پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1906- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: كاردۇسى

 

1906- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

گىيوسو كاردۇسى

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: ياۋايى            The Barbarian Odes

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

مۇكاپاتلاش كومېتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى

يالغۇز ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن بىلىمى ۋە تەنقىدىي روھقا ئىگە تەتقىقاتلىرىلا ئەمەس ، تېخىمۇ موھىمى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن ئۆزگىچە ئىجادىي ئىقتىدار ، يېڭىچە ئۇسلۇب ۋە بەدىئىي بالاغەتكە ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى .

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى

«ياشلىق لىرىكىلىرى» ، كاردۇسى [ ئىتالىيە ] ، ليۇ رۇتىڭ تەرجىمىسى ، لى جىياڭ نەشرىياتى ، 2001 – يىل ؛

«كاردۇسى شېئىرلىرى توپلىمى» كاردۇسى [ ئىتالىيە ] ، لى مېيشىيەن تەرجىمىسى ، تەيبېي ، يۈەنجىڭ نەشرىياتچىلىق شىركىتى ، 1982 – يىل ؛

«شەيتان ھەققىدە» ، كاردۇسى [ ئىتالىيە ] ، چيەن جياخوڭ تەرجىمىسى ، لى جياڭ ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى ، 1998 – يىل .

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

گىيوسۇ كاردۇسى (Giosue Carducci – 1907 – 1835) ئىتالىيىنىڭ ۋىرسلىيە رايونىدا تۇغۇلغان . دادىسى داڭلىق دوختۇر ۋە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات – «كاربونارلار پارتىيىسى» نىڭ ئەزاسى ئىدى . كاردۇسى كىچىكىدىنلا ناھايىتى تىرىشچان ، ئەقىللىق بولۇپ ، قەدىمكى رىم ۋە ئىتالىيە ئەدەبىياتىنى پىششىق ئۆگەنگەن . بىسسا پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ، ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان . شۇ مەزگىدە رومانتىزمغا قارشى تۇرۇش باش مەقسەت قىلىنغان ئەدەبىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان . 1860 – يىلى بولونىيا ئۇنىۋرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىنىپ ، سىتىلىستىكا دەرىسى ئۆتكەن . كاردۇسى ياش ۋاقتىدىلا بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابچىلىرى ماگىنى بىلەن كارپودلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمى «فونولوگىيە توپلىمى» دا مىللىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىلىرى روشەن ئىپادىلەنگەن .

دەسلەپكى مەزگىللەردە يازغان شېئىرلار توپلىمى «ياشلىق لىرىكىلىرى» (1871) ، «يېنىكلىك بىلەن قەتئىيلىك» (1861 – 1871) تە فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا مەدھىيە ئوقۇلۇپ ، فېئودال مۇستەبىتلىك ئەيىبلەنگەن ، سىرىتتىن كېلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىققا قارشىلىق بىلدۈرۈلۈپ ، شائىرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىككە بولغان ئارزۇسى ، ئەركىنلىك بىلەن باراۋەرلىككە بولغان كۈچلۈك ھېسسىياتى ئىزھار قىلىنغان . ئۇنىڭ مەشھۇر داستانى «شەيتان ھەققىدە» 1863 – يىلى تاماملانغان بولۇپ ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن . داستاندا كۈچلۈك ئىسيانكارلىق روھى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولغاچقا ، زور داغدۇغا قوزغىغان .

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر :

 تولستوي [ رۇسىيە 

 لاگىرلوف [ شىۋېتسىيە ] 

 كىپلىڭ [ ئەنگلىيە 

 كاردۇسى [ ئىتالىيە ]

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ھەققىدە تەھلىل

«شەيتان ھەققىدە» ناملىق بۇ داستاندا شەيتاننىڭ ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئىسيانكار روھى تەرپلەنگەن ، دىنىي جەمىئىيەت كۈچلىرىنىڭ ئەركىنلىك بىلەن ئەقىل – پاراسەتنى دەپسەندە قىدىغان جىنايەتلىرى كەسكىن تەنقىدلىنىپ ، ھايات خۇشلۇقلىرى ۋە ئقنسانلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرنى بېسىپ چۈشكەنلىك غەلىبىسىگە مەدھىيە ئوقۇلغان . قۇياش نۇرى پارلاپ ، پۈتكۈل كائىنات شاد – خۇراملىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەندە ، ئىنسانلار شەيتاندىن ياردەم تىلەيدۇ ، مەيلى ئىلاھ ياكى يەھۋانىڭ مۇشتۇمى بولسۇن ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە شەيتاندىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ . شەيتان ئىنسانلارنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلىغان ھامان پەيدا بولىدۇ . ئۇ چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ ، كىشىلەرگە ياشلىق ئاتا قىلىدۇ ، سۆيگۈ – مۇھەببەت ، شاد – خۇراملىق بېغىشلايدۇ . شۇ ۋەجىدىن ، ئىنسانلار شەيتانغا تەڭرىدىنمۇ بەكرەك ئىخلاس قىلىشقا پېتىنىدۇ . چېركاۋ بىلەن رىم پاپىسى بۇنىڭدىن قاتتىق ساراسىمگە چۈشۈپ ، يېڭى بىر دەۋر يېتىپ كەپتۇ دەپ قالىدۇ . شەيتان ئەرۋاھ قىياپىتىگە كىرىپ ، ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆز ساداسىنى ئاڭلىتىدۇ ، كۈچ – قۇدرىتىنى نامايىش قىلىدۇ . بۇ چاغدا تەڭرىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ . ئاخىرىدا شائىر : «شەيتان ، سەن يەھۋادىن غالىپ كەلدىڭ» دەپ جاكارلايدۇ .

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1848 – يىل : «تەڭرىگە خەت»

1849 – يىل «ئانامغا خەت» ، «ھاياتلىق»

1850 – يىل : «باھار لىرىكىسى»

1857 – يىل : «فونولوگىيە توپلىمى»

1868 – يىل : «يېنىكلىك ۋە قەتئىيلىك»

1871 – يىل : «شېئىرلار توپلىمى»

1872 – يىل : «يېڭى شېئىرلاردىن تاللانما»

1873 – يىل : «يېڭى لىرىكىلار»

1877 – يىل : «شەيتانغا مەدھىيە» 1 – قىسىم ؛ «يېڭى قاپىيىلەر توپلىمى»

1878 – يىل : «ئىتالىيە خانىشىغا بېغىشلايمەن»

1882 – يىل : «شەيتانغا مەدھىيە» 2 – قىسىم

1883 – يىل : «زوراۋانلىققا قارشىلىق»

1884 – يىل : «ئەركىنلىك ۋە ئۇرۇش»

1889 – يىل : «شەيتانغا مەدھىيە» 3 – قىسىم

1901 – يىل : «كاردۇسى شېئىرلىرى توپلىمى»

1902 – يىل : «مارتىنو قەلئەسى»

1905 – يىل : «كاردۇسى نەسىرلىرى توپلىمى»

1909 – يىل : «كاردۇسىنىڭ ئومۇمىي ئەسەرلىرى توپلىمى»

ئەسەر ئۈچۈن قىسقىچە ئەسلەتمە

بۇ داستاننى چۈشىنىشتە ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ . 19 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا ئىتالىيىدە مىللىي مۇستەقىللىق ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىدۇ ، رىمنى بېسىپ ياتقان رىم پاپاسى ئىتالىيىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىدى . ۋاتىكان سىياسىي جەھەتتە ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ، ئىدىيە جەھەتتە مەرىپەتچىلىككە قارشى ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ، ئىتالىيە خەلقى ئارىسىدا رىم پاپاسىغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتى كۆتۈرۈلگەن ئىدى ، لېكىن بۇ كەيپىياتنى ئاشكارىلاشقا ئامالسىز ئىدى . چۈنكى ، رىم پاپىسىنىڭ غەربتىكى ئورنى ناھايىتى يوقىرى ئىدى . ئوقۇرمەن مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولىدۇ . «شەيتان ھەققىدە» ناملىق بۇ داستاندا يالغۇز بىر خىل كەيپىيات ئىپادىلىنىپلا قالماي ، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل سىياسىي ئېتىقاد گەۋدىلەندۈرۈلگەن . داستاندا تەسۋىرلەنگەن ئىبلىس – شەيتان ئەمەلىيەتتە ئەركىنلىككە ، مەدەنىيەتكە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ ، يورۇقلۇق تارقاتقۇچى ، ئەقلىي كۈچ – قۇدرەتكا تولغان پالۋان سۈپىتىدە مەدھىيىلەنگەن .

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى

«يېرىم ئەسىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ، ئۇنىڭ داستانىدا ئىتالىيان مىللىتىنىڭ روھى يۈكسەك دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلغان … ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى كۈچلۈك يالقۇن ئەسلىي نىشاندىن ھالقىپ كەتكەن . لېكىن ، ئۇنىڭ تىنىمسىز ئوخچۇپ تۇرىدىغان قەلبىدىن ئۆچمەنلىكنىڭ قىلچىلىكمۇ ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايدۇ

                                        – بولونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11570

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: