پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

فرانىز كافكا: قەلئە(رومان) 4- باب

قەلئە

(رومان)

ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋسترىيە)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

تۆتىنچى باب

ئۇنىڭ فىرىداغا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دېگۈسى بار ئىدى، لېكىن ئىككى ياردەمچى مولۇندەك قاراپ ئولتۇرۇۋالغاچقا، گەپلىرىنى دېيەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە فىرىدامۇ ھەدېسىلا ئۇلار بىلەن گەپتە چېقىشىپ پۇرسەت بەرمەيۋاتاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ياتاقنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى داق يەرگىلا ئىككى تال كونا كۆينەكنى تاشلاپ يېتىشتىن باشقا ئارتۇقچە تەلەپلىرىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار فىرىداغا يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىمگە پۇتلىكاشاڭ بولغۇسى، ياتاقنىڭ جىق يېرىنى ئىگەللىۋالغۇسى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ھەم مۇشۇ ئويلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ناھايىتى پەس ئاۋازدا گەپلىشەتتى، كۈلگەندىمۇ ئاۋازىنى چىقارماي خىرىلداپ كۈلۈشەتتى. باداشقان قۇرۇپ بىر يەرگە غۇژمەك بولۇپ بۇلۇڭغا تىقىلىپ ئولتۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ شۇ ھالەتتە ئولتۇرۇشلىرى سىرىتتىن غۇۋا چۈشۈپ تۇرغان نۇرنىڭ يورۇقىدا بەئەينى بىر توڭگىلەك يىپنىلا ئەسلىتەتتى. شۇنداقتىمۇ، كۈندۈزىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا K غا شۇ نەرسە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئايان ئىدىكى، ئۇلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۆزىنى كۆزىتىۋاتاتتى، كۆرۈنۈشتە ئۇلار كىچىك بالىلارنى دوراپ قوللىرىنى دۇربۇندەك قىلىپ ئوينىسۇن ياكى ساقاللىرىنى (ئۇلار ساقال قويۇشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەدېسىلا قايسىسىنىڭ ساقىلى ئۇزۇن ھەم كۆپلۈكىنى ئايرىش ئۈچۈن فىرىدانى ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلاتتى) تاراپ ئوينىغان بولۇۋالسۇن، كۆزى ئۇنىڭدىن نېرى بولمايتتى.

K بۇ ئۈچەيلەننىڭ كۈلكىلىك ئىشلىرىغا قارىغىنىچە ئىپادىسىز بىر يوسۇندا كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتاتتى. 

ئۇ ئۆزىنى خېلى تېتىكلىشىپ قالغاندەك سەزدى، ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇۋېدى، ئۇلارمۇ دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى- دە، ئۇنىڭ ئالدىدا پايپېتەك بولۇپ كېتىشتى. ئۇنىڭ تېنى ئۇلارنىڭ پايپېتەك بولۇشلىرىنى رەت قىلغۇدەك ھالغا تېخى كەلمىگەنىدى. بۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنىدى، ئۆزىگە پايدىسىز ئاقىۋەتنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇنىڭغا كۆنمەي ئىلاجى يوق ئىدى، ئۇ فىرىدا ئەكىرگەن ئالىي دەرىجىلىك قەھۋەنى ئىچكەچ فىرىدا ئوت قالاپ قويغان ئوچاقنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ ئىسسىنىشقا باشلىدى، ئىككى ياردەمچى ھېلى ئۈستىگە چىقىپ، ھېلى پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭغا يۈز يۇيىدىغان سۇ، سوپۇن، تاغاق، ئەينەك دېگەندەك نەرسىلەرنى تەقلەپ بېرىش بلەن پالاقلاپ يۈرۈشەتتى. ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئىستاكان رام ھارىقى ئەكىرىشتى، چۈنكى ئۇ باياتىن بىرەر رۇمكا ئىچكۈسى بارلىقىنى ئاستىرىتىن بىلدۈرۈپ قويغانىدى، بولمىسا بۇلارنىڭغۇ كىشىنى بىئارام قىلغۇدەك ھېچنەرى يوق ئىدى.

ئۇ ياردەمچىلىرىگە ھېلىدىن ھېلىغا بۇيرۇق سوقاتتى، ياردەمچىلىرىنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇشىدىن كۆڭلى خېلىلا راھەتلىنىپ قالدى، بولمىسا ئۇ ياردەمچىلەرنى بۇيرۇقۇمغا بۇنچە بويسۇنۇپ كېتەر دەپ ئويلىمىغانىدى.

– ئىككىڭلار ئەمدى چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ھازىرچە بىر نەرسە كېرەك ئەمەس. فىرىدا خېنىم بىلەن يالغۇز پاراڭلاشقۇم بار،- ئۇلارنىڭ چىرايىدا بىرەر قارشىلىق ئالامىتىنى كۆرمىگەن K يەنە قوشۇپ قويدى،- ھېلىراق ئۈچىمىز كەنت باشلىقىنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىمىز. سىلەر مېنى پەستە ساقلاپ تۇرۇڭلار.

ئەجەپلىك يېرى، ئۇلار K نىڭ بۇيرۇقىغا رايىشلىق بىلەن كۆندى- يۇ، چىقىپ كېتىش ئالدىدا: «مۇشۇ يەردە ساقلايلى بولمىسا» دېدى.

– شۇنداق قىلغۇڭلار بارلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ئەڭ ياخشىسى مېنى پەستە ساقلاپ تۇرۇڭلار،- دېدى K .

ئىككى ياردەمچى چىقىپ كېتىشى بىلەن تەڭ فىرىدامۇ K نىڭ قۇچىقىغا تاشلاندى.

– قەدىرلىكىم، ياردەمچىلىرىڭىزگە نىمانچە ئۆچلۈك قىلىسىز؟ ئۇلاردىن بىر ئىشلارنى يوشۇرۇپ نېمە قىلارمىز. ئۇلار بەك سادىق،- دېدى قىز. بۇ گەپتىن K نىڭ ئەرۋايى ئۇچتى، لېكىن بىر يەرلىرىدىن خۇشالمۇ بولدى.

– ھىم، سادىق دەپ قويۇڭ،- دېدى K ،- ئۇلار ھەدېسىلا مېنى ئاستىرىتىن كۆزىتىدۇ. نېمە قىلىدۇ ئۇنداق قىلىپ، ئادەمنىڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرۈپ.

– نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشەندىم،- قىز K نىڭ بوينىغا گىرە سالدى. ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنىدۇر دېگۈسى كەلدى- يۇ، ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى. ئۇلار ئولتۇرغان ئورۇندۇق كارىۋاتقا يۆلەپلا قويۇلغانىدى، سەللا مىدىرلىۋېدى، ئورۇندۇق كارىۋات ئۈستىگە پالاققىدە يىقىلدى. ئۇلار كارىۋاتقا يىقىلغان جايىدا جىممىدە يېتىشتى، لېكىن ئاخشامقىدەك ھەممىنى تامام ئۇنتۇغان ھالدا بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتمىدى. K مۇ، قىزمۇ نېمىدۇر بىر نەرسىنى ئىزدىمەكتە، گويا ئەقلىدىن ئاداشقان كىشىدەك چىرايىغا غەلىتە تۈس بېرىپ، باشلىرىنى بىر- بىرىنىڭ قوينىغا تىقىشىپ بىر نەرسىلەرنى ئىزدىمەكتە ئىدى. ئۇلار چىڭڭىدە قۇچاقلاشتى، كىرىشكەن بەدەنلەر ئۇلارغا ئۆزىدىن باشقا نەرسىلەرنى ئويلاشقا ئىمكان بەرمەيتتى، ئۇلارنى توختىماستىن بىر نەرسىلەرنى ئىزدەشكە ئۈندەيتتى؛ ئۇلار گويا يەر چىشلەپ جان تالىشىۋاتقان ئىتتەك بىر- بىرىگە چىڭڭىدە ئېسىلىشىپ قويۇپ بەرمەيتتى؛ بۇنىڭدىنمۇ قانائەت تاپالمىغاندا بولسا ئەڭ ئاخىرقى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈش ئۈچۈن تىللىرى بىلەن بىر- بىرىنىڭ يۈزلىرىنى يالاشتى. ئۇلار ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندىلا ئاندىن جىمىپ قالدى، بىر- بىرىگە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ھايال ئۆتمەي ئىككى ئايال خىزمەتكار ئۈستىگە چىقتى.

– قارىغىنە ئۇلارغا، ئۇخلىغاندەك يېتىشىپ كەتكىنىنى،- دېدى بىرى ۋە ھېسداشلىقى قوزغىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەدىيال تاشلاپ قويدى.

ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتتى، K ئەدىيالنىڭ ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارىدى، قارىدى- يۇ، ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئىككى ياردەمچىسىنىڭ تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىدىن ھەيران قېلىپمۇ يۈرمىدى. ئۇلار قوللىرى بىلەن K نى ئىما قىلىشىپ بىر- بىرىنى K نىڭ ئالدىدا ھۆرمەتتە تۇرۇشقا ئۈندىدى. بۇ ئاز كەلگەندەك، ئەمدىلىكتە سارايۋەننىڭ ئايالىمۇ كارىۋاتقا چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ پايپاق توقۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ بۇنداق ئۇششاق ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۆيگە چۈشۈۋاتقان نۇرنى توسۇۋالغان يوغان گەۋدىسىگە پەقەتلا ماس كەلمىگەندەك كۆرۈنەتتى.

– سىلەرنى ساق يېرىم كۈن كۈتتۈم،- دېدى ئايال تاۋاقتەك يۈزىنى يەردىن كۆتۈرۈپ. ئايالنىڭ چېھرىگە خېلى كۆپ قورۇقلار ئىز سېلىپ ئۈلگۈرگەنىدى، لېكىن ئۇنىڭ نۇرىنى يوقاتمىغان چىرايىدىن بىر چاغلاردا ناھايىتى چىرايلىق ئايال ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئايالنىڭ بۇ گېپىدىن ئەيىبلەش، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا ئاغرىنىشتەك بىر ئىپادە چىقاتتى. چۈنكى K بۇ ئايالنى چىللاپ كىرمىگەنىدى. K «گېپىڭىزنى ئاڭلاۋاتىمەن» دېگەندەك بىر مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆرە بولۇپ ئولتۇردى. فىرىدامۇ ئورنىدىن تۇردى، K نىڭ يېنىدىن سۈرۈلۈپ بېرىپ، سارايۋەننىڭ ئايالى ئولتۇرغان ئورۇندۇققا بېرىپ يۆلەندى.

– خوجايىن، ماڭا دېمەكچى بولغان گېپىڭىزنى،- دېدى K پەرۋاسىزلىق بىلەن،- مەن كەنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەندىن كېيىن دېسىڭىز بولامدۇ؟ ھازىر مېنىڭ بىرى بىلەن جىددىي دېيىشىدىغان ئىشىم بار ئىدى.

– مېنىڭ ئىشىم سىزنىڭكىدىنمۇ مۇھىم، ماڭا ئىشىنىڭ يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم،- دېدى ئايال خوجايىن،- سىزنىڭ ئۇ ئىشىڭىز بەلكىم خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىكتۇر. لېكىن، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بىر ئادەمگە، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دېدىكىم فىرىداغا بېرىپ چېتىلىدۇ.

– ئەسلى مۇنداق ئىكەندە،- دېدى K،- بولىدۇ. لېكىن، بىر ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمىدىم، بۇ ئىشنى نېمىشقا ئىككىمىزنىڭ ھەل قىلىشىغا قويۇپ بەرمەيسىز؟

– چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن،- ئايال شۇنداق دەۋېتىپ فىرىدانىڭ بېشىنى تارتىپ ئۆزىگە يېقىن ئەكەلدى.

– فىرىدا سىزگە بۇنچىلىك ئىشەنگەندىكىن،- دېدى K،- مەندىمۇ باشقا ئامال يوق. فىرىدا تېخى بايىلا ئاۋۇ ياردەمچىلىرىمنى سەمىمىي، سادىق دەپ تەرىپلىگەنىدى. ئۇنداقتا ھەممىمىز دوستلاردىن ئىكەنمىز. شۇنداق بولغاندىكىن، مەن سىزگە شۇنى ئېيتاي خوجايىن، ئەڭ ياخشىسى فىرىدا ئىككىيلەن توي قىلايلى، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى. شۇغىنىسى، شۇغىنىسى، مەن فىرىداغا مېنى دەپ يوقاتقان نەرسىلىرىنىڭ ئورنىنى – ئېسىلزادىلەر مېھمانخانىسىدىكى ئورنى بىلەن كلام بىلەن بىلەن دوستانلۇق مۇناسىۋىتىنى تولۇقلاپ بېرەلمەيمەن.

فىرىدا بېشىنى كۆتۈردى، قىزنىڭ كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولغان، چېھرىدىن قىلچىلىك كۆرەڭلىك ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى.

– نېمىشقا؟ ئادەم تېپىلمىغاندەك نېمىشقا مېنى تاللايسىز؟

– بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟- K بىلەن ئايال خوجايىن تەڭلا سورىدى.

– بىچارە بالا، شۇتاپتا گاڭگىراپلا قېلىۋاتىدۇ،- دېدى ئايال،- شۇنچە كۆپ خۇشاللىق ھەم قايغۇلۇق ئىشلار تەڭلا يۈز بېرىپ ئۇنى گاڭگىرىتىپلا قويدى.

فىرىدا گويا بۇ گەپنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولغاندەك K نىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى- دە، ئۆيدە ئۆزىدىن باشقا كىشى يوقتەك، ئۇنى ئەسەبىيلەرچە چوكۇلدىتىپ سۆيۈپلا كەتتى. ئاندىن كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆككەچ K نى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى، ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلاندى. K قىزنىڭ بېشىنى سىيلىغاچ ئايالدىن سورىدى:

– دېگەنلىرىمگە قوشۇلدىڭىزما؟

– سىز خېلى دۇرۇس ئادەمكەنسىز،- ئايالنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالدى، چىرايى ناھايىتى سولغۇن تۈس ئالدى، نەپەسلىرىمۇ قىيىنلاشتى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىگە مەدەت بېرىپ گېپىنى داۋام ئەتتى،- بىر ئىشنى ئوبدان ئويلىشىۋالمىساق بولمايدۇ. سىز فىرىداغا بىر ئىشتا كاپالەت بېرىسىز. سىزگە ھۆرمىتىم بارلىقى بار، لېكىن نېمىلا دېگەنبىلەن، سىز دېگەن ياقا- يۇرتلۇق. بۇ يەردە سىزنى ھېچكىم تونۇمايدۇ، ئائىلە ئەھۋالىڭىزدىن ھېچقايسىمىزنىڭ خەۋىرى يوق. شۇڭا كاپالەت بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. نېمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىمنى ئالدىرىماي چۈشىنىپ قالىسىز قەدىرلىك يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم. بايا ئۆزىڭىزمۇ دېدىڭىز، فىرىدا سىزنى دەپ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم بولىدۇ.

– چاتاق يوق، كاپالەت بەرسەم بېرەي. بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ ،- دېدى K،- ئەڭ ياخشىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا كاپالەت بېرەي. لېكىن، گراف ئەپەندىمگە قاراشلىق باشقا تارماقلارمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تويدىن بۇرۇن بىر ئىشنى بېجىرىۋالمىساق بولمايدۇ. مەن كلام ئەپەندىم بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقاي.

– ئۇنداق قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس،- فىرىدا سەلگىنە ئۆرە بولۇپ K غا تېخىمۇ مەھكەم چاپلاشتى،- بۇ خىيال قانداق بوپ كاللىڭىزغا كىرىۋالغاندۇ؟

– پاراڭلاشمىسام بولمايدۇ،- دېدى K،- ئەگەر مەن پاراڭلىشىپ ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىسەم، سىز بېرىپ پاراڭلىشىڭ.

– ئۇنداق قىلالمايمەن K، ئۇنداق قىلالمايمەن،- دېدى فىرىدا،- كلام سىز بىلەن پاراڭلاشمايدۇ. ئۇنى قانداقسىگە مەن بىلەن پاراڭلىشىدۇ دەپ قالغانسىز!

– سىز بىلەنغۇ پاراڭلىشار؟- سورىدى K.

– مەن بىلەنمۇ پاراڭلاشمايدۇ،- دېدى فىرىدا،- سىز بىلەنمۇ، مەن بىلەنمۇ پاراڭلاشمايدۇ. بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس،- قىز سارايۋەننىڭ ئايالىغا يۈزلىنىپ قۇچىقىنى كەڭ يايدى،- قارىڭە خوجايىن، ئۇ نېمە خىياللاردا بولۇۋاتىدۇ- ھە!

– ئاجايىپ ئادەمكەنسىز يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم،- ئايال گەۋدىسىنى تىكلەپ چاتىرىقىنى كەردى، كۈپتەك يوغان تىزلىرى نېپىز كۆينەكلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ قالدى، تەلەتى قورقۇنچلۇق تۈس ئالدى،- دېگەنلىرىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار.

– نېمىشقا مۇمكىن بولمايدۇ؟- سورىدى K.

– سىزگە ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرىمەن،- دېدى ئايال. ئايالنىڭ مۇشۇ گەپنى قىلغاندىكى تەلەپپۇزى كىشىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر دوستانە ياردەمنى بېرىۋاتقاندەك ئەمەس، تۇنجى تەنبىھلىرىنى باشلىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى،- بۇلارنى سىزگە شۇنچىلىك سۆزلەپ بەرگۈم بار. مەن قەلئەنىڭ ئادىمى بولمىساممۇ، لېكىن مەن بىر ئايال، دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن – ئەڭ تۆۋەن ئەمەس ھەم ئۇنىڭدىنمۇ ئانچە قېلىشمايدىغان بىر ساراينىڭ خوجايىنى مەن. شۇڭا مېنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرىمگە ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئۆمرۈمدە نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم، ھەرقىسما ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلدىم، ماۋۇ ساراينىڭ جىمى يۈكىنى ئۆزۈم يالغۇز زىممەمگە ئالدىم. ئېرىم ياخشى يىگىت، ئەمما ساراينىڭ خوجايىنلىقىنى قاملاشتۇرالمايدۇ. ئۇ مەسئۇلىيەتچانلىق دېگەننى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ. ئالايلۇق، سىز مانا شۇ تاپتا كەنتتە تۇرۇۋاتىسىز، كارىۋاتتا مانا مۇشۇنداق تولىمۇ راھەتتە ئولتۇرۇۋاتىسىز، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىپەرۋالىقىدىن بولدى، ئۇ كۈنى ئاخشىمى مەن ھېرىپ ھالىمدىن كېتەي دەپ قالغانىدىم.

– نېمە دېدىڭىز؟- K زېھنىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرغان گاراڭ بىر ھالەتتىن ئېسىگە كەلگەندەك بولدى. بۇ ئۇنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىگەنلىكىدىن ئەمەس، قىزىقىش تۈپەيلىدىن ئىدى.

– ھەممىسى ئۇنىڭ بىپەرۋالىقىدىن بولدى!- ئايال خوجايىن بىگىز بارمىقى بىلەن K چىنەپ تۇرۇپ گېپىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكرارلىدى. فىرىدا ئايال خوجايىننى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا ئۈندىمەكچى بولدى.

– سەن نېمە دېمەكچى؟- ئايال شاققىدە قىزغا بۇرالدى،- يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم مەندىن گەپ سورىغان ئىكەن، جاۋاب بېرىشىم كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭغا بىز ئۈچۈن ئادەتتىكىچە تۇيۇلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. كلام ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز پاراڭلاشمايدۇ، قەتئىي پاراڭلاشمايدۇ. گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم! كلام ئەپەندى قەلئەدىكى بىر ئەمەلدار. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىلا ئەمەس، مەرتىۋىسىنىڭمۇ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىز شۇ تاپتا سىزدىن تويغا ماقۇل بولۇشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈۋاتىمىز، لېكىن سىزنىڭ زادى نېمە ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمىز. سىز بۇ قەلئەنىڭ ئادىمى ئەمەس، ھەم بۇ كەنتلىكمۇ ئەمەس، سىز بىز ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس. سىز قورسىقىدا چوتۇرى تولا، قەدىمى تەگكەنلا يەردە ئاۋارىچىلىق تېپىپ يۈرىدىغان، ئايال خىزمەتكارلارنىڭ ياتىقىنى ئىگەللىۋالىدىغان، قورسىقىڭىزدا نېمە چوت سوقۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى بولمايدىغان، ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان دېدىكىم فىرىدانى ئۆزىگە قارىتىۋالىدىغان ئادەمكەنسىز. يامان بولغىنى، بىزنىڭ ئەمدى ئۇنى سىزدەك بىر ئادەمگە ياتلىق قىلماسلىققا ئىلاجىمىز قالمىدى. بۇنداق دەپ سىزنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن. سىز دېگەن ھامىنى سىز. ئۆمرۈمدە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار بەك تولا. بۇنچىلىك ئىش دېگەن مەن ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس. لېكىن ئويلاپ بېقىڭ، كلامدەك بىر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ سىز زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ فىرىدانىڭ سىزنى ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن مارىلاشقا يول قويغىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. سىز ئۇنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇۋالمىغان بولسىڭىز، ئۇ ئۇنداق قىلمايتتى. ئېيتىڭە، كلامنى مارىلىغۇدەك جۈرئەت نەدىن كەلدى سىزگە؟ بولدى، سوئالىمغا جاۋاب بەرمەيلا قويۇڭ. بىلىمەن، سىز شۇ چاغدا تازا ئوبدان كۆرۈۋالدىڭىز. ئەمەلىيەتتە كلامنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، بۇ مېنىڭ مۇبالىغە قىلغىنىم ئەمەس. چۈنكى ئۇنى سىز تۇرماق، مەنمۇ كۆرەلمەيمەن. سىز خىيالىڭىزدا كلام ماڭا گەپ قىلىدۇ دەپ قالدىڭىز. ئۇ ھەتتا كەنتتىكىلەرگىمۇ گەپ قىلمايدۇ، ئەزەلدىن كەنتتىكى بىرەرىگە گەپ قىلىپ باققان ئەمەس. ئۇ ھەمىشە فىرىدانىڭ ئىسىمىنى چاقىرىدۇ، فىرىدا ئۇنىڭغا بىمالال گەپ قىلالايدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆزىگە قاراشقا ئىجازەت بېرىلگەن. بۇ فىرىدا ئۈچۈن قالتىس چوڭ شەرەپ، مەن بۇنىڭدىن ئۆلۈپ كەتسەممۇ پەخىرلىنىمەن. لېكىن، كلام فىرىداغىمۇ گەپ قىلىپ باقمىدى. پەقەتلا شۇ فىرىدانى توۋلىغاندىن باشقا گەپ قىلمايدۇ، ئۇنىڭ چاقىرىشلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ دېيىشكىنىدەك مەنىلەرنى بىلدۈرۈشىمۇ ناتايىن. ئۇ پەقەت «فىرىدا» دەپلا چاقىرىدۇ. بۇنداق چاقىرىشتا ئۇنىڭ نېمە مۇددىئاسى بارلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ كلام شۇنداق چاقىرغانلاردا فىرىدا شۇ ھامان ئىشىك تۈۋىدە ھازىر بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ خىزمىتى. ئۇ كلامنىڭ ھوزۇرىغا ھېچ توسالغۇسىزلا بىمالال كىرەلەيدۇ، بۇ كلامنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان چوڭ ئىلتىپاتى. لېكىن، كىشىلەر ئۇنىڭ كلامنى چاقىرغان- چاقىرمىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. مانا ئەمدى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتتى. كلام بەلكىم «فىرىدا» دەپ يەنە چاقىرىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ئېھتىماللىققا تولىمۇ يېقىن. لېكىن، ئۇ ئەمدى فىرىدانى – سىز بىلەن باردى- كەلدى قىلغان بىر قىزنى ئىككىنچىلەپ يېنىغا كىرگۈزمەيدۇ. بۇ دۆت كاللامنىڭ بىر ئىشقا زادىلا ئەقلى يەتمەيدۇ. ھەممىلا ئادەم كلامنىڭ ئاشنىسى (مېنىڭچە، بۇ سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك) دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان بىر قىز قانداق بولۇپ سىزگە ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويدىكىنە؟

– قىزىق ئىشلار بولۇۋاتىدىغۇ ئەمدى،- K شۇنداق دېگەچ قىزنى ئۆزىگە تارتتى، قىزمۇ بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئۆزىنى دەرھال ئۇنىڭ قوينىغا ئاتتى،- مېنىڭچە، بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ھېچقانداق ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس. ئالايلۇق، سىز ناھايىتى توغرا دېدىڭىز، مەن كلامنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيمەن. ھېلىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىمدىن يالتىيىپ قالغىنىم يوق، سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزمۇ مېنى بۇ نىيىتىمدىن ياندۇرالمايدۇ. لېكىن، بۇ دېگىنىم ئۇنى ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن كۆرۈۋالساملا كۇپايە، ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنگەن ھامان تىكىۋېتىمەن دېگىنىم ئەمەس. مېنىڭ مۇشۇنداق ئەنسىرەشلىرىمنىڭمۇ ئاساسى بار، لېكىن بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز ئورنۇمنى ساقلاپ قالالىساملا ئۇنىڭ مەن بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. گېپىم ئۇنىڭغا تەسىر قىلسىلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. ئەگەر تەسىر قىلمىسا ياكى ئۇ گېپىمگە زىنھار قۇلاق سالمىسا، ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دەيمەن. ھېچبولمىسا ھوقۇق- مەرتىۋىسى يۇقىرى بىر ئەربابنىڭ ئالدىدا قورقماي ئىككى ئېغىز گېپىمنى قىلىۋالغىنىم قالىدۇ. خوجايىن، سىزنىڭ كۆرگەن- بىلگىنىڭىز جىق، مۇناسىۋەت دائىرىڭىزمۇ كەڭرى، فىرىدا (ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا كلامنىڭ ئاشنىسى ئىدى، مېنىڭچە بۇ گەپنىڭ ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك ھېچقانداق يامان يېرى يوق) ئىككىڭلارنىڭ كلام بىلەن پاراڭلىشىشىم ئۈچۈن بىر قېتىم پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغىنىڭلارغا شەكسىز ئىشىنىمەن. ئەگەر زادىلا ئامال بولمىسا، مۇشۇ مېھمانخانىدا كۆرۈشۈۋالساممۇ بولىدۇ. ئۇ بەلكىم بۈگۈنمۇ شۇ يەردە ھەقاچان.

– بۇ مۇمكىن ئەمەس،- دېدى ئايال،- شۇنچە دېسەممۇ چۈشەنمەيۋاتىسىز. ئېيتىڭە، سىز زادى كلام بىلەن نېمە توغرۇلۇق پاراڭلاشماقچى؟

– ئەلۋەتتە فىرىدا ھەققىدە سۆزلىشىمەن- دە،- دېدى K.

– فىرىدا ھەققىدە دېدىڭىزما؟- ئايال چۈشەنمەي شۇنداق دەپ سورىدى ۋە فىرىداغا يۈزلەندى،- ئاڭلىدىڭمۇ فىرىدا. ئۇ . . . ئۇ كلام . . . كلام بىلەن سەن توغرۇلۇق پاراڭلاشماقچىكەن.

– خوجايىن،- دېدى K،- سىز تولىمۇ زېرەك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال. لېكىن، كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن چۆچۈپ بولالماي قالىدىكەنسىز. شۇنداق، مەن فىرىدانىڭ ئىشى توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقچى. بۇنىڭ ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ھېچيېرى يوق. بۇ ئىنتايىن ئاددىيلا بىر ئىش. ناۋادا سىز :«سەن پەيدا بولغاننىڭياقى فىرىدا كلام ئۈچۈن ئەرزىمەس بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى» دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. راستىنلا شۇنداق دەپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۇنى سەل چاغلاپ قاپسىز. ماڭا شۇ نەرسە ئايان بولدى، بۇ ھەقتە مەن سىزگە ئازراق ساۋاق بەرسەم بولغۇدەك. بۇنداق دېسەم سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قويغان بولماي يەنە. لېكىن، مېنىڭ شۇنداق قىلماي ئىلاجىم يوق. كلام بىلەن فىرىدانىڭ مۇناسىۋىتىدە مەن سەۋەبلىك ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. فىرىدانىڭ كلامنىڭ ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغانلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇرۇنمۇ مۇناسىۋەت بولمىغان، ھازىرمۇ ئۇنداق مۇناسىۋەت يوق. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن ئاشۇنداق بىر مۇناسىۋەت بولغان دېيىلسە، قانداقسىگە مېنىڭ سەۋەبىمدىن – سىز توغرا دېدىڭىز، كلامنىڭ نەزەرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر ئادەم – سەۋەبىدىن ئۇ مۇناسىۋەت تەسىرگە ئۇچرىغۇدەك؟ ئادەم ۋەسۋەسە ئىچىدە قالغاندا ئاشۇنداق ئىشلارغا ئىشىنىپ قالىدۇ. سەللا كاللا ئىشلەتسە بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس. ئەمدى فىرىدامۇ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسۇن.

K نىڭ كۆكرىكىگە مەڭزىنى چاپلاپ ئولتۇرغان فىرىدا نەزىرىنى يىراقلارغا ئاغدۇرۇپ سۆزىنى باشلىدى:

– ئانامنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى راست. كلام ئەمدى ماڭا نەزىرىنى سېلىپمۇ قويمايدۇ. لېكىن بۇنى سىزدىن كۆرمەيمەن قەدىرلىكىم، ئۇ بۇنچىلىك ئىشقا چېچىلىپ يۈرمەيدۇ. شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، فۇكەي ئاستىدا بىر كېچىنى ئۆتكۈزگىنىمىز ئېنىقكى ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان. بىز ئاشۇ مىنۇتلاردىن سەسكەنمەي تەبرىكلىسەك بولىدۇ.

– ئەگەر شۇنداق بولسا،- دېدى K ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن. فىرىدانىڭ شېرىن گەپلىرىدىن سۆيۈنۈپ كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى،- ئەگەر شۇنداق بولسا، كلام بىلەن سۆزلىشىشتىن قورقۇشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالماپتۇ.

– راستىنى دېگەندە،- ئايال K نىڭ بېشىدىن ئايىقىغىچە بىر قارىۋېتىپ ئېغىز ئاچتى،- سىز گاھىدا ماڭا ئېرىمنى ئەسلىتىپ قويىسىز. سىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا جاھىل، بالا مىجەز ئادەمكەنسىز. كەلگىنىڭىزگە تېخى نەچچە كۈن بولا- بولمايلا ئۆزىڭىزنى مەندىن، ئېسىلزادىلەر مېھمانخانىسىدا شۇنچىلىك جىق ئىشلارنى كۆرۈپ كەتكەن فىرىدادىنمۇ بىلەرمەن چاغلاپ كېتىپسىز. گاھىدا قائىدە- تۈزۈملەرگە، ئەزەلدىن رىئايە قىلىنىپ كېلىۋاتقان يوسۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق بەزى ئىشلارنى قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن، بۇنىسىنى ئىنكار قىلمايمەن. مەن بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ باقمىدىم. لېكىن شۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ تامامەن مۇمكىن. لېكىن، سىزگە ئوخشاش يول تۇتۇش، ھەدېسىلا «ياق، بولمايدۇ» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەسلىك، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋېلىش، ياخشى نىيەت بىلەن ئېيتىلغان سەمىمىي نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالماسلىق قاملاشمىغان ئىش. ئەجىبا سىز مېنى مەندىن ئەنسىرەۋاتىدۇ دەپ قالدىڭىزما؟ بۇ يەردە يالغۇز قالغان چېغىڭىزدا مەن سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ئارىلىشىپ باققانمىدىم؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنداق قىلغىنىمنىڭ نەرى يامانكەن؟ شۇ باھانىدا سىزمۇ بىرمۇنچە پېشكەلچىلىكلەردىن قۇتۇلۇپ قالىسىز ئەمەسمۇ؟ شۇ چاغدا مەن ئېرىمگە سىز توغرۇلۇق گەپ قىلىپ: «ئۇنىڭغا بەك يېقىنلىشىپ كەتمەڭ» دېگەنىدىم. ئەگەر قىزىم فىرىدانىڭ تەقدىرى سىز بىلەن قوشۇلۇپ قالمىغان بولسا بۈگۈن مەنمۇ سىزدىن نېرى قاچقان بولاتتىم. مېنىڭ سىزگە مۇشۇنچىلىك غەمخورلۇق قىلغىنىم، سىزنى ئىززەتلىگىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت دېسىڭىز بولىدۇ. سىز بىر تېپىك بىلەنلا مېنى بىر ياققا چىقىرىپ قويىمەن دېسىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى فىرىداغا ھېچكىممۇ ماڭا ئوخشاش ئانىلىق مېھرى بېرەلمەيدۇ، شۇڭا مېنىڭ ئالدىمدا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالمىسىڭىز بولمايدۇ. فىرىدانىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس، يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى كلامنىڭ كاساپىتىدىن بولدى، لېكىن مەن ھازىر كلام توغرۇلۇق ھېچنېمە بىلمەيمەن، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ پاراڭلاشمايمەن. ئۇ ماڭا مەڭگۈ چىققىلى بولمايدىغان ئېگىز تاغدەكلا بىلىنىدۇ. ئەمدى سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قىزىم فىرىدانى ئوبدان ئاسراڭ، سىزگە مانا مەن ھامىي بولىمەن. مەن گەپنى مانا مۇشۇنداق ئوچۇق قىلىدىغان ئايال. يىگىت، سىزنى مانا مەن قوغدايمەن. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەگەر سىزنى بۇ يەردىن قوغلاپ چىقارسام، مۇشۇ كەنتتىن سىزنى پاتۇرغۇدەك بىر جاينىڭ چىققىنىنى بىر كۆرەي. ھېلىغۇ ياتقۇدەك جايكەن، ۋاقتى كەلسە ئىتنىڭ ئۇۋىسىچلىك جايمۇ چىقمايدۇ.

– رەھمەت،- دېدى K،- گېپىڭىز بەك ئوچۇق ئىكەن، دېگەنلىرىڭىزگە تەلتۆكۈس ئىشەندىم. بۇ گەپچىزە، مېنىڭ تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە ئەمەسكەن، شۇ سەۋەبلىك فىرىدانىڭ تۇرمۇشىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمايدىكەن- دە!

– ئۇنداق بولمايدۇ!- ئايال غەزەب بىلەن K نىڭ گېپىنى بۆلدى،- فىرىدانىڭ تۇرمۇشىنىڭ سىز بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. فىرىدا دېگەن مېنىڭ قىزىم، ھېچكىمنىڭ ئۇنى تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەسكەن دەيدىغانغا ھەققى يوق.

– شۇنداق،- دېدى K،- دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھېچ خاتاسى يوق. فىرىدا سىزدىن بەك قورقىدىغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمايۋاتىدۇ. نېمىشقا بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدىم. ئەمىسە ھازىرچە مەن توغرۇلۇقلا پاراڭلىشىپ تۇرايلى. مېنىڭ ئەھۋالىم تازا ياخشى ئەمەس. بۇنى ئىنكار قىلالمايسىز. خۇددى سىز دېگەندەك، بۇ گەپلەرنىڭ كۆپىنچە قىسىمى توغرا، لېكىن تامامەن توغرا ئەمەس. مەسىلەنگە ئېيىتسام، مەن تازا راھەت بىر تۇرالغۇ تاپالمايدىغىنىمغا ئىشەنمەيمەن.

– قەيەرنى دەۋاتىسىز؟- فىرىدا بىلەن سارايۋەننىڭ ئايالى گويا ئوخشاش بىر مۇددىئانى كۆڭلىگە پۈككەندەك، چىرايىغا جىددىي تۈس بېرىپ تەڭلا سورىدى.

– بارناباسنىڭ ئۆيىنى دەۋاتىمەن،- دېدى K .

– ئاشۇ يالاڭتۆشلەرنى دەۋاتامسىز!- دېدى ئايال،- ئىچى- تېشى ھىيلە- مىكىر بىلەن توشۇپ كەتكەن ئاشۇ يالاڭتۆشلەرنىڭ ئۆيىنى دەۋاتامسىز! ئاڭلىدىڭلارمۇ . . . – ئايال ئىككى ياردەمچىگە بۇرالدى، لېكىن ئىككى ياردەمچى ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىن يۆتكىلىپ ئايالنىڭ كەينىدە قول باغلاپ تۇراتتى. ئايال گويا ئۆزىگە بىر نىجادچى تاپقاندەك، ياردەمچىنىڭ قولىغا ئېسىلىپ گېپىنى داۋام ئەتتى،- ماۋۇ ئەپەندىنىڭ نەگە بېرىپ تۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ تۇرىدىغان يەر تاپالمىغاندەك، بارناباس ئائىلىسىگە بېرىپ تۇرغۇدەك! ئۇ يەردىغۇ بۇ ئەپەندىگە ئۇخلىغۇدەك يەر چىقىدۇ. ھەي، ئۇ كۈنى كەچتە ئۇ ئېسىلزادىلەر مېھمانخانىسىدا ئەمەس، بارناباسلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى- ھە! سىلەر شۇ چاغدا نەدە ئىدىڭلار؟

– خوجايىن،- K ئىككى ياردەمچىنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتمەيلا گەپ باشلىدى،- ئۇلار دېگەن مېنىڭ ياردەمچىلىرىم، سىز ئۇلارنى خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ ياردەمچىلىرىدەك، خۇددى ئۇلارنى ماڭا كۆز- قۇلاق بولۇشقا قويغاندەكلا گەپ قىلىۋاتىسىزغۇ. باشقا ھەرقانداق ئىش توغرىسىدا بولسا سىز بىلەن چىرايلىقچە پاراڭلىشىشقا مەن تەييار. لېكىن، مېنىڭ ياردەمچىلىرىم ھەققىدە بۇنداق قىلالمايمەن. شۇڭا ياردەمچىلىرىمنى بۇ ئىشقا سۆرەپ كىرمەڭ. ئەگەر گېپىمگە يەنە ئېرەڭشىمىسىڭىز، ياردەمچىلىرىمنى سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشتىن توسىمەن.

– بۇ گەپچىزە، ئۇلارغا گەپ قىلسام بولمايدىكەن- دە!- سارايۋەننىڭ ئايالى شۇنداق دېۋىدى، ئۈچەيلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى. ئايالنىڭ گەپلىرىگە ئازراق مەسخىرە ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن K نىڭ ئويلىغىنىدىن خېلىلا سىيلىق ئىدى. ياردەمچىلەر يەنىلا شۇ بۇرۇنقى قىياپىتىنى بۇزماستىن كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئىپادىسىز چىرايىدىن نېمىدۇر بىر نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندەك، ھېچقانداق بىر مەسئۇلىيەتنى تەن ئالغۇسى كەلمەيۋاتقاندەك بىر ئىپادە چىقىپ تۇراتتى.

– چېچىلمىڭا بولدى،- دېدى فىرىدا،- بىزنىڭ نېمىشقا بۇنچىلىك قىلىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى توغرا چۈشىنىڭ. بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ، بىز ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ بارناباسنىڭ تۆھپىسى. قاۋاقخانىدا سىزنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدا – ئولگا بىلەن قول تۇتۇشۇپ كىرىپ كەلگەن چېغىڭىزدا – ئەھۋالىڭىز ماڭا تونۇشلۇق ئىدى، لېكىن مەندە سىزگە نىسبەتەن قىلچە قىزىقىش يوق ئىدى. سىزگىلا ئەمەس، ھەممە نەرسىگە، جىمى ئىشلارغا نىسبەتەن قىزىقىش يوق ئىدى. شۇ چاغدا نۇرغۇن ئىشلاردىن بىزارلىقىم قوزغىلاتتى، بەزى ئىشلاردىن سەپرايىم ئۆرلەيتتى. نېمە ئىش دېمەمسىز، بىر خېرىدار قاۋاقخانىدا غۇرۇرۇمغا تەگدى، ئۇلار ھەدېسىلا كەينىمگە كىرىۋالاتتى – سىز ئۇ خۇمپەرلەرنى كۆرگەن. ئۇنىڭدىنمۇ بىزەڭ نېمىلەر بار تېخى، كلامنىڭ چاپارمىنىنى ئۇنچە ئەسكى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ تېخى – بىرەرسىنىڭ غۇرۇرۇمغا تېگىشىغۇ مەن ئۈچۈن چاغلىق ئىش. ھازىر ئويلىسام، ئۇ ئىشلار نۇرغۇن يىللار مۇقەددەم يۈز بەرگەندەكلا تۇيۇلىدۇ ياكى ئۆزۈمنى ئۇنداق ئىشلارغا ئەزەلدىن ئۇچراپ باقمىغاندەكلا تۇيغۇدا بولىمەن. گاھىدا ئۇنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغاندەك، ئېسىمدىن ئاللىقاچان كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىشتەكمۇ ھېس قىلىمەن. لېكىن، ھازىر ئۇ ئىشلارنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن، ھەتتا شۇنداقراق بىر ئىشنىڭ بولغىنىنى تەسەۋۋۇرۇمغىمۇ سىغدۇرالمايمەن. كلامدىن قۇتۇلغاننىڭياقى مەن ئۈچۈن جىمى نەرسە ئۆزگىرىپلا كەتتى.

فىرىدا گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي قالدى، ئازابلانغىنىدىن بېشىنى تۆۋەن سالدى، قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ تىزلىرىنى قۇچاقلىدى.

-مانا كۆردىڭىزمۇ،- ئايال فىرىداغا يېقىن سۈرۈلۈپ يانمۇيان ئولتۇردى ۋە سۆزىنى داۋام قىلدى،- مانا كۆردىڭىزمۇ يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم، بۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىز. سىز مېنى گەپ قىلغىلى قويمايۋاتقان ماۋۇ ئىككى ياردەمچىڭىزمۇ بۇنىڭدىن ئوبدان بىر ساۋاق ئالسۇن. سىز فىرىدانى ئاجايىپ شېرىن بىر بەختتىن مەھرۇم قىلدىڭىز. ئۇ كىچىك بالىدەك ساددا، زىيادە كۆڭلى يۇمشاق قىز بولغاچقا، ئولگانى قولتۇقلاپ كىرگىنىڭىزنى كۆرۈپ، بارناباس ئائىلىسىگە زايا كېتىشىڭىزگە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغۇسى كەلمىگەن. سىز دەل شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەتتىڭىز. ئۇ ھېسابتا سىزنى قۇتقۇزدۇم دەپ ئۆزىنى قۇربان قىلدى. ئەمدى بولغۇلۇق بولدى، فىرىدامۇ قۇچىقىڭىزدا ئولتۇرۇش بەختىنى دەپ ھەممە نېمىسىدىن ۋاز كەچتى. مانا ئەمدى بۇ ھۈنەرنى چىقىرىۋاتامسىز تېخى. بارناباس ئائىلىسىدە قونۇپ قالساممۇ بولىدۇ دېگىنىڭىز قانداق گەپ ئۆزى. سىز مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق «ساڭا تايانمايمۇ كۈنۈم ئۆتىدۇ» دېمەكچىمۇ سىز. توغرا، ئەگەر سىز راستىنلا بارناباسلارنىڭ ئۆيىدە تۇرسىڭىز ئەلۋەتتە ماڭا ھاجىتىڭىز چۈشمەيتتى، مېنىڭ ئۆيۈمدىنمۇ يوقالغان بولاتتىڭىز.

– بارناباسلار ئائىلىسىنىڭ نېمە گۇناھى بارلىقىنى بىلمەيمەن،- K فىرىدانى قۇچاقلاپ لىككىدە كۆتۈردى- دە، كارىۋاتقا ئاستاغىنە قويۇپ، ئۆزى ئۆرە تۇردى،- بەلكىم دېگەنلىرىڭىز توغرىدۇر، لېكىن، مەن سىزدىن فىرىدا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ھەل قىلىشىغا يول قويۇشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق قىلساق، ھەممە ئىش جايىغا چۈشىدۇ. بايا سىز كۆيۈنۈش، ئاسراش ھەققىدە جىقلا گەپلەرنى قىلىپ كەتتىڭىز. لېكىن، مەن سىزدىن ئۇنچىلىك كۆيۈنۈش، ئاسراشنى ھېس قىلمىدىم. ئاغزىڭىزدىن ئاغرىنىش، مەسخىرىدىن باشقا گەپ چىقمىدى، بۇ ئاز كەلگەندەك مېنى ھازىرلا بۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكىلى ئاران قالغاندەك ئەلپازدا تۇرىسىز. ئەگەر فىرىدانى مەندىن قەتئىي ئايرىۋېتىش ياكى مېنى فىرىدانىڭ كۆزىدىن نېرى قىلىش خىيالىڭىز بولسا سىزمۇ قالتىسكەنسىز. لېكىن، سىز بۇ مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەيسىز. مەقسىتىڭىزگە يەتكەن تەقدىردىمۇ – مەنمۇ سىزگە تەھدىت سېلىپ قوياي – قاتتىق پۇشايمان قىلىسىز. ماڭا بوشىتىپ بەرگەن ماۋۇ ئۆي – ئادەمنى بىزار قىلىدىغان مۇنۇ كاتەكتەك ئۆڭكۈرگە كەلسەك، بۇنىمۇ سىز ئىچىڭىزدىن خالاپ تۇرۇپ بەرمىدىڭىز. قارىسام، بۇ ھەقتە گراف دائىرىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى باردەك قىلىدۇ. مەن ئەمسە ئۇلارغا مېنى بۇ يەردىن قوغلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ دەپ دوكلات قىلسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار مېنى باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا سىزمۇ ئارام تېپىپ قالىسىز، مەنمۇ يېنىكلەپ قالىمەن. مەن بېرىپ كەنت باشلىقى بىلەن بەزى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپ كېلەي. ئېغىر كۆرمەي فىرىدانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇڭ. سىزنىڭ ئانا مېھرى ھەققىدىكى ئاتالمىش كۆيۈنۈشلىرىڭىزدىن ئۇ تولىمۇ ئازابلاندى.

ئۇ شۇنداق دېدى- دە، ئىككى ياردەمچىسىگە يۈزلەندى. «ماڭايلى» ئۇ شۇنداق دەپلا قۇزۇقتىكى كلامغا يېزىلغان خەتنى ئېلىپ مېڭىشقا تەمشەلدى. ئۇنىڭغا قاراپ جىممىدە تۇرغان ئايال خوجايىن K نىڭ ئىشىكنى ئاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئېغىز ئاچتى.

-يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم، سىزگە دەيدىغان ئىككى ئېغىز گېپىم بار. نېمە دەپ ئويلىسىڭىز مەيلى، مەندەك ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنىڭ دەككىسىنى بېرىمەن دېسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز. لېكىن، سىز نېمىلا دېگەنبىلەن فىرىدانىڭ بولغۇسى ئېرى. شۇ ۋەجىدىن بەزى ئىشلاردىن سىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويمىسام بولمايدۇ. بۇ يەرنىڭ ئىشلىرىنى سىز بىلمەيسىز. گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم، ئاشۇ گەپلىرىڭىز بىلەن ئوي- خىياللىرىڭىزنى ئەمەلىي ئەھۋاللار بىلەن تازا سېلىشتۇرۇپ باقسا، ئادەمنىڭ كاللىسى ئۇماچ بولۇپلا كېتىدىكەن. مۇنداق نادانلىقنى بىردەمدىلا ئوڭشاپ كەتكىلى بولمايدۇ، بەلكىم مەڭگۈ ئوڭشىغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، سىز ماڭا ئىشەنسىڭىز، ئۆزىڭىزدىكى نادانلىقنى ھەرۋاقىت بىلىپ تۇرسىڭىز جىق ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، سىز ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلسىڭىز ناھايىتى ئوڭايلا ئىشنىڭ تېگىگە يېتىسىز. سۆيۈملۈك قىزىم فىرىدانىڭ تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالغانلىقىنى بىلىپ (ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر) چۆچۈگىنىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم، شۇ چۆچۈشلىرىم ھېلىھەم بېسىققىنى يوق. بۇ ئىشلارنى بىر ئامال قىلىپ كاللامدىن چىقىرىۋەتمىسەم بولمايدۇ، بولمىسا سىز بىلەن بەھۇزۇر پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ. مانا- مانا، يەنە خۇيىڭىز تۇتقىلى تۇردى. توختاڭ، كەتمەي تۇرۇڭ، ئاۋۋال ماۋۇ يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سېلىپ بېقىڭ: مەيلى قەيەرگىلا بارماڭ، فىرىدانىڭ نەزەرىدە سىز بەرىبىر نادان، ئۆزىڭىزگە ھېزى بولۇپ يۈرۈڭ. سىز مۇشۇ يەردە تۇرسىڭىز، فىرىدالا بولىدىكەن، سىزنى بىرسى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدۇ. ئويلىغانلىرىڭىزنى بىر يولىلا دەۋېتىڭ بولدى. مەسىلەن، كلام بىلەن قانداق كۆرۈشمەكچى بولۇۋاتقىنىڭىزنى دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق قىلمىغىنىڭىز تۈزۈك.

ئايال ئورنىدىن دەس تۇردى، ھاياجاندا پۇتلىرى دىر- دىر تىتىرەيتتى. ئۇ K نىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى ۋە ئۆتۈنۈش نەزەرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى.

-خوجايىن،- دېدى K،- مۇشۇنچىلىك ئىشنى دەپ ئالدىمدا بۇنچە يالۋۇرۇپ كېتىشىڭىزنىڭ ھېچ تېگىگە يېتەلمىدىم. ئەگەر ئىشلار ھەقىقەتەن سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسا، مېنىڭمۇ كلام بىلەن سۆھبەتلىشىشىم يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا سىز يالۋۇرۇپ يۈرمىسىڭىزمۇ مەن بۇ ئىشىنى قىلىمەن دەپمۇ قىلالمايمەن. لېكىن، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتى تېپىلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن نېمىشقا پاراڭلاشمىغۇدەكمەن. شۇنداق بولغاندا سىز ئەنسىرەپ تۇرغان ئىشلارمۇ ئۆز يولىدا ھەل بولىدۇ ئەمەسمۇ. ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن نادان ئىكەنلىكىمنى تەن ئالىمەن، بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم. لېكىن، بۇنىڭ زىيىنى يوقكەن. قانداق دېسىڭىز، «يالاڭئاياغ سۇدىن قورقماپتۇ» دېگەندەك، نادان كىشى قورقماس كېلىدىكەن. شۇڭا، مەن بىر مەزگىل مۇشۇنداق نادان بولۇشقا ھەم نادانلىقىمنىڭ دەردىنى تارتىشقا چىن كۆڭلۈمدىن رازى. نادانلىقىمنىڭ كاساپىتى پەقەت ماڭىلا بولىدۇ. سىزنىڭ ماڭا نېمىشقا بۇنچە يالۋۇرىدىغانلىقىڭىزنىڭ تېگىگە يېتەلمىگىنىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. فىرىداغا مەڭگۈ مۇشۇنداق ئاتىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. ناۋادا مەن فىرىدانىڭ كۆز ئالدىدىن بىراقلا يۈتسەم، سىز تېخى خوش بولۇپ دوپپىڭىزنى ئاسمانغا ئاتسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنە نېمىدىن ئەندىشە قىلىسىز؟ «بۇ ناداننىڭ قولىدىن بىر ئىش كەلمەمدۇ نېمە؟» دەپ ئەنسىرەۋاتمايدىغانسىز- ھە!- K شۇلارنى دەپ بولۇپ ئىشىكنى ئاچتى،- سىز كلامدىن ئەندىشىە قىلىۋاتامسىز- يا؟

ئايال خوجايىن ئىككى ياردەمچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان K نىڭ كەينىدىن ئۈندىمەستىن قاراپ تۇرۇپلا قالدى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11104

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-08-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: