پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى: 12- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 

ئون ئىككىنچى باب

شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇ 9 – نويابىر كۈنى ، يەنى ئەتە 38 ياشقا كىرىمەن دېگەن كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى دائىم ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدى .

ئۇ لورد ھېنىرىنىڭ ئۆيىدە كەچلىك تاماق يەپ ، سائەت 11 يېرىملار ئەتراپىدا پىيادە ئۆيىگە قايتتى . كېچىنىڭ ھاۋاسى ئوبدانلا سوۋۇپ قالغان ، ئەتراپنى قۇيۇق تۇمان باسقان ئىدى ، ئۇ قېلىن خۇرۇم پەلتويىغا مەھكەم ئورىنىپ كېتىپ باراتتى .

گروسۋېنور مەيدانى بىلەن جەنۇبىي ئاۋدلېي كوچىسىنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە ، كۈلرەڭ پەلتوينىڭ ياقىسىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، قولىدا سومكا تۇتۇۋالغان بىر ئادەم قۇيۇق تۇمان ئارىسىدىن چىققىنىچە ، ئۇنىڭ يېنىدىن غىپپىدە ئۆتۈپ كەتتى . دورىيان بىر قاراپلا ئۇنىڭ بازىل خالۋارد ئىكەنلىكىنى تۇنۇۋالدى . شۇئان ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر خىل غەلىتە ۋەھىمە چۇلغىۋالدى . دورىيان بازىلنى تۇنۇمىغانغا سېلىپ ، قەدىمىنى تېزلەتتى – دە ، ئۆيى تامان تېز- تېز يۈرۈپ كەتتى.

لېكىن ، بازىل خالۋارد ئۇنى تۇنۇۋالغان ئىدى . دورىيان بازىلنىڭ قەدىمىنى شاپپىدە توختىتىپ ، كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇردى . ھايال ئۆتمەي ، بازىل ئۇنىڭ بىلىكىدىن كاپپىدە تۇتتى .

دورىيان ! ھەجەپ ئوبدان ئۇچرىشىپ قالدۇق – ھە ! سائەت 9 دىن بېرى سىزنى كىتابخانىڭىزدا ساقلاپ ئولتۇردۇم . يەنە ئولتۇرۇۋېرەي دېسەم ، بىچارە خىزمەتكارىڭىز بەك چارچاپ كېتىپتۇ، ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلماي دەپ ئاستا يېنىپ چىقتىم . كېچىلىك پويىزغا ئۈلگۈرۈپ پارىژغا بارمىسام بولمايتتى ، ماڭغۇچە سىز بىلەن بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى . بايا يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا ئۇچىڭىزدىكى خۇرۇم پەلتويىڭىزدىن سىزنى شۇمىكىن دېدىم ، لېكىن تازا جەزىم قىلالمىدىم . مېنى تۇنۇمىدىڭىزما ؟

قەدىرلىك بازىل ، قۇيۇق تۇماننىڭ دەستىدە گروسۋېنور مەيدانىنىمۇ ئىلغا قىلالمايۋاتسام ، سىزنى قانداق تۇنۇيالاي ؟ ئۆيۈم مۇشۇ ئەتراپتىلا بولمىسا ، لېكىن يولنى تازا پەرق قىلالمايۋاتىمەن . كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزۇن بوپتىكەن ، كېتىدىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ. پارىژدا ئۇزۇن تۇرمايدىغانسىز- ھە؟

– يېرىم يىلدەك تۇرۇپ قالىمەن . كاللامدا كاتتا ئەسەردىن بىرنى پۇشۇرۇپ قويغان ئىدىم . پارىژغا بېرىپ رەسىم سىزىش ئۆيدىن بىرەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ، ئاشۇ كاتتا ئەسەرنى پۈتتۈرمىگىچە سىرتقا چىقماسمەن دەپ ئويلاۋاتىمەن . لېكىن ، بۈگۈن سىزنى ئۆزۈم توغرىسىدا پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئىزدەپ كەلمىدىم . ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغىمۇ كېلىپ قاپتۇق ، ئىچىگە كىرىپ بىردەم مۇڭدىشايلى . سىزگە دەيدىغان جىق گېپىم بار .

– تازىمۇ ياخشى گەپ بولدى . مەن بىلەن پاراڭلىشىمەن دەپ پويىزغا ئۈلگۈرەلمەي قالماڭ يەنە ، – دورىيان گېرىي ھارغىن قىياپەتتە شۇنداق دېگەچ ئىشىكنى ئاچتى .

ئۆيدىن چىققان چىراق نۇرى قۇيۇق تۇماننى غۇۋا يورۇتتى . بازىل خالۋارد سائىتىگە قاراپ قويۇپ دېدى :

– پويىز 12 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىدۇ . ھازىر سائەت 11 بوپتۇ ، خېلى ۋاقتىم بار ئىكەن . بايا تېخى سىزنى ئىزدەپ كۇلۇپقا ماڭغانىدىم . مانا قاراڭ ، مۇشۇ سومكامدىن باشقا ئېغىر نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئالدىن ماڭدۇرىۋەتتىم ، يۈك- تاقلىرىممۇ كۆپ ئەمەس ، ۋېكتورىيە ۋوگزالىغا 20 مىنۇتتىلا يېتىپ بارالايمەن .

دورىيان بازىلغا لاپپىدە قاراپ قويدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى :

– شۇنچە داڭلىق رەسسام تۇرۇپ يولغا چىققان تۇرۇقىڭىزغا قارىڭە . بىر سومكا ، بىر پەلتو بىلەن سەپەرگە چىققاننى كۆرمەپتىكەنمەن ! قېنى تېز كىرىڭ ، ئۆيگە تۇمان توشۇپ كەتمىسۇن يەنە . لېكىن ، ئالدىن دەۋالاي ، يېقىندىن بېرى سىزگە سۆزلەپ بەرگۈدەك تۈزۈك بىر ئىشمۇ يۈز بەرمىدى ھەم يۈز بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس .

بازىل خالۋارد بېشىنى چايقاپ قويۇپ ، دورىياننىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپلا كىتابخانىغا كىردى . يوغان تام ئوچاقتىكى ئوتۇنلار چاراسلاپ كۆيۈۋاتاتتى ، چىراغ ئۆي ئىچىنى ئاپتاپتەك يورۇتىۋەتكەن ئىدى . سىپتا نەقىشلەنگەن كىچىك ئۈستەلگە گولاندىيەدە ياسالغان بىر كۈمۇش ئاپقۇر قويۇلغان بۇلۇپ ، ئىچىدە بىر نەچچە بوتۇلكا سودا سۈيى ۋە يوغان گۈللۈك رۇمكىلار تۇراتتى .

– قارىمامسىز دورىيان ، خىزمەتكارىڭىز مېنى قالتىس كۈتۈۋەتتى . نېمە دېسەم شۇنى تەق قىلىپ بەردى ، ھەتتا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پاپىروسلىرىڭىزدىن تارتىپ ئەچىقىپ بەردى . ئۇ بەك مېھماندوسكەن ، ئىلگىرىكى ھېلىقى فىرانسىيىلىك خىزمەتكارىڭىز ئۇنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمىگۈدك . ھە راسىت ، ئۇ خىزمەتكارىڭىز كېيىن قانداق بولۇپ كەتتى؟

دورىيان مۆرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ دېدى :

– ئۇ رادلېي خانىمىنىڭ ئايال خىزمەتكارى بىلەن توي قىلىپ ، ئايالىغا پارىژدا ئەنگىلىيىچە مودا كىيىملەر دۇكىنى ئېچىپ بېرىپتۇ. ئاڭلىسام ، پارىژدا ئەنگىلىيىچە كىيىملەر تازا مودا بۇلۇۋېتىپتىمىش . نېمىشقىكىن ؟ فىرانسىيىلىكلەر ماڭا بەك ئەخمەق تۇيۇلىدۇ . ئۇنى ئۇنچە ئەسكى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى . دېگەن يېرىمدىن چىقىپ كەلگەن بولمىسا ، لېكىن ئانچە كۆڭلۈم چۈشمىدى . كىشىلەر بەزى ئىشلارنى بەك بىمەنە ئويلىۋېتىدۇ . ئۇ ناھايىتى سادىقلىق بىلەن خىزمىتىمنى قىلغان ئىدى ، كېتىدىغان چېغىدا كۆڭلى بەك يېرىم بوپ كەتتى . سودا سۈيى قوشۇلغان بىراندى ھارىقىدىن يەنە بىر رومكا كەلتۈرەيمۇ؟ مېنىرال سۇ قېتىلغان ئاق ئۈزۈم ھارىقىدىن ئىچىپ باقامىسز – يە ؟ مەن ئادەتتە ئاق ئۈزۈم ھارىقىغا مېنىرال سۇ قوشۇپ ئىچىشكە ئامراق .

– رەھمەت ، ھېچنىمە ئىچكۈم يوق ، – بازىل شىلەپىسى بىلەن پەلتويىنى سېلىپ ، بايا سومكىسىنى قويغان بۇلۇڭغا تاشلىدى ، – بولدى ئۇكام . سىز بىلەن كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېيىشىۋالمىسام بولمايدۇ . قاپىقىڭىزنى بۇنداق تۈرۈۋالسىڭىز ، گېپىمنى دىيەلمەيدىكەنمەن .

– زادى نېمە ئىشتى ئۇ؟- زەردە بىلەن ۋارقىرىدى دورىيان ۋە سافاغا زوپپىدە ئۆزىنى تاشلىدى ، – مەن توغرىسىدىكى ئىشقۇ ئەمەستۇ؟ بۈگۈن ئۆزۈمگە ئۆچلۈكۈم كېلىپلا تۇرىدۇ. ئىلاھىم ، مەن توغرىلىق ئىش بۇلۇپ قالمىغىيدى .

– دەل سىز توغرۇلۇق ئىش ، – دېدى بازىل كەسكىنلىك بىلەن ، – سىزگە بۈگۈن دەۋالمىسام زادى بولمايدۇ، پەقەت يېرىم سائەتلا ۋاقتىڭىزنى ئالىمەن .

دورىيان چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قۇيۇپ ، بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى :

– يېرىم سائەت !

– سىزدىن بىرنەرسە تەلەپ قىلمايمەن دورىيان . سىزنى ياخشى بولسۇن دەيمەن . ئويلا – ئويلا ، سىزگە دېمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ھازىر لوندوندا سىز توغرىسىدا ئېغىزغا ئالغۇسىز سۆز – چۆچەكلەر ئېقىپ يۈرىۋاتىدۇ .

– بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغۇم يوق . مەن ئۆزۈم ھەققىدىكى گەپ – سۆزلەرگە ئەمەس ، باشقىلار ھەققىدىكى رەسۋا گەپلەرگە قىزىقىمەن .

– بۇنىڭغا سەل قارىماڭ دورىيان . ئېسىلزادە كىشىلەر ئابرويىغا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ . باشقىلارنىڭ سىزنى پەسكەش دېيىشنىغۇ خالىمايدىغانسىز؟ سىز ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ، پۇلدار ، ئابرويلۇق ، مەرتىۋىلىك ئادەم . لېكىن ، مەرتىۋە بىلەن بايلىق ھەممىگە باراۋەر ئەمەس . مەنغۇ ئۇنداق پىتنە – پاساتلارغا زىنھار ئىشەنمەيمەن . سىزنى كۆرگەن ھامان بۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىشنىڭ نەقەدەر ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن . ئىپلاس كىشىلەر چىرايىدىن مەلۇم بۇلىدۇ . ئۇنداقلار ئىپلاسلىقىنى يوشۇراي دەپمۇ يوشۇرۇپ قالالمايدۇ . بەزىدە قىلغان ئىپلاسلىقلىرىنى ئىنسى – جىن بىلمەيدۇ دېيىشىدۇ . لېكىن بۇ مۇمكىن ؟ بىر ئىپلاس كىشى شەرمەندە ئىشتىن بىرنى قىلغان ھامان ، شەرمەندىلىكى ئېغىزىنىڭ جاۋغايلىرىدىكى سىزىقچىلاردا ، ساڭگىلاپ چۈشكەن قاپاقلىرىدا ، ھەتتا قولىنىڭ شەكلىدە مانا مەن دەپ ئايان بولىدۇ . بىرەيلەن ( بولدى ئۇنىڭ ئىسمىنى دېمەي ، ئۇنى سىزمۇ تونۇيسىز) بۇلتۇر مېنى رەسىمىمنى سىزىپ بەرسىڭىز دەپ ئىزدەپ كەپتۇ. مەن ئىلگىرى ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ، ئۇ توغرىسىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئۇ توغرىسىدىكى ئىشلارنى كېيىن ئاڭلىدىم . ئۇ ماڭا ناھايىتى كۆپ ھەق بېرىدىغان بولدى ، لېكىن سىزىپ بېرىشكە ئۇنىمىدىم . مەن ئۇنىڭ قولىنىڭ شەكلىگە بەك ئۆچ بوپ قالغانىدىم . پەرىزىم ناھايىتى توغرا چىققانىكەن . كېيىن بىلسەم ، ئۇچىغا چىققان ئىپلاس ، شەرمەندە ئادەمكەن . لېكىن ، سىزنىڭ ئاشۇ مەسۇم چىرايىڭىزغا ، خۇشخۇيلۇق كەتمەيدىغان قاملاشقان رەڭگى- رويىڭىزغا قارىساملا ، كەينىڭىزدىن ئېقىپ يۈرگەن پىتنە – پاساتلارغا زىنھار ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ . لېكىن ، ھازىر سىز ماڭا قارىڭىزنى كۆرسەتمەيدىغان ، ئۆيۈمگە كەلمەيدىغان بۇلۇۋالدىڭىز. باشقىلارنىڭ سىزنىڭ غەيۋىتىڭىزنى قىلىشۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسام ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالىمەن . ئېيتىڭە ، دورىيان ، گىراف بېرۋىك نېمە ئۈچۈن سىزنى كۆرۈپلا كۇلۇپتىن چىقىپ كېتىدۇ ؟ لوندوندا شۇنچە جىق مەرتىۋىلىك كىشىلەر بار تۇرۇپ ، نېمە ئۈچۈن ئۆيىڭىزگە مېھماندارچىلىققا كەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىزنى مېھماندارچىلىققا چاقىرمايدۇ؟ ئالدىنقى ھەپتە بىر كەچلىك زىياپەتتە سىز بۇرۇن يېقىن ئۆتكەن دوستىڭىز لورد سىتېيۋلى بىلەن بىللە بوپ قالدۇق . ئارىلىقتا سىزنىڭ بىر قىسىم كىچىك تىپتىكى پورتېرىتلارنى ئارىيەت ئېلىپ ، دۇدلىي كۆرگەزمىسىگە ئاپارغانلىقىڭىز توغرىسىدا گەپ بۇلۇپ قالدى . سىتىيۋلى : « دورىياننىڭ سەنئەت تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك . لېكىن ، پاك – دىيانەتلىك قىزلار ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز تونۇشۇپ قالمىغاي ، ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە بۇلۇپ قالمىغاي » دېدى . ئۇنىڭغا  ئۆزۈمنىڭ سىز بىلەن يېقىن دوستۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، نېمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورىدىم . ئۇ شۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ئالدىدىلا نېمىشقا ئۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارىلا دېدى . ئۇ گەپلەردىن تېنىم شۈركىنىپ كەتتى . نېمە ئۈچۈن سىز بىلەن دوست بولغانلىكى يىگىتلەر ھالاكەتلىك تەقدىرگە دۇچار بۇلىدۇ؟ خان جەمەتى قوغدىنىش ئارمىيىسىدىكى ھېلىقى بىچارە بالىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى ، ئۇ بۇرۇن سىزنىڭ دىلكەش دوستىڭىز ئىدى ؛ ھېنىرى ئەشتوننىڭ ئابرويى تۆكۈلۈپ ئەنگىلىيىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولدى ، سىز ئۇنىڭ بىلەنمۇ جاندۇسىت ئاغىينىيلەردىن ئىدىڭىز ؛ ئادرىيان سىڭگىلتون نېمىشقا ئۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟ لورد كېنتىسنىڭ يالغۇز ئوغلىنىڭ ئىگىلىكى نېمە ئۈچۈن ۋەيران بۇلىدۇ؟ تۆنۇگۈن سان جامىس كوچىسىدا ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم . قارىسام ، ئار-نۇمۇس ، دەرت – ھەسرەت دەستىدىن تۈگىشىپلا كېتىپتۇ . ھېلىقى ياش گراف پېرىس ئەپەندىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىنى دېمەيسىز تېخى؟ مەرتىۋىلىك كىشىلەرنىڭ قايسى بىرى ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن باردى – كەلدى قىلىشار؟

– بولدى قىلىڭ بازىل ؟ ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز تۇرۇپ قارىسىغىلا سۆزلەۋېردىكەنسىز ، – دېدى دورىيان چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن ، – بېرۋىك ئەپەندى نىمىشقا سىزنى كۆرۈپلا چىقىپ كېتىدۇ ، دېگەن گېپىڭىزگە چۈشەنچە بېرىپ قوياي . ئۇ مېنى ئەمەس ، مەن ئۇنى بەش قولدەك چۈشىنىمەن . ئۇ تېگىدىن بۇزۇق بىر نېمە تۇرسا ، قانداقسىگە پاك – دىيانەتلىك ياشاش شەرىپىگە ئېرىشەلىسۇن ؟ ھېنىرى ئەشتون بىلەن ياش پېرتنىڭ ئىشىغا كەلسەك ، ئەجىبا ئۇلارغا يامان ئىش قىلىشنى ، شاللاقلىقنى مەن ئۆگىتىپتىمەنمۇ؟ كېنتىسنىڭ كالۋا ئوغلى بىر پاھىشىنى خوتۇنلۇققا ئالسا ، مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ ئادرىيان سىڭگلتون ھېسابات تالونىغا دوستنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويسا ، ئۇنىڭغىمۇ مەن مەسئۇل بولۇشۇم كېرەكمىكەن؟ مەن ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ ھەق – ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىشكە قانچىلىك ئۇستىلىقىنى تازا ئوبدان بىلىمەن . ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدىكىلەر زىياپەت ئۈستىدە ھاراق ئىچىپ تازا قىزىشقاندا ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى بازارغا سېلىشىدۇ ، يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى ئاڭلىۋالغان ئۇششاق – چۈششەك كوچا پاراڭلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭمۇ يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ، ئاشۇ كىشىلەر بىلەن يىقىن ئۆتىدىغانلىقىنى پەش قىلىشىدۇ . بۇ دۆلەتتە كىمكى سەللا نام – ئابرويى قازانسا ، زېرەك ، پەم – پاراسەتلىك بولسا ، شۇنىڭغا ھەرخىل بۆھتانلار چاپلىنىدۇ . ئەخلاق تونىغا ئورىنىۋالغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزى قانچىلىكتۇ؟ بۇرادەر ، شۇ تاپتا سىز بىزنىڭ ساختا ئېسىلزادىلىك ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويۇۋاتىسىز.

– دورىيان ، – ۋارقىرىدى بازىل خالۋارد ، – مەسىلە بۇ يەردە ئەمەس . ئەنگىلىيە بەك بەتتەرلىشىپ كەتتى ، تىنىچ – ئەمىنلىكتىن ئەسەر قالمىدى . شۇڭا ، سىزنى بولسىمۇ پاك- دىيانەتلىك ياشىسا دەپ ئۈمۈد قىلغانىدىم . لېكىن ، سىز بۇنى قىلالمىدىڭىز. بىر ئادەمنىڭ دوستىغا بولغان تەسىرىنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ شۇ ئادەمنىڭ ياخشى – يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بۇلىدۇ . ئارىلىشۋاتقان دوستلىرىڭىزغۇ شەرمى – ھايا ، ئەخلاق – پەزىلەت ، پاك- دىيانەت دېگەنلەرنى تامام ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، سىز بولسىڭىز ئۇلانىڭ ئەيىش – ئىشرەت ، راھەت – پاراغەت قوغلىشىشتىن ئىبارەت تېگى يوق ھاڭغا تېخىمۇ پېتىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇۋاتىسىز . ئۇلار شۇ تاپتا بۇ ھاڭغا بەكلا يېتىپ كەتتى ، ئۇلارنى شۇ ھاڭغا سىز باشلاپ قويدىڭىز ، ئۇلارنى شۇ ھاڭغا سىز ئىتتىردىڭىز . شۇنداق تۇرۇقلۇق ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ئېچىنماقتا يوق ، ھەدەپ كۈلىۋاتىسىز . تېخىمۇ يامان بولغىنى ، سىز ھاررى بىلەن يېقىن بولغاندىكىن ، ئۇنىڭ ئاچىسىنى كۈلكىگە قويماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى .

– گەپ- سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ بازىل ، سەل چەكتىن ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ !

– بۈگۈن دەۋالمىسام بولمايدۇ ، سىزمۇ قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ . گۋېنىدۇلېن خانىم سىز بىلەن تونۇشماستا ھېچكىم ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلمايتتى . مانا ئەمدىلىكتە لوندوندا قايسىبىر دىيانەتلىك ئايال ئۇنىڭ بىلەن بىر پەيتونغا چىقىپ باغچىغا بېرىشنى خالايدۇ ؟ ھەي ، ھەتتا ئۇنىڭ بالىسىمۇ ئاپىسى بىلەن بىللە ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى . يەنە باشقا گەپلەرنىمۇ ئاڭلىدىم . بىرسى سىزنىڭ سۈبھى پەيتىدە لوندوندىكى سېسىق نامى پۇركەتكەن پاسكىنا جايلاردا تىمسىقلاپ يۈرگەنلىكىڭىزنى كۆرۈپتۇ . بۇ گەپلەر راستما ؟ بۇ گەپلەرنى دەسلەپ ئاڭلىغىنىمدا ، كۈلۈپلا قويغانىدىم . لېكىن ، ئەمدىلىكتە پۈتۈن ئەزايىمنى سۈر بېسىپ كېتىۋاتىدۇ . ئېيتىڭە دورىيان ، سەھرادىكى ئۆيىڭىزدە نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىۋاتىسىز؟ نېمە ئويۇنلارنى ئويناۋاتىسىز؟ بولسىغۇ سىزگە نەسىھەت قىلمىسام بولاتتى . ھېلىمۇ ئېسىمدە ، ھېنىرى بىر قېتىم : « باستېر قىياپىتىگە كىرىۋالغانلار گېپىنى ھەمىشە ئاشۇنداق باشلايدۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بەرگەن ۋەدىسىنى ئاستا- ئاستا ئۇنتۇپ قالىدۇ» دېگەنىدى . سىزگە ئىككى ئېغىز گەپ قىلمىسام بولمايدىغان يەرگە يەتتى . مەن سىزنى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغۇدەك پاك- دىيانەتلىك ياشىسا ، نام- ئابرويىنى بۇلغىۋالمىسا ، پەسكەش كىشىلەرنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمىسا دېگەن ئۈمۈدتىمەن . تولا بۇنداق مۈرىڭىزنى ئېتىپ ، پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋالماڭ . سىزنىڭ تەسىرىڭىز بوش ئەمەس ، ئاشۇ تەسىرىڭىز ئارقىلىق باشقىلارنى پەسكەشلىككە ئەمەس ، توغرا يولغا يېتەكلەڭ ! كىشىلەر سىزنى ، كىمگە يېقىنلاشسا شۇ ئەسكىرىشىدۇ ؛ كىمنىڭ ئۆيىگە قەدەم باسسا ، سېسىق نامى ئۆزى بىلەن تەڭ ئەگىشىپلا بارىدۇ ، دېيىشىۋاتىدۇ . مەن بۇ گەپلەرنىڭ راست- يالغانلىقىنى بىلمەيمەن . لېكىن ، كىشىلەرنىڭ سىزنى شۇنداق دېگەنلىكى راست . قارىغاندا ، بەزىلەردىن ئاڭلىغان يەنە باشقا گەپلەرگە شۈبھىلىنىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىغاندەك تۇرىدۇ . ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يېقىن ئۆتكەن دوستۇم لورد گىلوستېر ماڭا بىر پارچە خەتنى كۆرسەتتى . بۇ خەتنى ئۇنىڭغا ساناتورىيىدە يالغۇز تۇرىۋاتقان ئايالى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا يازغانىكەن . ئۇ ھاياتىمدا مەن ئوقۇغان ئەڭ قورقۇنچلۇق تۆۋىنامە ئىدى ، خەتتە سىز تىلغا ئېلىنغان ئىكەنسىز . مەن ئۇنىڭغا : « بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك . مەن دورىياننى بەش قولدەك چۈشىنىمەن . ئۇ ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ» دېدىم . مەن زادى سىزنى چۈشىنەمدىم ؟ بۇ سۇئالنى ئاۋۋال ئۆزۈمگە قويۇپ باقسام بولغۇدەك . بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال ، روھىڭىزنى بىر كۆزىتىپ باقسام بولغۇدەك .

– روھىمنى كۆزىتىپ باقماقچىمۇ سىز ؟ ! – دېدى دورىيان زەئىپ ئاۋازدا ۋە سافادىن دىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتتى ، قورققىنىدىن چىرايلىرى تامدەك تاتىرىپ ، ئىككى مەڭزىدە قان دىدارى قالمىدى .

– شۇنداق ، – دېدى بازىل كەسكىن ، ۋەزمىن ئاھاڭدا ، – روھىڭىزنى كۆزىتىش پەقەت تەڭرىنىڭ قولىدىنلا كېلىدۇ .

دورىيان ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ ، مەسخىرە ئارىلاش ئاچچىق كۈلۈپ قويدى .

– بۈگۈن روھىمنى ئۆزىڭىزلا بىر كۆزىتىپ باقمامسىز ! – زەردە بىلەن ۋارقىرىدى دورىيان ۋە ئۈستەلدىكى جىنچىراغنى قولىغا ئالدى ، – قېنى جۈرۈڭ ، بۇنى سىز ئۆز قولىڭىز بىلەن سىزغان . نېمىشقا سىزگە كۆرسەتمىگۈدەكمەن ؟ خالىسىڭىز ، رەسىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ، خەلقى – ئالەمگە يېيىۋەتسىڭىزمۇ مەيلى . لېكىن ، گېپىڭىزگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ . ئەگەر كىمدەكىم ئىشىنپلا قالىدىكەن ، نەپرەتلەنمەك تۈگۈل ، ماڭا تېخىمۇ ئامراق بوپ كېتىدۇ . سىز بۇ دەۋردىن قانچىلىك ئاغرىنسىڭىزمۇ، لېكىن بۇ دەۋرنى مەن سىزدىن بەكرەك چۈشىنىمەن . قېنى كىرىڭ ، سىزگە ھەممىنى سۆزلەپ بېرەي . گۇمرانلىق ، خاراپ بۇلۇش توغرىسىدا بەكلا ۋالاقلاپ كەتتىڭىز . قېنى ، گۇمرانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن بىر كۆرۈپ بېقىڭ .

– دورىياننىڭ ھەربىر ئېغىز گېپىدىن بىر خىل مەنمەنچىلىك ، كۆرەڭلىك چىقىپ تۇراتتى . ئۇ شۇ تاپتا بازىلنىڭ ئۆز مەخپىيىتىنى بىلمەكچى بولغىنىدىن ، ئاشۇ پورتېرىتىنى سىزىپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا ، دەرت – ھەسىرەتكە قالىدىغانلىقىدىن ئالەمچە خۇش بوپ كېتىۋاتاتتى .

– شۇنداق ، – دورىيان شۇنداق دېگەچ بازىلغا يېقىن كېلىپ ، ئۇنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە مىختەك تىكىلدى ، – مەن سىزگە روھىمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي . بۈگۈن سىز ، پەقەت تەڭرىلا كۆرەلەيدۇ ، دەپ قارايدىغان نەرسىنى كۆرىۋالىدىغان بولدىڭىز .

بازىل چۆچۈپ كەينىگە بىر قەدەم داجىدى .

– بۇ تەڭرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق ، دورىيان ! – ۋارقىرىدى بازىل ، – نېمانداق قورقۇنچلۇق ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىسىز؟ بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ .

– سىزمۇ شۇنداق ئويلامسىز؟ – دورىيان قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

– مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم . بايىقى گەپلەرنى سىزگە ياخشى بولسۇن ئۈچۈنلا دېدىم . ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز ، مەن ئەزەلدىن سىزنىڭ ئەڭ سادىق دوستىڭىز .

– ماڭا تەگمەڭ ، گېپىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ .

بازىلنىڭ چىرايى ئازابلىق تۈس ئالدى ، خېلىغىچە جىممىدە تۇرۇپ كەتتى ، قەلبىدە چەكسىز ئېچىنىش تۇيغۇسى دولقۇنلىدى . ئۇنىڭ دورىياننىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىدىغانغا نېمە ھەققى ؟ ئۇ ھەقىقەتەن ئاشۇنداق پەسكەش ئىشلارنى قىلغان بولسا ، ھامىنى بىر كۈنى جاجىسىنى تارتىدىغۇ ؟ ئۇ شۇلارنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى ، قەددىنى رۇسلاپ تام ئوچاقنىڭ ئالدىغا كەلدى ، چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتۇنلارغا قاراپ تۇرۇپ قالدى .

– قېنى دېمەمسىز بازىل ، – دېدى دورىيان قوپال ئاۋازدا .

– بازىل كەينىگە ئۆرۈلۈپ ۋارقىرىدى :

– قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ . كىشىلەرنىڭ ئارقىڭىزدىن نېمىشقا ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىڭ . ئەگەر ئاشۇ ئەيىبلەشلەرنى ھېچقانداق ئاساسى يوق ، پۈتۈنلەي يالغان دېسىڭىز ، مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئىشىنىمەن . ئېيتىڭە دورىيان ، ئاشۇ گەپلەر يالغان ، شۇنداقمۇ ؟ ئەجىبا ، سىز مېنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرمەيۋاتامسىز؟ ئاھ تەڭرىم ! سىزنىڭ پەسكەشلىكلىرىڭىزنى ، ئەخلاقسىزلىقلىرىڭىزنى ، نۇمۇسسىزلىقلىرىڭىزنى بىلمەيلا قالسامچۇ كاشكى .

دورىيان مەنستمەسلىك نەزىرىدە كۈلۈپ قويدى .

– ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقايلى بازىل ،- دېدى ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ، – مەن ھەركۈنى كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ، ئاشۇ ئۆيگە قويۇپ قويىمەن . مەن بىلەن بىللە چىقىپ ، خاتىرەمنى كۆرۈپ بېقىڭ .

– سىز خالىسىڭىز ، كۆرۈپ باقسام باقاي ، دورىيان . پويىزدىنمۇ قېپقالدىم . بوپتۇ  ، ھېچۋەقەسى يوق ، ئەتە ماڭساممۇ بولىدۇ . بۇ كەچتە ماڭا بىر نەرسە ئوقۇتىمەن دېمەڭ . ئاغزىڭىزدىن ئېنىق بىر جاۋابقا ئېرىشسەملا بۇلىدۇ .

– ئۈستىگە چىقسىڭىزلا ، ھەممە جاۋابقا ئېرىشىسىز. سىزگە بۇ يەردە جاۋاب بەرگۈم يوق ، بىر دەمدىلا ئوقۇپ بولىسىز .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11221

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-21
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: