باش بەت > ئايفون > بۇنداق رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنىنى ئوينىغانما؟

بۇنداق رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنىنى ئوينىغانما؟

2011-يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىنكاس يېزىش ئىنكاسلارنى ئوقۇش

رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنلىرىنى ئويناپ باققانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. لېكىن بۇ شەكىلدىكىسىنى چوقۇم ئويناپ باقمىغانغۇ دەيمەن؟ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان بۇ خىلدىكى رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنىنىڭ ئىسمى FLUP . بۇ ئويۇننى ئويناڭ دەپ كاللىڭىزنى سەل قىيناپ قويۇدىغان بولدۇق. ئەپۇ قىلاسىز…

بۇ ئېنىقكى، ئەقىل سىناش ئويۇنى. ئىلگىرىكى كلاسسىك رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنىدىن بىر بالداق ئۈستۈن تۇرىدۇ. يۆكىلىشى سىترىئولۇق. لېكىن باشقۇرۇش ئىنتايىن قولاي. كاتەكچىلەرنى يۆتكەپ، موللاق ئاتقۇزۇپ، سول تەرەپتىكى شەكىلنى ھاسىل قىلسىڭىزلا بولدى.

كاتەكچىنى بىر چەكسىڭىز سۈرىلىدۇ. قولىڭىز بىلەن تارتىپ يۆتكىسىڭىز موللاق ئېتىپ يۆتكىلىدۇ. جەمئىي36 ئۆتكەل. قېنى، ئەقلىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئويۇنغا چۈشۈپ كېتىڭ ئەمىسە…


ئويۇن ئىسمى : FLUP

ياسىغان شىركەت : SORTA PRECISION TECHNOLOGIES

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى: 37.9  MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

  1. خالىد
    18:02 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى | #1

    خېلى يامان ئەمەس ئويۇندەك قىلامدۇ نېمە :lol:

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

  1. نەقىل يوق.
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

Switch to our mobile site