پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1904- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى(2): جوس ئېچېگاراي

1904- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى (2)

 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(1904- يىلى ئىككى يازغۇچىنىڭ ئەسىرى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)

ئەسەر نامى: ئەخمەقمۇ – ئەۋلىيامۇ (Madman or Saint)

(ئالتۇن دەۋرىگە قايىتقان ئىسپانىيە دراممىسى)

ئاپتورى: جوس ئېچېگاراي يېيزاگۇر

مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى :

ئۆزگىچىلىككە ، يېڭى ئۇسلۇبقا ئىگە بۇ مەشھۇر ئەسەر ئىسپانىيە كومېدىيىلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئەنئەنىسىنى قايتا گۈللەندۈردى .

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

جوس ئېچېگاراي يېيزاگۇر (Jose Echegaray Yeizaguirre – 1832- 1916) ئىسپانىيىنىڭ مادرىدتا تۇغۇلغان . مادرىتۇم قۇرۇلۇش مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، شۇ مەكتەپتە قېلىپ ماتېماتېكا پروفسسورى بولغان ، شۇ مەزگىلدە يەنە سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىققا ۋە دراممىغا قىزىقىپ قالغان . ئۇ درامماترگ بولۇشتىن ئىلگىرى ناھايىتى ئابرويلۇق ماتېماتېكا ئالىمى ، ئىقتىسادشۇناس ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئىدى . ئۇ ئىلگىرى يەنە ئىسپانىيە تىل ئىنىستىتۇتى ۋە تەبىئىي پەن ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە ئىسپانىيە سودا ، مائارىپ ۋە مالىيە ۋەزىرى بولغان .

1874 – يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ ، مەخسۇس درامما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ تۇنجى سەھنە ئەسىرى «ھېسابات دەپتىرى» مادرىدتىكى داڭلىق ئاپوللو تىياتىرخانىسىدا ئوينىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن . كېيىنىكى 30 يىلدا ئۇ 100 دىن ئارتۇق ھەرخىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان سىنارىيىلەرنى ئىجاد قىلىپ ، ئىسپانىيە درامما تارىخىدىكى ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ قالدى . «ئەخمەقمۇ – ئەۋلىيامۇ» بىلەن «بۈيۈك ۋاستىچى» ناملىق بۇ درامما ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر .

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل

ئېچېگاراي دراممىلىرىنىڭ مەزمۇنى رەڭدار ، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ، قۇرۇلمىسى پۇختا ، زىددىيەت توقۇنۇشلىرى كەسكىن . راۋاج ، كولمىناتسىيە ۋە يېشىمى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇراشتۇرۇلغان . لېكىن ، قوللانغان رومانتىزملىق مۇبالىغىلىرىدە ئازاب تۇيغۇسى ۋە رېئاللىقتىن چەتنەش خاھىشى ھەمىشە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ دراممىلىرىدا ئەخلاق تۇيغۇسى ھەددىدىن زىيادە گەۋدىلەندۈرۈلگەچكە ، ئىختىيارسىز كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ . ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىشكە ئاجايىپ ماھىر بولۇپ ، كۈچلۈك ئىپادىلەش كۈچى ۋە درامماتىك ئۈنۈم ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ دراممىلىرى ئىسپانىيىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى رومانتىزملىق دراممىلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە . «ئەخمەقمۇ ياكى ئەۋلىيامۇ» ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىكى ئەڭ مەشھۇر دراممىسى بولۇپ ، ئېچېگاراينىڭ درامما پەلسەپىسى ۋە دراممىدىكى يۈكسەكلىكنىڭ دەل «ئازاب – ئوقۇبەت ، قايغۇ – ھەسرەت ۋە ئۆلۈم ئىچىدە بولىدىغانلىقى» ناھايىتى ئېنىق نامايان قىلىنغان . دراممىدا مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ : مەجبۇرىيەت ئۈچۈن مال – دۇنيا ۋە ئىستىقبالىدىن ۋاز كەچكەن بىر كىشىنى ھەممە كىشى كاللىسىدىن ئادىشىپ قالغان ساراڭ دەپ قارىشىدۇ ، ھەتتا دوستلىرىمۇ ئۇنىڭغا ساراڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ . دراممىدىكى باش پېرسۇناژ لورنسو ئۆزىنىڭ بەھرىمان بولۇۋاتقان نام – ئابرويى ۋە مال – دۇنياسىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىدەك بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ قالىدۇ . ئۇ ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن ، قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېلىقى دەلىل – ئىسپاتلار يوقاپ كېتىدۇ . لېكىن ئۆز قارارىدىن يانمايدۇ . ئۇنىڭ تەرسالىقىنى كۆرگەن قېرىنداشلىرى ئۇنى ساراڭ قاتارىغا چىقىرىۋېتىدۇ . بۇ ئاز كەلگەندەك ، باشقىلارمۇ ئۇنى دونكىخوتقا ئوخشاش جاھىل ، نادان ئادەمكەن دەپ ئويلايدۇ . بۇ دراممىدا تاشقىي زىددىيەت تەسۋىرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى قايغۇ – ھەسرەت ۋە زىددىيەت – توقۇنۇشلار تەسۋىرلەنگەن . باش پېرسۇناژنىڭ خاراكتېرىدىكى غايىۋىلىك تراگېدىيىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ ، خاتا ئوي – خىياللار بىلەن قاتتىق تىركىشىش نەتىجىسىدە ئۇ ئاخىرى ئارزۇ – ئارمانلىرىدىن ۋاز كېچىپ ، ئۆز تەقدىرىنى قولىغا ئېلىپ ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بەل باغلايدۇ . لېكىن ، جەمئىيەت خاراكتېرى ئېسىل بۇ قەھرىماننى تەلۋىگە چىقىرىۋېتىدۇ ، ئاھانەت قىلىدۇ . بۇ دراممىنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى پۇختا بولۇپ ، ئاپتورنىڭ ئەسلى كەسپى بولغان ئىنژېنىرلىقنىڭ بەزى ئامىللىرى ئەسەر ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن ، دراممىدىكى ھەربىر ۋەقە تەپسىلاتلىرى ئاپتور تەرىپىدىن ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان . دۇرۇس نىيەت ساراڭلىق دەپ قارىلىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋال باش تېما قىلىنغان بۇ درامما ئېچېگاراينىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدۇر .

ئەسەر ئاپتورى ئۈچۈن مۇھىم ئەسلەتمە

ئېچېگاراي ئىسپانىيە سەھىنىلىردە 25 يىلدەك دەۋر سۈردى . ئۇ يالغۇز تاماشىبىنلارنىڭلا چوقۇنىدىغان مەبۇدىسى بولۇپ قالماي ، يەنە چەتئەلدىمۇ قالتىس داغدۇغا قوزغىغان درامماتورگ .

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر:

مىستىرال (فرانسىيە)

ئېچېگاراي (ئىسپانىيە)

كارلوس نۇنېز (ئىسپانىيە)

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى:

«بۈيۈك ۋاستىچى» – ئېچېگاراي (ئىسپانىيە) ، شېن شىيەن قاتارلىقلار تەرجىمىسى ، لى جياڭ نەشرىياتى ، 2001 – يىل

«يەلكەنلىك كېمە» – ئېچېگاراي (ئىسپانىيە) ، ليۇ چىفېن قاتارلىقلار تەرجىمىسى ، يۈەن جىڭ نەشرىيات ئىشلىرى شىركىتى ، 1982 – يىل

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى

« ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ تولۇپ – تاشقان زېھنىي كۈچى نامايان قىلىنغان . كۆزىتىش ئۇسۇلى ئۇنىڭ يۈكسەك غايىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .»

–        ئو . ۋېلسون

«ئۇ تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ، ھوزۇرلاندۇرىدۇ … يېرىم ئەسىردىن بېرى ، درامماتورگلارنىڭ ئىچىدە مەيلى سان ، مەيلى تۈر ياكى ئىجادىيەت ئىقتىدارى جەھەتتە ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ .»

                                                            – بېنا ۋېنتا

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1874 – يىل : «قىساسكارنىڭ ئايالى»

1875 – يىل : «شەمشەر»

1877 – يىل : «ئەخمەقمۇ – ئەۋلىيامۇ»

1878 – يىل : «ئوت تۈۋرۈكى ۋە كىرىست»

1881 – يىل : «بۈيۈك ۋاستىچى»

1882 – يىل : «ئىككى خىل مەجبۇرىيەتنىڭ توقۇنۇشى»

1883 – يىل : «مىسىردىكى مۆجىزە»

1884 – يىل : «سەرخۇش ھايات ۋە ئېچىنىشلىق مامات»

1887 – يىل : «ئىككى دىني تەلۋە» ، «رېئاللىق ۋە خام خىيال»

1888 – يىل : «ئالىيجانابلىق ۋە چاكىنىلىق»

1889 – يىل : «قۇرىماس بۇلاق»

1904 – يىل : «تەشۋىش ئىچىدىكى ئايال»

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10957

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-15
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: