جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 726 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1404|ئىنكاس: 4

Cydia دا كۆپ كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 20:37:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Cydia دا كۆپ كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار ھەققىدە




  Cydia  بولسا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ، ھەم iDevice لارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندىن كېيىن iDevice لارغا ئۆزلىكىدىن قاچىلىنىدىغان قىستۇرما باشقۇرۇش ۋە قاچىلاش مەنبەيى . قالغان تەپسىلاتىنى تونۇشتۇرمىساممۇ دوستلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان بولغاي . بۈگۈن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىدىغىنىم بولسا ،  iDevice لارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولۇپ Cydia نى ئىشلىتىش جەريانىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان قىزىل رەڭلىك ياكى سېرىق رەڭلىك خاتالىقلار چۈشەندۈرۈلىشى ۋە بەلگىلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلى ( ئاساسلىقى ئېنتىرنېت ۋە مۇلازىمېتىر سەۋەبى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان خاتالىقلار) .



1. I wasn’t able to locate file for the XXX package.This might mean you need to manually fix this package

مەنىسى :  يەرلىك بولاق جەدۋەل ئۇچۇرىدىن مەنبە مۇلازىمېتىر ئىچىدىكى XXX غا ماس كېلىدىغان قاچىلاش بولىقىنى تاپالمىدى ، بۇ بەلكىم سىزنىڭ ئۆزىڭىز مەزكۇر بولاق جەدۋەل ئۇچۇرى ھۆججىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ .

ئادەتتىكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى : Cydia دىن چېكىنىپ چىقىپ قايتا قوزغىتىڭ . ئاندىن 变更 ياكى Changes دېگەننى بېسىپ سول تەرەپ ئوڭدىكى 刷新 ياكى Refresh دېگەننى بېسىڭ . بۇنداق بولغاندا يەرلىك بولاق جەدۋەل ئۇچۇرىڭىز يېڭىلىنىپ مۇلازىمېتىر بىلەن ماسقەدەملىنىدۇ .



2. Host Unreachable  ۋە Cache Failure

مەنىسى : مەنبە مۇلازىمېتىرىغا ئۇلانمىغانلىق سەۋەبىدىن ، قاچىلاش بولىقىنىڭ جەدۋەل تىزىملىكى يەرلىك ھۆججەت سېستىمىسىغا چۈشۈرۈش مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى .

ئادەتتىكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن iDevice دىكى تور ئۇلىنىشىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ ، مەيلى WIFI بولسۇن ياكى 3G, EDGE بولسۇن ، چوقۇم تورىڭىز مۇقىم بولسۇن ، بەزىدە تور سۈرئىتى بەك ئاستا بولسىمۇ مۇشۇنداق مەسىلە يۈز بېرىدۇ . تور مۇھىتى ئالماشتۇرۇش ياكى يۇقارقى 1-مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىدەك مەشغۇلات قىلسىڭىز ئوڭشىلىدۇ .


3. ئەگەر خاتالىق ئۇچۇرىدا GPG دېگەن سۆز بولسىلا ، بۇ كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا خاتالىق ئۇچۇرى قىستۇرما مەنبەسىنىڭ گۇۋاھنامىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . بەزى قىستۇرما مەنبەلىرىنىڭ گۇۋاھنامىسى يوق ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا مەزكۇر خاتالىق يۈز بېرىدۇ .


4.  sub-process /bin/bzip2 returned an error code 2

ئادەتتىكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى :  بۇ خاتالىق ئۇچۇرىنىڭ يۈز بېرىشىمۇ تور مۇھىتى بىلەن باغلىنىشلىق ، بۇ  /bin/bzip2  پروگراممىسىدىن پايدىلىنىپ ، چۈشۈرگەن ھۆججەتنى پىرىستىن يېشىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان خاتالىقتىن ئىبارەت . ھەل قىلىش ئۇسۇلى 2-مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ ، چۈشۈرگەن ھۆججەت ياكى قىستۇرما مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلانمىغان بولسا ، تور مۇھىتىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئاندىن قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ .


5 The list of sources could not be read.
Malformed line 2 in source list
/etc/apt/sources.list.d/cydia.list dist

مەنىسى : بۇ خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولسا مەنبەنىڭ جەدۋەل ھۆججىتىنى ئوقۇپ چىقىش جەريانى مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغان سەۋەبلىكتىن ئىبارەت . ھەمدە سىزگە خاتالىق ئۇچرىغان ئورۇننىڭ مەنبە جەدۋەل ھۆججىتىنىڭ 2-قۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى . كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا ، Cydia.list بۇ ھۆججەت ساقلانغان مەنبەدىن چاتاق چىقسىمۇ يۇقارقىدەك خاتالىق يۈز بېرىدۇ ، ھازىرچە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم .




6.Did not find repository
The indicated repository could not befound this could be because you are trying to add a legacy installer repositoey (these are not supported). Also ,this interface is only capable of working with exact repository URLs
If you host a repository and are having issues please contact the author of Cydia with any questions you have.

مەنىسى : بۇ خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ھۆججەت سېستىمىسى ياكى مۇلازىمېتر تورى بىلەن ئانچە مۇناسىۋېتى يوق . بۇ خاتالىق Cydia غا قوشۇلغان مەنبەنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىدۇ ، بۇ نېمە گەپ دېگەندە ، سىز ئۆزىڭىز قىستۇرما قاچىلاش ئۈچۈن Cydia غا قوشقان بۇ مەنبەنىڭ مەنبە تەسۋىر ھۆججەت ئۇچۇرىنى تاپالمىغاندا يۇقارقىدەك خاتالىق يۈز بېرىدۇ ، مېنىڭ تەكلىپىم ، ئەگەر سىز مەنبە ئادېرىسىنى خاتا كىرگۈزمىگەن بولسىڭىز ، بۇ مەنبەنى قوشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .  



7. HTTP/1.1 404 Not Found

مەنىسى :  مېنىڭچە بۇ خاتالىق Cydia دا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان  خاتالىق ئۇچۇرى ، بۇ بەزى چەتئەل مەنبەلىرىنى جۇڭگودا قوشالماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ ، يەنى مەنبە ئادېرىسى تەسۋىر ھۆججىتىنىڭ ئىچىدە خاتالىق بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، شۇنداقلا Cydia نىڭ بۇ مەنبەگە ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .


8. Source Warning
This repository has been reported by the community to be illegally redistributing copyrighted works.


مەنىسى : كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇنى خاتالىق ئۇچۇرى دېيىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ Cydia نىڭ ئاتىسى بولغان پېشقەدەم پروگراممېر Saurik نىڭ Cydia ئىچىدىكى مەنبەلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن يازغان بىر ئەسكەرتىش ، بۇ ئەسكەرتىش ئادەتتە سىز يېڭى مەنبە قوشقاندا كۆرۈلىدۇ ، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى مەنبەلىرىنى قوشقاندا .  سىز قوشقان شۇ مەنبە باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنغان ياكى Cydia مۇلازىمېتىرى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە قوشۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن ، چۈنكى بۇ مەنبە ئىچىدە بىرقانچە نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلىدىغان ئەپ ياكى قىستۇرمىلار بولىشى مۇمكىن ، Cydia مۇلازىمېتىرىنىڭ تەسىتىقىدىن ئۆتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سىزگە بىر كۆزنەك ئەسكەرتىشى بېرىدۇ ھەم دىققەت قىلىشىڭىزنى تەكىتلەيدۇ . لېكىن ،  Jay Freeman دېگەن بۇ ئادەم (يەنى Saurik نىڭ ئەسلى ئىسمى ) خېلى كەڭ قوساق ئىكەن ، سىز قوشقان بۇ مەنبە قانۇنغا خىلاپ ھەم نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلغان بولسىمۇ ، قوشۇشىڭىزنى توسىماستىن بەلكى يۇقارقى شۇ  ئەسكەرتىشنى بېرىپلا Add Anyway  (قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ مەنبەنى قوشىمەن دىمەكچى) دېگەن كۇنۇپكىسىنى تەمىنلەيدۇ .


تامام!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-31 11:39  

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملېتىش

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىشەرەپ تەڭگە تۆھپە قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
شاش تىكو + 5
پاسىبان + 10 + 10
ئاتامان + 10 + 10 + 10 + 10 ماشا ئاللاھ! ماڭا ياقت.
Teddy + 5 تېما ئېگىسىگە رەھمەت! .

ھەممە باھا نومۇرى : شەرەپ + 10  تەڭگە + 15  تۆھپە + 20  قىزغىنلىق + 25   باھا خاتىرىسى

باۋۇدۇن ئۈندىدار سالونى ئېلان قىلىندى

75

تېما

21

دوست

4531

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1252
تۆھپە
1430
قىزغىنلىق
1734
شەرەپ
1362
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
75
جۇغلانما
4531
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
694

شەرەپ ئوردېنى مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 09:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق نان تېگىدىغان يازما بىلەن تەمىنلەيسىز جۇمۇ.

اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم !
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى !
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 10:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان يوللىغان ۋاقتى  2012-8-31 09:26
داۋاملىق نان تېگىدىغان يازما بىلەن تەمىنلەيسىز جۇمۇ.  ...

ھەي بۇ قانچىلىك ئىشتى ، قولۇمدىن كېلىدىغىنى پەقەت مۇشۇ . كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم .

134

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2494
تۆھپە
2950
قىزغىنلىق
12225
شەرەپ
1878
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
134
جۇغلانما
17058
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1545

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 18:52:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلىدە تەڭگە جىق. تەڭگە بەمىدىم شۇڭا

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 19:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىبان يوللىغان ۋاقتى  2012-8-31 18:52
سىلىدە تەڭگە جىق. تەڭگە بەمىدىم شۇڭا

مۇشۇ گېپىڭىزنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن بىر مەدەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش