پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1915- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: رومىن روللاند

(ئەسكەرتىش: 1914- يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان)

1915- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى
رومىن روللاند
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: «جون كرىستوف» (Jean-Chistophe)
(بىر «تالانتلىق» كومپوزىتورنىڭ كۈرەش قىلىپ داڭ قازانغان ھاياتى)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يۈكسەك غايە، ئوخشىمىغان پېرسوناژلارغا تۇتقان ھېسداشلىقى ۋە ھەقىقەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە مەدھىيە ئوقۇيمىز.
مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە
رومىن روللاند (Romain Rolland, 1866- 1944) 1866- يىلى 29- يانۋاردا فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئېگىزلىكىدىكى كرامىش دېگەن بىر كىچىك بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. 15 يېشىدا ئاتا- ئانىسىغا ئەگىشىپ پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1899- يىلى فىرانسىيە پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۆمۈرلۈك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. كېيىن ئىتالىيەگە بېرىپ رىم فىرانسىيە ئارخېئولوگىيە مەكتىپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەنئەت تارىخىدىن دەرس ئۆتكەن، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدىكى دىراممىلىرىدا كۆپىنچە تارىختىكى قەھرىمانلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار باش تېما قىلىنىپ، «ئىنقىلابىي دىرامما» ئارقىلىق كونا دىرامما سەنئىتىگە قارشى تۇرۇش مۇددىئا قىلىنغان. ئاددىي، ھەشەم- دەرەم، دەبدەبىدىن خالىي ئۇسۇلدا دەۋرنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىدا ئادالەتكە، نۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن زىيالىيلارنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەپ بېرىش رومىن روللاندنىڭ ئاساسلىق بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. ئۇ خەلقئارادىكى تەسىرى ناھايىتى زور يازغۇچى، شۇنداقلا مەشھۇر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرلۈكى، دېموكراتىيە ۋە پارلاق مەنزىل ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئېگىلمەي- سۇنماي كۈرەش قىلغان.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل
«جون كرىستوف» ئەسلى 10 توملۇق، 2000 بەتلىك رومان بولۇپ، روماندا بىر مۇزىكانتنىڭ سەنئەتتىكى يۈكسىلىش جەريانىدىكى ناھايىتى ئىخلاس بىلەن يازغان خاتىرىلىرى تەسۋىرلەنگەن.
كرىستوف بىر مۇزىكانتلار ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ، رېپتىتسىيە قىلىش، ئويۇن قويۇش، مۇزىكا ئىشلەش، دەرس ئۆتۈش، ئۆگىنىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئايلىنىپ كەتكەن. دادىسى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار ئاددىي بىر تۇرالغۇغا كۆچۈپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كرىستوف بىر قاتار مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، لېكىن ئۇ ئىنتىلگەن شۇ مۇھەببەت ھەدېسىلا بەختسىزلىك بىلەن تۈگەللىنىدۇ. ئۇ قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ بىر داڭلىق پېشقەدەم ئۇستازنى باھالاپ پىكىر بەرگىنى ئۈچۈن ئوردىدىكى مەرتىۋىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ- دە، گېرمانىيەدىن باش ئېلىپ چىقىپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تانسا كېچىلىكىدە ئۇ روكىن ئىسىملىك بىر سەھرا قىزىغا بولۇشۇپ مەست بولۇپ قالغان بىر ئەسكەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ پارىژغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كرىستوف پارىژغا بارغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كۆنۈشنىڭ تەسلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ پۇلدار، جاھاندىن سەسكەنگەن بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى دەسلەپتە ئانچە قارشى ئېلىنمايدۇ. بىر كۈنى كەچتە كىشىلەر ئۇنىڭغا ئولىۋ ئىسىملىك بىر ياش ئەدىبنى تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان كرىستوف مۇزىكىسىنىڭ سادىق چوقۇنغۇچىسى ئىدى. ئولىۋ ئوبزور يېزىپ ئۇنىڭ ئابرويىنىڭ تىكلىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە بىر مۇھىم نامسىز شەخس ئۇنى ئاستىرىتىن قوللايدۇ. بىر نەچچە يىلغا بارمايلا ئۇ فىرانسىيە ئىچى- سىرتىدىكى يېڭىچە مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم كومپوزىتورغا ئايلىنىدۇ. ئولىۋنىڭ ياگرىنا بىلەن بولغان تويى سەۋەبلىك بۇ ئىككى دىلكەش دوستنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى ئاستىرىتىن قوللىغان نامسىز شاپائەتچىسى گىرازىيانى تېپىۋالىدۇ، گىرازىيا بۇ چاغدا ئاۋسترىيە ئەلچىسىنىڭ كاتىپى بىلەن توي قىلىپ بولغانىدى. ياگرىنا ئولىۋدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ ۋە كرىستوف بىلەن بىللە 1- ماي بايرىمى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، تەبرىكلەش مۇراسىمى بىر توپىلاڭغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئولىۋ پىچاق يەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. كرىستوف بىر ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ فىرانسىيەدىن قېچىپ كېتىدۇ. كرىستوف شىۋېتسارىيەدە قېچىپ يۈرگەن مەزگىلىدە تۇل ئۆتۈۋاتقان گرازىيانىڭ ياردىمىدە 10 يىل مول نەتىجىلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. گرازىيا بىلەن كرىستوف ئىككىسى توي قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن بىر- بىرىنى توختىماي قوللايدۇ، بىر- بىرىگە تەسەللىي بېرىپ چوڭقۇر دوسلۇق رىشتىسى ئورنىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا گرازىيا مىسىردا جان ئۈزۈپ، چىن دىلىدىن سۆيگەن مەشۇقى كرىستوفتىن مەڭگۈگە ئايرىلىدۇ. كرىستوفمۇ ھەقىقىي سەنئەتكار سۈپىتىدە پارىژدا مۇرەسسەسىز ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى
«جون كرىستوف»، رومىن روللاند (فىرانسىيە)، فۇ لېي تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1957- يىل نەشرى
«ئانا ۋە بالا»، رومىن روللاند (فىرانسىيە)، لو داگاڭ تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1980- يىل نەشرى
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى
«‹جون كرىستوف› يالغۇز رومانلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ بىر بۈيۈك تارىخىي ئېپوسى.»                        ـــ فۇ لېي
ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى
1898- يىل: «بۆرە پادىسى» (دىرامما)
1900- يىل: «دانتون» (دىرامما)
1902- يىل: «14- ئىيۇن» (دىرامما)
1903- يىل: «بېتخوۋىننىڭ تەرجىمھالى» (دىرامما)
1904- يىل: «جون كرىستوف» (رومان)
1906- يىل: «مىلانجىلونىڭ تەرجىمھالى» (بىيوگرافىيە)
1911- يىل: «تولستوينىڭ تەرجىمھالى» (بىيوگرافىيە)
1919- يىل: «كورا برانىيو»
1922- 1933- يىل: «ئانا ۋە بالا» (رومان)
1931- يىل: «ئۆتمۈش بىلەن ۋىدالىشىش» (سىياسىي ئوبزور)
1939- يىل: «روبىسپىر» (دىرامما)، «قەلب يولى مەنزىلى» (ئەسلىمە)
شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر
فىرانىس (فىرانسىيە)
ۋېرخارېن (بېلگىيە)
ھايدىنىستام (گېرمانىيە)
رومىن روللاند (فىرانسىيە)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11881

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-11-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: چەتئەل ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: