پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

خىزمەتنىڭ ئېپى

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

-خامسون ئەپەندى، بۇياق يېڭى كەلگەن خىزمەتدىشىڭىز نويبار ئەپەندى بۇلىدۇ. سىز بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەپ تۇرسۇن. ئۇ ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلمەكچى. ئۇنىڭغا كۆپرەك يول كۆرسىتىپ، بارلىق ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ قويارسىز.

خامسون خوجايىنىنىڭ بۇ يېڭى خىزمەتدىشىنى ئىشەنچ بىلەن ئۆزىگە ھاۋالە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خوشاللىقىنى باسالماي قالدى ۋە: « چوقۇم دىگىنىڭىز بويىچە قىلىمەن!» دەپ ۋەدە بەردى.

ئۇ يېڭى كەلگەن خىزمەتدىشى بىلەن بىللە خوجايىنىنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتى.

-ھەي، نويبار ئەپەندى، كارخانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كىلەيلى. مۇشۇنداق بولغاندا، كارخانىنىڭ ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىقالايسىز.

-كارخانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىمىزما؟- سورىدى يېڭى خىزمەتدىشى چۈشەنمىگەن ھالدا.

-ھەئە، ئىشخانىدا ئولتۇرىۋېرىپ ھېرىپ كىتىپ كاللىمىزنى سەل ئارام ئالدۇرماقچى بولساق، ئۇياق- بۇياقنى ئايلىنىپ كىلىمىز. مانا بۇ كارخانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىنىمىز بۇلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىز ھەمىشە بىرەر باھانە- سەۋەب كۆرسىتىپ تۇرىۋالىمىز.

-نېمە سەۋەب كۆرسىتىسىلەر؟- سورىدى نويبار قىزىقسىنىغان ھالدا.

-سىزگە ئۆگىتىپ قوياي. ئالايلۇق، بەزى ئىشلار توغرۇلۇق كېڭەشمەكچى ياكى تەكشۈرمەكچى ئىدىم، دېسىڭىز بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى چاغلاردا ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلار چىقىپ قالىدۇ. بەزى ئىشلارنى ئىككى- ئۈچ قېتىم تەكشۈرسىمۇ بۇلىدۇ. بىراق، ھۆججەت خالتىسى، ھېسابات دەپتىرى، مال تالونى دېگەندەك نەرسىلەرنى قولتۇقىڭىزغا قىسىپ، بىرەر ئىشنى بېجىرىشكە ماڭغاندەك قىياپەتنى ئىپادىلەشنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز، ئىسكىلاتتا بىر نەچچە سائەت تۇرۇپ چىقالايسىز. سىزگە دېسەم، ئىسكىلاتتىكى باشقۇرغۇچىلار قارتا ئويناشقا بەك ئامىراق، ئۇلار قارتا ئوينىشىپ بەرگىدەك ئادەمگە بەك مۇھتاج. بىز مانا مۇشۇنداق ۋاقىت ئۆتكۈزىمىز. سىزنىڭچە بۇ ئامالىمىز قانداقكەن؟

-ھەقىقەتەن قالتىسكەن،- دېدى نويبار.

-ھەي، بۇ ئىش ئۈستىلىمىز بەك ئەپلىك،- دېدى خامسون،- بۇ يەردە قەھۋە بار. ئەسلىدىغۇ دەم ئېلىش ۋاقتىدىلا قەھۋە ئىچىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بولمىسا، كەلگەن خېرىدارلار قەھۋە ئىچىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ قالسا، تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا بىز مەخسۇس بىر ئامال تېپىپ چىقتۇق. قاراڭ، بۇ بەك ئاددىي. ئىش ئۈستىلىمىزنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى تارتمىسىنى بىكارلاپ، ئۇنىڭغا قەھۋە ئىستاكانىنى سېلىپ قۇيىمىز. بىرسى كەلگەن ھامان تارتمىنى يېپىۋىتىمىز. تارتما ئىچىگە سىياھ سۈمۈرۈش قەغىزى سېلىنغان بولغاچقا، قەھۋە تۆكۈلۈپ كەتسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. ھاراق ئىچسەكمۇ بۇلىۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە، خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىش چەكلەنگەن، بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. لېكىن، بەزى چاغلاردا بەزىلەر تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا ياكى كەيپىياتى ياخشى بولماي سەل قىزىۋالماقچى بولسا، رومكا بىلەن ھاراقنىمۇ تارتمىسىغا سېلىپ قۇيىدۇ.

-ھەقىقەتەن ئەپلىك ئۈستەلكەن بۇ،- دېدى نويبار.

-يەنە بىر مەخپىيەتلىكمۇ بار. قاراڭ، بۇ ئىشىك تەرەپتە كىچىك بىر ئېغىز زاپاس ئۆي بار. بۇ ئۆيگە ھېچكىم كىرىپ يۈرمەيدۇ. ئىچى شۇنداق راھەت ئارىمىزدا قايسىمىز ھاراقنى كۆپ ئىچىپ قۇيۇپ بولالماي قالساق، شۇ ئۆيگە كىرىپ كىگىزگە ئۆزىمىزنى تاشلاپ قانغۇچە ئۇخلايمىز. بىلەمسىزكىن، ئىشخانىدا ئۇخلىغان ئۇيقۇ ئەڭ شېرىن بۇلىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنى خوجايىندىن مەخپىي تۇتىمىز…….

-بۇنىمۇ چۈشەندىم،- دېدى يېڭى خىزمەتدىشى.

خامسون ئىدارىدىكى ئەھۋاللارنى يېڭى كەلگەن بۇ خىزمەتدىشىغا قالدۇرماي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

-بىر ئىشنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، ئەگەر ئەتىگىنى ۋاقچىراق ئويغىنىپ قالسىڭىز، ھەرگىز ئىشقا كەلمەڭ. ھاسىراپ- مۆگۈدەپ ئىشقا كەلگىنىڭىز بىلەنمۇ، يەنە بىر نەچچە مېنۇت كېچىكىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. كېچىكىش كىشىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ. شۇنداق سىز غاچچىدىلا ئىدارىگە تېلىفۇن ئۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقانلىقىڭىزنى، ئىشقا كېچىكىپرەك بارىدىغانلىقىڭىزنى دەپ قويسىڭىزلا بولدى. 10-15 مىنۇت كىچىكىپ كەلگىنىڭىزدىن 2-3 سائەت كېچىكىپ كەلگىنىڭىز ياخشىراق. ئەگەر چاچ ياساتماقچى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىزمۇ، مۇشۇ بويىچە قىلسىڭىز بۇلىدۇ. چۈنكى چېچىمىز خىزمەت ۋاقتىدا ئۆسكەن بولغاندىكىن، خىزمەت ۋاقتىدا ئالدۇرىشىمىز ھەقلىق- تە.

-بۇ كۆز قارىشىڭىزمۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن.

-ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدۇ- دە! بۇ يەردە خىزمەت قىلىشىنىڭ ئېپىنى بىلىۋالسىڭىزلا، جان بېقىپ كېتەلەيسىز.

-خېلى جىق مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىۋالدىم. غەمخورلۇق قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

-ھەي، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. بىز دىگەن خىزمەتداش تۇرساق. شۇغىنىسى، سىز قانداقلارچە بۇ خىزمەتنى قىلماقچى بۇلۇپ قالدىڭىز؟ ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇپ چىقىپ نېمە قىلىسىز؟ ئادەتتە، بۇ يەردە ياللىنىپ ئىشلىگەنلەر بىرلا ئىشنى قىلاتتى.

-ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇپ چىقىشىمدىكى مەقسەت: خوجايىن پىنسىيىگە چىقسىلا، مەن ئۇنىڭ ئورنىغا چىقماقچى. چۈنكى خوجايىن مېنىڭ قېيناتام بۇلىدۇ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11250

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-01-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: