پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1920- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى كنۇت ھامسۇن

1920-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

 كنوت ھامسۇن

ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى

 

(ئوسمانجان مۇھەممەت كنۇت ھامسۇننىڭ «ئاچارچىلىق»، «چوپان ئىلاھى»، «ۋىكتورىيە خانقىز» قاتارلىق رومانلىرىنى، «سۆيگۈ قۇلى»، «گرۇيىننىڭ ئۆلۈمى» دېگەن ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇردى. )

 گوركى، توماس مان قاتارلىقلار ھۆرمەت قىلغان ئەدەبىيات پىشۋاسى، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىتلىر فاشىزىمىنى قوللىغۇچى، 1940 ـ يىلى 4 ـ ئايدا ۋەتىنىنى ناتسىسلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىشغالىيەتچىلەرنى قوللىغۇچى، ئۇرۇشتىن كېيىن سەكسەن ئالتە ياشقا كىرگەن چېغىدا ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلىپ ھۆكۈم قىلىنغۇچى، كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بىرىلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ياشانغانلار ساناتۇرىيىسىدە ئۆتكۈزگۈچى ــــ نورۋېگىيىلىك يازغۇچى ھامىسۇندۇر.

كىنوت ھامسۇن ( 1859 ـ 1952) نىڭ ئەسلى ئىسمى كىنوت پېتىرسۇن بولۇپ، ئۇ 1859 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى نورۋىگىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى لوم رايۇنىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1861 ـ يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى شىمالىدىكى چىگرا رايۇن خاما رويىل ئارىلىدىكى ھامىسۇن دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۈچۈپ كەلگەن، ئۇ  بالىلىق چاغلىرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇ كېيىن ئىسمىنى كىنوت ھامىسۇن دەپ ئۆزگەرتكەن. 1867 ـ يىلى ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئۇنى تاغىسنىڭ ئائىلىسىگە ئەمگەك قىلىشقا ئەۋەتكەن، ئۇ شۇ بارغىنىچە ئۇدا بەش يىلغىچە تاغىسىنىڭ ئائىلىسىدە ئەمگەك قىلىپ،  1872 ـ يىلى ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن. كېيىن بىر مىلىچل ماللار دۇكىنىدا خىزمەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ موزدوز، كۆمۈر تۇشۇغۇچى، يول ياسىغۇچى، خىزمەتكار بۇلۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ بوش  ۋاقىتلىرىدا يېزىقچىلىقنى مەشىق قىلغان. ئۇ يىەىرمە ياش ۋاقتىدا « فورىدا » دېگەن پوۋىستنى يازغان.

1880ـ يىللىرى ياش ھامسۇن تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى تۈپەيلىدىن ئامىركىغا ئىككى قېتىم سەرگەردان بولۇپ بارغان. تىرامبايدا بېلەت ساتقۇچى، يېزا ئىگلىك ئىشچىسى بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلىدە ئامىرىكىلىق يازغۇچى مارىك تۇۋېن قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۇ تۆۋەن قاتلامدا ياشىغاچقا ئامىرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەققىي ماھىيتىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنگەن، 1888 ـ يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ئامىرىكىدىكى كۆرگەن -بىلگەنلىرىنى خام ماتىريال قىلىپ« ھازىرقى زامان ئامىركىنىڭ روھىي تۇرمۇشى » ( 1889 ) دېگەن كىتاپنى يازغان. مارىك تۇۋېندىن ئۈگنىۋالغان يۇمۇرسىتىك تۇيغۇ ئارقىلىقئامىرىكىنىڭ تۇرمۇش يۇسۇنى نى ئاچچىق مەسخىرە قىلغان.

1890 ـ يىلى نېكاھتىن ئاجراشقان نورۋېيگىيلىك بىر ئايال بىلەن توي قىلغان. شۇ يىلى ئۇ داڭلىق رومانى « ئاچارچىلىق » نى ئېلان قىلغان. بۇ كىتاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى ئازاپلىق، ئۈمىدسىزلىك تۇرمۇشىنى يازغان.

شۇنىڭدىن كېيىن ھامسۇن پۈتۈن زېھنى قۇدرىتىنى رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، ئارقا ـ ئارقىدىن « سىر» (1892 )، « چولپان ئىلاھى » (1894) ۋە « ۋىكتورىيە خانقىز»( 1898) قاتارلىق رومانلارنى يازغان. 1890 ـ يىلى ئۇ ماقالە ئېلان قىلىشقا، ئاشكارە نۇتۇق سۆزلەشكە باشلىغان. ئەدەبياتنىڭ پىسخىك تەسۋىرىگە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەكلىكىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، روھى دۇنيا ۋە ئىدىيۋى پائالىيەتنى يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ نەزىريىۋىلىرىنى « سىر » دېگەن ئەسىرىگە سىڭدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل تەشەببۇسى ئىپۇلىن ۋەكىللىكىدىكى نورۋىگىيە ئەدەبىيات ساھەسىگە جەڭ ئېلان قىلىش بولۇپ ھېسابلانغان. « سىر » دىن ھامىسۇننىڭ بۇ تەشەببۇسىنى ئۆز ـ ئۆزنى ئاقلايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ كىتاپتا ئىپۇلىن قاتارلىق جامائەت ئىتراپ قىلغان بۈيۈك ئەرباب قا يۇشۇرۇن ۋۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

« زىمىننىڭ نىمەتلىرى» (1917 ) دېگەن ئەسەر ھامىسۇننىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدۇر.«زىمىننىڭ نىمەتلىرى » ئۇنىڭ ئابىدە خاراكتىرلىك ئەسىرى بولغاچقائۇ 1920 ـ يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. بۇ زىمىننى مەدىھىيلەيدىغان، ئەمگەكنى كۈيلەيدىغان ئىپوس بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئىدىيۋى خائىشىنى: ئىنسانلار پەقەت ئىپتىدائىيلىقنىڭ، تەبىئەتنىڭ قوينىغا قايىتىپ بارغاندىلا ئاندىن روھىي جەھەتتىكى پاكلىقنى ، سەمىميلىكنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى، سانائەت مەدىنيىلىكىنى ۋە سودا ئىقتىسادىنىڭ ئاخىرى كىشلەرگە پۇت دەسسەپ تۇرغىچىلىك ئورۇن بەرمەيدىغانلىقى، پەقەت يەر بولغاندىلا ئاندىن ئىنسانلار ۋە كۈللى جانلىقلارنى باققىلى بولىدىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئوبزورچىلار ساھەسىدىكىلەر « زىمىننىڭ نىمەتلىرى » نىڭ ئالاھىدىلىكى چىن ۋە پاكلىقتا، قەدىمئىيلىككە ئىگە ئىپوس ئۇسلۇبى يارتىلغانلىقىدا، ئومۇمى گەۋدە ئۈنۈمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەسەردە بىر خىلھەيۋەتلىك ژانىر يارتىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە دېھقانلار ئەسىرى دىيىشكە بولىدۇ دەپ قاراشقان.

ھامىسۇن يۇقىردىكى ئەسەرلەردىن باشقا يەنە « ئاخىرقى شاتلىق » (1912)، « ئاخىرقى باپ » (1923) ، تىرولوگىيە « سەرگەردان» (1927) ، « ئوۋگۇست » (1930 )، « كىشلىك ھايات مەڭگۈ مەۋجۇت » (1933 )، درامما « دۆلەت دەرۋازىسى » (1895 )، « تۇرمۇش ئۇيۇنى » (1896)، « كەچكى شەپەق » (1898 ) شىئېرلار توپلىمى « دالىنىڭ ناخشا ساداسى » (1904) قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.

1949ـ يىلى ھامىسۇن تۈرمىدىن قويۇپ بىرىلگەندىن كېيىن ياشانغانلار ساناتۇرىيىسىدە ئاخىرقى ئەسىرى « ئوتلاقتىكى چىغىر يولدا » نى تاماملىغان. 1952 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 19ـ كۈنى 93 يېشىدا گېلىنمىستىردا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

ھامىسۇن نىتزيىنىڭ پەلسەپىسىگە چۇقۇنغان، خاسىيەتلىك ئادەملەر ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش تۈپەيلىدىن ناتسىسلارنى مەدھىيلەش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. ئۇ ۋەتەن خائىنى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ 70 يىللىق جاپالىق بىلەن ياراتقان نۇرغۇن ئەسەرلىرى يەنىلا نورۋىگىيە ئەدەبىياتىدىكى قىممەتلىك بايلىق دەپ  قارالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىنى بېيىتقان . 

1920- يىلى «زېمىننىڭ تۇغۇلۇشى» ناملىق تارىخىي شېئىرىي رومانى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 

(خەنزۇچە«نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى دىۋانى» ناملىق كىتاپتىن)

(تەرجىمان: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» مۇنبىرى ژۇرنىلىدا)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10337

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: