تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 132 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 245|ئىنكاس: 3

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ: ئىقتىدارى مول ھەقسىز ئەپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تەڭگە
383
تۆھپە
253
شەرەپ
139
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-25
جۇغلانما
1052
يازما
138

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 21:34:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئادىتىم بويىچە app store غا چىقىپ يېڭى ئەپ بارمۇ - يوق، ئارىلاپ 可图 ئىسىملىك بىر ئەپ دىققىتىمنى تارتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىش مەقسىتىدە چۈشۈردۈم. چۈشۈرۈپ سىناش جەريانىدا ھېس قىلدىمكى، بۇ مەن app store دا ئۇچراتقان ئىقتىدارى ئىنتايىن مول، ئىشلىتىلىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئەپنىڭ بىرى ئىكەن. بۇنداق ئەپلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
ئەمدى مەن بۇ ئەپنىڭ ئۆزۈم ھېس قىلغان ئىقتىدارلىرىنى بىر قۇر بايان قىلاي:
1. ئالبۇمىڭىزدىكى سۈرەتلەرنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىپ كۆرسىتىدىكەن؛
2. سىز سىنغا ئالغان سىن فىلىملىرىنىمۇ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىپ كۆرسىتىدىكەن؛
بۇنداق ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىپ كۆرسىتىدىغان تۈرلەر خېلا باردەك قىلىدۇ (ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلغۇدەكمىز)...
3. ھۆججەت (سۈرەت، سىن فىلىمى، ئاۋاز...) نىڭ خاسلىق ئۇچۇرلىرىنى, جۇغراپىيەلىك ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىش رولى بار ئىكەن؛
4. سۈرەتكە نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن.
5. ھۆججەتلەرنى شىنلاڭ، تىڭشۇن بلۇگلىرىغا كىيۇ كىيۇ بوشلۇقىغا، پۇخرالار تورىغا، Facebook قا يوللاپ ئورتاقلاشقىلى، ئېلخەت قىلىپ يوللىغىلى بولىدىكەن؛
6. سۈرەتلەرگە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش قوشقىلى (بۇ چۈشەندۈرۈشنى ئاۋازلىق قوشسىڭىزمۇ، يېزىقلىق چۈشەندۈرۈش يازسىڭىزمۇ) بولىدىكەن؛
7. سۈرەتلەرنى ئالاقىداشلاردىكى خالىغان نومۇرلارغا باغلىغىلى بولىدىكەن؛
...







مەن بۇنى قاچىلاپ شۇ ئالدىراشلا بىر قېتىم باشتىن ئاياق سىناپ چىقىپ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقىدىم... باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىشىمىز مۇمكىن. مېنىڭچە بۇنداق يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەپنىڭ ھەقسىز بولۇشى ۋاقىتلىق ئىش. مەن شۇنداق قارىدىمكى، ئەگەر بۇ ئەپ ھەقسىز بولماي ھەقلىق بولغىنىدىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشكە ئەرزىيدىكەن. مۇھىمى بۇ ئەپ ھازىر ھەقسىز. شۇڭا بۇنداق ئىشلىتىشچانلىقى يۇقىرى ئەپنى قاچىلىماسلىققا ھېچقانداق باھانىڭىز يوققۇ دەيمەن. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ.
ئەپ نامى: 可图
سىغىمى: 12.9MB
تەمىنلىگۈچى: zhinong Hu
يېڭىلانغان ۋاقتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى
نەشرى: 0.95
ئىشلەش مۇھىتى: iOS نىڭ 4.0 دىن يۇقىرى نەشرى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسىبان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 00:53  

Rank: 3Rank: 3

تەڭگە
90
تۆھپە
56
شەرەپ
35
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-27
جۇغلانما
250
يازما
34
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 22:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادرىسىدا چاتاق بارمۇ قانداق؟
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

Rank: 8Rank: 8

تەڭگە
353
تۆھپە
267
شەرەپ
147
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-27
جۇغلانما
1062
يازما
148

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:53:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادرېسىنى توغرىلاپ قويدۇم.

Rank: 8Rank: 8

تەڭگە
383
تۆھپە
253
شەرەپ
139
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-25
جۇغلانما
1052
يازما
138

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 06:01:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كىرگۈزگەندە ئادرېس ئالدىدىكى http قوش چېكىت ۋە ئىككى دانە يانتۇ سىزىق كەم قالغاندەك قىلغان لېكىن بۇ مەنبەگە ئۇلىنىشقا تەسىر يەتكۈزمەس دەپ ئويلاپتىمەن... پاسىبان ئەپەندىمگە رەھمەت. ئادەتتە مەن app store دىن چۈشۈرىدىغان ئەپلەرگە نىسبەتەن تەييار چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئانچە كېرەك قىلمايمەن. پەقەت ئەپنىڭ توغرا يېزىلغان نامىغا ئېرىشسەملا ئىزدەشكە ئىسمىنى يېزىپ بىردەمدە تاپىمەن ۋە  چۈشۈرىۋېرىمەن. مېنىڭ بۇ تېمىغا چۈشۈرۈش ئادرېسى قوشۇشۇم مۇنبەرنىڭ ئەپ تەۋسىيە قىلىش ئەنئەنىسى ئىزىدىن ماڭغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش