پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

«ئوبېكىتلاشتۇرۇش» ۋە «مەبۇدقا ئايلاندۇرۇۋالماسلىق» ھەققىدە

«ئوبېكىتلاشتۇرۇش» ۋە «مەبۇدقا ئايلاندۇرۇۋالماسلىق» ھەققىدە

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 

مېھرىبان ئانىلار، ھۆرمەتكە سازاۋەر چوڭلار، قەدىرلىك پېشىۋالار ۋە شۇنداقلا سۆيۈشىمىزگە، ئۈلگە ئېلىشىمىزغا، ھۆرمىتىمىزگە، ئەسلىشىمىزگە لايىق كىشى ۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىمىزنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئوبېكتى بولالايدۇ، لېكىن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ باش ئېگىپ سەجىدە قىلىدىغان مەبۇد قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، «ئوبېكىتلاشتۇرۇش» ئىلمىي ئىدىيىلەرگە ئىنتىلىشكە تالىق بولسا، «مەبۇدلاشتۇرۇش» ئىلمىي بولمىغان ئىدىيىلەرگە، خۇراپىيلارچە ئىشىنىشكە تالىق بولىدۇ.

ئەنگىلىيە پەيلاسوپى بېرتراند رۇسسېل «بەخىتنى قولغا كەلتۈرۈش» دېگەن كىتابىدا «مەبۇدلاشتۇرۇش» قا قارشى تۇرۇشتىكى تەبىئىي ئىنكاس ئەندىزىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «يوشۇرۇن ئاڭنى توغرا ماھارەتلەر بىلەن ئۆزگەرتىش (مەبۇدلاشتۇرۇش كۆپىنچە ھاللاردا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ قارىغۇلارچە ھەرىكىتى ياكى ئاۋامغا ئەگىشىشتەك ئەخمىقانىلىقتىن باشلىنىدۇ) تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش. سىز مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن ھەسرەت چەكسىڭىز، ئىدراكىڭىز سىزگە ھەسرەتلىنىشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، ئاشۇ سەۋەبنىڭ بىمەنە تەرەپلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۆز ئىدىيىڭىزنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇش يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلىق دەۋرىڭىزدە سىزنى باققۇچى ياكى ئانىڭىزنىڭ سىزدە پەيدا قىلغان تەسىرلىرىگە قارشى تۇرالايسىز. ئەقلى- ھۇشىڭىزنىڭ جايىدا بولۇش- بولماسلىقى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ئاشۇ ئەقىلسىزلىكىڭىزنى ئوبدان تەپتىش قىلىڭ ۋە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىڭ، ئۇنىڭ سىزنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىۋېلىشىغا يول قويماڭ. ئىرادىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاشۇ نادان ئىدىيىلەر ۋە تۇيغۇلارنىڭ سىزدىكى ئەقىلسىزلىك بىلەن بىر تۇغقان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىڭ– دە ، ئۇلارنى ۋۇجۇدىڭىزدىن چۆرۈپ تاشلاڭ.» رۇسسېل بۇ يەردە بىزنى بالىلىق دەۋرىمىزدە بالا باققۇچى ياكى ئانىمىزنىڭ قالدۇرغان تەسىرىگە ـــ ئىپتىدائىي چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئىپتىدائىي چوقۇنۇش خىلمۇ خىل مەبۇدلارغا چوقۇنىدىغان پىسىخىك ئاساس ۋە ئەقىلسىزلىك ئىستىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ بەجايىكى ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولمايدىغان بىر يىپتەك چوقۇنغۇدەك مەبۇدىسى بولمىغانلىقتىن، تەندىن ئايرىلىپ لەيلەپ يۈرىدىغان روھلارنى چىڭ باغلاپ تۇرىدۇ– دە، ئەسلىدىكى چوقۇنۇشنىمۇ بىرگە يوق قىلىدۇ، ئۇلار تىرىشىپ– تىرمىشىپ يۈرۈپ يەنە بىرنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىدۇ. . . شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلاردا چوقۇنغۇدەك تۈرلۈك – تۈمەن مەبۇدلار ئۈزۈلمەي پەيدا بوپ تۇرىدۇ.

«مەبۇدلار» نىڭ قارىغۇ بولماسلىقى چوقۇنغۇچىلارنىڭ قارىغۇلۇقى بىلەن قوشۇلۇپ پەيدا قىلغان ئاجايىپ- غارايىپ قاراشلار ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى مەسخىرە تۈسىگە ئەڭ باي كومېدىيەلىدۇر، ئىنسانىيەت ئەقىل– پاراسىتىنىڭ كىشنى ئەڭ نومۇس قىلدۇرىدىغان بايلىق قەلىمدۇر . ئاتالمىش «گۇناھى ئەزەل تەلىماتى» «مەبۇدلار» نىڭ ئېگىزدە تۇرۇۋېلىپ «جىمى مەخلۇقلار» نىڭ كەيپىياتىنى مەسخىرە قىلىشتىن ئايرىلىپ چىققان ئەپسانىدۇر. بۇ خىل تەنبىھنىڭ رەزىللىكى شۇ يەردىكى، ئۇ 100 مىليارد چوڭ مېڭىنىڭ ھۆر تەپەككۇر ئىقتىدارىنى پاكپاكىز خورىتىۋېتىدۇ- دە، ئۇنىڭ ئەقىل پەيدا قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش فونكىسىيەسىنى قارىغۇلارچە سۈنئىي مەبۇدلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تارىخىدا خاتىرىلەنگەن ئەجدادلىرىغا قايتىش شەكلىدىكى تراگېدىيەلەردە بۇ تېخىمۇ بەكرەك روشەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەت ئاپەت خاراكتېرلىك ۋە چەكسىز بولىدۇ.

قىزغىن سۆيۈشكە، مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك كىشى ۋە ئىشلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالماسلىق، بەلكى ئۇنى «مەبۇدقا ئايلاندۇرۇش»، ئۇنى ياشاشقا ۋە ئۆزىدىكى پاراسەتلەرنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق تەرەپكە بۇراش كېرەك. مەبۇدلارغا باش ئۇرىدىغان، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر بوشلۇقىنى تارتىۋېلىشىغا قاراپ تۇرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىغاندىلا ئاندىن روھىي دۇنيانىڭ ئەڭ زور چەكتە نىسپىي ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار بولىدۇ. بۇنداق ئەركىنلىك قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11524

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-03-26
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: