نەچچە ھەپتىدىن بېرى بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ مۇنبەرگىمۇ تۈزۈك يازما يوللىيالمىدىم ، بۈگۈن ئاخىرى بىكار بولۇپ QQ رىمنى ئېچىپ مۇنبەردىكى بىر نەچچە دوستلىرىمىزنىڭ ماڭا خەت قالدۇرۇپ ، iOS سېستىمىلىرىنىڭ دەرىجە چۈشۈرۈش ۋە سېستىما يېڭىلاش ئۇسۇلى ھەققىدىكى سورىغان سوئاللىرىنى كۆردۈم. قارىغاندا، كۆپىنچە دوستلىرىمىز Apple شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتېر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئوڭۇشلۇق سېستىما يېڭىلاپ ياكى دەرىجە چۈشۈرەلمىگەن ئوخشايدۇ ،مەن قارىساممۇ يېقىندا مۇشۇنىڭغا ئايىت سوئاللار جىقلاپ قالدى . شۇڭا ، بۈگۈن مۇشۇ توغرىسىدا بىر يازما يېزىپ ،دوستلارنىڭ كاللىسىدىكى چۈشەنمىگەن چۈشەنچىلەرنى بىر ئايدىڭلاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم ...
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي ، گەپنىڭ پوسكاللىسى : iOS 5.0.X سېستىما نەشىرلىرىنىڭ دەرىجە چۈشۈرۈش ۋە يېڭىلاش ئۇسۇلىنى دوستلارغا بەھرىمان قىلاي ! ئەمما بۇ يازمىنى بەك تەپسىلىي يازدىم ، ئوقۇپ چۈشىنەلمىسىڭىز سەت تۇرامىكىن ؟! 
دەرىجە چۈشۈرۈش ۋە يېڭىلاش قوللانمىسى
بىلىشكە تېگىشلىك بىرقانچە ئىشلار:
1. دېگىنىمىز سېستىما نەشىرى 5.0.1 بولغان iPhone ، iPod Touch ۋە iPad لەرنىڭ سېستىما نەشىرىنى iOS 4.3.5 ياكى iOS 4.3.3 ۋە ياكى iOS 4.2.1 لارغا چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە بۇ ئۇسۇل ئوخشاشلا iOS 4.X.X سېستىما نەشىرلىرى ئارا دەرىجە يېڭىلاش ئۇسۇلى بولۇپ ئىشلەنسىمۇ بولىدۇ . (ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، iOS 5.0.X سېستىما نەشىرلىرى ئارا دەرىجە يېڭىلاش ئۇسۇلى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، خاتا ئىشلىتىپ قالماڭ )
2. بەلكىم بەزى دوستلىرىمىز سورىشى كېرەك ، مەن نېمىشقا دەرىجە چۈشۈرىمەن ؟ياكى بۇنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ ۋە ياكى دەرىجە چۈشۈرۈش شۇنداق مۇرەككەپمۇ ؟ iTunes دا ئۇدۇل قاچىلىماقچى بولغان سېستىما نەشىرىنى تاللاپلا قىلسام بولماسمۇ ؟ دىگەندەك ...بىر مەسىلە ئايدىڭ بولسۇن ، Apple ھەربىر يېڭى سېستىما نەشىرىنى ئېلان قىلغاندا، چوقۇم بۇ يېڭى سېستىمىغا بىر نەچچە يېڭى ئىقتىدار كىرگۈزىدۇ ياكى UI كۆرۈنۈشلىرىنى بېزەيدۇ . بۇ بىز ئۈچۈن ئەۋەتتە بىر ياخشى ئىش ، لېكىن ،شۇ يېڭى ئىقتىدار يېڭى بېزەكلىرىنى يېڭى سېستىما نەشىرىگە قوشۇش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ ھەجىمىنى كۆتۈرگەن بولىدۇ ، شۇنداقلا بۇ نەشىرىنى قاچىلىغاندىن كېيىن بىز چوقۇم يانفوننىڭ CPU بوشلۇقىدا بەدەل تۆلىشىمىز لازىم . ئەڭ مۇھىمى باتارىيە ئىشلىنىش ۋاقتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قىسقارغان بولىشى مۇمكىن . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاسىتىدا بىزنىڭ يەنە سېستىما دەرىجىسىنى چۈشۈرمەسلىكتىن باشقا يەنە نىمە ئامالىمىز بار ؟ Apple شىركىتىمۇ يامان ، سىزنى ھەرزامان ئەڭ يېڭى سېستىما ئىشلەتسۇن ،كونىسىغا قايتىۋېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرمىسۇن دېگەندەك قىلىپ ، ھازىر ھەربىر يېڭى سېستىما نەشىرىنى ئېلان قىلغاندا ، كونا سېستىما نەشىرىنى يېڭىلاش ھوقۇقىنى مۇلازىمېتىردىن چەكلىۋېتىدۇ ، شۇڭا بىزمۇ كونا سېستىمىنى iTunes دىن ئۇدۇل قاچىلىيالمايمىز ...
3. ئەڭ نۇقتىلىق ۋە ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا ،مەيلى قايسى سېستىما نەشىرىگە چۈشۈرۈڭ ياكى قايسى سېستىمىنى يېڭىلىماقچى بولۇڭ ،چوقۇم شۇ سېسىتىما نەشىرىنىڭ SHSH (رەقەملىك ئىمزا) ھۆججىتى زاپاس بولىشى لازىم. ئەگەر SHSH نى قانداق زاپاسلاشنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى يازمىغا دىققەت قىلىڭ.
ئىشلىتىنىدىغان قوراللار:
1. ئەڭ ئالدى بىلەن iTunes نىڭ ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيوتېرىغا ماس كېلىدىغان ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ . ئادېرىسى : iTunes چۈشۈرۈش
2. سىز دەرىجە چۈشۈرمەكچى ياكى يېڭىلىماقچى بولغان سېستىما نەشىرىنى چوقۇم ھازىرلىشىڭىز كېرەك . (مەسىلەن iOS 5.0.1 دىن iOS 4.3.3 كە چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز كومپىيوتېرىڭىزدا چوقۇم iOS 4.3.3 نىڭ سېستىما نەشىرى بولىشى كېرەك) ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك iOS سېستىمىسىنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى : چۈشۈرۈش
3.ئەمدى بىزگە كېرەكلىك بولغان يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈشنى باشلايمىز . بۇ ئۇسۇلدا جەمئىي 3 خىل يۇمشاق دېتال ئىشلىتىلىنىدۇ . بۇلارنىڭ ئىسمى Tinyumbrella ,iFaith ,Redsn0w . ئىشىنىمەن كۆپىنچە دوستلار بۇ دېتاللار بىلەن ئاز تولا ھەپىلىشىپ باقتى ، لېكىن يەنە ئوخشاشلا ئازتولا مەسىلىلەرگە يولۇققان بولۇشى مۇمكىن . ھازىر مۇشۇ دېتاللارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈرۈشۈڭ ،خەتەر ئاز بولىدۇ .(كومپىيوتېرىڭىزدا بار بولسا مەن تەمىنلىگەن بىلەن نەشىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ) iFaith-v1.4.1، redsn0w_win_0.9.10b3 ، tinyumbrella-5.10.00ئۈچىلىسىنى بىر ھۆججەت قىسقۇچىغا سېلىپ تورغا چىقىرىپ قويدۇم . چۈشۈرۈش ئادېرىسى : چۈشۈرۈش
قوشۇمچە : iFaith v1.4.1 بۇ دېتالنى ئىشىلىتىش ئۈچۈن چوقۇم تور مۇھىتى بولۇش كېرەك ، ئەگەر تورغا ئۇلىمىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئەسكەرتىشى چىقىۋېلىشى مۇمكىن .

ئەگەر تورغا ئۇلاپ تۇرۇپمۇ كىرەلمىسىڭىز ،دېمەك كومپىيوتېرىڭىزدا .Net Framework گۇرۇپپىلىغۇچ پروگراممىسى قاچىلانماپتۇ ، شۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ . ئادېرىسى : چۈشۈرۈش
تەپسىلىي قەدەملىرى:
Tinyumbrella ئارقىلىق SHSH نى زاپاسلاش 1. SHSH نى زاپاسلاش ئۈچۈن مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم مۇشۇ Tinyumbrella قورالى ، ئەلۋەتتە iFaith مۇ زاپاسلىيالايدۇ ،لېكىن ئۆزىنىڭ ھۆججەت ھالىتىدا ساقلايدۇ ،ئانچە قولايلىق ئەمەس . ئەمدى ئەسۋەبىڭىزنى كومپىيوتېرغا ئۇلاپ Tinyumbrella نى ئېچىڭ. (ئاچىسىڭىز ئېنگىلىزچە كۆزنەكلەرنى كۆرۈسىز ، بۇ قېتىم بىز ئىشلىتىدىغان دېتاللار ھەممىسى دېگۈدەك ئېنگىلىزچە ، شۇڭا مەن بۇلارنى بىر-بىرلەپ تەرجىمە قىلىپ ئولتۇرماي ، سىز پەقەت مەن رەسىمدە قىزىل سىزىقتا سىزىپ قويغان بويىچە چەكسىڭىزلا بولدى.)




2. ھازىر Tinyumbrella ئۆزلىگىدىن ئەسۋابىڭىزنىڭ SHSH ھۆججىتىنى زاپاسلاۋاتىدۇ ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك General نى بېسىپ قايسى سېستىما نەشىرلىرىنىڭ SHSH ھۆججىتىنى زاپاسلىيالىدى قېنى كۆرۈپ بېقىڭ .

3. SHSH نى زاپاسلاش باسقۇچى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى ، ھۆججەت سېستىمىنىڭ C:\Users\Administrator\.shsh مۇندەرىجە ئىچىگە ساقلىنىدۇ.
iFaith ئارقىلىق ئىمزالانغان سېستىما نەشىرى ياساش 1. ئەمدى iFaith ئارقىلىق ئۆزىمىز ئىمزالانغان سېستىما نەشىرىنى ياسايمىز . iFaith نى ئېچىڭ . سىز پەقەت مەن رەسىمدە قىزىل سىزىقتا سىزىپ قويغان بويىچە چەكسىڭىزلا بولدى . 


2. ئەمدى ئوتتۇرىدىكى Browse for SHSH Blobs cache نى چېكىپ ، كومپىيوتېرىڭىزدىن ئابايقى زاپاسلىغان SHSH ھۆججىتىنى تاللاڭ .

3. ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى ھۆججەت شەكلى تاللاشنى Tinyumbrella SHSH Files غا ئۆزگەرتىپ تاللاڭ . ئاندىن زاپاسلىغان SHSH ھۆججىتىڭىز كۆرۈنىدۇ ، دەرىجە چۈشۈرمەكچى بولغان سېستىمىنىڭ SHSH سىنى تاللاڭ.



4. ئەمدى سىز بېشىدا چۈشۈرۈپ قويغان سېستىما نەشىرىنى تاللايسىز (مەن يازمىدا iOS 4.3.3 نى مىسالغا كەلتۈردۈم .)

5. تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، ئەمدى Build IPSW نى چەكسىڭىز ، ئۆزلىگىدىن ئىمزالانغان سېستىما نەشىرى ياسايدۇ.


6. تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ، ئۈستەل يۈزىگە قارىسىڭىز ياساپ بولغان ئىمزالانغان سېستىما نەشىرىنى كۆرۈسىز. iFaith نى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ.

Redsn0w ئارقىلىق ئەسۋابنىڭ DFU ھالىتىگە كىرىش
1. نۆۋەتتىكى باسقۇچتا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئالما ئەسۋابلىرىنىڭ DFU ھالىتىگە كىرىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرىلىدۇ. مەن تەمىنلىگەن Redsn0w دېتالىنى ئېچىڭ . يەنە شۇ گەپ سىز پەقەت مەن رەسىمدە قىزىل سىزىقتا سىزىپ قويغان ۋە يېزىپ قويغان چۈشەندۈرۈش بويىچە قىلسىڭىزلا بولدى . 

2.ئەمدى ئەسۋابىڭىزنى كومپىيوتېرغا ئۇلاڭ، ھەمدە چوقۇم ئۆچۈك ھالەتتە بولسۇن .

3. مەن يېزىپ قويغان چۈشەندۈرۈش بويىچە قىلىڭ .



4. بىردەم ساقلىسىڭىز ئەسۋابىڭىزنىڭ ئېكرانى قاپقارا بولىدۇ، كارىڭىز بولمىسۇن ، مۇشۇ ۋاقىتتا iTunes نى ئېچىڭ ھەمدە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول Shift نى بېسىپ تۇرۇپ 恢复نى چېكىڭ ، ئاندىن ئابايقى ياساپ قويغان سېسىتىمىنى تاللىسىڭىز بولدى .

تامام! ئەمدى iTunes ئۆزى سىزگە سېستىمىنى قاچىلاپ بېرىدۇ ، سىز پەقەت ساقلىسىڭىزلا بولدى.بۇ جەرياندا ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ھېچقانداق خاتالىق كۆرۈنمەيدۇ ، ناۋادا كۆرۈلۈپ قالسا ماڭا خەت قالدۇرۇڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 14:32
|