پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ھېرتا مىللېر: قەبرە ئالدىدا سۆزلەنگەن تەزىيە نۇتقى

قەبرە ئالدىدا سۆزلەنگەن تەزىيە نۇتقى

 

ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە)

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:

2009– يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېرتا مىللېر 1953- يىلى 17- ئاۋغۇست رۇمىنىيەنىڭ تىمىش ناھىيىسىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، گېرمان تىلى ئۇ تۇغۇلغان كەنتتە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلەتتى. 1982- يىلى ئۇنىڭ تۇنجى كىتابى ــ ھېكايىلەر توپلىمى «ئويمانلىق» (低地) نەشر قىلىنغان. 1987- يىلى ئېرى ــ ھېكايە يازغۇچىسى رىچارد ۋاگ بىلەن غەربىي گېرمانىيەگە كۆچۈپ بارغان، گېرمانىيەدە كۆپ قېتىم ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھازىر بېرلىندا ياشايدۇ.

ھېرتا مىللېر شېئىردەك نەپىس تىل، نەسىردەك چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن يار- يۆلەكسىز، باشپاناھسىز كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.

                                                                                   ــــ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش كومېتېتى

دېگىلى بولمىغان نەرسىنى يازغىلى بولىدۇ. چۈنكى يېزىقچىلىق سۈكۈت ئىچىدە داۋاملىشىدىغان پائالىيەت، مېڭىدە ئويلاپ قولدا بېجىرىدىغان بىر خىل ئەمگەك.

                                           ـــ ھېرتا مىللېرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى

بۇ ھېكايە ئاپتورنىڭ «ئويمانلىق» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى. «ئويمانلىق» ھېرتا مىللېرنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ، بۇ توپلامدىكى ھېكايىلەردە ئاپتوبىئوگرافىيە تەركىپلىرى كۆپرەك. بۇ ھېكايىلەردە بانات سۋابېن رايونى (بۇ رايوندا ئاساسلىقى گېرمان پۇشتىدىن بولغان رۇمىنىيىلىكلەر ئولتۇراقلاشقان) دىكى جاپالىق يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدىكى مەھكۇملۇق ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئېچىنىشلىق ئاسارەتلەر بالىلارغا خاس كۆز بىلەن كۆزىتىلگەن. مەزكۇر ھېكايىلەر توپلىمى ئوقۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا نەچچە قېتىم قىرقىلىش، قىسقارتىلىش ئارقىلىق 1982- يىلى بۇخارىستتا نەشر قىلىنغان. ھېرتا مىللېر مەزكۇر توپلامدىكى «ئويمانلىق» ناملىق ھېكايىسىدىن باشلاپ ئىچكى مونولوگ ئارقىلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ زۇلمەت قاپلىغان يېزىسىدا چوڭ بولۇش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان.

2009 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى

ھېرتا مېللىرنى زىيارەت

?p=9994

 

قەبرە ئالدىدا سۆزلەنگەن تەزىيە نۇتقى

پويىز ۋوگزالدا قۇيۇق ھور پۈركىگىنىچە پۇشۇلداپ تۇراتتى، ئۇرۇق- تۇغقانلار پويىزنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار ھەر قەدەملىرىدە قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ پۇلاڭلىتاتتى.

بىر يىگىت پويىز دەرىزىسىنىڭ كەينىدە تۇراتتى، دەرىزىنىڭ ئاستىنقى گىرۋىكى ئۇنىڭ قولتۇقىغا كېلەتتى. ئېيتقۇسىز خىيال ئىلىكىگە ئەسىر بولغان بۇ يىگىت قۇچىقىدا بىر دەستە ئاق چېچەكگۈل كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

بىر دوك ئايال چېھرى قەغەزدەك تاتارغان بىر بالىنى ۋوگزالدىن سۆرىگىنىچە چىقىپ كېتىۋاتاتتى.

پويىز ئۇرۇش تامان يۈرۈپ كەتتى.

مەن تېلېۋىزورنى پاسسىدە ئۆچۈرۈۋەتتىم.

دادام ئۆينىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان تاۋۇت ئىچىدە ياتاتتى. ئۆينىڭ تۆت تېمىغا رەسىملەر قاتىرىسىغا ئېسىۋېتىلگەن، رەسىمنىڭ جىقلىقىدا تامنى كۆرگىلى بولمايتتى.

بىر رەسىمدە دادام ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ بويى ئاشۇ ئورۇندۇقنىڭ يېرىمىچىلىكلا كېلەتتى.

ئۇ ئۇچىسىغا ئۇزۇن كەمزۇل كىيگەن ھالەتتە ئېڭىشىپ تۇراتتى، يۈز گۆشلىرى پۈرۈم- پۈرۈم بولۇپ كەتكەن، بەئەينى نەشپۈتنىلا ئەسلىتىدىغان سوزۇنچاق بېشى تاقىر بولۇپ، چاچ ئەدىۋايى كۆرۈنمەيتتى.

يەنە بىر رەسىمدە دادامنىڭ تويى بولۇۋاتاتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ گەۋدىسىنىڭ يېرىمىنىلا كۆرەلەيتتى، يەنە يېرىمىنى ئانامنىڭ قولىدىكى بىر دەستە ئاق چېچەكگۈل توسۇۋالغانىدى. ئۇلارنىڭ باشلىرى بىر- بىرىگە چىڭڭىدە چاپلاشقان، قۇلاقلىرىمۇ بىر- بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.

يەنە بىر رەسىمدە دادام باجىڭگىر ئاياغ بىلەن بىر چىتلاقنىڭ ئالدىدا قارغا دەسسىگىنىچە تىككىدە تۇراتتى. قار زىيادە ئاپئاق ئىدى، شۇ تۇرۇقىدا دادام گويا بوشلۇققا دەسسەپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنەتتى. بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈلگەن قوللىرىنى كىمدۇر بىرىگە پۇلاڭلىتىۋاتاتتى. چاپىنىنىڭ ياقىسىنىڭ ئۇ يەر- بۇ يېرىدە بەلگە بار ئىدى.

يېنىدىكى يەنە بىر رەسىمدە دادام يەلكىسىگە بىر تال جوتۇ يۈدۈۋالغانىدى. كەينىدىكى ئېگىز بوي تارتىپ ئۆسكەن قۇناق شاخلىرى كۆككە سوزۇلغانىدى. دادامنىڭ بېشىدا شىلەپە، شىلەپە جىيىكىنىڭ سايىسى ئۇنىڭ يۈزىنى توسۇۋالغانىدى.

يەنە بىر رەسىمدە دادام مال توشۇيدىغان ماشىنىنىڭ رولىنى تۇتقىنىچە ئولتۇراتتى. ماشىنىغا لىققىدە نەرسە- كېرەك بېسىلغانىدى. ئۇ ھەر ھەپتىسى ئاشۇ ماشىنىدا شەھەردىكى قۇشخانىغا كالا توشۇيتتى. ئۇنىڭ ياغاق يۈزلىرى كۆزگە بۆلەكچە تاشلىنىپ تۇراتتى.

دادام ھەممە رەسىمگە بىر خىللا سىياقتا، كېلەر قېتىم زادى نېمە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقاندەكلا بىر قىياپەتتە چۈشكەنىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىلمەيمۇ قالمايتتى. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان رەسىملەر ئىدى. شۇ قەدەر كۆپ ساختا رەسىملەر، دادامنىڭ شۇ رەسىمدىكى ساختا چىرايى ئۆينى تېخىمۇ سۆرۈنلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئورۇندۇقتىن ئۆرە تۇرماقچى بولدۇم، لېكىن كۆينىكىم مۇز تۇتۇپ ئورۇندۇققا چاپلىشىپ قالغانىدى. كۆينىكىم قارا رەڭدە بولۇپ، تېگى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇنداقلا قىمىرلىسام كۆينىكىمدىن شاراق- شۇرۇق ئاۋاز چىقاتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ دادامنىڭ يۈزىنى سىيلىماقچى بولدۇم. دادامنىڭ يۈزى ئۆيدىكى نەرسىلەردىنمۇ ئۆتە مۇزدەك ئىدى. سىرتتا تېخى ياز ئىدى. ئۇياقتىن بۇياققا گىژىلداپ ئۇچۇشۇپ يۈرگەن چىۋىنلەر تۇخۇملاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. كەنت شېغىللىق يولغا قەدەر سوزۇلغانىدى. قوڭۇر رەڭ يول تونۇردەك قىزىغان، تەپتى كىشىنىڭ كۆزىنى چاقاتتى.

قەبرە ئۇششاق شېغىلدىن قۇيۇلغان، ئۈستىگە يوغان- يوغان قورام تاشلار دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى.

پەسكە قاراپ ئايىغىمنىڭ چەمىنىڭ ئۈستىگە دىڭگىيىپ قالغانلىقىنى سەزدىم. ئايىغىمنىڭ بوغقۇچىنى دەسسىگىنىمچە خېلى ئۇزۇن مېڭىپ يۈرگەندەك قىلاتتىم. ئايىغىمنىڭ ئۇزۇن ھەم توم بوغقۇچلىرى كەينىمدە سۆرۈلۈپ، ئۇچى كاللەكلىشىپ قالغانىدى.

ئىككى پاكىنەك ئەر كىشى مىيىت توشۇش ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن دەلدۈسلىگىنىچە تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ چىقتى- دە، ئۈزۈلۈپ كېتەي دەپ ئاران قالغان ئىككى تال ئارغامچا بىلەن تاۋۇتنى قەبرىگە چۈشۈردى. تاۋۇت توختىماي مىدىرايتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرى بارغانسېرى ئۇزۇن سوزۇلۇشقا، ئارغامچىمۇ ئۇزۇراشقا باشلىدى. ھاۋانىڭ شۇ قەدەر قۇرغاق بولۇشىغا قارىماي، يەرلىكنىڭ ئىچىدىن سۇ تەپچىرەپ تۇراتتى.

– داداڭ تالايلىغان ئادەمنىڭ خۇن قەرزى بىلەن كېتىپ قالدى،- دېدى غەرق مەست بولۇۋالغان پاكىنەك بىر ئادەم.

– دادام ئۇرۇشقا قاتناشقان. ھەر 25 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندە بىر ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىنىپتىكەن. ئۇرۇشتىن يېنىپ كەلگەندە بىرمۇنچە ئوردېننى كۆتۈرۈپ كەپتىكەن،- دېدىم مەن.

– داداڭ بىر لوبولۇقتا بىر ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان،- دېدى ھېلىقى پاكىنەك ئەر،- تۆت ھەربىي بىلەن بىللە باسقۇنچىلىق قىلغان. داداڭ بىر تال لوبونى ھېلىقى ئايالنىڭ چاتىرىقىغا تىقىۋەتكەن. كېتىدىغان چېغىمىزدا ئايالدىن قان ئېقىپ قالغان. ئۇ گېرمانىيەلىك ئايال ئىدى. شۇ ئىش بولۇپ نەچچە ھەپتىگىچە بىز قورالىمىزنىمۇ لوبۇ دەپ ئاتىۋالغانىدۇق.

– ئۇ كۈز ئاخىرلىشىپ قالاي دېگەن كۈنلەر ئىدى،- دېدى پاكىنەك ئەر،- لوبو يۇپۇرماقلىرى سوغۇقتىن قارىداپ قورۇلۇپ قالغانىدى.

ئارقىدىن پاكىنەك ئەر يوغان بىر تال قورام تاش بىلەن تاۋۇتنى باسۇرۇپ قويدى.

غىققىدە مەست بولۇۋالغان يەنە بىر پاكىنەك كىشى گەپ باشلىدى:

– يېڭى يىلدا بىز گېرمانىيىنىڭ بىر كىچىك شەھرىدە ئوپېرا كۆردۇق. ئايال ناخشىچىنىڭ ئاۋازى بەك زىل ئىدى، رۇسىيىلىك ئاياللارنىڭ چىرقىرىغىنىغىلا ئوخشايتتى. بىز زالدىن بىر- بىرلەپ ئايرىلدۇق. داداڭ ئەڭ كەينىمىزدە قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە ھەپتىگىچە داداڭ ھەرقانداق ناخشىنى، ھەرقانداق ئايالنى لوبو دەپ ئاتاپ يۈردى.

بۇ پاكىنەك ئەر ئاق ھاراق ئىچىۋالغان، ئاق ھاراقنىڭ تەسىرىدە قورسىقى ھەدەپ كوركىرايتتى.

– قارنىمدىكى ئاق ھاراق قەبىرىگە سىڭىپ كەتكەن يەر ئاستى سۈيىدەك جىق،- دېدى ئۇ.

ئارقىدىن پاكىنەك ئەر كىشى ئېغىر بىر تاشنى يۆتكەپ تاۋۇتنىڭ ئۈستىگە باسۇرۇپ قويدى.

ئاق مەر- مەر تاشتىن ياسالغان بىر كىرىست جاھازىسىنىڭ يېنىدا تەزىيە نۇتقى سۆزلىگۈچى تۇراتتى. ئۇ ئىككى قولىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا تىققىنىچە ماڭا قاراپ كېلىشكە باشلىدى.

ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنىڭ پەتلىسىگە ئالقان چوڭلۇقىدىكى بىر تال ئەتىرگۈل قىستۇرۇغلۇق ئىدى. گۈلنىڭ بەرگىلىرى شۇنچىلىك يۇمران ئىدى. ئۇ يېنىمغا كېلىپ، بىر قولىنى يانچۇقىدىن چىقاردى، مۇشتۇمى چىڭڭىدە تۈگۈكلۈك ئىدى. ئۇ چىڭڭىدە تۈگۈكلۈك بارماقلىرىنى ئاچماقچى بولدى- يۇ، ئاچالمىدى. ئۇنىڭ كۆز- قاپاقلىرى ئازابتىن مۇشتەك ئىششىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئايانچلىق ئاۋازدا ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى.

-ئۇرۇشتا بىر يۇرتلۇقلار بىلەن چىقىشىپ بولغىلى بولمايدۇ،- دېدى ئۇ،- بۇ خەقلەر زادىلا بۇيرۇققا بويسۇنمايدۇ.

ئاندىن تەزىيە نۇتقى سۆزلىگۈچى يوغان بىر تاشنى ئېلىپ تاۋۇتنى باسۇرۇپ قويدى.

ئەمدى سېمىز بىر كىشى يېنىمغا كەلدى. ئۇنىڭ بېشى قازاندەك يوغان بولۇپ، بېشىنىڭ يوغانلىقىدا يۈز- كۆزىنى تۈزۈك كۆرگىلى بولمايتتى.

-سېنىڭ داداڭ مېنىڭ خوتۇنۇم بىلەن نەچچە يىل بىللە ياتقان،- دېدى ئۇ،- مېنى مەست قىلىپ قويۇپ جىق قاقتى- سوقتى قىلغان، پۇلۇمنىمۇ ئوغرىلىۋالغان ئىدى.

ئۇ تاشنىڭ ئۈستىدە زوپپىدىلا ئولتۇردى.

ئارقىدىن چىرايىنى تۈگەل قورۇق باسقان جۈدەڭگۈ بىر ئايال يېنىمغا كەلدى- دە، يەرگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈۋېتىپ، ماڭا قاراپ «تۇفى» دەپ قويدى.

مىيىت بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى قەبرىستانلىقنىڭ يەنە بىر بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. مەن ئۈستى- بېشىمغا سەپسالغاچ پەسكە قارىدىم، قارىدىميۇ قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم، ھەممەيلەن كۆكسۈمگە تىكىلىپ قېتىپلا قالغانىدى. ۋۇجۇدۇم مۇزلىغاندەك بولدى.

ھەممەيلەن نەزەرىنى شاپپىدىلا ماڭا ئاغدۇردى. كۆز ئالدىم قۇپقۇرۇق، ماڭا تىكىلگەن كۆزلەر ۋۇجۇدۇمغا نەشتەر بولۇپ سانجىلماقتا ئىدى. ئەرلەرنىڭ يەلكىسىدە مىلتىق بار ئىدى، ئاياللار شاراقلىتىپ ھەدەپ تەسۋى سىيرىشماقتا ئىدى.

تەزىيە نۇتقى سۆزلىگۈچى ئەتىرگۈل بەرگىلىرىنى تىتىپ- تىتىپ يۇلۇۋېتىپ رەڭگى قىپقىزىل قاننى ئەسلىتىدىغان بىر تال ياپراقنى ئاغزىغا سالدى- دە، چايناپ- چايناپ يەۋەتتى.

ئۇ ماڭا قولى بىلەن شەرەت قىلدى. بۇنىڭدىن مەن شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئىككى ئېغىز نۇتۇق سۆزلىمىسەم بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ھەممەيلەننىڭ كۆزى مەندىلا ئىدى.

شۇنچە قىلساممۇ بىرەر ئېغىز گەپ يادىمغا كېلەي دېمەيتتى. كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى بوغۇزۇمدىن تېشىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل مېڭەمگىلا بۆسۈپ كىرمەكتە ئىدى. قولۇمنى ئاغزىمغا يېقىن ئەكېلىپ بارمىقىمنى چىشلىدىم. بارمىقىمدا چىشلىرىمنىڭ ئىزى قالغانىدى، چىشلىرىم بۆلەكچە قىززىق ئىدى. جاۋغىيىمدىن قىپقىزىل قان شۇرۇلداپ ساقىپ چىقىپ يەلكەمگىچە يېيىلىشقا باشلىدى.

شامال كۆينىكىمنىڭ بىر يېڭىنى يىرتىۋەتتى. يېڭىم گويا قاپقارا تۇمانلاردەك ھاۋادا لەيلەپ يۈرەتتى.

بىر كىشى ھاسىسىنى يوغان بىر تال قورام تاشقا يۆلەپ قويۇپ قولىغا مىلتىقنى ئالدى- دە، ئۇچۇپ يۈرگەن يېڭىمغا قارىتىپ ئاتتى. كۆينىكىمنىڭ يېڭى كۆز ئالدىمدىلا لەيلەپ يۈرەتتى، يېڭىم قىپقىزىل قان بىلەن بويالغانىدى. مىيىت بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمىغا كەلگەنلەر چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاپ كېتىشتى.

ئېچىلىپ قالغان بىلىكىم ئۆزۈمگە گويا ھاۋادا تاشقا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا تۇيۇلماقتا ئىدى.

تەزىيە نۇتقى سۆزلىگۈچى يەنە قولىنى شىلتىۋېدى، چاۋاك سادالىرى شىپپىدىلا توختىدى.

– بىز كەنتىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. كارامەتلىرىمىز بىزنى قوغدايدۇ، بىز گۇمران بولمايمىز، ئەيبلىنىپمۇ يۈرمەيمىز،- دېدى ئۇ،- تۆھمەتكىمۇ ئۇچرىمايمىز. گېرمانلار كەنتىمىزنىڭ نامى بىلەن سېنىڭ ئۆلگەنلىكىڭنى جاكارلايمەن.

ھەممە ئادەم مىلتىقلىرىنى ماڭا توغرىلاشتى. كاللامدىكى پارتلاش ئاۋازى قۇلىقىمنى پاڭ قىلىۋەتكەنىدى.

مەن پالاققىدە يىقىلدىم، لېكىن يېنىم ھېچ يەرگە تەگمەيتتى. مەن ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى ھاۋادا توغرىسىغا ياتاتتىم. ئىشىكنى ئاستاغىنە ئاچتىم.

ئانام جىمى ئۆينى بىكارلىۋەتكەنىدى.

ئەسلى مېيىت قويۇشقا تېگىشلىك ئۆيگە ئۇزۇن بىر ئۈستەل قويۇلغانىدى. بۇ قاسساپلارنىڭ گۆش پارچىلايدىغان ئۈستىلى بولۇپ، ئۈستىگە ئاق رەڭلىك قۇرۇق تەخسە بىلەن بىر تال لوڭقا قويۇلغان، لوڭقىغا ئاق چېچەكگۈل سېلىقلىق ئىدى.

ئانام ئۇچىسىغا تېگى كۆرۈنىدىغان قارا كۆينەك كىيىۋالغان، قولىدا يوغان بىر تال پىچاق بار ئىدى. ئۇ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى، قولىدىكى پىچاق بىلەن يوغان ئۆرۈلگەن قوڭۇر چاچلىرىنى كېسىپ تاشلىدى- دە، كېسىلگەن چاچلىرىنى ئىككى قولى بىلەن چاڭگاللىغىنىچە ئۈستەلگە قاراپ ماڭدى، ئاندىن چاچنىڭ بىر ئۆرۈمىنى تەخسىگە سالدى.

-ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇچامدىن قارىلىق كىيىمىنى سالمايمەن،- دېدى ئۇ.

ئۇ بىر ئۆرۈم چېچىنىڭ بىر ئۇچىغا ئوت ياقتى. چاچ ئۈستەلنىڭ بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە ئۇزۇن يېيىپ قويۇلغانىدى. چاچ بومبا پىلتىسىدەك پاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدى. ئوت چاچنى يالماپ يۇتماقتا ئىدى.

-رۇسىيەدە ئۇلار چېچىمنى چۈشۈرۈۋەتتى. بۇنى جازانىڭ ئەڭ يېنىكى دېيىشكە بولاتتى،- دېدى ئۇ،- ئاچلىقتىن بېشىم پىرقىرايتتى. كېچىدە بىر لوبولۇققا ئۆمىلەپ كىردىم. قاراۋۇلدا قورال بار ئىدى. ئۇ مېنى كۆرۈپلا قالسا ئېتىپ تاشلايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ھېچقانداق تىۋىش چىقارمىدىم. ئۇ كەچكۈز ۋاقتلىرى ئىدى، لوبو يۇپۇرماقلىرى سوغۇقتىن قارىداپ سولۇشۇپ قالغانىدى.

ئانامنى كۆرەلمەيلا قالدىم. ئۇنىڭ چېچى تېخىچە كۆيۈۋاتاتتى. ئۆينىڭ ئىچى قۇيۇق ئىس بىلەن تولغانىدى.

-ئۇلار سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتى،- دېدى ئانام.

بىر- بىرىمىزنى كۆرەلمەيلا قالغانىدۇق، ئۆي ئىچى قويۇق ئىس بىلەن تولغانىدى.

ئانامنىڭ قەدەم تىۋىشى يېنىمدىلا ئاڭلىناتتى. مەن قوللىرىمنى ئۇزۇن سوزۇپ ئۇنى تۇتماق بولاتتىم.

ئۇ تۇيۇقسىز ئورۇقلۇقىدىن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان قوللىرى بىلەن چېچىمدىنلا ئالدى. ئۇ چېچىمدىن تۇتۇپ بېشىمنى ھەدەپ سىلكىيتتى. مەن توختىماي چىرقىرايتتىم.

كۆزلىرىمىنى تولىمۇ تەستە ئاچتىم. ئۆي پىرقىراپ چۆرگىلەيتتى. مەن ئاق چېچەكگۈلدىن ياسالغان بىر چەمبەرنىڭ ئىچىدە سولاقلىق ھالەتتە ياتاتتىم.

تۇرۇپلا مەھەللىنىڭ ئۆڭتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئىچىدىكى جىمى نەرسىلەر يەردە چېچىلىپ ياتاتتى.

قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلىدى، بۇ شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت بەش يېرىم بولغان چاغ ئىدى.

ھېرتا مىللېرنىڭ «ئويمانلىق» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن

تەرجىمە قىلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10359

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-31
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: