلانماپتۇ . AT&T , Sprint , Verizon شىركەتلىرىنىڭ قۇلۇپسىز iPhone 5 لىرىنى سېتىۋالغاندا يانفون ئىچىدە ئۆزىنىڭ بىر ئاكتىپلاش كارتىسى بولىدۇ (ساتقۇچى دۇككان خادىملىرى سېلىپ قويغان ئەمەس ، بەلكى زاۋۇتتىن شۇنداق چىقىدۇ) . مېنىڭچە بولغاندا ، بۇ خىلدىكى iPhone 5 لەرنى بىرىنجى قېتىم ئاتىپلىغاندا چوقۇم ئۆزى بەرگەن شۇ كارتىسى بىلەن ئاكتىپلاش كېرەك ، ئەگەر يەنە ئاكتىپلانمىسا بۇنىڭغا يانفون ئالماشتۇرۇشتىن سىرت ۋاقتىنچە باشقا ئامال يوق ئىكەن  . شۇڭا قۇلۇپسىز نەشىرىنى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .




iPhone 5 گە ئائىت بىرقانچە سوئاللار :

1. ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5 لارنى جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئالما باش دۇككانلىرىدا ھەقسىز رىمونت قىلغىلى بولامدۇ ؟
جاۋاب : دۆلەت ئىچىدە ھەقسىز رىمونت قىلغىلى بولمايدۇ ، ھەرقايسى ئالما باش دۇككانلىرىدا ھەق ئېلىپ رىمونت قىلىدۇ .


2. iPhone 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدۇ ؟
جاۋاب : ھەرقانداق نەشىردىكى iPhone 5 نى تېخى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدۇ .


3. ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5 لارنىڭ سۈپىتى چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە شىياڭگاڭ نەشىرلىرىگە قارىغاندا ياخشىراق بولامدۇ ؟
جاۋاب :  ئەپسۇس ئۇنداق ئەمەس ، ھازىرغا قەدەر بازاردىكى ئامېرىكا نەشىرىدىكى iPhone 5 لارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو جېنجۇۋ دىكى Foxconn زاۋۇتىدا ياسالغان بولۇپ ، سۈپەت جەۋەتتە چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە شىياڭگاڭ نەشىرلىرىگە ئوخشاش .


4. ئامېرىكا ئالما تور دۇكىنىدىكى (Apple Online Store) قۇلۇپسىز iPhone 5 لارنى بىزلەر ئۇدۇل توردىن زاكاس قىلىپ سېتىۋالالامدۇق ؟
جاۋاب : بولمايدۇ ، چۈنكى ئامېرىكا ئالما تور دۇكىنىدىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئامېرىكىدىكى تۇراقلىق ئادېرىسنى تەمىنلەش كېرەكتۇر . باشقا دۆلەتمۇ ئوخشاش ، پەقەت ئۆزدۆلەت ئىچىدە سېتىلىدۇ . لېكىن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسىڭىز بۇ ئۇسۇلدىكى سېتىۋېلىشنى ئويلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ ، چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە شىياڭگاڭ نەشىرلىرىدىن ئەرزان توختايدۇ :  (1) ئامېرىكىدا بېرەر تونۇشىڭىز بولسا ھەم دۆلەتكە قايتماقچى بولسا ، شۇ تونۇشىڭىز سېتىۋالغاندىن كېيىن سىز ئۈچۈن ئەكىلىپ بەرسە بولىدۇ .  (2) ئىشەنچ قىلالىسىڭىز ،  ئامېرىكىدىكى بىرەر ماللارنى يۆتكەپ توشۇش شىركىتى ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ . (3) تاۋباۋ تورىدا مەخسۇس مۇشۇ خىلدىكى مۇلازىمەت قىلىدىغان شەخىسىيلەر بار ، ئەگەر ئىشەنچ قىلالىسىڭىز شۇلار ئارقىلىق دۆلەت ئىچىگە يۆتكەپ ئەكەلسىڭىزمۇ بولىدۇ .


5. ئالدىمىزدىكى روژدېستۋا بايرىمىدا ئالما تور دۇكىنى (Apple Online Store) دىكى iPhone 4s ۋە iPhone 5 لارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلەمدۇ ؟
جاۋاب : ھەرقايسى چوڭ بايراملاردا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورگان تەرەپ باھاسى چۈشىدۇ ، لېكىن ناھايىتى كىچىك دەرىجىدە چۈشىدۇ . ئەڭ مۇھىمۇ ، باھا چۈشۈش پەقەت iPod Touch ۋە Mac لەرگىلا قارىتىلغان ، iPhone بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس ، شۇڭا بۇنى بىز ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ .


6. ئورگان تەرەپ ئالما تور دۇكىنىدىن iPhone 5 سېتىۋالغاندا ،  ئاق رەڭلىكنىڭ مال ئەۋەتىش سۈرىتى ئاستىمۇ ؟
جاۋاب : ئاق رەڭ 16GB نۇسخىسىنىڭ مال ئەۋەتىش سۈرىتى ئەڭ ئاستا ، ئۇنىڭدىن قالسا 32GB . قارا رەڭلىكنىڭ بولسا ، 64GB نۇسىخىسىنىڭ مال ئەۋەتىش سۈرىتى ئەڭ ئىتتىك ، ھەرقايسى نۇسخىلىرى ئارا مال ئەۋەتكەندە كەم دېگەندە 2 كۈن پەرقلىنىدۇ .


7. ئەگەر سېتىۋالغان Verizon ياكى Sprint نەشىرىدىكى iPhone 5 لەرنى ئۆزىمىزنىڭ كارتىسى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلىۋالغان بولساق ، كېيىن يەنە قايتىدىن ئۆزلىكىدىن ئاكتىپسىزلىنىپ قېلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟
جاۋاب : بىرىنجى قېتىم ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسى بىلەن  ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلىۋالغان بولسىڭىزلا بۇندىن كېيىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، چۈنكى قۇلۇپسىز نەشىردىكى iPhone 5 لەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەرقانداق كارتا ئاستىدا ئاكتىپلىۋالغىلى بولىدۇ ، سېگنال قۇلۇپى تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.  




  يۇقارىدىكىلەر بولسا ئۆزۈمنىڭ يېقىندىن بۇيان يىغىنچاقلىغان تەجرىبىلىرىم بولىدۇ ، دوستلارنىڭ يەنە باشقا مۇشۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلار بولسا ئىنكاس يېزىپ تولۇقلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ھەم  يازمامغا تەھرىرلەپ قويىمەن ، مۇشۇ پۇرسەت تەرىقىسىدە بولسا بىر مۇنازىرلىشىپ ئۆز ئارا بىلىم تەسىل قىلىشايلى ، رەھمەت !



يازمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار :

پاسىبان :  ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئايفوننى تور قۇلۇپى جەھەتتىن قۇلۇپلۇق ئايفون، قۇلۇپى ئېچىلغان ئايفون ۋە قۇلۇپسىز ئايفون دەپ ئاشۇ 3 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئامېرىكا Verizon ۋە Sprint نۇسقىدىكىلىرى 3 خىل سىگنالنى (يەنى GSM, WCDMA ۋە CDMA تورلىرىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا دۆلىتىمىزدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلېگراف كارتىلىرىنى ئوخشاشلا) قوللايدىغان 3 تور نۇسقىسى بولۇپ، باشقا ھەرقانداق يەرنىڭ ھەر قانداق بىر نۇسقىدىكى تېلېفونى 3 خىل تورنى قوللىمايدۇ. (قىسمەن 4S نى قىستۇرما ياكى باشقا بىر ھۈنەرلەر ئارقىلىق 3 تور قوللايدىغان قىلغىلى بولىدىكەن، لېكىن سىگنالى مۇقىم ئەمەس.)

ئاتامان :  قۇلۇپلۇق ئايفوننىڭ گېپى چىقىپ قالدى ، ئامېرىكىدىغۇ قۇلۇپلۇق ئايفونلارغا AT&T نىڭ ھەر قانداق بىر كارتىسىنى سالسىلا ئاكتىپلىنىدىكەن، بىراق باشقا دۆلەتلەردە ئۇنداق ئەمەس ئوخشايدۇ. يېقىندا فىنلاندىيەنىڭ بىر قۇلۇپلۇق ئايفونى قولۇمغا چۈشۈپ قالغان ، سۈرۈشتە قىلسام ئۇ يەردىكىلەر مۇنداق دېدى : بۇ يەردىكى قۇلۇپلۇق ئايفونلار يېڭى سېتىلغاندا كىمنىڭ نامىدا، قايسى نۇمۇر بىلەن تىزىملانغان بولسا بۇندىن كېيىن پەقەت ۋە پەقەت ئاشۇ بىر كارتا (نۇمۇر) نىلا تونۇيدىكەن، دېمەك، ئاشۇ شىركەتنىڭ باشقا كارتىلىرى بىلەنمۇ ئاكتىپلىغىلى بولمايدۇ دېگەن گەپ!



مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلانلارنى چېكىپ قويۇڭ . كۆپ رەھمەت !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-9 21:45  

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملېتىش

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىشەرەپ تەڭگە تۆھپە قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
قاراخان + 10 + 10 + 10 ئېسىل تېما. سىزگە ئاز .
ئەركە1 + 5 + 5 + 5 ئېسىل تېما. سىزگە ئاز .
ئاتامان + 10 + 10 + 10 + 10 بۈگۈن پەچەت تېمىدىن ب.
پاسىبان + 20 + 20 + 20 + 10 بۈگۈن پەچەت تېمىدىن ب.

ھەممە باھا نومۇرى : شەرەپ + 45  تەڭگە + 35  تۆھپە + 45  قىزغىنلىق + 30   باھا خاتىرىسى

باۋۇدۇن ئۈندىدار سالونى ئېلان قىلىندى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

134

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2494
تۆھپە
2950
قىزغىنلىق
12225
شەرەپ
1878
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
134
جۇغلانما
17058
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1545

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 08:55:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشا ئاللاھ! ئاجايىپ يېزىپ قويىسىز جۇمۇ تېما دېگەننى. نۇرغۇنلارنىڭ سۇئالىغا نەق جاۋاب بوپتۇ!
كۆپىنچە ئادەملەر شۇنداق دەپ كېلىدۇ ئالدىمغا، شياڭگاڭ نۇسقىسىنى ئالاي، ئامېرىكىنىڭ تازا ياخشى چىقمايدىكەن، دەپ. بۇنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ شياڭگاڭ نۇسقىسىدىكى ئايفون ساتىدىغان تېلېفون بىدىكلىرىنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىكى شياڭگاڭ نۇسقىسىدىكى تېلېفوننىڭ باشقىلىرىغا قارىغاندا قىممەترەك، جۇڭگو نۇسقىسىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ قىممەترەك بولغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ بولسا ئەڭ ئەرزانلىقىنى ئاتالمىش «ئامېرىكىنىڭ ناچار، شۇڭا ئەرزان» دېگەن چىرايلىق تون بىلەن ئوراپ، ئۆزىنىڭ مېلىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغىنى.
لېكىن بۇ گەپنى ئاڭلىغانلارنىڭ مۇشۇ سۆزنى تۈزۈك ئويلاپ كۆرمىگىنىدىن ھەيرانمەن. ئەجەبا ئالما شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى بىر شىركەت تۇرسا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەيلى مال سېتىۋېلىش ئېڭى بولسۇن، مەيلى تۇرمۇش سەۋىيەسى بولسۇن، مەيلى تېخنىكا تەرەققىيات تەلىپى بولسۇن، بىزلەردىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدىغان تۇرسا، ئالما شىركىتى ئاشۇ ئامېرىكىلىقلارغا ئاتالمىش «ناچار» تېلېفون سېتىپ، بىزدەك نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئالما ياسىغانلا نەرسە بولسا ئېلىۋېرىدىغان، 90 پىرسەنتىمىز پۇچۇق ئالما بەلگىسى بولغاندىكىن بولدى دەيدىغان گول خېرىدارلارغا ياخشىسىنى ياساپ ساتاما؟ ئەگەر ياخشى - ناچار دەپ ئايرىيدىغان ئىش بولسا ئىدى، جۇڭگونىڭ ياكى شياڭگاڭنىڭكىنى ناچار دېسەك بولىدۇ. چۈنكى ئوپمۇ-ئوخشاش بىر ئايفون، يەنە كېلىپ مەھەللىمىزدە ياسايدۇ-يۇ، بىزگە ئەڭ قىممەت ساتىدۇ!

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىرچە شىياڭگاڭ نۇسقىسىدىكى ئايفون 5 ئالىمەن دەپ كەلگەنلەرگە ئامېرىكا نۇسقىسىنى تەۋسىيە قىلىشىمىزمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن. چۈنكى ھەممە يېرى ئوخشاش، باھاسى ئەرزان.


پاسىباننىڭ ئايفون ياكى ئايپەد سېتىۋالىدىغانلارغا تەۋسىيەسى شۇكى، مالمۇ بىرخىل، باھامۇ بىر خىل بولسا جۇڭگو نۇسقىسىنى سېتىۋېلىىڭ. جۇڭگونىڭ ئۆزىدە رېمونتقا بېرەلەيسىز. ئەگەر باھادا 2~3 يۈز يۈەن پەرق قىلىپ، ساتقۇچى سىزگە ئوخشاش كاپالەت بىلەن بېرەلىسە، چوقۇم ئەرزىنىنى تاللاڭ. ئۇ قانداقتۇر سۈپەت جەھەتتە مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرزان ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئېلىش باھاسىنىڭمۇ نىسبەتەن ئەرزان ئىكەنلىكىدە. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرقانداق يەردىكى ئايفون سۈپەت جەھەتتە ئوپمۇ-ئوخشاش!


بۇ تېمىنىڭ مۇشۇنداق خاتا قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى تۈگۈننى يېشىپ بېرىشكە ياردىمى كاتتا بولىدىغان بولدى!

134

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2494
تۆھپە
2950
قىزغىنلىق
12225
شەرەپ
1878
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
134
جۇغلانما
17058
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1545

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 09:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئايفوننى تور قۇلۇپى جەھەتتىن قۇلۇپلۇق ئايفون، قۇلۇپى ئېچىلغان ئايفون ۋە قۇلۇپسىز ئايفون دەپ ئاشۇ 3 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئامېرىكا Verizon ۋە Sprint نۇسقىدىكىلىرى 3 خىل سىگنالنى (يەنى GSM, WCDMA ۋە CDMA تورلىرىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا دۆلىتىمىزدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلېگراف كارتىلىرىنى ئوخشاشلا) قوللايدىغان 3 تور نۇسقىسى بولۇپ، باشقا ھەرقانداق يەرنىڭ ھەر قانداق بىر نۇسقىدىكى تېلېفونى 3 خىل تورنى قوللىمايدۇ. (قىسمەن 4S نى قىستۇرما ياكى باشقا بىر ھۈنەرلەر ئارقىلىق 3 تور قوللايدىغان قىلغىلى بولىدىكەن، لېكىن سىگنالى مۇقىم ئەمەس.)

11

تېما

6

دوست

1521

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
223
تۆھپە
409
قىزغىنلىق
710
شەرەپ
402
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
تېما
11
جۇغلانما
1521
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
174
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 09:47:39 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەھرام كەلسە ئېسىل يازمىدىن بىرنى ئەكىلىدۇ، مەزكۇر يازمىغا پاسىبانكامنىڭ ئىنكاسى قوشۇلۇپ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپتۇ، ھارمىغايسىزلەر ئەزىزلەر
شاڭگاڭ ئالما دۇكىنىدىن تالونلۇج، پىچىتىنى ئاچماي، ئايفون-ئايپەدلىرىنى ۋەكالەتەن ئېلىپ بىرىمەن. QQ:761250477

75

تېما

21

دوست

4531

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1252
تۆھپە
1430
قىزغىنلىق
1734
شەرەپ
1362
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
75
جۇغلانما
4531
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
694

شەرەپ ئوردېنى مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 10:53:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما بولا ماشتاق بولا، ئۇچۇر بولا ماشتاق بولا، ھەممىسى شۇكەن !

خېلىدىن بېرى قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىپ كەتكەن بەھرام بۇرادىرىمىز ئەمدىلەتتىن ئۆچەكتىن چىقىۋاتامدۇ نېمە ؟   (چاقچاق)  
يازماي، يازماي بىر يازىسىز ئەمما، لېكىن، بىراق، كاساپەت، تېمىدەك تېمىدىن بىرنى يېزىۋېتىسىز دە !
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى !

75

تېما

21

دوست

4531

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1252
تۆھپە
1430
قىزغىنلىق
1734
شەرەپ
1362
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
75
جۇغلانما
4531
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
694

شەرەپ ئوردېنى مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 11:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلۇپلۇق ئايفوننىڭ گېپى چىقىپ قالدى، ئامېرىكىدىغۇ قۇلۇپلۇق ئايفونلارغا AT&T نىڭ ھەر قانداق بىر كارتىسىنى سالسىلا ئاكتىپلىنىدىكەن، بىراق باشقا دۆلەتلەردە ئۇنداق ئەمەس ئوخشايدۇ. يېقىندا فىنلاندىيەنىڭ بىر قۇلۇپلۇق ئايفونى قولۇمغا چۈشۈپ قالغان، سۈرۈشتە قىلسام ئۇ يەردىكىلەر مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى قۇلۇپلۇق ئايفونلار يېڭى سېتىلغاندا كىمنىڭ نامىدا، قايسى نۇمۇر بىلەن تىزىملانغان بولسا بۇندىن كېيىن پەقەت ۋە پەقەت ئاشۇ بىر كارتا (نۇمۇر) نىلا تونۇيدىكەن، دېمەك، ئاشۇ شىركەتنىڭ باشقا كارتىلىرى بىلەنمۇ ئاكتىپلىغىلى بولمايدۇ دېگەن گەپ !
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى !

7

تېما

0

دوست

1266

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
191
تۆھپە
205
قىزغىنلىق
457
شەرەپ
185
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
تېما
7
جۇغلانما
1266
تىزىملاتقان
2012-2-20
يازما
43
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 16:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راستىنلا بەلەن تىما بۇلۇپتۇ!!!!   
لىكىن مەن( پاسىباندىن ئالغان ئالما5 )نى ئۈزۈم ئىشلىتىۋاتقان كارتىدا ئاكتىپلىغانتىم!  بىرە چاتىقى چىقماس ھە؟( لىكىن بۇ تېلېفون ناھايىتى ياخشى چىقتى،مەيلى سۈپەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ھېېچقانداق مەسىلە كۈرۈلمىدى، رەھمىتىمنى ئېيتىۋالاي دەپ ئايرىم بىر تىما يېزىشنى ئويلاشقان لىكىن قانداق يېزىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن)
چىلبۆرىدەك دوستۇم بولغۇچە،يولۋاس كەبى دۈشمىنىم بولسۇن!

134

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2494
تۆھپە
2950
قىزغىنلىق
12225
شەرەپ
1878
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
134
جۇغلانما
17058
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1545

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 18:45:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
メ.Fееl↘ يوللىغان ۋاقتى  2012-12-9 16:31
بۇ راستىنلا بەلەن تىما بۇلۇپتۇ!!!!   
لىكىن مەن( پاسىباند ...

بولىۋېرىدۇ. قۇلۇپسىز دېگەننىڭ مەنىسى شۇ. خالىغان كارتىنى سېلىپ ئاكتىپلىيالمىسىڭىز قانداقمۇ قۇلۇپسىز بولسۇن. خاتىرجەم ئاكتىپلاۋېرىڭ.
تېما يېزىش ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەسقۇ؟ راسلا گەپ قىلسىڭىز تېمىڭىز جانلىق چىقىۋېرىدۇ

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 21:20:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىبان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-9 08:55
ماشا ئاللاھ! ئاجايىپ يېزىپ قويىسىز جۇمۇ تېما دېگەننى. ن ...

يۇقىرى باھا بەرگىنىڭىزگە ھەم ئۇزۇندىن بېرى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقىنىڭىز چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن! ھەممىسىنى سىزنىڭ بىزگە مۇشۇ شارائىتنى يارىتىپ بەرگىنىڭىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ! سىزنىڭ يازغان ئىنكاسىڭىزدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىمۇ يازمىغا ئېلىپ قوياي ، قىممەتلىك بىلىملەر ئىكەن ، يەنە بىر قېتىم كۆپ رەھمەت ...

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 21:21:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurbeg يوللىغان ۋاقتى  2012-12-9 09:47
بەھرام كەلسە ئېسىل يازمىدىن بىرنى ئەكىلىدۇ، مەزكۇر يا ...

كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم  ، تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى يوللاپ تۇرىمەن ، داۋاملىق قوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 21:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-9 10:53
تېما بولا ماشتاق بولا، ئۇچۇر بولا ماشتاق بولا، ھەممىسى ...

ئاللا ئاللا ، مېنى بەك خىجىل قىلىۋەتتىڭىز جۇمۇ قېرىندىشىم ،  سىزنىڭ بۇ مۇنبەرگە تۆھپىڭىز ئاز ئەمەس جۇمۇ ، مەن ئۆچەككە كىرسەممۇ سىزنى مۇنبەردە بار دەپ خاتىرجەم كىرىپ كېتىمەن ئەمەسمۇ

7

تېما

0

دوست

1266

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
191
تۆھپە
205
قىزغىنلىق
457
شەرەپ
185
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
تېما
7
جۇغلانما
1266
تىزىملاتقان
2012-2-20
يازما
43
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 22:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىبان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-9 18:45
بولىۋېرىدۇ. قۇلۇپسىز دېگەننىڭ مەنىسى شۇ. خالىغان كارت ...

ھە   بىلىۋالدىم!!!
لىكىن   تېلېفون ئىشەنچىلىك چىقتى،خوش بولدۇم،ۋەھاكازا......دېگەندەك گەپلەنىلا قىپ قۇيۇپ بىر تىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قويسام باشقا ئەزالاغا قۇرۇق ماختاشتىن باشقا يىڭىلىق ېپ كىلەلمىگۈدەك،   شۇڭا بىرە يىڭى ئەپ ياكى تورداشلاغا پايدىلىق بىرە مەسىلىنى قىستۇرۇپ ئاندىن ئۇ گەپلەنى(مىننەتدارلىقىمنى) دىسەم  بەكراق خوش ياقامىكى دەپ ئويلىغانتىم،بىر ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ
چىلبۆرىدەك دوستۇم بولغۇچە،يولۋاس كەبى دۈشمىنىم بولسۇن!

55

تېما

1

دوست

4335

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
940
تۆھپە
1216
قىزغىنلىق
2027
شەرەپ
1092
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
تېما
55
جۇغلانما
4335
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
797

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 22:59:34 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەپ تەگكۈدەك تېما بوپتۇ، رەھمەت! مەن ئۇزۇندىن بىرى پەقەت ۋە پەقەت Verizon نۇسخىسىلا ئۈچ تور (ئىلىمىزدىكى كۆچمىنىڭ 2G تورىنى، بىرلەشمە، تېلېگرافنىڭ 3G تورىنى) نى قوللايدۇ دەپ بىلەتتىم، ماۋۇ تېمىدا Sprint  نۇسخىسىنىڭمۇ ئۈچ تور قوللايدىغانلىقى بايان قىلىنىپتۇ (مەن يېقىندىن بىرى بۇ گەپنى باشقا يەردىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم). مەن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغۇ دەيمەن، 91 تورىدا بىر تېما كۆرگەن. تېمىدا ئۈچ تور قوللايدىغان نۇسخىنىڭ تىپ نومۇرى بار ئىدى. بۇ تېمىدا پەقەت Verizon نۇسخىسىنىڭلا گىپى بار ئىدى...
Sprint نىڭ ئۈچ تور قوللايدىغان نۇسخىسىنىڭ تىپ نومۇرىنىمۇ تېپىپ چىقىرىپ قويساق بەھرام بۇرادەرنىڭ ئىلگىرىكى تېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەل بولاتتىكەن.
ئۈچ تور قوللايدىغان نۇسخىسى (Verizon) نىڭ تىپ نومۇرى:

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdurexit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-9 23:01  

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملېتىش

24

تېما

6

دوست

3415

جۇغلانما

لېكساس

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

تەڭگە
1012
تۆھپە
617
قىزغىنلىق
2307
شەرەپ
491
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
تېما
24
جۇغلانما
3415
تىزىملاتقان
2012-5-1
يازما
231

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 12:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىبان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-9 09:00
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئەمەس، پۈتۈن دۇنياد ...

3. قۇلۇپسىز iPhone 5
  بۇ خىلدىكى iPhone 5 لەر بولسا ، ھەقىقىي ئورگان تەرەپتىن سېتىلغان قۇلۇپسىز نەشىردىكى iPhone 5 نى كۆرسىتىدۇ .خەنزۇچە 裸机 ياكى 无锁机 دەپ  ئاتايدۇ . بۇ خىلدىكى iPhone 5 لار ھېچقانداق تىجارەتچى كارخانىسى بىلەن باغلانغان ئەمەس ، پەقەت ئايرىملا سېتىلىدۇ ، ئالما شىركىتى ھەرقايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنىڭ كارتا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشىنىڭ قولايلىق بولىشى ئۈچۈن بازارغا سالغان ، ھەرقانداق كارتا سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، قۇلۇپسىز . ئامېرىكىدىمۇ تېخى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ئالما تور دۇكىنىدا ( يەنى ئامېرىكا Apple Online Store رىدا ) سېتىلىشقا باشلىدى بەھرام ئەپەندىم دېگەن مۇشۇنۇسخىسىنى تاپقىلى بۇلامدۇ
ئايفون چ چ توپىنى قۇشۇۋېلىڭلا توپ نۇمۇرى 246010129
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش