پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئوغلۇمغا خەت

ئوغلۇمغا خەت

ۋاسىلىي ئالىكساندروۋىچ سوخۇمۇلنىسكىي [ رۇسىيە ]

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 

ۋاسىلىي ئالىكساندروۋىچ سوخۇمۇلنىسكىي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر پېداگوگى ، ئۇ ھايات چېغىدا رۇسىيە فىدېراتسىيىسى مائارىپ پەنلىرى ئاكادېمىيىسى ، سوۋېت ئىتتىپاقى مائارىپ پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاخبارات ئاكادېمىكى ، سوتسىيالىزم ئەمگەك قەھرىمانى بولغان . ئۇنىڭ «قەلبىمىزنى پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن تەقدىم قىلايلى» ، «پۇقرالارنىڭ تۇغۇلۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇكرائىنا دۆلەت مۇكاپاتى ، ئۇكرائىنا مائارىپ جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . «ئوغلۇمغا خەت» ناملىق بۇ ئەسەر يۇقىرىقى ئىككى ئەسىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ تىرىلوگىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇشقا قەدەم قويغان ئوغلى بىلەن كىشىلىك ھايات ھەققىدە سالام خەت شەكلىدە پاراڭلاشقان . ئۇنىڭ بۇ خەتلىرى روھىي ئەخلاق توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن ، يۈكسەك ئېستېتىكىلىق تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان . بۇ – سۇخۇمۇلنىسكىينىڭ مۇھەببەت ھەققىدە ئوغلىغا يازغان 17 – پارچە خېتىدۇر .

قەدىرلىك ئوغلۇم ، ياخشى تۇرۇۋاتامسەن !

خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇزاق ئويلاندىم ، شۇڭا ۋاقتىدا جاۋاب خەت يازالمىدىم . ساۋاقدېشىڭ ئىككىڭلار مەلۇم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇياتسىزلىقىغا نەپرىتىڭلارنى بىلدۈرۈپسىلەر ، مەن سىلەرنىڭ بۇ ھېسسىياتىڭلارنى قۇۋۋەتلەيمەن . مۇھەببەتنىڭ روھىي پاكلىقى كىشى قەلبى ئۈچۈن بىر ئەينەك . مۇبادا بىر كىشى پىسىخىكا ، ئستېتىكا ، روھىي ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئۆزىگە پاسكىنا نەرسىلەرنى يۇقتۇرۇۋالسا ، ئۇنداقتا ئۇ – شۇ كىشىنىڭ نۇمۇسسىز ، پەسكەش ئادەم ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، ئۇ ياخشى پۇقرا ئەمەس ، سەمىمىي بىر ئەمگەكچىمۇ ئەمەس ، شۇنداقلا ئۇنى توغرا يولدىكى ئادەم دېگىلىمۇ بولمايدۇ . كىشىنى جۇشقۇن دۇنيا بىلەن يېقىنلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ موھىم بولغىنى ئالىيجاناب خاراكتېردۇر . ئاقىلانىلىك بىلەن ئىرادە روھىي تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ ساھەدە ھېسسىياتنىڭ ئالاھىدە ھۇشيار قورۇقچىسىدۇر . بۇ جەھەتتە مەن بەزى يازغۇچى ۋە سىياسىي ئوبزورچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلمايمەن . ئۇلارچە بولغاندا ، ھېسسىياتقا بۇيرۇق بەرگىلى بولمايدۇ ، ئادەم بولغاندىكىن ، يات جىنىسلارنىڭ مەپتۇنكارلىقىدىن ئۆزىنى تۇتالمايدۇ . بۇ – جىنسىي تۇيغۇلارنى ئەركىگە قويۇۋېتىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئۇرۇنۇش . ۋ . ئى . لېنىن ئىلگىرى «مۇھەببەت ئەركىنلىكى» نى ئۆتكۈر تەنقىد قىلغان . ھايات قەسرىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلار ئۈچۈن «ھېسسىيات بىرىنچى» دەيدىغان بۇ نەزەرىيە بەكمۇ زىيانلىق . بىر ئادەم يات جىنىسلارنىڭ جەلىپكارلىقىدىن ساراسىمگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى قەلىب گۈزەللىكى ئارقىلىق مەپتۇن قىلىۋالغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن باغلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك . ئاشۇ شەرت – شارائىت ھازىرلانغاندىلا مۇھەببەت مۇستەھكەم ، سەمىمىي بولىدۇ . مۇھەببەت چىن بولسا ئەقىل ھېسسىياتقا ھەمدەم بولۇپ روھىي قۇدرەتنى ئۇرغۇتىدۇ ؛ ئەخلاقىي جەھەتتە قەلىب ھەرىكىتىنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىدۇكى ، ھەرگىزمۇ ھېسسىياتنى ئىنچىكە ھېساب – كىتابنىڭ ، لوگىكىلىق ئانالىزنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ . بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە روھىي جەھەتتىن باغلانغاندا ئىدىيىۋى ھېسسىيات ئۆزئارا ئۆتۈشىدۇ – دە ، مۇھەببەت يۈكسەكلىككە ئىگە بولىدۇ .

سەن قورامىڭغا يېتىپ قالدىڭ ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئەتە – ئۆگۈنلا دادا بولىسەن ، شۇڭا بۇ گەپلەرنى ساڭا ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن دەۋاتىمەن . دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىش مەسئۇلىيىتىم بار . ئەگەر ئوغۇل بەدئەخلاق بولسا ، جەمئىيەتنىڭ شۇ ئوغۇلنىڭ دادىسىدىن «جەمئىيەتكە بولغان مەجبۇرىيىتىڭنى نېمىشقا ياخشى ئادا قىلمىدىڭ؟» دەپ سوراق ئېلىش ھەققى بار . چۈنكى ، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتى ۋەتەنگە ھەقىقىي ياراملىق بىر ئوغلاننى تەقدىم قىلىش . «دادا» ، بۇ تولىمۇ يۈكسەك بىر ئىسىم ، ئوغلۇم . بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇمىغىن .

ساڭا شۇنى دېمەكچىمەنكى ، جىق ياشلار ئۆزىگە شاللاقلىقتەك مەرەز خۇينى يۇقتۇرۇۋالدى ، بۇ مېنى بەك پەرىشان قىلىدۇ . قىز – يىگىتلەر كوچىلاردا كېتىۋېتىپ كۈپكۈندۈزدە ئادەم بار – يوق دېمەي بىر – بىرىگە ئېسىلىشىدۇ ، گاھىدا تېخى ئوچۇق – ئاشكارا سۆيۈشۈپ كېتىدۇ . بىر قېتىم مەن بىر قىزدىن : «ئەتراپىڭىزدا شۇنچە جىق ئادەم تۇرسا ئازراقمۇ خىجىل بولمامسىز؟» دەپ سورىسام ، ئۇ قىز قىلچە تەپتارتماي : «مۇھەببەتنىمۇ يوشۇرۇش كېتەمدىكەن؟» دەپ جاۋاب بەردى .

بۇ نېمە دېگەن ئەخمىقانە جاۋاب – ھە ! ئۇ تەن جەھەتتە پىشىپ – يېتىلگىنى بىلەن ، ئەخلاق جەھەتتە قىلچە تەييارلىقى يوق قىزكەن . تۇنجى تۇيغۇسىغا بويسۇنۇپ ھاياجان بىلەن ئىش كۆرۈش ئەخمىقانىلىق بولىدۇ . ئەسلىدىنلا مەخپىي تۇتۇلىدىغان ھېسسىياتلار كوچا – كويلاردا خەقلەرنىڭ كۆزىچىلا ئاشكارىلانسا ئەخمىقانىلىق ، رەسۋالىق بولمامدۇ؟! . بىر بالا 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپلا قىزلارغا كۆيۈپ – پىشىپ يۈرسە ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ ، سۆيۈشۈپ يۈرسە ، بۇ شاللاقلىق بولماي نېمە . چىن مۇھەببەت بىر ئۆمۈر بۈيۈك ، مۇقەددەس مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ . ئەگەر سەن ھېسسىياتلىرىڭنىڭ زايا بولۇشىنى ، روھى پۈچەكلەردىن بوپ قېلىشنى خالىمىساڭ ، ئۆزۈڭنى مۇھەببەت قوينىغا ئالدىراپ ئېتىشتىن ساقلان . ئۆزىدە ھەقىقىي ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنى ھازىرلىيالىغان كىشىلا ئاندىن مەشۇقىنى سۆيۈشكە ھەقلىق بولىدۇ ، ئەنە شۇندىلا مەشۇقىنىڭ يولدىشى ، پەرزەنتلىرىنىڭ دادىسى بولالايدۇ . ھېسسىياتقا بېرىلگەن ، زېرىكىشلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا بولغان مۇھەببەت مېنىڭ نەزەرىمدە شاللاقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

ئېسىڭدە بولسۇن ، مۇھەببەت – بىرىنچى بولۇپ سۆيگەن ئادىمىڭگە ، ئۇنىڭ تەقدىرىگە ، ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان بىر خىل مەسئۇلىيەتتۇر . ھوزۇر ئېلىشنىلا كۆزلەپ مۇھەببەتلەشكەن كىشى شاللاقتۇر ، ئىپلاستۇر . مۇھەببەت – ئالدى بىلەن تەقدىم قىلىشتۇر ، ئۆز قەلبىدىكى كۈچ – قۇدرەتنى سۆيگەن ئادىمىگە تەقدىم قىلىش ، ئۇنى بەختلىك قىلىش دېمەكتۇر .

ئوغلۇم ، ئېسىڭدىن چىقارما ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئەخلاقىي پاكلىق ئۇلارنىڭ تويدىن بۇرۇنقى مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى تەرىپىدىن ، مۇشۇ مۇناسىۋەتتە ھازىرلىغان پىسىخىكىسى بىلەن مەنىۋى ، ئىستېتىكىلىق ۋە ئەخلاقىي ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . مۇھەببەتتىكى ئاتالمىش «تېتىپ بېقىش» بىلەن «مول تەجرىبىلىك» بولۇشتىن ئوتتىن قورققاندەك قورقۇش كېرەك . مۇھەببەتلەشكەنلەر تويدىن بۇرۇن پىسىخىكا ۋە روھىي مۇناسىۋەت جەھەتتە قانچىكى پاك ، ئالىيجاناپ بولسا ، تويدىن كېيىن ئەر كىشىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ . قىزلارنىڭ ئالدىدا ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان ، قىزلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولالايدىغان يىگىتلەرلا ھەقىقىي ئەر بولالايدۇ . پاك مۇھەببەت ياشلارنى روھىي جەھەتتىن پىشىپ – يېتىلدۈرىدۇ ؛ ھەقىقىي بولمىغان مۇھەببەت ، ئىچ پۇشۇقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان مۇھەببەت ئوغۇل بالىنى تاپتىن چىقىرىدۇ .

ئاشىق – مەشۇقلار ئارىسىدىكى روھىي ئالاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ھوزۇرى بىر – بىرىنى ئەقلىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتىن ئۆز ئارا تولۇقلاشتا ، يېڭىچە روھىي ۋە گۈزەل خىسلەتنى تەدرىجىي چۈشىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز بايقاشتا ، شۇنداقلا بىر – بىرىنىڭ ئېسىل تەرەپلىرىنى ئۆز ئارا قوبۇل قىلىشنى ئارزۇلاشتا ، ئەنە شۇلا بىر – بىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتۇر . چىن مۇھەببەتكە ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە جاپادىمۇ – ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالايدىغان مۇھەببەتكە كىم ئىنتىلمەيدۇ ؟ ئەمىسە بۇ نېمە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ؟ ئەلۋەتتە كىشىنىڭ توختاۋسىز تەرەققىي قىلىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئاپاڭ بىلەن توي قىلغىنىمىزغا پات ئارىدا 25 يىل بولىدۇ . . . ھەر قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنى كۆرگىنىمدە قەلبىم بىر لەھزە ھاياجانغا چۆمىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن – دۇنيادا بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم بولغان بۇ ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيدىغان يېڭىچە بىر نەرسىنى كۆرىمەن . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يېڭىچە بىر خىل گۈزەللىك بالقىپ تۇرىدۇ . روھىي دۇنيانىڭ مول بولۇشى ھېسسىياتنىڭ كۆپ خىللىقىدا ئەكىس ئېتىدۇ ، كىشىنىڭ كۆز نۇرى بولسا ئاشۇ ھېسسىياتلارنى بىۋاستە نامايان قىلىپ تۇرىدۇ . ئەگەر مۇشۇنداق ھېسسىيات كەمچىل بولىدىكەن ، تۇنجى كۆرۈشۈشتە كىشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان گۈزەل چىرايمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن غۇۋالىشىدۇ ، جەلپكارلىقىنى يوقىتىدۇ . ھۆرىگۈلدەك بىر ئېچىلىپلا توزۇپ كېتىدىغان ، تاشقىي قىياپەتكىلا شەيدا بولغان مۇھەببەت ، گۈزەل چىرايدىن ، سەرۋى قامەتتىن ھوزۇر ئىستەيدىغان كىشىلەر ھامان داغدا قالىدۇ .

ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم ، مەخسۇس «مۇھەببەت ئىلمى» دەيدىغان نەرسە يوق ، لېكىن ئىنسانىي خىسلەت دەيدىغان بىلىم بار . كىمىكى مۇشۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئىگىلەيدىكەن ، شۇ پىسىخىكا ، ئىستېتىكا روھىي ۋە ئەخلاق جەھەتتە تەييارلىقنى ياخشى قىلغان بولىدۇ . بۇ – بىر كىشىنىڭ خىسلىتىگە نىسبەتەن ئەڭ قاتتىق سىناقتۇر . ۋ . ئى . لېنىن كلارا سېيىتكىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە : «مۇھەببەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ، ئۆزىنى چەكلەش بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن . بۇ جەھەتتە ئاساسلىق رول ئوينايدىغىنى بىز ئەرلەرمىز . ئەرلەر ھېسسىياتىنى كونترول قىلىشنى بىلىشى كېرەك . گېپىمگە قۇلاق سال ئوغلۇم ، بىر – بىرىگە ئاشىق بولۇشقان ئىككى ئادەم جىما قىلىشسا ، ئۇلار ئەخلاق جەھەتتە روھىي يېقىنچىلىقتا بولىدۇ ، بىر – بىرىنى ھۈرمەتلىشىدۇ . بىرگە ئۆتۈش ئۈچۈن تەرەددۈتلىنىدۇ . ھامان بىر – بىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى چۈشىنىدۇ . بىلىش كېرەككى ، تويدىن بۇرۇن يىگىتلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى روھىي دۇنياسى مول ، ساداقەتمەن ، زېرەك قىزلارنى خورلۇق ھېس قىلدۇرىدۇ ، سەسكەندۈرىدۇ .

ئوغلۇم ، شۇنى بىلىۋالغىنكى ، ياشلىق پەيىتلىرىدىكى بەخىت ئەڭ شېرىن بولىدۇ ، مۇھەببەتمۇ ئەنە شۇ چاغدا ئەڭ پاك ، كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ . روھىيىتى مول كىشىلەر بۇنداق مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ . يىگىت بىلەن قىز ئۇچراشقاندا ، ھەر ئىككىلىسىدە سەمىمىيلىك ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ، ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت بۇ چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ . بۇ ، ھەرگىزمۇ ئۇلاردا ئاشۇنداق ئىستەكنىڭ بولمىغانلىقىدا ئەمەس ، ئۇلاردىمۇ شۇنداق ئىستەك ناھايىتى قىزغىن ھەم كۈچلۈك بولىدۇ . لېكىن ، ئۇلار روھىي جەھەتتىن يېقىنلاشماي تۇرۇپ جىما قىلىشنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن . بۇنداق بۈيۈك مۇھەببەتتە روھىي جەھەتتىن يېقىنلىشىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ ، ئۇلارمۇ مۇشۇ ۋاقىتنى قەستەن ئۇزۇنغا سوزىدۇ ، نەتىجىدە بۇ ئۇلارغا غايەت زور بەخىت ئاتا قىلىدۇ .

ئوغلۇم ، سەن «ياشاش ھەرگىزمۇ ئېتىز – دالالارنى كېزىشكە ئوخشىمايدۇ» دېگەن ماقالنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭ . بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشتا قانداق ئادەم ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىدىن باشقا جايلاردا كىشىلەرگە ناھايىتى ئالىيجاناب ، قەيسەر تەسىر بېرىدۇ – يۇ ، ئۆيىگە كىرگەندە رەزىل ، شەخسىيەتچى ، زوراۋان قىياپىتىنى ئاشكارىلايدۇ . يەنە بەزىلەر روھىي تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتە توي قىلىش تەييارلىقىنى قىلچە ھازىرلىمىغان ، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە ئېلىشىپ – تېگىشى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن قىلىنغان بىر جىنايەت . بەزىلەر نىكاھنى ئۆزىنى چەكلىمىسىز قاندۇرىدىغان تەبىئىي ئېھتىياج قاتارىدا كۆرىدۇ . ئەخلاقىي جەھەتتە تاپتىن چىققان بەزى ياشلار نىكاھنى تويدىن بۇرۇن مەلۇم نەرسىدە ئېرىشەلمىگەن ھوقۇققا ئېرىشىش دەپ قارايدۇ . بۇنداق نىكاھ قانۇنىي مۇناسىۋەتكە ئىگە بولسىمۇ ، زەئىپلەشكەن مەنىۋى مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملىيەلمەيدۇ .

ئېسىڭدىن چىقارما ئوغلۇم ، كىشىلەر تويدىن كېيىن قانۇنىي ، ماددىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆتەپ قالماي يەنە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ . كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ مول بولۇش – بولماسلىقى ئائىلىۋى مۇناسىۋەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . بەزىدە ياش ئەر – خوتۇنلار دەسلەپكى نەچچە ئايدا «ئۈمىدسىزلىك» كە پاتىدۇ ، «رومانتىك مۇھەببەتلىرى» يوقالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا مىجەزدە كېلىشەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ۋە كونكېرىت مەزمۇنى خىلمۇ خىل بولىدۇ . ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بىرلا : ياشلار توي قىلغاندىن كېيىن ، مۇھەببەت تەن ۋە روھ جەھەتتىن يېقىنلىشىشتىكى توسالغۇنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىدى ، دەپ قارايدۇ ۋە چەكسىز بەخىتتىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ئوبرازلىق ، شېرىن سۆزلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ . مۇھەببەت يالقۇنى يېقىلغۇنىڭ ياخشى بولۇشنى – تۇرمۇشنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن مول بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ . مۇبادا ئاشۇنداق يېقىلغۇ بولمايدىكەن مۇھەببەت ئۆچۈپ قالىدۇ ياكى ئوت ئالماي تۈتەپ تۇرۇۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغايدۇ . مۇھەببەتتە يەنە مەنىۋى تۇرمۇش مول بولۇشى كېرەك ، ئەنە شۇندىلا ئائىلە مۇستەھكەم بولىدۇ .

يەنە شۇلار ئېسىڭدە بولسۇن ، ياشلار تويدىن كېيىن مۇھەببەتتىن ھوزۇرلىنىشتىنمۇ بەكرەك مۇھەببەتنى مۇستەھكەملەشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك . تۇرمۇشتا مەنىۋى بايلىق زاپاس تۇرمايدىكەن ، جىنسىي ئالاقىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالىدۇ . . . ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا ئەر – ئايال مەنىۋى جەھەتتىن توساتتىن قاتتىق چاڭقاقلىق ھېس قىلىدۇ ، ئۇلار سۆيگەن ئادىمىگە بۇرۇنقىدەك مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلالمىغاندا ، ئائىلىۋى تۇرمۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلمىگەندە بەزىدە ھەتتا مۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ : تويدىن ئىلگىرى بىردەم ئايرىلغىنىغا چىداشماي قالغان بولسا ، تويدىن كېيىن بىر – بىرىنى كۆرسىلا خۇيى تۇتىدىغان بولۇپ قالىدۇ ، مانا بۇ ھال ئائىلىۋى تۇرمۇشنى بەجايىكى دوزاخقا ئايلاندۇرىدۇ . لېكىن ، شۇ سەۋەبلىك جىمى بولغۇلۇق بالىغا بولىدۇ . بۇنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويساڭ بولمايدۇ . بىر پۇقرا بولغان ئىكەن ، ئالدى بىلەن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك ، لېكىن بالا – دەل بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدۇر . ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم ، ئەگەر سەندە ئائىلە قۇرۇش ئىستىكى پەيدا بولغان بولسا ، «پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلدىممۇ – يوق» دەپ ئۆزۈڭنى ئوبدان تەكشۈرگىن .

مەنىۋى بايلىق يارىتىشقا كامىل كىشىلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، بىرىنچى ، ئىككىنچى قېتىملىق مۇھەببەت بولمايدۇ ، مۇھەببەت ئۇلار ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملا بولىدۇ . سەن مۇشۇ سۆزنى ئۆزۈڭدە ئەڭ تولۇق نامايان قىلغان غايىچىلەردىن بولغىن . «ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونۇپ ئۆز ھېسسىياتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاشۇ ئۈجمە كۆڭۈل كىشىلەر ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىر دىۋانە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ .» بۇ سۆزنى – ئو . گونچارنىڭ «بايراقدار» ناملىق رومانىدىكى باش پېرسۇناژ بۇرانىسكىي ئېيىتقان . ئۇ – ئەخلاقى پاك ، مۇھەببىتىگە سادىق بىر ئەر . ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدە چوڭقۇر بىر ھەقىقەت بار . ئەگەر سەن ھەقىقىي بىر يىگىت بولساڭ ، سۆيگەن ئادىمىڭنىڭ ۋۇجۇدىدا مەنىۋى بايلىق يارىتالىساڭ ، ئۇ ھالدا سەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى چىن دىلىڭدىن سۆيگەن ئادىمىڭنى ھەرگىز تاشلىمايسەن . مەن ساڭا يەنە بىر قېتىم دەي ئوغلۇم : چىن مۇھەببەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەرگىز ئاجىزلاپ قالمايدۇ ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ . مەن قەلبىمنىڭ بىر قىسىمىنى سۆيگەن ئادىمىمنىڭ ۋۇجۇدىدا قالدۇرسام ، ئۇ ماڭا گۈزەل قەلبى ۋە مەنىۋى جەلپكارلىقىنى ئاتا قىلىدۇ ، ئىككىمىز بىر بولۇپ ياراتقان بايلىق ئىككىنچىلەپ يارالمايدۇ . مەنىۋى تەرەققىياتىمىز ، ئەقلىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزنىڭ تەڭ موللىشىشى ، بالا ، ئائىلىنىڭ شەرىپى ، غۇرۇر ، ئەنئەنە ، ئۆتمۈشكە بولغان سېغىنىشلىرىمىز ، شېئىرىي تۇيغۇغا باي ياشلىق باھارىمىز ، ياشلىق ھېسسىياتلىرىمىزنىڭ پاك – بىغۇبارلىقى . . . شۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بايلىق ئىچىگە مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ . ئەنە ئاشۇلار قەلبتە چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ ، شۇڭا ئېغىر مەنىۋى ئازابنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلىغىلى بولمايدۇ . ئەر ياكى ئاياللار بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ، بەزىدە ئۆمۈر بويى ئۇنى ئۇنتۇيالمايدۇ . ئۇلاردا يېڭىچە ھېسسىياتلار پەيدا بولمايدۇ ، بۇ ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس ھەم رومانتىك تۇيغۇمۇ ئەمەس ، بەلكى ئىنسانىي خسلەتنىڭ چوڭقۇر ئىپادىسى . كىشى چىن دىلىدىن سۆيگەن مەھبۇبىسى قەلبىگە مەھكەم ئورناپ ، جېنى ھەم تېنى بىلەن مەھكەم بىرلىشىپ كەتكەندە سۆيگەن يارىنى ئۇنتۇيالمايدۇ .

خېتىم بەك ئۇزىراپ كەتتى، ئوغلۇم. بىلىمەن، سەن نەسىھەتلىرىمگە بويۇن تولغىمايسەن . دېگەن ھەر بىر ئېغىز گەپلىرىمنى ئوبدان ئويلانغىن ، ئۆزۈڭنى ھەر جەھەتتىن ياخشى تاۋلىغىن .

خەير ، قەدىردان ئوغلۇم ! بىرىنچى مايدا ئۆيگە كەپ كېتەرسەن ، بىر كۈن تۇرۇپ كەتسەڭمۇ مەيلى .

زەبەردەستلىك ، قەيسەرلىك ساڭا ھەردەم يار بولغاي !

سېنى سۆيۈپ ھەم قۇچاقلاپ

                           داداڭدىن !

«دۇنيا ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 2- ساندىن ئېلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10873

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: