پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى: 9- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 

توققۇزىنچى باب

ئەتىسى سەھەر ، دورىيان گرېي ئەمدىلا ناشتىغا ئولتۇرۇشىغا ، خىزمەتكار بازىل خالۋاردنى باشلاپ كىردى .

– ھەر نېمە بولسا سىزنى ئاخىرى تاپتىم دورىيان ، – دېدى بازىل تولىمۇ خۇش بولغان ھالدا ، – تۈنۈگۈن كەچتە كەلسەم ، سىزنى تىياتىرخانىغا كەتتى دېدى . بولغان ئىشلارغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، سىزمۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىڭىزنى دەپ قويۇشىڭىز كېرەكتى – دە ! كېچىچە ئۇياققا ئۆرۈلۈپ ، بۇياققا ئۆرۈلۈپ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى ، بالا – قازا قوشلاپ كەلمىگىيدى دەپ كۆپ ئەنسىرىدىم . دورىيان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ماڭا تېلېگرامما يوللايدۇ ، دەپ ئولتۇرۇپتىمەن . كۇلۇبتا يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «يەرشارى»گېزىتىدىن تاسادىپىي بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ ، شۇ ھامان ئۆيىڭىزگە كەلدىم ، سىز يوق ، كۆرۈشەلمەي بەك تىت – تىت بولدۇم . بۇ ئىش ئۈچۈن قانچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولغانلىقىنى دېمەيلا قوياي . بىلىمەن ، سىز بۇ ئىش ئۈچۈن چەكسىز ئازابلاندىڭىز . ئېيتىڭە ، تۈنۈگۈن ئاخشام نەگە باردىڭىز ؟ سىبىلنىڭ ئاپىسىنى كۆرگىلى باردىڭىزمۇ يا ؟ گېزىتتىن ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرېسىنى كۆرۈۋالغان ئىدىم ، تاس قالدىم سىزنى شۇ يەرلەرگىچە ئىزدەپ بارغىلى . ئۇلارنىڭ ئۆيى ئىيۇستون كوچىسىنىڭ بىر يېرىدىكەنغۇ ؟ لېكىن ، بارغىنىم بىلەنمۇ ، ئۇلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىپ بېرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ، پاتپاراق قىلىۋېتىدىكەنمەن . شۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ، بۇ نىيىتىمدىنمۇ ياندىم . بىچارە ۋېيىن خانىم ! بۇ ئىش ئۇنىڭغا چوقۇم بەك ئېغىر كەلدى ! سىبىل ئۇنىڭ بىردىنبىر بالىسى ئىدى – دە ! بۇ ھەقتە سىبىل سىزگە بىر نەرسە دېمىگەنمىتى ؟

– قەدىرلىك بازىل ، بۇ ئىشنى مەن نەدىن بىلەي ؟ – دورىيان پەرىشانلىق بىلەن شۇنداق دېگەچ ، ئەينەك ئىستاكاندىكى ئاچ سېرىق رەڭلىك ئۈزۈم ھارىقىدىن بىرنەچچە يۇتۇم ئىچىۋەتتى ، ئوزايىدىن ئېيىتقۇسىز دەرىجىدە پەرىشان بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى ، – تۈنۈگۈن كەچتە تىياتىرخانىغا باردىم ، شۇ يەرگە بارغان بولسىڭىز مېنى تاپالايىتىتىڭىز . تىياتىرخانىدا لورد ھېنىرىنىڭ ئاچىسى گۋېندولېن خانىم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، ئۇنىڭ ئايرىمخانىسىدا بىللە ئولتۇردۇق ، ئۇ ئاجايىپ جەلىپكار ، نازاكەتلىك ئايالكەن . پەتتىمۇ ناخشىنى قالتىس ئېيتىۋەتتى . بولدى ، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلارنى تىلغا ئېلىشمايلى . سىز ئۇ ئىشلارنى يۈز بەرمىگەن دەپ بىلىڭ . ھاررىنىڭ دېگىنىدەك ، مەلۇم بىر ئىش كىشىلەر تەرىپىدىن مۇنازىرە قىلىنمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئىش مەۋجۇت بولمىغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ . سىزگە دېسەم ، ئۇ يالغۇز بالا ئەمەس ، ئۇنىڭ يەنە ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق بىر ئىنىسى بار . لېكىن ، ئۇ ئاچىسىدەك ئارتىسىت ئەمەسكەن ، غەۋۋاسمۇ ئەيتاۋۇر بىر نېمە دەيدۇ . ئەمدى گەپنى سىزدىن ئاڭلايلى . يېقىندىن بېرى بىرەر نەرسە سىزدىڭىزمۇ ؟

– تىياتىرخانىغا باردىڭىزما ؟ – بازىل خالۋارد ئاۋازىغا تولىمۇ ئازابلىق تۈس بېرىپ دانىمۇ دانە قىلىپ ئېيىتتى ، – سىبىل ۋېيىننىڭ جەسىتى تېخىچە بىر ۋەيرانە ئۆيدە ياتسا ، سىز تىياتىرخانىغا باردىم دەڭ ؟ سىز پىراقىدا ئوت – كاۋاپ بولغان ئۇ قىز تېخى يەرلىكىگە قويۇلۇپ ئارام تاپماي تۇرۇپ ، يەنە باشقا ئاياللارنى «ئۇنداق سەتەڭكەن ، بۇنداق سەتەڭكەن ، پەتتى ناخشىنى ئاجايىپ ياخشى ئېيتىدىكەن»دەپ يۈرۈۋاتامسىز ؟ ھەي ئۇكام ، ئۇ بىچارىنىڭ تېنى ئۆلگەندىمۇ ئارام تاپماي يەنە بىرمۇنچە ئاۋارىگەرچىلىكلەرگە يولۇقىدىغان بولدى ، بۇنى بىلىۋاتامسىز ؟

– بولدى قىلىڭ بازىل ، ئۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق ، – دورىيان ئورنىدىن دىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتتى ، – ماڭا تەربىيە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۆتكەن ئىش ئۆتتى ، ئەمدى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ .

– تېخى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشنى ئۆتمۈشكە چىقىرىۋەتمەكچىمۇسىز ؟

– بۇنىڭ ۋاقىت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق . تۇتۇرۇقسىز ئادەملەرلا ئۆز ھېسسىياتىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق نەچچە يىل تىركىشىدۇ . ئۆز ھېسسىياتىنى كونتىرول قىلالايدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئازابلىرىنى ئۇنتۇپ خۇشاللىق تېپىش دېگەن بىردەمچىلىكلا ئىش . مەن ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىدىغانلاردىن ئەمەس . گېزى كەلسە ، ھېسسىياتىمدىن پايدىلىنىشنى ، ھوزۇرلىنىشنى ، ئۇلارنى باشقۇرۇشنى تازا ئوبدان بىلىمەن .

– دورىيان ، نىمانداق قورقۇنچلۇق گەپلەرنى قىلىسىز ! نىمانچىۋالا ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز ؟ ئىلگىرى ھەر كۈنى ئۆيۈمگە بېرىپ مودېل بولۇپ بېرەتتىڭىز . بولمىسىغۇ شۇ چاغدىكى قاملاشقان چىرايىڭىز شۇ پېتى تۇرۇپتۇ . لېكىن ، ئۇ چاغدا سىز تولىمۇ ئاقكۆڭۈل ، مۇلايىم ، يېقىشلىق ، كۆڭلى يۇمشاق بالا ئىدىڭىز . مانا ئەمدىلىكتە ، باشقىچىلا ئادەمگە ئايلىنىپ قاپسىز . گەپلىرىڭىزدىن قارىسام ، غۇرۇر – ۋىجدان ، رەھىم – شەپقەت دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ . چۈشەندىم ، بۇنىڭ ھەممىسى ھاررىنىڭ كاساپىتى .

دورىيان پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى ، دېرىزە ئالدىغا كېلىپ ، يېشىلچىلىق قاپلىغان ، كۈچلۈك قوياش نۇرىدا ئاجايىپ چىرايلىق تۈسكە كىرگەن گۈللۈككە نەزەرىنى ئاغدۇردى . ئۇ شۇ تەرزدە بىردەم تۇرۇۋېتىپ ئېغىز ئاچتى :

– مەن ھاررىنىڭ جىق پايدىسىنى كۆردۈم بازىل ، سىزدىنمۇ جىق پايدىسىنى كۆردۈم . سىز ھەدېسىلا ماڭا قۇرۇق شان – شۆھرەت توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشنىلا بىلىسىز .

– ھىم ، بۇنىڭ دەردىنىمۇ جىق تارىتتىم ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تارتىدىغان ئوخشايمەن .

– نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ھېچ چۈشەنمىدىم بازىل ، – دېدى دورىيان بۇرۇلۇپ ، – ھېچ بىلمىدىم ، سىزگە زادى نېمە كېرەك ؟

– ماڭا مەن رەسىمىنى سىزغان ھېلىقى دورىيان گرېي كېرەك ، – دېدى بازىل ئازابلانغان ھالدا .

– بازىل ، – دورىيان يېقىن كېلىپ قولىنى بازىلنىڭ مۈرىسىگە قويدى ، – بەكلا كېچىكىپ قاپسىز . سىبىل ۋېيىننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىدىن تۈنۈگۈنلا خەۋەر تېپپىپ بولغانمەن …

– ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ ؟ ۋاي خۇدايىم ! راسىت دەۋاتامسىز – يا ؟ – ۋارقىراپ تاشلىدى بازىل خالۋارد چىرايىغا ئەنسىز تۈس بېرىپ .

– قەدىرلىك بازىل ! ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئادەتتىكى بىر ھادىسە دەپ قارىمايدىغانسىز – ھە ؟

بازىل قوللىرى بىلەن يۈزىنى چاڭگاللىۋالدى ، ئاغزى گەپكە كەلمەي لاغىلداپ تىتىرەپ كەتتى :

–        نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق ؟

– ئۇنداق دېمەڭ بازىل ، دېدى دورىيان ، – بۇنىڭ ھېچقانداق قورقۇنچلۇق يېرى يوق . ئۇ پەقەت مۇشۇ دەۋرىمىزدىكى بۈيۈك ھەم رۇمانتىك تراگېدىيىلەرنىڭ بىرى خالاس . ئارتىسىتلار تولىمۇ ئاددىي – ساددا ياشايدىغان خەق ، ئېرى ئايالىغا سادىق بولۇپ ، ئايالى ئېرىگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىپ ، توختام سۇدەك بىرلا خىل رەۋىشتە مەززىسىز ياشايدۇ . مېنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدىكىلەر ياقىلايدىغان ئەخلاق قارىشىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ بولدىڭىز ھەقاچان . لېكىن ، سىبىل ئۇلارغا ئوخشىمايىتتى ! ئۇ ئەڭ ئېسىل تراگېدىيىلەرنى ئۆزى بىر قوللۇق ئوينىدى ، ئۇ مەڭگۈ تراگېدىيىلەردىكى مەڭگۈلۈك بىر ئايال پېرسۇناژ . ئۇ ئاخىرقى قېتىم ئويۇن قويغان كەچتە – سىز ئۇنى كۆرگەن ھېلىقى كەچ – مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىپ قالغاچقا ، رولنى ياخشى ئالالمىدى . مۇھەببەتنىڭ بىر خىيالىي تۇيغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ ، جۇلىتتاغا ئوخشاش بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى ، سەنئەتنىڭ ماقامىغا ئۇلاشتى . ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇھەببەتكە نىسبەتەن بىر خىل پىداكارلىق بولغاچقا ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى تەسەددۇق قىلدى ، تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى نابۇت قىلدى . بۇنىڭدىن كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى سىيرىلىدۇ . لېكىن ، بۇ گېپىمدىن مېنى ئازابلانماپتۇ دەپ قالماڭ . تۈنۈگۈن سائەت بەش يېرىملاردا كەلگەن بولسىڭىز ، يۇم – يۇم يىغلاۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن بولاتتىڭىز . تۈنۈگۈن ھاررىدىن مۇشۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، كۆتۈرۈپ – قوپقۇسىز ئازاب دەستىدىن يۈرەكلىرىم خۇن بولدى ، بۇنىڭدىن ھاررىمۇ ھەيرانۇ – ھەس قالدى . ئاجايىپ ئازابلاندىم ، لېكىن چىدىدىم . ئەمما ، ھەممە ئىش ئۆتتى ، كەتتى . قازاغا رىزا بولماي ئامال يوق . ئاھ ئۇرۇپ ، ھەسرەت چېكىشنىڭمۇ ئورنى يوق . ئورنۇمدا باشقا بىرى بولغان بولسىمۇ شۇنداق قىلغان بولاتتى . بازىل ، سىز مېنى چۈشەنمەيۋاتىسىز . ماڭا تەسەللىي بەرگىلى ، دەردىمگە دەرمان بولغىلى كەلگىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن . لېكىن مېنىڭ ئاشۇ ئازابلارنى كەينىمگە تاشلاپ ھېچئىش بولمىغاندەك تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ، ماڭا غەزەبلىنىۋاتىسىز ، ئاچچىقىڭىز كېلىۋاتىدۇ . ئادەمگە مۇشۇنداقمۇ تەسەللىي بەرگەن بارمۇ ؟ گەپلىرىڭىز ماڭا ھاررى سۆزلەپ بەرگەن بىر ھېكايىنى ئەسلىتىپ قويدى : بىر خەير – ساخاۋەتچى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بىر كىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن دەمدۇ ياكى مەلۇم بىر ئادالەتسىز قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن دەمدۇ ، ئەيتاۋۇر بىر ئىشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپتۇ . نىھايەت ، ئۇ غەلىبە قىلىپتۇ . ئەمما شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنى ئۈمىدسىزلىك ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋاپتۇ . ھېچئىشقا رايى بارماي ، چەكسىز بۇرۇقتۇرمىلىق ، مىسكىنلىك دەستىدە جاھاندىن بىزار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ . شۇڭا دەيمەن ، قەدىرلىك بازىل ، ماڭا چىن كۆڭلىڭىزدىن تەسەللىي بەرگىلى كەلگەن بولسىڭىز ، قانداق قىلغاندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولىدىغانلىقى ، قانداق قىلغاندا ئۆتمۈشكە سەنئەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭلىرىڭىز بولسا سۆزلەپ بېرىڭ . گيۇتىيېر① «سەنئەت ئارقىلىق تەسەللىي بېرىش»دەپ يازغان ئەمەسمىدى ؟ ئېسىمدە قېلىشىچە ، ئادەمگە ھوزۇر بېرىدىغان بۇ گەپنى مەن سىزنىڭ رەسىم سىزىش ئۆيىڭىزدىن تېپىۋالغان ، كالا تېرىسىدە ناھايىتى چىرايلىق مۇقاۋىلانغان بىر كىچىك كىتابچىدىن ئوقۇغان ئىدىم . بىر چاغدا ئىككىمىز شەھەر سىرتىدا كېتىۋاتقىنىمىزدا ، سىز ماڭا «سېرىق كىمخاپ ئادەمنىڭ ئازابلىرىغا تەسەللىي بېرەلەيدۇ»دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر يىگىت ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدىڭىز . لېكىن ، مەن ئۇ يىگىتكە ھەرگىز ئوخشىمايمەن . مەن تۇتقىلى ، ھوزۇر ئالغىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئامراق . قەدىمىي تاۋار – دۇردۇن ، برونزا ، سىرلانغان ساپال بۇيۇم ، پىل چىشىدىن ئويۇلغان نەرسىلەر ، چىرايلىق مەنزىرىلەر ، ئەيىش – ئىشرەت بۇيۇملىرى ، ھەشەمەتلىك سورۇن قاتارلىقلار كىشىگە ھېسابسىز خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىدۇ . لېكىن ، مەن ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغىنى ، ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ياسىلىشى ، ھېچبولمىغاندىمۇ ئۇلارنىڭ بىزنى سەنئەتكارنىڭ خاراكتېرىدىن خەۋەردار قىلغىنىدۇر . خۇددى ھاررىنىڭ ئېيىتقىنىدەك ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ كۆزەتكۈچىسىگە ئايلانغاندىلا ئاندىن ھاياتنىڭ دىشىۋارچىلىقلىرىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ . بىلىمەن ، بۇ گەپلىرىم سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ . مەن ھازىر سىز بىلەن يېڭى تونۇشقان چاغدىكى بالا ئەمەس ، پىشقان ئەرلەرگە ئايلاندىم ، بىلىدىغانلىرىممۇ كۆپەيدى . مەندە يېڭى – يېڭى ئارزۇ – ئىستەكلەر ، يېڭىچە ئىدىيىلەر ، يېڭىچە كۆز قاراشلار پەيدا بولدى . قىسقىسى ، مەن ھازىر بۇرۇنقى مەن ئەمەس ، لېكىن ماڭا بۇرۇنقىدەكلا ئامراق بولسىڭىز بولۇۋېرىدۇ . مەن جىق ئۆزگەردىم ، لېكىن سىز مېنىڭ قىيامەتلىك دوستۇم بولۇشقا ۋەدە بېرىڭ . مەن ھاررىغا ئامراق ، لېكىن ئۇ ياخشىلىقتا سىزگە يەتمەيدۇ . تۇرمۇش ئىشىغا كەلگەندە سىز ئۇنىڭغايەتمەيسىز . چۈنكى ، سىز تۇرمۇشتىن زىيادە قورقىسىز . لېكىن ، ئاقكۆڭۈللۈكتە يەنىلا ئۇنى بېسىپ چۈشىسىز . يېڭى تونۇشقان چاغلىرىمىزدا بىر – بىرىمىزنى كۆرسەك خوشلۇقتىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي كېتىشەتتۇق . يېنىمدىن كەتمەڭ بازىل ، مەن بىلەن تاكاللىشىپمۇ يۈرمەڭ . مانا كۆردىڭىز ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ، ئەمدى دېگۈدەك باشقا گەپ قالمىدى .

بۇ گەپلەردىن ھەيران قالغان بازىلنىڭ قەلبى ھاياجاندىن لەرزىگە كەلدى . شۇئان ، دورىياندىن ئۆزگە سىرداش دوستى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى . دورىيان بازىلنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى ئاجايىپ ئۇلۇغ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى . ئۇنى ئەمدى ئەيىبلەۋېرىشكە كۆڭلى ئۇنىمايىتتى ، ئۇنىڭ بايامقى توڭلۇقلىرى بىردەمچىلىكلا ئىدى ، ۋۇجۇدىدا ئاقكۆڭۈللۈك ، ئالىيجانابلىقتەك خىسلەتلەر تولىمۇ كۆپ ئىدى .

– بولىدۇ دورىيان ، – ئۇ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى ، – بۇنىڭدىن كېيىن ، ئالدىڭىزدا بۇ ئىشنى ئىككىنچىلەپ تىلغا ئالمايمەن . لېكىن ، سىزنى بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالارمۇ ، دەيدىغان ئەندىشەممۇ يوق ئەمەس . بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قانۇن دوختۇرى سىبىلنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرىدىكەن . ئۇلار سىزنى چاقىرىتمىغاندۇ ؟

دورىيان بېشىنى چايقىدى ، «جەسەت تەكشۈرۈلىدىكەن»دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ، چىرايىغا بىزارلىق ئالامەتلىرى تېپىپ چىقتى ، ئۇنىڭ نەزەرىدە بۇ تولىمۇ رەسۋا ئىشلار ئىدى .

– ئۇلار ئىسمىمنى بىلمەيدۇ ، – دېدى ئۇ .

– لېكىن ، سىبىل بىلىدىغاندۇ ؟

– ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنىلا بىلىدۇ ، فامىلەمنى ئۇقمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىسمىمنى ھېچكىمگە دېمىگەن . بىر قېتىم ئۇلار ماڭا قىزىقىپ كىملىكىمنى بىلمەكچى بوپتىكەن ، ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى «جەلىپكار شاھزادە»دەپ قويۇپلا بولدى قىپتۇ . ماڭا سىبىلنىڭ پورتېرىتىنى سىزىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ بازىل . مەندە ئۇنىڭغا قارىتا بىر نەچچە قېتىم سۆيۈشۈش ، شېرىن – شېكەر پاراڭلارنى قىلىشتەك ئۇششاق – چۈششەك ئىشلاردىن باشقا ھېچقانداق ئەسلىمە يوق . شۇڭا ئۇنى رەسىمى ئارقىلىق ئەسلەپ تۇراي دەيمىنا .

– سىزلا خۇش بولىدىغان ئىش بولسا ، سىزىپ باقسام باقاي دورىيان . لېكىن ، ئۆيۈمگە بېرىپ مودېل بولۇپ بېرىسىز . ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ .

– سىزگە ئەمدى مودېل بولۇپ بېرەلمەيمەن بازىل . بۇ ئەمدى مۇمكىن ئەمەس ! – ئۇ چۆچۈگىنىچە كەينىگە داجىدى .

بازىل ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپلا قالدى .

– قەدىرلىك دورىيان ، بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟ – دەپ سورىدى بازىل ھەيرانلىق ئىلىكىدە ، – مەن سىزىپ بەرگەن پورتېرىت يارىماي شۇنداق دەۋاتامسىز ؟ پورتېرىت قېنى ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ يۈزىگە پەردە تارتىپ قويدىڭىز ؟ مەن ئۇنى كۆرۈپ باقاي . بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى چىققان ئەسىرىم . پەردىنى قايرىۋېتىڭ دورىيان . بىلسەم – بىلمىسەم ، پەردىنى رەسىمنىڭ يۈزىگە خىزمەتكارىڭىز يېپىپ قويدىغۇ دەيمەن . كىرگەن چېغىمدا ، ئۆينىڭ كۆزۈمگە سەل باشقىچىرەك كۆرۈنگىنى بىكار ئەمەسكەندە .

– بۇنىڭ خىزمەتكارىم بىلەن ئالاقىسى يوق بازىل . سىز مېنى ھوجرىسىنى خىزمەتكارىغا يىغىشتۇرغۇزىدىكەن دەپ قاپسىز – دە ؟ ياق ، ئۇ ئاندا – ساندا ھوجرامغا گۈل تىزىشتەك ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ ، خالاس . رەسىمنىڭ يۈزىگە نۇر بەك كۈچلۈك چۈشۈپ كەتكەچكە ، پەردىنى مەن تارتىپ قويغانىدىم .

– نۇر بەك كۈچلۈك چۈشۈپ كەتتى دېدىڭىزما ؟ ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ دوستۇم ؟ رەسىمنى مۇشۇ يەرگە قويۇپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز . قېنى مەن كۆرۈپ باقايچۇ ، – بازىل شۇنداق دېگەچ بۇلۇڭ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .

دورىيان ئەنسىز ۋارقىرىۋەتتى ۋە ئىتتىك بارغىنىچە رەسىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالدى .

– بازىل ، – ئۇنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتتى ، – كۆرسىڭىز بولمايدۇ ، رەسىمنى سىزگە كۆرسەتمەيمەن .

– ئۆزۈم سىزغان رەسىمنى ئۆزۈم كۆرسەم بولمامدىكەن ! چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز دورىيان ؟ كۆرسەم نېمىشقا بولمىغۇدەك ؟ – بازىل قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

– بازىل ، ئەگەر رەسىمنى كۆرىمەن دەپ تۇرۇۋالىدىكەنسىز ، ئىككىنچىلەپ يۈزىڭىزگە قارىمايمەن . مەن دېگىنىمنى قىلماي قويمايدىغان ئادەم . بۇ ھەقتە سىزگە چۈشەنچە بەرگۈم يوق ، ھەم مەندىن سەۋەبىنى سورىماڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئەگەر پەردىگە چېقىلىدىكەنسىز ، سىز بىلەن مۇناسىۋىتىمنى چورتلا ئۈزىمەن .

بازىل گويا بېشىغا كالتەك تەگكەن ئادەمدەك ، دورىيانغا قارىغىنىچە داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇ دورىياننى ئىلگىرى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . دورىياننىڭ چىرايى غەزەبتىن تامدەك تاتارغان ، مۇشتۇمىلىرى چىڭ تۈرۈلگەن ئىدى ، كۆزلىرىدىن بىر خىل سوغۇق نۇر چاقناپ ، پۈتۈن ئەزايى جالاقلاپ تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى .

–        دورىيان !

–        بولدى ، گەپ قىلماڭ !

– سىزگە نېمە بولدى ؟ رەسىمنى كۆرسەتكۈڭىز بولمىسا ، كۆرمىسەملا بولىدىغۇ ، – بازىل زەردە بىلەن شۇنداق دېگەچ كەينىگە ئۆرۈلۈپ دەرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدى ، – ئۆزۈم سىزغان رەسىمنى ئۆزۈم كۆرەلمىسەم ، تازا قاملاشمىغان ئىش بولدىغۇ . مەن تېخى بۇ رەسىمنى كۈزدە پارىژ رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئاپىراي دەپ ئويلاپتىمەن . كۆرگەزمىگە ئاپىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا يەنە ئازراق رەڭ بەرمىسەم بولمايدۇ . شۇڭا ئۇنى ھامىنى كۆرىدىغان گەپ . ئېيتىڭە ، بۈگۈن كۆرسەم نېمىشقا بولمىغۇدەك ؟

– ئۇنى كۆرگەزمىگە ئاپىرامسىز ؟ ئۇنى كۆرگەزمە قىلماقچىمۇسىز ؟ – دورىيان ھەيرانلىق ئىلىكىدە ۋارقىرىۋەتتى ، ۋۇجۇدىنى ئاجايىپ بىرخىل ۋەھىمە چىرمىۋالدى . ئەمدى ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكى پۈتۈن ئالەمگە ئاشكارا بولۇپ كېتەرمۇ ؟ كىشىلەر ئۇنىڭ سىرلىرىنى بىلىۋالارمۇ ؟ ئۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ ! ئامال تېپىپ چوقۇم بۇ ئىشنى توسۇش كېرەك . لېكىن ئۇ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسلە بىلمەيىتتى .

– شۇنداق ، مېنىڭچە بۇنىڭغا قارشى تۇرمايسىزغۇ دەيمەن . جورج پەتتى مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىمنى يىغىپ پارىژنىڭ سېز كوچىسىدا كۆرگەزمە قىلىپ بەرمەكچى بولدى ، كۆرگەزمە ئۆكتەبىرنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى باشلىنىدۇ . رەسىمنى بىر ئايغا قالماي قولىڭىزغا تەگكۈزىمەن . خۇشاللىق بىلەن بېرىپ تۇرىسىزغۇ دەيمەن . ئۇ چاغدا سىز بەرىبىر لوندوندا بولمايسىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھە دېسىلا ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويۇپ كارىڭىز بولمايدىكەن ئەمەسمۇ .

دورىيان سوغوق تەر تەپچىرەپ تۇرغان پىشانىسىنى قوللىرى بىلەن ئېرىتتى ، ئۆزىنى گويا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر خەتەر گىردابىغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى .

– بىر ئاي بۇرۇن سىز : «بۇ رەسىمنى ھەرگىز كۆرگەزمىگە ئاپارمايمەن» دېگەنتىڭىزغۇ ، – غەزەب بىلەن ۋارقىرىدى دورىيان ، – ئەمدى نېمىشقا بۇ ئويىڭىزنى ئۆزگەرتىپ قالدىڭىز ؟ سىلەر رەسساملار ئۆزۈڭلارنى كۆز – كۆز قىلىشقا ئارانلا تۇرىدىكەنسىلەر ، باشقىلارغا ئوخشاشلا بەك تۇتۇرۇقسىز كېلىدىكەنسىلەر . بىرلا پەرقىڭلار – كەيپىياتىڭلارنىڭ ئۆزگىرىشى بەك تۇراقسىزكەن . «ھېچقانداق نەرسە مېنى بۇ رەسىمنى كۆرگەزمىگە ئاپىرىشقا ئېزىقتۇرالمايدۇ»دەپ مەيدىڭىزگە مۇشىتلىغانلىرىڭىز قېنى ؟ ئەجىبا بۇ گەپلىرىڭىز يادىڭىزدىن چىقىپ قالدىما ؟ تېخى ھاررىغىمۇ شۇنداق دېگەن ئىدىڭىز ، – ئۇ تۇيۇقسىز گېپىدىن توختىدى ، كۆزلىرى پاللىدە يورۇپ كەتتى . ئۇ شۇئان لورد ھېنىرىنىڭ بىر چاغدا چاقچاق ئارىلاش : «ئەگەر بىردەم بولسىمۇ ئاجايىپ بىر ھوزۇرغا ئېرىشىپ باقاي دېسىڭىز ، بازىلدىن رەسىمىڭىزنى نېمىشقا كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى سوراڭ . ئۇ ماڭا بۇنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرگەن . بۇ مەن ئۈچۈن بىر چوڭ بايقاش» دېگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى . توغرا ، بازىلنىڭمۇ باشقىلارغا دېيەلمەيدىغان بىر مەخپىيىتى بار ئوخشايدۇ . قېنى ، بىر كوچىلاپ سوراپ باقايچۇ .

– بازىل ، – دورىيان ئۇدۇل ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆزلىرىگە تىكىلدى ، – ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق مەخپىيەتلىكىمىز باركەن . سىزمۇ ماڭا مەخپىيەتلىكىڭىزنى دەپ بېرىڭ ، مەنمۇ سىزگە دەپ بېرەي . ئېيتىڭە ، پورتېرىتىمنى كۆرگەزمىگە ئاپىرىشقا بۇرۇن نېمىشقا ئۇنىمىغانتىڭىز ؟

بازىل ئىختىيارسىز تىتىرەپ كەتتى .

– دورىيان ، بۇنىڭ سەۋەبىنى دېسەم ، ماڭا ئۆچ بوپ قالىسىز ، مېنى زاڭلىق قىلىسىز . ئۇنداق قىلسىڭىز ماڭا بەك ئېغىر كېلىدۇ . رەسىمنى راستىنلا كۆرسەتكۈڭىز بولمىسا مەيلى . ئىشقىلىپ ، سىزنى مەڭگۈ كۆرۈپ تۇرساملا بولدى . مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسىرىمنى جاھان ئەھلىگە كۆرسەتكۈڭىز بولمىسا ، ئۇنىڭغىمۇ مەيلى . بۇنىڭغا باشقىچە پىكرىم يوق . سىزنىڭ دوستلۇقىڭىز مەن ئۈچۈن ھەرقانداق شان – شەرەپ ۋە ئابرويدىنمۇ قىممەتلىك .

– ياق بازىل ، ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ ، – دورىيان ھېچ گېپىدىن يانىدىغاندەك قىلمايىتتى ، – مېنىڭ بۇنى بىلىش ھوقۇقۇم بار ، – ئۇنىڭدا بايامقى ۋەھىمىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر خىل قىزىقىش ئالماشقان ئىدى . ئۇ بازىلنىڭ مەخپىيىتىنى بىلمەي قويماسلىق قارارىغا كەلدى .

– ئولتۇرۇپ سۆزلىشەيلى دورىيان ، – بازىلنىڭ چىرايىدا بىر خىل ھولۇقۇش ئالامەتلىرى ئەكس ئەتتى ، – قېنى ئولتۇرايلى . بىرلا سۇئالىمغا جاۋاب بېرىڭ . رەسىمنىڭ بىرەر غەلىتە يېرىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ؟ رەسىمنىڭ بىر يېرى دەسلەپ قارىغاندا سىزنى جەلپ قىلىۋالىدىغان ، لېكىن تۇرۇپلا ئاشۇ غەلىتە يېرى كۆز ئالدىڭىزدا زاھىر بولىدىغان بىر خىل تۇيغۇدا بولدىڭىزمۇ ؟

– بازىل ! – دورىيان ئەندىكىپ كەتتى ، قوللىرى ئىختىيارسىز تىتىرەپ ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالدى ، بازىلغا تىكىلىپ قارىدى ، كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەندىكىش ئالامەتلىرى يالىتتتىدە ئەكىس ئەتتى .

– قارىغاندا ، سىزمۇ دىققەت قىلىپسىز – دە . بولدى دېمەڭ ، ئاۋۋال مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ . دورىيان ، مەن سىزنى ئۇچراتقان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ، خاراكتېرىڭىز مەندە ئاجايىپ تەسىر قالدۇردى . پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ، روھىم ، كاللام ، ئەقلى – ھوشۇمنى سېھىرلەپلا قويدىڭىز . قەلبىمدە بىر خىل غايىبانە سىماغا ئايلاندىڭىز . بۇ غايىبانە سىما بەجايىكى شېئىرىي ساماۋى چۈشكە ئوخشايىتتى . بىز سەنئەتكارلار بۇنداق ساماۋى شېرىن چۈشلەرگە باغلىنىپلا قالاتتۇق . شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ، سىز قەلبىمدىكى بىر مەبۇدقا ئايلاندىڭىز ، باشقىلارغا گەپ قىلسىڭىز ، شۇ ھامان ئىچى تارلىقىم قوزغىلاتتى . سىزگە مەندىن باشقا ئادەم ئېرىشەلمىسە دەپ ئويلايىتتىم . يېنىمدا بولسىڭىز ، كۆڭلۈم يايراپ كېتەتتى . يېنىمدا يوق چاغلىرىڭىزدا سەنئەت ئالىمىمدە زاھىر بولاتتىڭىز … ئەلۋەتتە بۇ تۇيغۇلىرىمنى سىزگە ئاشكارىلىمايىتتىم ، ھەم بۇنداق قىلىشىممۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇنى سىز چۈشەنمەيىتتىڭىز ، ھەتتا ئۆزۈممۇ تېگىگە يېتەلمەيىتتىم . پەقەت ئۆزۈمنىڭ ھەقدادىغا يەتكەن بىر گۈزەللىكنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر شاھىد ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتىم ، دۇنيا نەزەرىمدە گۈزەل ، يېقىملىق كۆرۈنەتتى . چۈنكى بۇ خىل تەلۋىلەرچە چوقۇنۇشقا خەتەر ئارىلىشىپ كەتكەنىدى . ئەمما بۇ خىل تەلۋىلەرچە چوقۇنۇشتىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنى ساقلاپ تۇرغاندىنمۇ خەتەرلىك ئىدى … ئارىدىن نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى ، سىزگە بارغانسېرى باغلىنىپلا قېلىۋاتاتتىم . دەل شۇ چاغدا قەلبىمدە تېخىمۇ يېڭىچە تۇيغۇلار بىخلىدى . تەسەۋۋۇرۇمدا سىزنى گاھ ئۇچىسىغا ئاجايىپ ئېسىل دۇبۇلغا – ساۋۇت كىيگەن پارس ② سىياقىدا ، گاھ بېشىغا ئوۋچىلار كىيىدىغان چىغ قالپاق كىيگەن ، قولىدا ئوۋ مىلتىقى تۇتقان ھالەتتىكى ئادونىس سىياقىدا سىزاتتىم . ھېلى بېشىڭىزغا گۈلچەمبىرەكتىن ياسالغان تاج تاقىغان ھالەتتە ئادرىيان پادىشاھلىقىنىڭ ساياھەت كېمىسىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ، نىل دەرياسىدىكى ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان زۇمرەتتەك سۇلاردىن ھاسىل بولغان دولقۇنلارنىڭ مەۋج ئۇرۇشىغا قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرسەم ، ھېلى گرېتسىيە ئورمانلىقلىرىدىكى تىنىق كۆل سۈيىدىن مۆجىزىسىمان قاملاشقان چېھرىڭىزنى كۆرەتتىم . بۇ سىمالارنىڭ ھەممىسى سەنئەتتە ئىپادىلەنمىسە بولمايدىغان بىۋاسىتە ، غايىۋى ، گىرىمسەن تۇيغۇلار ئىدى . گاھىدا بۇلارنى تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ دەپمۇ قالاتتىم . شۇنىڭ بىلەن ، مەندە سىزنى قەدىمىي كىيىملەرنى كىيگەن ھالەتتە ئەمەس ، بەلكى ھازىرقى دەۋرگە ماس كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ھالىتىڭىزنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ، ئاجايىپ قالتىس پورتېرىتىڭىزنى سىزىش ئىستىكى تۇغۇلدى . بۇ ئويۇمنىڭ رېئالىزملىق ئۇسلۇب ياكى سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزدىن پەيدا بولغان مۆجىزە ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېيەلمەيىتتىم . ئىشقىلىپ ، خىيالىمدىكى سىما كۆز ئالدىمدا شۇنچىلىك ئېنىق ، شۇنچىلىك يارقىن ھالەتتە نامايان بولاتتى . لېكىن ، پورتېرىتىڭىزنى سىزىۋاتقان چېغىمدا ئىشلەتكەن ھەربىر بوياق ، ھەربىر رەڭ گويا قەلب سىرلىرىمنى ئاشكارىلىۋېتىپ بارغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم ۋە قەلبىمدە ، باشقىلار مېنىڭ مەبۇدقا چوقۇنىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالارمۇ ، دەيدىغان ئەندىشە پەيدا بولدى . بۇ رەسىمگە نۇرغۇن سىرلىرىمنى سىڭدۈرۈۋەتكەندەك ، ئۆزلۈكۈمنى مۇجەسسەم قىلىۋەتكەندەك تۇيغۇدا بولدۇم . شۇڭا ، دەسلەپتە كۆرگەزمە قىلغۇم كەلمىدى . سىز بايا بەك چېچىلىپ كەتتىڭىز ، لېكىن ئۇ چاغدا سىز بۇ رەسىمنىڭ مەن ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيىتتىڭىز . بۇنى مەن ھاررىغا سۆزلەپ بەرگەن ، ئۇ مېنى راسا مازاق قىلغانىدى . لېكىن ، ھەرگىز كۆڭلۈمگە ئالمايمەن . رەسىم پۈتكەندە ، ئۇنىڭ يېنىدا ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ ، قىلغانلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىدىم … شۇنداق قىلىپ ، ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ، پورتېرىتنى رەسىم سىزىش ئۆيۈمدىن ئەچىقىۋەتتىم . شۇندىلا ئۇنىڭغا بولغان شەيدالىقتىن قۇتۇلغاندەك بولدۇم ، ھەم ئۆزۈمنىڭ بۇرۇن تولىمۇ ئەخمەقلىق قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم – سىزنىڭ ئاجايىپ رەڭگى – رۇخسارىڭىزنى كۆرگەندىن ، ئۆزۈمنىڭ رەسىمنى سىزىش جەريانىدا كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمنى تونۇپ يەتكەندىن باشقا ، تەسەۋۋۇر ئالىمىمدە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر زاھىر بولدى . «ئىجادىيەت قىلىۋاتقاندا پەيدا بولغان قايناق ھېسسىياتلار ھەقىقەتەن ئەسەردە ئەكىس ئېتىدۇ» دەيدىغان قاراشنى ھېلىمۇ خاتا دەپ قارايمەن . سەنئەت تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ئابىستراكىت بولىدۇ . سەنئەتتىكى ئوبراز بىلەن رەڭ بىزگە باشقا نەرسىدىن ئەمەس ، بەلكى ئوبراز بىلەن رەڭدىنلا دېرەك بېرىدۇ . ھازىر شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى ، سەنئەتنىڭ سەنئەتكارنىڭ روھىي دۇنياسىنى يوشۇرۇشى ئاشكارىلىۋېتىشىدىن كۆپرەك بولىدىكەن . شۇڭا ، پارىژدىن كەلگەن رەسىم كۆرگەزمە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا ، سىزنىڭ پورتېرىتىڭىزنى كۆرگەزمىگە قويىدىغان ئاساسلىق ئەسەر قىلىش قارارىغا كەلدىم . لېكىن ، سىزنى رەت قىلىۋېتەر دەپ زىنھار خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن . ئەمدى چۈشەندىم ، سىز توغرا قىلىپسىز ، بۇ رەسىمنى كۆرگەزمىگە قويسام بولمىغۇدەك . دورىيان ، دېگەنلىرىمگە ھەرگىز خاپا بولماڭ . خۇددى مەن ھاررىغا دېگەنگە ئوخشاش ، سىز باشقىلارنىڭ چوقۇنۇشى ئۈچۈنلا يارالغان .

دورىيان گرېي چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قويدى . ئىككى مەڭزى ئانار دانىسىدەك قىزىرىپ ، جاۋغىيىدا بىلىنەر – بىلىنمەس بىر جىلمىيىش پەيدا بولدى . ئەنسىرىگەن ئىش ئۆتۈپ كەتكەن ، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى جايىغا چۈشكەن ئىدى . ئەمما بايا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ قەلب سىرلىرىنى تۆككەن بازىلغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا چەكسىز بىرخىل ئىچ ئاغرىتىش پەيدا بولدى ۋە كۆڭلىدە : «مەنمۇ بىر كۈنلەردە دوستۇمنىڭ ئالدىدا مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالارمەنمۇ ؟ لورد ھېنىرى ناھايىتى جەلىپكار ، ئەمما خەتەرلىك ئادەم ، ئۇنىڭ مۇشۇ بىرلا ئارتۇقچىلىقى بار . ئۇ بەك زېرەك ئەمما بەك زەھەرخەندە ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئاسانلىقچە كۆڭلىگە ياقمايدۇ . مېنى ئۆزىگە چوقۇندۇرالىغۇدەك يەنە كىم بار ؟ بۇ ياكى تەقدىرنىڭ ماڭا پۈتكەن قىسمىتىمۇ ؟» دېگەنلەرنى خىيال ئېكرانىدىن بىر – بىرلەپ ئۆتكۈزدى .

– ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ دورىيان ، – دېدى بازىل ، – سىز رەسىمدىن راستىنلا مۇشۇ نۇقتىنى بايقىيالىدىڭىزمۇ ؟

– بىر نەرسىنى بايقىدىم ، – جاۋاب بەردى دورىيان ، – ئاجايىپ غەلىتە بىر نەرسىنى بايقىدىم .

– ئۇنداق بولسا رەسىمنى كۆرۈپ باقاي .

دورىيان بېشىنى چايقىدى .

– بۇنداق دەپ تۇرۇۋالماڭ بازىل . ھېلىغۇ كۆرۈشكەن ، سىزنى رەسىمنىڭ يېنىغىمۇ يولاتقۇزمايمەن .

– ئەمىسە كېيىنچە كۆرسەمغۇ بولار ؟

– ياق ، مەڭگۈ كۆرسەتمەيمەن .

– بوپتۇ ئەمىسە ، بەلكى سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز توغرىدۇ ؟ خوش ئەمىسە دورىيان ، مەن ماڭاي . سىز ھاياتىمدىكى ئىجادىيىتىمگە بىردىنبىر تەسىر كۆرسەتكەن ئادەمسىز . ئەسەرلىرىمدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممىسى سىزگە تەئەللۇق . ھەي ! بايىقى گەپلەرنى قانچىلىك تەستە ئېغىزدىن چىقارغانلىقىمنى سىز ھېس قىلالمايسىز .

– قەدىرلىك بازىل ، – دېدى دورىيان ، – سىز ماڭا نېمىلەرنى دېدىڭىز ؟ پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ماڭا قانچىلىك دەرىجىدە چوقۇنىدىغانلىقىڭىزنىلا دېدىڭىز . بۇ سىزنىڭ ياغلىما گەپلىرىڭىز ئەمەستۇ ؟

– مەن سىزنى ياغلىما گەپلەر بىلەن ماختاپ – ئۇچۇرۇش خىيالىدا بوپ باقمىدىم . قەلب سىرلىرىمنى سىزگە تۆكۈپ بولۇپ ، گويا بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدىم . بەلكىم كىشى ئۆزىنىڭ باشقىلارغا چوقۇنىدىغانلىقىنى ھەرگىز تىل ئارقىلىق ئىپادىلىمەسلىكى كېرەكتۇر .

– بۇ قەلب سىرلىرىڭىز كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىكەن .

– نېمىشقا بۇنداق دەيسىز ؟ مەندىن باشقىچىرەك بىر گەپنى كۈتكەنمىدىڭىز يا دورىيان ؟ رەسىمدىن باشقا نەرسىنى ھېس قىلمىدىڭىز شۇنداقمۇ ؟

– شۇنداق ، ھېچنېمىنى ھېس قىلمىدىم . بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز ؟ چوقۇنۇش – پوقۇنۇش دېگەندەك گەپلەرنى ئەمدى ھەرگىز ئاغزىڭىزغا ئالغۇچى بولماڭ ، بۇ گەپ ماڭا تولىمۇ ئەخمەقلىقتەك تۇيۇلىدىكەن . ئىككىمىز دېگەن دوست بازىل ، قىيامەتلىك دوست .

– سىزگە ھازىر ھاررى بولسىلا بولدى ، – دېدى بازىل كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا .

– ئوھوي ، ھاررى دەڭ ! – دورىيان قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ، – ھاررى ئادەمنىڭ خىيالىغا كىرمەيدىغان ، ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ . ئۇنىڭغا بەكمۇ ھەۋىسىم كېلىدۇ . لېكىن ، ۋاقتانى ۋاق كېلىپ بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققۇدەك بولسام ھاررىنى ئەمەس ، سىزنى ئىزدەيمەن بازىل .

– ماڭا يەنە مودېل بولۇپ بېرەمسىز ؟

– ياق .

– بۇنداق قىلسىڭىز ، مېنىڭ سەنئەت ھاياتىمنى نابۇت قىلغان بولىسىز دورىيان . ھېچكىم ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگلا ئېرىشەلىگەن ئەمەس ، بىرسىگە ئېرىشەلىگەنلىرىمۇ بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز .

– سىزگە چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزمەن بازىل . لېكىن ، ئەمدى سىزگە راستىنلا مودېل بولۇپ بېرەلمەيمەن . ھەربىر پورتېرىتتا شۇ كىشىنىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلگەن نەرسىلەر ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ ، بىر ھېسابتا ئۇنىمۇ بىر جېنى بار نەرسە دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز . لېكىن ، ئۆيىڭىزگە چاي ئىچىشكەچ پاراڭلاشقىلى بېرىپ تۇرىمەن . بۇمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان ئىش .

– بۇنىڭدىن مەن ئەمەس ، سىز بەكرەك ھوزۇر ئالىسىز ، – دېدى بازىل ئەپسۇسلانغان ھالدا ، – ئەمىسە مەن ماڭاي ، شۇنچە قىلساممۇ رەسىمنى كۆرگىلى قويمىدىڭىز . بوپتۇ ، ھېسسىياتىڭىزنى مەن چۈشىنىمەن .

بازىل چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، دورىيان ئىچىدە كۈلۈپ قويدى . بىچارە بازىل ! نېمە ئۈچۈن رەسىمنى كۆرسەتكىلى قويمىغىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيلا كەتتى – دە ! ئۆز ئىچ سىرىنى بەرمەي ، دوستىنى دەيدەيگە سېلىپ قويۇپ قەلب سىرلىرىنى بىلىۋالدى ، تازىمۇ قىزىق ئىش بولدى – دە ! لېكىن ، دوستىنىڭ ئاشۇ قەلب ئىزھارلىرىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ تېگىگە يەتتى ! رەسسامنىڭ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان ھەسەتخورلۇقى ، تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىققان مەجنۇنلۇقى ، ئۆزىنى زىيادە ئاشۇرۇپ تەرىپلەشلىرى ، ئىچىدىكىنى تېشىغا چىقارمايدىغان غەلىتە مىجەزى بارلىقىنى ئاشۇ سۆزلىرىدىن بىلىۋالدى ، بىلىۋالدى – يۇ ، ناھايىتى ئىزتىراپ چەكتى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ، تولىمۇ رومانتىك بۇ دوستلۇققا بىر خىل تراگېدىيە تۈسى ئارىلىشىپ كەتكەنىدى .

ئۇ ئۇھسىنىپ قويۇپ ، قوڭغۇراقنى باستى . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، رەسىمنى يوشۇرۇپ قويۇش كېرەك . ئۇ رەسىمنى باشقىلارغا كۆرسىتىشتەك بۇ خەتەرگە ئەمدى زىنھار تەۋەككۇل قىلمايدۇ . ئۇ راستىنلا ساراڭ بوپتۇ ، بۇ رەسىمنى ئەمدى دوسىتلىرى كىرىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئۆيگە قويماسلىق كېرەك ، رەسىمنى باشقا يەرگە يۆتكىۋېتىشنى بىر سائەتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ .

ئىزاھات :

① گيۇتىيېر (1811 – 1872) – فرانسىيىلىك شائىر ، يازغۇچى ، تەنقىدچى ، «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەن ئېتىكىلىق ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلغان .

② پارس – يۇنان ئەپسانىلىرىدا تەسۋىرلىنىدىغان تروي شاھزادىسى ، پادىشاھ سىبادانىڭ ئايالى ھەيلۇننى ئازدۇرغانلىقى سەۋەبلىك تروي ئۇرۇشى پارتلىغان .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11143

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-12
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: