پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

يېڭى رومان: زۇڭتۇڭ ئەپەندى 1- باب

زۇڭتۇڭ ئەپەندى

(رومان)

ئاپتورى: مىگېل ئانگېل ئاستۇرىياس

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

مۇندەرىجە

كىرىش سۆز

بىرىنچى بۆلۈم ئاپېرىلنىڭ 21-، 22- ۋە 23- كۈنلىرى

1. كاتولىك چېركاۋى پىشايۋىنى ئاستىدا

2. «چىۋىن» نىڭ ئۆلۈمى

3. پېررارى قاچتى

4. پەرشتىنىڭ چېھرى

5. ھېلىقى ھايۋان!

6. گېنىرالنىڭ كاللىسى

7. پوپ گۇناھنى كەچۈرگەي

8. پىشايۋان يېنىدىكى ياغاچ قونچاق سەنئەتكار

9. ئەينەك كۆز

10. ئارمىيە ئىچىدىكى پادىشاھ

11. بۇلاڭچىلىق

ئىككىنچى بۆلۈم ئاپېرىلنىڭ 24-، 25-، 26- ۋە 27- كۈنلىرى

12. كامىلا

13. قولغا ئېلىش

14. مەدھىيە ئوقۇلدى

15. تاغا ۋە ھامما

16. «يېڭى ھويلا» دا

17. سىرلىق مۇھەببەت

18. ئىشىك چېكىلدى

19. ھېساب ئېلىش ۋە

20. ھەممىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىسى

21. ئاسمان چۆرگىلەپ يەر پىرقىرىدى

22. تىرىك قەبرە

23. زۇڭتۇڭ ئەپەندىگە يېزىلغان دوكلات

24. پاھىشىخانا

25. ئۆلۈكنىڭ بارارگاھى

26. قاباھەتلىك چۈش

27. يولدا قېچىپ يۈرۈش

ئۈچىنچى بۆلۈم يىللار، ئايلار، كۈنلەر

28. قاراڭغۇدىكى دىيالوگ

29. ھەربىي سوت

30. سەكراتتىكى نىكاھ

31. شەپقەتسىز قاراۋۇل

32. زۇڭتۇڭ ئەپەندى

33. زۆرۈر تۈزىتىش

34. ئەينەكتىكى گۈل

35. ناخشا ئىچىدىكى ناخشا

36. ئىنقىلاب

37. تويىرنىڭ ئۇسسۇلى

38. سەپەر

39. پورت

40. مۆكۈ- مۆكۈلەڭ

41. ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشتى

خاتىمە

بىرىنچى بۆلۈم

ئاپېرىلنىڭ 21-، 22-، 23- كۈنلىرى

1. كاتولىك چېركاۋىنىڭ پىشايۋىنى ئاستىدا

«نۇر چاچقىن رۇزبېل، تاشتەك نۇرلىرىڭنى چاچقىن!» دەۋەتچىلەر كەچلىك تىلاۋەت ئۈچۈن توختىماستىن قوڭغۇراق چالماقتا ئىدى، كۇسۇرلاپ ئېيتىلغان دۇئا- تىلاۋەت ئاۋازلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى. كۈندۈز بىلەن كېچە ئالمىشىدىغان، قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق نۆۋەتلىشىدىغان پەيتتە بۇ ئاۋاز كىشىنى تولىمۇ ئېغىر بىر تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلاتتى. «نۇر چاچقىن رۇزبېل، چىرىگەن شۇ ئۇلىڭدىن تاشتەك نۇرلىرىڭنى چاچقىن! نۇر چاچقىن، نۇر چاچقىن….. ئوتتەك نۇرلىرىڭنى چاچقىن….. چاقنىغىن، شولاڭنى، ئوتتەك نۇرلىرىڭنى چاچقىن…..»[1]

ئاۋات كوچىلاردىكى كىچىك ئاشپۇزۇللاردىن يېمەكلىك تىلەپ قايىتقان تىلەمچىلەر دەلدەڭشىگىنىچە دەريادەك كەڭ كوچىنى بويلاپ چوڭ ئارمىيە مەيدانىغا قاراپ ئاقماقتا ئىدى، بەزىلىرى چوڭ چېركاۋنىڭ سالقىن يەرلىرىگە بېرىپ سەلگىنە ھاردۇقىنى چىقىرىشاتتى- دە، تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان غېرىبانە شەھەرنى يەنە كەينىگە تاشلاپ يولىغا راۋان بولاتتى.

كېچە، توپ- توپ يۇلتۇزلار كۆكتە ئېسىلىپ تۇراتتى، تىلەمچىلەرمۇ بىر يەرگە غۇژمەك بولۇشتى. ئۇلار ئاخشاملىرى خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا تەرەپ- تەرەپتىن كاتولىك چېركاۋىنىڭ پىشايۋىنى ئاستىغا كېلىپ تۈننى كۈندۈزگە ئۇلايتتى. ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىردىنبىر نەرسە نامراتلىق ئىدى. ئۇلار ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللىشاتتى، ئەشەددىي رەقىبىنى كۆرگەندەك بىر- بىرىنى قاغايتتى، ھېلىدىن ھېلىغا جەينەكلىرى بىلەن ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى بىقىندايتتى، گاھىدا بىر- بىرىگە تۈكۈرۈپمۇ تاشلايتتى، چالمىلارنى ئاتاتتى، بۇمۇ يەتمىگەندەك بىر- بىرىنى چىشلىشەتتى. كۈنبويى ئەخلەت دۆۋىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغانلاردىن ھاسىل بولغان بۇ ئائىلىدە بىر- بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، بىر- بىرىگە ئىشىنىش دېگەندىن ئەسەر يوق ئىدى. ھەممىسى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە كىيىملىرى بىلەنلا ئۇخلايتتى، ئوغرىغا ئوخشاش «دەپى- دۇنيالىرى» نى تۈرمەللەپ بېشىغا ياستۇق قىلىپ ياتاتتى. ئۇلارنىڭ جىمى «دەپى- دۇنياسى» ئېشىپ قالغان سەي- كۆكتات، ئەسكى ئاياغ، يېرىمى كۆيۈپ تۈگىگەن شام، كونا گېزىتلەرگە يۆگەلگەن تاماق، سېسىق ئاپېلىسىن ۋە سېسىق بانان دېگەندەك نەرسىلەر ئىدى.

ئۇلار پىشايۋاننىڭ پەلەمپىيىگە ئوبدان جايلىشىۋالاتتى- دە، تامغا قاراپ تۇرۇپ تەڭگىلىرىنى سانايتتى، گاھىدا راست- يالغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك چىشلەپمۇ باقاتتى. پەس ئاۋازدا ئۆز- ئۆزىگە بىر نېمىلەرنى دەيتتى، تىلەپ كەلگەن ياكى كوچا- رەستىلەردە تاش ۋە تىلتۇمارلىرى بىلەن ھەيۋە قىلىپ يۈرۈپ تارتىۋالغان يېمەكلىكلىرىنى تەكشۈرەتتى، قولىدىكى بولكا پارچىلىرىنى ھېلىلا بىرى كاپپىدە تارتىۋالىدىغاندەك ئوغرىلىقچە قاساپ- قاساپ يېيىشكە باشلايتتى. ئۇلاردا ئەزەلدىن بىر- بىرىگە ياردەم قىلاي دەيدىغان ئاڭ يوق ئىدى، ھەممىسى ئۇچىغا چىققان پىخسىقلاردىن ئىدى. يەپ بولالمىغانلىرىنى ئىتقا تاشلاپ بېرىشكە رازى ئىدىكى، يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا بېرىۋېتىشكە قارنى ئاغرىيتتى.

ئۇلار ئاۋۋال قورساقلىرىنى توقلايتتى، ئاندىن ھەميانلىرىنى قولياغلىقى بىلەن ئوراپ ئالتە- يەتتە تۈگۈچ چىقىرىپ چىگىپ بىقىنىغا چىڭڭىدە تاڭاتتى- دە، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ تاتلىق ئۇيقۇغا غەرق بولاتتى؛ ئەتىسى تاڭ يورۇغۇچە كىشىنى ۋەھىمىگە، ھەسرەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدىغان ھەررەڭ- سەررەڭ قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۆرەتتى. چۈشلىرىدە ئېچىرقاپ قورساقلىرى تارتىشىپ كەتكەن چوشقىلارنى، جۈدەڭگۈ چىراي قىزلارنى، ئورۇقلۇقىدىن بىر تېرە- بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئىتلارنى، يوغان ماشىنىلارنىڭ چاقلىرىنى كۆرەتتى؛ گاھىدا تېخى چېركاۋغا روھنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن تىلاۋەت قىلغىلى كىرىپ كېتىۋاتقان پوپلارنىڭ ھايال ئۆتمەي يەنە ھىلال ئايغا ئوخشاش قۇچىقىغا ئاستاغىنە كېلىپ ئولتۇرغانلىقىدەك چۈشلەرنىمۇ كۆرەتتى؛ گاھىدا چوڭ ئارمىيە مەيدانىدا يولدىن ئېزىپ قېلىپ چۈش كۆرگەن بىرەر ساراڭنىڭ سەت ۋارقىرىشى بىلەن تاتلىق ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتەتتى؛ گاھىدا ئۆزىنى گۆش دۇكىنىدىكى چوشقا گۆشىدەك كانارىغا ئېسىلىپ، ئۈستى- بېشىغا مىغ- مىغ چىۋىن ئولىشىپ كەتكەن ھالەتتە چۈش كۆرگەن بىر ئەما موماينىڭ ئېسەدەپ يىغلىشىدىن ئويغىنىپ كېتەتتى؛ يەنە گاھىدا چارلىغۇچىلارنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىدىن، ۋاڭ- چۇڭلىرىدىن ئويغىنىپ كېتەتتى، چارلىغۇچى ئەسكەرلەر بىر سىياسىي جىنايەتچىنى ئۇرۇپ- دۈشكەلىگىنىچە يالاپ كېتىۋاتاتتى، كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان بىر قانچە ئايال كۆز ياشلىرىدا چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن قولياغلىقى بىلەن جىنايەتچىنىڭ بەدىنىدىكى چېكىم- چېكىم قان داغلىرىنى ھەدەپ سۈرتەتتى؛ گاھىدا يەنە پۈتۈن ئەزايىنى قىچىشقاق بېسىپ كەتكەن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك خورەكلىرىدىن ياكى ئىككىقات گاس- گاچا ئايالنىڭ ئېغىر- ئېغىر خۇرسىنىشلىرىدىن ئويغىنىپ كېتەتتى، ئايال قورسىقىغا بالا ئۈنۈپ قالغىنىدىن قورقۇپ يىغلايتتى. ئەمما ساراڭنىڭ ۋارقىراشلىرى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىدى: ئۇنىڭ كىشى قەلبىنى لەختە- لەختە قىلغۇدەك ئايانچلىق ئاۋازدا چىرقىراشلىرى تىمتاس كېچە باغرىنى تىلغاپ ئەنسىزلىككە سالاتتى.

بىر مەست ھەر يەكشەنبە كۈنلۈكى بۇ غەلىتە كىشىلەر توپىغا قېتىلاتتى. چۈشىدە ئۇ كىچىك بالىلاردەك تېلىقىپ يىغلاپ ئاپىسىنى چاقىراتتى. ساراڭ مەستنىڭ گاھ بىرلىرىنى قارغاشلىرىغا، گاھ ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىشلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان «ئانا» دەپ توۋلاشلىرىنى ھەر ئاڭلىغىنىدا ياتقان يېرىدىن لىككىدە ئۆرە بولاتتى- دە، پىشايۋاننىڭ ئۆپچۆرىسىگە ئەلەڭلەپ قارايتتى. ئۇنىڭ ئۇيقۇسى بىراقلا قاچتى. مەستنىڭ يىغلاشلىرىدىن قورقۇنچقا چۈشكەن ساراڭ دەم ۋارقىرىسا، دەم يىغلاپ يېنىدىكى ھەمراھلىرىنىڭ ئۇيقۇسىنىمۇ ھارام قىلدى.

ھايال ئۆتمەي لالما ئىتلارنىڭ بەس- بەستە كاڭشىشلىرى، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ- چۇرۇڭلىرى ئەتراپنى بىر ئالدى. بىر نەچچە سەپرا مىجەز تىلەمچى ئورنىدىن دىرىڭڭىدە سەكرەپ تۇردى- دە، بۇ مالىمانچىلىقنى بېسىقتۇرماقچى بولۇپ ۋارقىرىدى:

ـــ ئاغزىڭنى يۇمۇش، ھېلى بىكار ساقچى كېلىپ يۇمدۇرۇپ قويمىسۇن يەنە!

ئەمەلىيەتتە، بۇ يەرگە كېلىشنى ئويلىسا ساقچىلارنىڭمۇ بېشى ئاغرىيتتى. بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ يېنىدىن جەرىمانە ئالغۇدەك بىر نېمە چىقمايتتى!

 ـــ فرانسىيە ياشىسۇن!ـــ «توكۇر» لەقەملىك تىلەمچىنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى ساراڭنىڭ غەلۋىسىنى بېسىپ كەتتى. «توكۇر» تىلەمچىلەرنىڭ ئارىسىدا چاقچاقچى ئادەم ئىدى. بۇ توكۇر كەچ كىرگەن ھامان مەستنى دوراپ غەلىتە ئاۋازلارنى چىقىرىپ توۋلايتتى. پېررارى ـــ كۆپچىلىك ساراڭنى شۇنداق دەپ چاقىراتتى ــ ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقان بولسىمۇ، مۇشۇ ئاۋازنى ئاڭلىسىلا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتەتتى. ئەسكى ئەدىيالدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ بۇ قەدەر دەلدۈشلىكىنى كۆرۈپ بىردە ئاھانەت ياغدۇرۇسا، بىردە قاقاھلاپ كۈلەتتى. ساراڭ ھېچقايسىسىغا پەرۋا قىلمايتتى، ئەتراپىدىكى بەدبەشرە چىرايلارغا لاپ ئېتىپ قاراپمۇ قويمايتتى. ئۇ ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتى، ئاڭلىيالمايتتى، ھېس قىلالمايتتى. پەقەت بىكار تۇرماي يىغلايتتى، نالە قىلاتتى، ئۇنىڭ بۇ نالەشلىرى ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ ئۇيقۇ باسقاندىلا ئاندىن توختايتتى. لېكىن، ھەر كېچىسى «توكور» نىڭ ۋارقىراشلىرى بىلەن نەچچە رەت ئويغىنىپ كېتەتتى:

ـــ ئاپا! …..

پېررارى پاللىدە كۆزىنى ئاچاتتى- دە، تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ چۈش كۆرۈپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن ئادەملەردەك كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتەتتى، قورققىنىدىن كىرپىدەك تۈگۈلۈپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزغىنىچە يىغلاشقا باشلايتتى- يۇ، بەكلا چارچاپ كەتكەچكىمىكىن، ھايالشىمايلا يەنە ئۇيقۇغا غەرق بولاتتى. گاراڭلىق ئىلىكىدە كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ھارغىن ئاۋازدا زارلىناتتى. لېكىن، كۆزى ئۇيقۇغا ئىلىنار- ئىلىنماستىنلا يەنە بىرىنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن ئويغىنىپ كېتەتتى.

ـــ ئاپا! . . .

ساراڭ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ جىمى ئازابلىرى، ئاچلىقلىرى، كۆز ياشلىرى بىر كۈلۈپ قويۇشقىلا ئەرزىيدىغاندەك ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى. باشقا تىلەمچىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پاراققىدە كۈلۈپ كېتىشتى. يۈز- كۆزىنى تۈگەل ساقال باسقان باداڭ قورساق بىر تىلەمچى تولا كۈلۈپ تىنىقى تىنىقىغا ئۇلاشمايلا قالدى، يەنە بىر يەكچەشمە تىلەمچى خوشلۇقىدا تامغا ئۆچكىغا ئوخشاش گۈس- گۈس ئۈسسۈۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئىشتىنىغا شارقىرىتىپ سىيىۋەتتى. بىر نەچچە قارىغۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭدا ئۇخلىيالماي زارلاشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن زەردىسى قاينىغان «چىۋىن» لەقەملىك ئىككى پۇتى يوق يەنە بىر قارىغۇ تىلەمچى ۋات- ۋات چوكانلارنىڭلا مۇشۇنداق چاقچاق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

تىلەمچىلەر قارىغۇنىڭ زارلىنىشلىرىغا قۇلاق سالمىدى، «چىۋىن» نىڭ گېپىنى تېخىمۇ چۈشەنمىدى، ئۇنىڭ ماختانچاقلىقىغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى!

ـــ كىچىكىمدىن تارتىپ توپچى ئەسكەرلەر گازارمىسىدا چوڭ بولدۇم! ئوفتىسېرلار بىلەن قېچىرلاردىن تولا تېپىك يەپ ھارۋا سۆرەيدىغان ياخشى ماھارەتنى يېتىلدۈردۈم، ياش ۋاقتىمدا لىققىدە ساكسفون بېسىلغان ھارۋىنى سۆرىگىنىمچە كوچىمۇ كوچا چېپىپ يۈرەتتىم! بىر قېتىم جىق ئىچىۋېلىپ خۇدۇمنى ئۇقمىغۇدەك مەست بولۇپ كېتىپتىمەن. نېمە بولدىكىن، شۇ مەستچىلىكتە ئىككى كۆزۈمدىن ئايرىلىپ قاپتىمەن؛ قايسى چاغلىقى يادىمدا يوق، يەنە بىر قېتىممۇ ئەنە شۇنداق غەرق مەستچىلىكتە ئوڭ پۇتۇمدىن ئايرىلىپ قاپتىمەن؛ كېيىن، قەيەرلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ، يەنە يەنە مەست بولۇپ قاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ماشىنا سول پۇتۇمنى بېسىپ توكۇر قىلىپ قويۇپتۇ! ……

ـــ بۇ گەپنى تىلەمچىلەر بىرى ئونىغا، ئونى يۈزىگە يەتكۈزدى، بىرەرسى ئاپىسىنى تىلغا ئېلىپ قويسىلا پېررارىنىڭ ئەنە شۇنداق تەلۋىلىشىپ كېتىدىغانلىقى جىمى شەھەرلىكىلەرگە پۇر كەتتى. شۇنداق قىلىپ، كۆرگەنلا ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ «ئاپا» دەپ توۋلايدىغان بولدى. قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك تۇيۇلىدىغان مۇشۇ گەپتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن بۇ شەھەردە ئۇ بارمىغان كوچا، مەيدان، چېركاۋنىڭ لەمپىلىرى، بازارلار قالمىدى. ئۇ خەقنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالماقچى بولاتتى، ئەمما ئۆينىڭ ئىگىسى ئۇنى ئىتلىرىغا تالىتىۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ، چاكارلىرىغا قوغلاتقۇزۇۋېتەتتى. ئۇ چېركاۋلارغا، ماگزىنلارغا ياكى باشقا ئەپلىكرەك جايلارغا غىپپىدە كىرىۋالاتتى- يۇ، ھايال ئۆتمەي قوغلاپ چىقىرىلاتتى. ئۇنىڭ ماجالىدىن كېتىپ بىر قەدەممۇ ماڭالماس ھالغا چۈشۈپ قالغان جانۋارغا ئوخشاپ قالغانلىقىغا، كاللىسىنىڭ تازا جىرىڭ- جىرىڭ ئەمەسلىكىگە ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى؛ خەققە بىچارىلىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ نەرسە- كېرەك تىلەيدىغان ئاۋارە سىياقىغا ھېچكىم دىققەت قىلمايتتى.

شەھەر بىر قارىسا بەكلا چوڭ ئىدى، ئۇنىڭ ئەمدى قېچىۋەرگۈدەك ماجالى قالمىغان ئىدى؛ يەنە بىر قارىسا بەكلا كىچىك ئىدىكى، ئۇنىڭغا پاناھلانغۇدەكمۇ جاي چىقمايۋاتاتتى. قورقۇنچلۇق كېچە ئەمدى ئاياغلىشاتتى- يۇ، قاتمۇقات زىيانكەشلىكلەرگە تولغان كۈندۈز ئۇلىشىپلا كېلەتتى. كىشىلەر ھەدېسىلا ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ: «ھەي پېررارى، يەكشەنبە كۈنى ئاناڭ بىلەن بىر كارىۋاتتا ئۇخلا! موماينىڭ شۇ تاپتا سېنى ساقلاپ كۆزى تۆت بولدى ….. ۋاي ھارامدىن بولغان ئىتنىڭ بالىسى!» دەپ تىللايتتى، ئۇرۇپ ئوينايتتى، كىيىملىرىنى يىرتىپ تىتما- كاتىڭىنى چىقىرىۋېتەتتى. كەپسىز بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىشىدىن قورقۇپ كەمبەغەللەرنىڭ گەمىسىگە كىرىۋالاتتى، كۈتمىگەندە بۇ يەردە ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر قىسمەتكە دۇچار بولاتتى. ئۇ يەردىكىلەر ئەسلىدىنلا كۆك نامرات بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشىنى سىيلىماق تۈگۈل بولۇشىغا خورلايتتى؛ ئۇنى كۆرگەن ھامان ئۆڭسۆلى ئۆچكەن پېتى يۈگۈرۈپ كېلەتتى- دە، ئۇنىڭغا تاش، چاشقاننىڭ ئۆلۈكى ۋە قۇرۇق ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى ئاتاتتى.

نامراتلارنىڭ گەمىسىدىن رەسۋاسى چۇۋۇلغان ھالدا ئاران قېچىپ چىققان بۇ ساراڭ كەچلىك تىلاۋەت ۋاقتىدا كاتولىك دىنى چېركاۋىنىڭ پىشايۋىنىدىكى پەلەمپەيگە كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ پىشانىسى تاياق زەربىسىدىن يېرىلغان بولۇپ، قان ئېقىۋاتاتتى، بېشىدىكى بۆكىمۇ كۆرۈنمەيتتى، يەلكىسىدە لەگلەكنىڭ بىر تال لېنتىسى سۆرىلىپ تۇراتتى، بۇنى قىلىقسىز كىشىلەردىن بىرەرسى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قەستەن چاپلاپ قويغاندەك قىلاتتى. ئېگىز تاملارنىڭ شولىسى، يوللاردىكى ئىتنىڭ ئۇششاق ئىزلىرى، لەپپەڭشىپ يەرگە تۆكۈلۈۋاتقان غازاڭلار، ماشىنا چاقلىرىنىڭ پىرقىرىشى …… ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالاتتى. ئۇ چېركاۋنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە زاۋال چۈشەي دەپ قالغانىدى، تىلەمچىلەر تامغا ئالدىنى قىلىپ تىلەپ كەلگەن تەڭگىلىرىنى يېنىش- يېنىشلاپ سانىماقتا ئىدى. «توكۇر» بىلەن «چىۋىن» ھەدەپ گەپ تالىشىۋاتاتتى؛ گاس- گاچا ئايال نېمە سەۋەبتىندۇر بارغانسېرى يوغىناۋاتقان قورسىقىنى مۇجۇپ ئولتۇراتتى؛ قارىغۇ موماي يەنە ئۈستى- بېشىغا مىغ- مىغ چىۋىن ئولىشىپ كەتكەن ھالەتتە گۆش دۇكىنىدىكى كانارىغا ئېسىغلىق ھالەتتە چۈش كۆرگەن ئىدى.

ساراڭ چالا ئۆلۈك ھالەتتە سۇنايلىنىپ ياتتى. ئۇنىڭ تۈزۈككىنە كۆز يۇمۇپ باقمىغىنىغا نەچچە كېچە، خاتىرجەم دەم ئېلىپ باقمىغىنىغا نەچچە كۈن بولغانىدى. تىلەمچىلەر بىردىن ئىككىدىن جىمىشىپ قوتۇر ئەتلىرىنى تاتىلاشقا باشلىدى. پىت- بۈرگىلەرنىڭ چېقىشىدىن ئۇيقۇسى قاچقان تىلەمچىلەر ژاندارمىلارنىڭ قاپقاراڭغۇ مەيداندا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرگەندىكى ئاياغ تىۋىشلىرى، قاراۋۇللارنىڭ قوراللىرىنى شاراقلاتقان ئاۋازلىرىنى قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلايتتى. ئۇچىسىغا يوللۇق بېرزىنت لاتا يېپىنچاقلىۋالغان بۇ ئەرۋاھلار كەچ كىرگەن ھامان ئادىتى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى ھەربىي گازارمىلارنىڭ دەرىزىلىرى ئالدىدا پوستتا تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭىنى قوغدايتتى. لېكىن، زۇڭتۇڭنىڭ قەيەردە ئۇخلايدىغىنىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، چۈنكى شەھەر ئەتراپىدىكى نۇرغۇن جايلاردا زۇڭتۇڭنىڭ ئايۋان- سارايلىرى بار ئىدى. زۇڭتۇڭنىڭ قانداق ئۇخلايدىغېنىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۇخلىغان چېغىدىمۇ تېلېفوننىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەسمىش، قولىدىن قامچىسىنى چۈشۈرمەسمىش؛ زۇڭتۇڭنىڭ قاچان ئۇخلايدىغانلىقىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيتتى، دوستلىرى ئۇنى ئەزەلدىن ئۇخلىمايدۇ دېيىشەتتى.

بىر قارا كۆلەڭگە چېركاۋنىڭ پىشايۋىنىغا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. تىلەمچىلەر قۇرۇتتەك بىر يەرگە تۈگۈلۈۋېلىشتى. ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان بۇ قاراڭغۇدا پەقەت شۇملۇقنىڭ بىشارىتى بولمىش مۈشۈكياپىلاقنىڭ گۇگۇلدىغان ئاۋازى بىلەن كېلىۋاتقان ھەربىينىڭ ئۆتۈكىدىن چىقىۋاتقان غىرىس- غىرىس ئاۋازلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى …..

«توكۇر» نىڭ كۆزلىرى جامدەك چەكچىيىپ كەتتى، گويا قىيامەت قايىم بولۇشقا ئاز قالغاندەك كۆرۈنىدىغان گۆرستانلىق قاپلىغان جىمجىت ئاسمانغا، مۈشۈكياپىلاققا قاراپ تۇرۇپ:

ـــ ھەي مۈشۈكياپىلاق، ھەي مۈشۈكياپىلاق! تۇزۇڭ بىلەن لازاڭنى ئېلىپ دەرھال كەتكىن ….. مېنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلا، مەرەز كېسەللەردىن، پېشكەلچىلىكتىن نېرى قىل!ـــ دېدى.

«چىۋىن» قولى بىلەن يۈزلىرىنى سىيلىدى. ھاۋا گويا ئازاب چېكىۋاتقاندەك سىلكىنەتتى. «تۇل خوتۇن» ئۆزىنى قارىغۇلارنىڭ دالدىسىغا ئېلىپ كۆكرىكىگە كىرىست سىزدى. پەقەت پېررارىلا ئۆزى يالغۇز ئۇزۇن سوزۇلۇپ خورەك تارتىپ ياتاتتى.

قارا كۆلەڭگە جايىدا خېلىغىچە جىممىدە تۇرۇپ كېتىپ، ھەييارلىق بىلەن كۈلگىنىچە ساراڭغا يېقىن كەلدى، ئاندىن ئۇنى بىرنى تېپىپ قويۇپ: «ئاپا!» دەپ توۋلىدى.

ئۇنىڭ گېپى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا پېررارى ئورنىدىن چاچراپ تۇرغان پېتى ئۇنىڭغا تاشلىنىپ ئاستىغا بېسىۋالدى. ئۇ كىشى تاپانچىسىنى ئېلىپ بولغۇچە ساراڭ قولىنى ئۇنىڭ كۆزىگىلا تىقتى، بۇرۇنىنى چىشىلەپ قىيما- چىيما قىلىۋەتتى، ئاندىن مىدىرلىمىغۇدەك ھالغا كەلگۈچە تىزى بىلەن قورسىقىغا كۈچەپ نەچچىنى تىزلىۋەتتى.

تىلەمچىلەر قورققىنىدىن كۆزلىرىنى ئېچىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. مۈشۈكياپىلاق يەنە ئۇچۇپ كەلدى. تەلۋىلەشكەن پېررارى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك گۆرستان جىمجىتلىق قاپلىغان كوچا تامان يۈرۈپ كەتتى.

ئەنە شۇنداق قىلىپ، قارىغۇلارچە بىر كۈچ «قېچىر» دەپ لەقىمى بار پولكوۋنىك خىساي پارارېس سونلېنتنىڭ جېنىنى ئالدى.

شەرق تامان ئاقىرىپ ئاستا- ئاستا تاڭ ئېتىشقا باشلىدى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11391

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: