پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

رومان: مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت

نىكۇلاي سىپاركىس ۋە ئۇنىڭ «مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت»

ناملىق ئەسىرى توغرىسىدا

ئوسمانجان مۇھەممەت

 

نىكۇلاي سىپاركىس(-1965) ئامېرىكىلىق مەشھۇر بازارلىق كىتاب يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇز بەش خىل تىكلغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىدا سېتىلىش مىقتارى قىرىق بەش مىليۇن نۇسخىدىن ئېشىپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئامېرىكىدا«مۇھەببەت ھېكايىسى شاھى»دېدگەن نامى بار. ئۇ 1985-يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشكەن . ئۇ ھازىرغا قەدەر «ئاخىرقى ناخشا»، «ئايرىلىش خېتى»، «رودان ئارىلىدىكى مۇھەببەت»، «تاللاش»، «تىلتۇمار»، «شىشە ئىچىدىكى خەت»، «مۇھەببەت رىشتىسى باغلابغان خاتىرە»، «مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت»، «قۇتقۇزۇش»، «چىغىر يول»، «ھىماتچى»، «توي مۇراسىمى»، «سادىق مۇرت»، «بىركۆرۈپ ئاشىق بولۇش»، «پاناھ جاي» قاتارلىق ېومانلارنى يازغان. بۇ رومانلار ئىچىدە «ئاخىرقى ناخشا» بىلەن «مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت» دېگەن رومان ۋەكىللىك ئەسەردۇر.

«مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت» دېگەن بۇ روماندا لاڭدون ئون يەتتە ياش چېغىدا ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا مەڭگۈلۈك ئۆزگۈرۈش بولىدۇ.لاڭدون كات كىچىك بارازدىكى ئەڭ باي ئادەمنىڭ يالغۇز ئوغلى، ئۇ قەبرىستانلىقتا سۇدا پىشۇرۇلغان يەر ياڭىقىنى يىيىشكە ئامراق، شۇڭا ئۇمۇ باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئەسكى بالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ مىلاد ئويۇنىنى قويۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن شۇ يەردىكى پوپنىڭ قىزى جېم سالىۋان بىلەن ئاستا-ئاستا تونىشىدۇ، جېمنىڭ سەمىمىلىكى، سەداقەتمەنلىكى، پاك ۋە كىشىلىك ھاياتنى سۆيۈشى ھەر كۈنى لاڭدوننى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ. ئۇلار ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەمما بۇ ئەسكى بالا بىلەن بۇ كۈل قىزنىڭ ھېسسىيات دۇلدۇلى سۆيگۈ تۇپرىقىدا ئوڭۇشلۇق چاپالمايدۇ، جېمنىڭ ئاتىسىنىڭ توسقۇنلىقى، جېمنىڭ پات-پاتلا ھۇشىدىن كېتىشى لاڭدوننى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ كونا مۇھەببەت ھېكايىسىدەك قىلسىمۇ، چوڭقۇر يېڭى مەزمۇننى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن؛ ئادەتتىكى ئاچچىق تۇنجى مۇھەببەتتەك قىلسىمۇ، يارىتىلغان سۆيگۈ مۇھىتى ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ.

شىمالىي كارولىنانىڭ بوفۇت دېگەن كىچىك بازاردىكى ئەسكى بالا لاڭدون كات بىلەن ياۋاش قىز بالا جېم سالىۋان بىللە چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپلا تال ۋىچىقنى ئات ئېتىپ ئوينىمىغان، ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان بولسىمۇ، ئائىلىۋى ئارقا كۆرۈنۈش، نەسەپ زىددىيىتى، خاراكتېر پەرقى تۈپەيلىدىن يات كىشىلەردەك ئۆتىدۇ، ئەمما ئۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى تاللاپ ئوقۇيدىغان بىر دەرس سەۋەبىدىن قوشنىلىرىنىڭ ھەيران قېلىشى، دوستلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشى بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، ئۇلار سۆيگۈ شارابىنى قېنىپ ئىچىۋاتقان پەيىتتە جېمنىڭ ھاياتى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ. بۇ ھەسرەتلىك مۇھەببەت ھېكايىسى بولۇپ، ئادەمنى ئازابلايدۇ ياكى يىغلىتىپ تاشلايدۇ، ئەمما بىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان دەملىرىمىزدە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ساپ ۋە گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ، ھېكايە ۋەقەلىكىدىن ھەسرەتلىنىپلا قالماي يەنە تۇرمۇشنىڭ چىن مەنىسىنىمۇ سېزىمىز، ئاپتور بىزگە سۆيگۈ لىباسىغا يوشۇرۇنغان مەنالارنى، كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى، ئادىمىيلىكنىڭ يېتىلىشىنى، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ مۇھىملىقىنى قايتىدىن بايقاش، چىن سۆيگۈنىڭ مەنىسىنى بىلىش قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىنسانلارنىڭ ھەم كونا ھەم يېڭى تېمىسى، بىز كىشىلىك  ھاياتنىڭ مەنىسىگە قانداق قارايمىز، كىشىلىك ھايات ئېتىقادى بىلەن كىشىلىك ھايات خيالىغا قانداق ئىتائەت قىلىمىز، كىشىلىك ھاياتتىكى پايدا-زىيانغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز، كىشىلىك ھاياتنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى بىلەن راھەت-پاراغەتلىرىگە قانداق يۈزلىنىمىز؟ جېمنىڭ قىسقا ئەمما مەنىلىك ھاياتى بىزگە بۇلارنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ئادىمىيلىكنىڭ يېتىلىشى. بۇ تېما پۈتۈن ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، باش قەھرىماننىڭ ئاساسلىق مۇھەببەت لېنىيىسى بىلەن بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ، زەردار ئائىلىنىڭ ئون يەتتە ياشلىق بەگزادىسى لاڭدون يېشىنىڭ ئاىسي باسقۇچىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆگىنىشكە كۆڭۈل قويمايدۇ، تۇرمۇشتا لاغايلاپ يۈرۈيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھاياتىدا جېمنىڭ پەيدا بولۇشى ھەممە نەرسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ جېمغا بولغان سەمىمىيلىكى، ئىنتىلىشى ئۇنى چەتكە قېقىشىدىن ھوزۇرلىنىشقا، ھوزۇرلىنىشىدىن تەسىرلەندۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ، ئاخىرى تەرەققىي قىلىپ سۆيگۈ قەسىرىگە باشلاپ بارىدۇ، جېمنىڭ بۇنداق ھېسسىياتى ئۇنىڭ كىشىلىك ھايات سەھنىسىدىكى بۇرۇلۇش كۈيلىرىنى ياڭرىتىدۇ، جېمنىڭ ھەمدەم بولۇشى ۋە تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن لاڭدون ئاسىيلىقتىن دىلغول بولۇشقا، دىلغول بولۇشتىن چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئۆتۈدۇ، ئاخىرى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىش جەريانلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىق دەۋرىدىن ئەرەنلىك دەۋرىگە ئۆتىدۇ.

مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئەھمىيىتى. بۇ تارماق لېنىيە ئەكس تەرەپتىن ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتورنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلدۇ، جېم ئاتا-بالا ئىككەيلەننىڭ ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، قويۇق مېھرى-مۇھەببەت بىلەن تولىدۇ. لاڭدون ئاتا-بالا ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشى باياشات بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى سۇس بولۇپ، خۇددى بىر يولدا كېتىۋاتقان يولۇچىلارغا ئوخشايدۇ، ئاخىرى جېم لاڭدون ئاتا-بالا ئىككەيلەننى ياراشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن مېھرى-مۇھەبەت رېشتىسنى قايتىدىن تۇتاشتۇرىدۇ. ھېكايىنىڭ راۋاجى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ۋەقەلىكنىڭ ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ. نۆۋەتتىكى ماددىلىشىش، سودىلىشىش پۇرىقى بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقان دەۋردە بىز ئىجتىمائىي ئەخلاق بىلەن ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئۆلچەيمىز، كەسىپ بىلەن ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز، بىپەرۋا قارالغان مۇھەببەت كەلتۈرۈپ چىقارغان توسالغۇ بىلەن ئەپسۇسلىنىشنى قانداق تۈگىتىمىز دېگەن مەسىلىلەر ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

چىن مۇھەببەتنىڭ مەنىسى. بۇ رومان «مۇھەببەت»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، بىزگە «مۇھەببەت»نىڭ ئىككى پاراللېل لېنىيىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، ئەر-ئايال باش قەھرىمانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت بىلەن ئايال باش قەھرىماننىڭ خالىس، ئۇلۇغ مۇھەببىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇ ئىككى لېنىيە بىر بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، قىز-يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ساپلىقىنى، گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەيدۇ ھەم ئۇلۇغ ھەم چىن مۇھەببەتنىڭ مەنىسىنى شەرھىيلەيدۇ.

«مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت» دېگەن بۇ رومان نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا زىلزىلە پەيدا قىلدى، كىشىلەر رومانغا مۇجەسسەملەشكەن چوڭقۇر مەنىدىن ھوزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە ھېكايىدە يارىتىلغان مۇھەببەت مۇھىتىدىنمۇ قاتتىق تەسىرلىنىدۇ.

ھېكايە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى كىچىك بىر بازاردا يۈز بەرگەن، ئاپتور ئۆز تۇرمۇشىدىن ئىلھام ئېلىپ يازغان. ئايال باش قەھرىماننىڭ پىروتوىتى ئاپتورنىڭ ھەدىسىنىڭ پىرىتوتىدۇر.ئۇزاق يىللار بىلەن يېزا بازارنىڭ پۇرىقى ھېكايىگە سىرلىق ھەم ئۇنتۇلغۇسىز تۈس بەرگەن. خۇددى «ئۇنىۋېرسال سەنئەت گېزىتى»دە تەسۋىرلەنگەندەك: «بۇرۇنقى دەۋرلەردە دۇنيا ھازىرقىدىنمۇ بەك سۆيۈملۈك ئىدى»، ئۇ چاغدا شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى بوفۇت بازىرى، ئاياللارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم-كېچەكلىرى، ئەرلەرنىڭ بېشىدىكى شىلەپە…ئەنە شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشدە يۈز بەرگەن مۇھەببەت ھېكايىسى تەبىئىي ھالدا ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ياشانغان كىشىلەر ھېكايىدىن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنىڭ ئىزنالىرىنى تاپالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى، كونا چۈشىنى قايتىدىن سېزەلەيدۇ، بەرنا يىگىت-قىزلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ گۈزەل چاغلىرىنى ھەيران بولغىنىچە ھېس قىلالايدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ساپ مۇھەببەتكە شاھىد بولالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېكايىنى ئوقۇپ، سۇس ھەسرەت بىلەن قويۇق ئادىمىگەرچىلىك كەيپىياتىغا غەرق بولۇپ، ئۆز يۈرىكى بىلەن مۇھەببەتنىڭ قىسقا ھاياتىنى سېزىپ يېتىدۇ.

روماندا بايان قىلىنغان ھېكايىلەر نۇرغۇن قاراشلار بىلەن خاراكتېرلەنگەن، ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى چىن تۇرمۇشىتىن كەلگەن، بەلكى ئاپتورنىڭ ھەدىسى روماندىكى ئايال باش قەھرىماننىڭ پىرىتوتىتى قىلىنغان، سىپاككېس بۇرۇن سەمىمىيلىك بىلەن: «بۇ ئىنتايىن ئىندۇۋېدىئاللىققا ئىگە ھېكايە، مەن نۇرغۇن يازغۇچىلاردەك ئۆز تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئوقۇرمەنلەرگە نامايان قىلدىم، ئەسىردىكى باش قەھرىمان جېم سالىۋان ھەدەمنى پىرىتوتىت قىلغان. ئۇ ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل ئىنسان ئىدى، بۇ كىتاب مېنىڭ ئۇنى خاتىرلىشىمنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى بولدى» دەيدۇ. بەلكىم ئۇ ئاپتورنىڭ جىمى ھېسسىياتىنى بايان قىلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ئادەتتىكىدەكرەك بولسىمۇ، تىلى ئادەمنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىچكى دۇنيارىمىزنىڭ تېرەن جايلىرىدىكى مەلۇم ئەڭ مېھرىبان نەرسىلەر بىلەن ئۈزۈكسىز ئۇچرىشىپ، ئورتاق ھېسسىياتىمىزنى قوزغايدۇ.

«مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت» كونا ھەم لاتاپەتلىك رومانتىك بىر رومان. سىپاككېس ئاجايىپ كۈچلۈك يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بىلەن كىشىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدىغان مۇھەببەت ھېكايىسىنى بايان قىلىدۇ، مەيلى يېشىمىز چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ياكى بىز قەيەردە بولايلى، بۇ روماننى ۋاراقلىشىمىز بىلەنلا رومانغا مۇجەسسەملەشكەن كونا تىنىق بىلەن ئادىمىگەرچىلىك تۇيغۇسىدىن تەسىرلىنىمىز، سىپاككېسنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئەسەردىكى باش قەھرىمان بىلەن بىللە زېھنىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى، ھېسسىياتنىڭ يۈكسىلىشىنى يەنە ئادىمىيلىكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز.

مەن بۇ كىتاپنى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت» دېگەن بۇ روماننى زور قىزىقىش ھەم ئىشتىياق بىلەن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. بۇ تەرجىمە ئەسىرى پات ئارىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىدى. ئەسەردىكى مۇھەببەت ھېكايىسى ئەدەمنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىدۇ:« مۇھەببەت سەۋرىچان ھەم مېھرىبان بولىدۇ، مەڭگۈ ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ؛ مۇھەببەت بولسىلا مەڭگۈ ھاكاۋۇرلۇق، ئەدەپسىزلىك، شەخسىيەتسىزلىك بولمايدۇ، ھۇجۇم بولمايدۇ ۋە غەزەپمۇ بولمايدۇ؛مۇھەببەت سېنى باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ناخۇش قىلمايدۇ، ئەمما ھەقىقىي قىياپەتىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق سېنى سۆيۈندۈرىدۇ؛ ئىزچىل تۈردە ئەپۇ قىلىش، ئىشىنىش، ئۈمىدۋار بولۇش، يەنە سەۋرىچان بولۇش ئۈچۈن تەييار تۇرىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەردىن ئالدىن زوقلانسۇن دەپ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە قىسىمى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بابىنى ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلدىم.»

 

مۇقەدىمە

مەن ئون يەتتە ياشقا كىرگەن يىلىم ھاياتىمدا مەڭگۈلۈك ئۆزگۈرۈش بولغانىدى.

مەن بۇ گېپىمنىڭ كىشىلەرنى بۇرۇقتۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇڭا كىشىلەر ماڭا ھەيرەت نەزەرلىرى بىلەن قاراشقان بولىشى مۈمكىنىدى، مەن ئۇ چاغدا قانداق كونا ئىشلىرىم بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈشنى خالىمايتتىم. مەن بۇ يەردە ھاياتىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقتىنى ئۆتكۈزدۈم؛ ئۆتمۈشتىكى ئىشلار ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمىغاچقا ئۇ ئىشلارنى زىنھار تىلغا ئالغۇم يوق ئىدى. ئۇ ئىشلارنى ئىككى-ئۈچ ئېغىز گەپ بىلەن قانداق يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ، قىسقا گەپلەر بىلەن كىشىلەرگە ئۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى قانداق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئاشكارىلاشقا كىم چىداپ قۇلاق سالىدۇ؟ ئارىدىن قىرىق باھار-كۈز ئۆتۈپ كەتتى، مەن بىلەن بالىلىق چاغلىرىمدا تونۇشقان، ھېلىھەم مۇشۇ بازاردا تۇرىۋاتقان پۇقرالار مېنىڭ جىمغور مېجەزىمگە كۆنۈشۈپ قالغانىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مېنىڭ ھىكايەم ئۇلارنىڭ ھېكايىسىى ئىدى، چۈنكى بىز دېگۈدەكلا ئاشۇ ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرگەن كىشىلەر ئىدۇق.

ئەمما مەن ھېكايىنىڭ مەركىزىگە ئەڭ يېقىن ئىدىم.

مەن بۇ يىل ئەللىك يەتتە ياشقا كىردىم. شۇنداق بولسىمۇ ئۆتمۈشتىكى ئىشلار ھېلىھەم ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ. ئاشۇ يىلى يۈز بەرگەن جىمى ئىش ھەمىشە كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ، ۋۇجۇدۇمدا دەرت-ئەلەم بىلەن شادـــخۇراملىق ئارىلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. مەن بەزىدە راستىنلا ۋاقىت ئارقىسىغا يېنىپ جىمى دەرت- ئەلەملىرىمنى، قايغۇ-ھەسرەتلىرىمنى ئېلىپ كەتسىكەن دەپ كېتىمەن. ئەمما مەن ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا شاد- خۇراملىقىمنىڭمۇ ئاشۇ دەرت-ئەلەملىرىمگە قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن مەن خىيالىمدا پەيدا بولغان ھەر بىر ئەسلىمىگە نىسبەتەن دېگۈدەكلا ئۆزۈمنى تولىمۇ تەمكىن تۇتىمەن، مەن ئۇ خىياللارنىڭ مېنى قايەرلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا رائىشلارچە بوي سۇنىمەن. مەن ئۆزۈمنى تىزگىنلىيەلمەيمەن، ئۆزۈمگە ئىگە بولالمايمەن.

يېڭى ئەسىر ئالمىشىشنىڭ ھارپا يىلى-ئاخىرقى يىلى، 12-ئاپرىل. مەن ئۆيدىن چىقىپ ئەتراپقا قارىدىم. ئاسماننى قويۇق قارا بۇلۇت قاپلىغانىدى. مەن كوچىدا لەرزان قەدەم تاشلاپ ماڭدىم، ئەمما مەن كورنۇس گۈللىرى بىلەن كاككۇك گۈللىرىنىڭ بەس-بەس بىلەن رەڭ تالىشىپ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مەن بوغماق چاپىنىمنىڭ سېرىتمىسىنى سەل ئېچىپ قويدۇم. ھاۋا تېخى سالقىن بولسىمۇ، يەنە بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن راھەتلىك ھاۋا رايىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، تۇتۇق ھاۋا رايىنىڭ بۇ يەردىن غايىپ بولىدىغانلىقىنى، شىمالى كارولىنانىڭ جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل بىر جايغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.

مەن راھەتلەنگىنىمچە تىنىۋالدىم، ئۆتمۈشتىكى ئىشلار يەنە كۆڭۈل بېتىمدە نامايان بولدى. مەن كۆزلىرىمنى يۇمىۋالغان بولساممۇ، ۋاقىتنىڭ خۇددى تەتۈر مېڭىۋاتقان سائەتتەك چىكىلداپ، ئاستا تەتۈر ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن گويا باشقىلارنىڭ كۆزى ئارقىلىق ياشلىق دەۋرىمنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم؛ ئۇچتەك ئاقارغان ئاپئاق چاچلىرىمنىڭ قوڭۇررەڭگە ئايلانغانلىقىنى كۆردۈم، كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقلىرىدىكى قورۇقلارنىڭ خېلى تۈگەپ قالغانلىقىنى، پۇت-  قوللىرىمغا ماغدۇر كىرىپ قالغانلىقىنى سەزدىم. يىللار مېنىڭ مەئىشەت يوللىرىمنى ئاستا-ئاستا سۇسلاشتۇردى، پاك- غۇبارسىزلىقىم، سەبىلىكىم ۋۇجۇدۇمغا يېڭىباشتىن قايتىپ كەلدى. جىمى ئىش ئەينى يىللىرىدىكىدەك ئىدى!

ئەتراپىمدىكى دۇنيادىمۇ ماڭا ئوخشاش ئۆزگۈرۈش بولدى: يوللار تارايدى، بەزى يول بۆلەكلىرى ھېلىھەم قارىماي ئىدى؛ ئېتىزلارنىڭ ئورنىنى شەھەر ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇشلار ئالدى؛ كوچىدىكى كىشىلەر قىستاڭچىلىقتا باشلىرىنى ئۇياق-بۇياققا پۇلاڭلاتتى، كىشىلەر سىۋېرلىنى بولكاخانىسى بىلەن پاركال قاسساپ دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا دېگۈدەكلا ۋىترىناغا قارىشاتتى، ئەرلەر بېشىغا شىلەپە، ئاياللار ئۇچىسىغا مۇراسىم كىيىمى كېيىۋېلىشقانىدى. كوچىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان سوت مەھكىمىسىنىڭ بىناسىدىكى- سائەت مۇنارىدىكى سائەت سايراشقا باشلىدى…

مەن كۆزلىرىمنى ئاچتىم، جىمى نەرسە شۇلارغا ئەگىشىپ قارار تاپتى. مەن شۇ ئەسنادا پاكلىنىش چىركاۋىنىڭ سىرتىدا ئۆرە تۇرغىنىمچە چىركاۋنىڭ چوققا تېمىغا قارىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى دەۋرىدە، قەيەردە تۇرىۋاتقانلىقىمنى بىلدىم.

مېنىڭ ئىسىمىم  لاڭدون كات بولۇپ، بۇ يىل ئون يەتتە ياشقا كىردىم.

مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھېكايىنى بايان قىلىمەن، مەن بۇ ھېكايىنى ئەينەن بايان قىلىش ئۈچۈن ئەھدە قىلدىم.

سىلەر بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەسلەپتە كۈلۈشىڭلار، كېيىن يىغلىشىڭلار مۇمكىن-شۇڭا ھەرقايسىڭلار نېمىشقا بىزنىڭ سەمىمىزگە سالمىدىڭ دېمەڭلار.

 

13

 (روماننىڭ خاتىمە قىسىمى)

مەن ئون يەتتە ياشقا كىرگەن يىلىم كىشىلىك ھاياتىمدا مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىش بولدى.

    مەن قىرىق يىلدىن كېيىن بوفۇت بازىرىنىڭ رەستىلىرىدىن ئاستا كېتىۋاتقاچ ئىختىيارسىزلا بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاپ قالدىم. شۇ يىلى يۈز بەرگەن جىمى ئىش تېخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەندەك كۆز ئالدىمدا نامايان بولاتتى.

    جېم مېنىڭ توي قىلىش تەكلىپىمگە قوشۇلغاندىن كېيىن بىزنىڭ قانداق ئۈنلۈك يىغىلىغانلىقىمىز؛ خېگبوت بىلەن ئاتا-ئانامنى قانداق قايىل قىلغانلىقىم، ئۇلارغا قىلماقچى بولغان ئىشىلىرىمنى قانداق چۈشەندۈرگەنلىكىم ھېلىھەم ئېسىمدە. ئۇلار بىردەك قارشى تۇردى، بولۇپمۇ ئۇلار جېمنىڭ مېنىڭ توي قىلىش تەكلىپىمگە قوشۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ قارشى تۇردى. ئۇلار ئەھۋالنى چۈشەنمەي مېنى جېمغا ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىپ  قالغانىدى. مەن شۇڭا ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىم تامامەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشۈم كېرەكىدى.

    مەن ئۇنى سۆيەتتىم، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر ئىدى. ئۇ سالامەتمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆمۈرلۈك بىرگە ئۆتەلەمدۇق- يوق بۇنىڭ بىلەن پەرۋايىم پەلەك ئىدى. مەن پەقەت يۈرىكىمگە ئىتائەت قىلىپ دورۇس ئىش قىلدىممۇ-يوق دېگەن مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلەتتىم. مەن كۆڭلۈمدە بۇ پەرۋەردىگار ماڭا تۇنجى قېتىم بىۋاستە قىلىشىمنى تاپىلىغان ئىش دەپ ئويلىدىم، يەنە كېلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ نىزەمبوللا ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ ئىش قىلمايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم.

    مەن ئاراڭلاردىكى بەزىلەرنىڭ مېنى چۈشەنمەي، قىلغان ئىشلىرىمنى پەقەت ئىچ  ئاغرىتىش، ھېسداشلىق قىلىشتىن بولغان دەپ سېزىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. بۇ دۇنيادىن بىزار بولغان بەزى ھەسەتخورلار مەندىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن ئىدى، چۈنكى مەن جېمنىڭ پات ئارىدا بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە مۇشۇنداق قىلدىم. شۇڭا مېنىڭ ئارتۇقچە مەجبۇرىيەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم ھاجەتسىز ئىدى. مەن يۇقىرىقى ئىككى مەسىلىگە تامامەن ئىنكار جاۋاب بەردىم. كەلگۈسىدە قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر مەن جېمنى نىكاھىمغا ئالمىسام بولمايىتتى. مەن پەرۋەردىگاردىن تىلىگەن مۆجىزىلىرىم تۇيۇقسىز ئىجابەت بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا جېمنى نىكاھىمغا ئالاتتىم. مەن ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويغان چاغدىلا بۇ نۇقتىنى بىلگەنىدىم، بۈگۈنمۇ بۇنىڭدىن زىنھار، زىنھار گۇمانلانمايمەن.

    جېم مەن پەقەت ياخشى كۆرىدىغان قىز ئەمەس ئىدى، شۇ يىلى ئۇ بۈگۈنكى مېنى ياراتتى، ئۇنىڭ ياردەم قولى ماڭا كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ خۇشاللىق، ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ سەۋرىچانلىقى، مېھرىبانلىقى بىلەن  ماڭا تۇرمۇشنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەندۈردى، ئۇ كېسەللىك نامايان قىلغان كەڭ قورساقلىققا، ئۈمىدۋارلىققا، مەن شاھىد بولغان ئەڭ چۈشىنىكسىز ئىشلارغا يۈزلەندى.

    مەن جېم بىلەن تويىمىزنى پاكلىنىش دىنى چىركاۋىدا ئۆتكۈزدۇق، ئاتام ئوغۇل قولدىشىم بولۇپ يېنىمدا تۇردى، بۇ جېمنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى بىلەن ۋۇجۇتقا چىققان يەنە بىر ئىش ئىدى، جەنۇبتا ئاتا- بالىنىڭ قەلبى بىر تۇتاش، قەلبداش بولۇش ئەسلىدىنلا بار ئەنئەنە ئىدى، ئەمما جېم مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا كىرىشىدىن ئىلگىرى مەن بۇ ئەنئەنىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ قەيەردىلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنىدىم. جېم بىز ئاتا-بالا ئىككەيلەن ئارىسىدىكى ئايرىمىچىلىقنى يوقاتتى، ئۇ مەلۇم جەھەتتە ئائىلىمىزدىكى ئارازچىلىقنى تۈگەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاتامنىڭ جېم بىلەن قىلغان شۇ ئىشلىرىم ئۈچۈن مەڭگۈ ئىشەنچلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىز ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشتى، تاكى ئاتام ئالەمدىن ئۆتكىچە شۇنداق بولدى.

    جېم ماڭا يەنە ئەپۇ قىلىشنىڭ قىممىتىنى ۋە مېنى باشقىدىن ئادەم قىلىشنىڭ قۇدرىتىنى تونۇتتى. ئېرىك بىلەن ماگېرىت ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان كۈنى مەن بۇنى بىلىپ يەتكەنىدىم. جېم ئاقكۆڭۈل ئىدى، ئۇ «ئىنجىل» ئەھكۋاملىرىغا ئەمەل قىلدى، تەقۋادارلىق بىلەن ياشىدى.

    ئۇ جېم تام ساندوننىڭ پەرىشتىسىنى نىجات تاپقۇزۇپلا قالماي يەنە بىز كۆپچىلىكنىڭ پەرىشتەلىرىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇۋالغانىدى.

    1959 – يىلى 12 – مارت، مەن جېم بىلەن توي قىلدىم. خۇددى جېمنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك چىركاۋ مېھمانلار بىلەن تولۇپ كەتتى، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، كۈلكە-چاقچاق چىركاۋنى بىر ئالدى، چىركاۋغا ئىككى يۈز نەچچە مېھمان كىردى، قالغان مېھمانلار سىرتتا كۈتۈپ تۇردى، ۋاقىت قىس بولغاچقا توي ئىشلىرىمىزنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرالمىدۇق. ئەمما جامائەت بىزگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىقىشىپ چىركاۋغا كېلىشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈن ئۆزگىچە بىر كۈنگە ئايلاندى. مەن جمى تونۇش چىرايلارنى كۆردۈم، كاببۇ خانقىز، ئېرىك، ماگېرىت، ئېددى، سارى، كېللى، ئانجۇلا ھەتتا لۇۋېر بىلەن ئۇنىڭ مومىسىنى كۆردۈم. سورۇنغا كىرىش مۇزىكىسى ياڭرىغاندا سورۇندىكى مېھمانلار شىۋىرلاشقا باشلىدى، جېم ئاجىزلاپ ئىككى ھەپتە ئورنىدىن تۇرالمىسىمۇ، يەنىلا چىركاۋنىڭ كارىدورىدا چىداپ ماڭدى، ئاتام ئۇنى ماڭا تاپىلاپ تاپشۇردى.

ـــ لاڭدون، بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم،ـــ دېدى جېم،ـــ ئېسىڭدىمۇ، بۇ مېنىڭ خىيالىمنىڭ بىر قىسمى.

    بۇ ئىشنى قىلماق تەسرەك بولسىمۇ، مەن يەنىلا ماقۇل دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم، ئۇنىڭ ئېتىقادىدىن قاتتىق ھەيران قالدىم.

    مەن جېمنىڭ ئاشۇ كۈنى تىياتىرخانىدا كەيگەن سەھنە كىيىمىنى توي كىيىمى ئورنىدا كەيگەنلىكىنى بىلەتتىم، توي مۇراسىمى سەل جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا بۇ ئاق مۇراسىم كىيىمى بىردىنبىر كىيىم بولۇپ قالغانىدى. ئەمما مەن بۇ مۇراسىم كىيىمىنىڭ ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ چوڭ كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. بۇ چاغدا مەن ئاتام بىلەن دىنىي رايوندىكى جامائەت ئالدىدا جېمنىڭ مۇراسىم كىيىمى كىيگەن سىياقىنى خىيال قىلدىم. شۇ ئەسنادا ئاتام قولىنى مۆرۈمگە قويۇپ تۇرۇپ:

    ـــ ئوغلۇم، مەن سەندىن پەخرىلىنىۋاتىمەن،ـــ دېدى.

    مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.

    ـــ ئاتا مەنمۇ سىزدىن پەخرىلىنىمەن.

    بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئاتامغا دېگەن كۆڭلۈمدىكى گەپ ئىدى.

    توي ناۋاسى ياڭرىغاندا ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ئاپام قولياغلىقى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى، ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا مەن جېمنى كۆردۈم. ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانىدى، بىر سېستىرا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ پۈتۈن جاسارىتىنى ئىشقا  سېلىپ، ئاتىسىنىڭ يۆلىشى بىلەن ئىرغاڭلىغىنىچە ئۆرە تۇردى، كېيىن ئاتا-بالا ئىككەيلەن ئاستا يۈرۈپ كەلدى، مېھمانلار ئۇلارغا ھەيران بولغىنىچە قاراشتى. ئۇلار مېڭىپ يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە جېم بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بالا ئىككەيلەن قەدىمىنى توختاتتى، جېم ھۆمىدەپ كەتتى، شۇ ئەسنادا جېم ئۈچۈن مەن بەرداشلىق بېرەلمىدىم. ۋاقىت ئاران ئون نەچچە سېكونت ئۆتكەن بولسىمۇ، ماڭا بەك ئۇزۇندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. نىھايەت، جېم بېشىنى يېنىككىنە لىڭشىتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بالا ئىككەيلەن يەنە ئالدىغا قاراپ ماڭدى، قەلبىمدە يەنە پەخرىلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەيلى كىم بولسۇن بۇ مېڭىش بەسى مۈشكۈل بىر بۆلەك يول بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

    ئادەم ئۆمرىدە ئۇنتۇشى تەس بولغان بىر بۆلەك يول بولۇشى مۇمكىنىدى.

    سېستىرا چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرگىنىچە ئالدىدا كېتىۋاتاتتى، جېم بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسى تەستە ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى، ئۇلار ئاخىرى يېنىمغا كەلدى، جامائەت ھەم ھەيران بولدى ھەم خۇش بولدى، راھەتلەنگىنىچە نەپەسلەندى، ھەممىسى كېلىشىۋالغاندەكلا چاۋاك چېلىشتى، سېستىرا چاقلىق ئورۇندۇقنى توختاتقاندىن كېيىن جېم چاقلىق ئورۇندۇققا چىقىپ ئولتۇردى، ئۇ قاتتىق چارچىغاندەك كۆرۈنەتتى، مەن ئۇنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردۇم، ئاتاممۇ يۈكىنىپ ئولتۇردى.

    خېگبوت جېمنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى، «ئىنجىل»نى تۇتۇپ توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن تەرەددۇتلەندى. ئۇ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرىۋاتقاندەك، جېمنىڭ ئاتىسى بولۇش سالاھىيىتىنى چۆرۈپ تاشلىغاندەك قىلاتتى، ئۇ مۇشۇنداق ئۆزگەرگەندىلا ئاندىن ھېسسىياتىنى يوشۇرالايىتتى، ئەمما ئۇ يەنىلا ئالدىمىزدا ئۆرە تۇردى، مەن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا بولۇۋاتقان تىركىشىشنى كۆرۈپ يەتتىم، ئۇ كۆز ئەينىكىنىڭ گەردىشىنى بۇرنىنىڭ ئىگىرىگە كۆتۈرۈپ قويۇپ، «ئىنجىل»نى ۋاراقلىدى، جېم بىلەن ئىككىمىزگە قارىدى، ئۇ ئېگىزدە تۇرۇپ بىزگە قاراۋاتاتتى، دەرۋەقە بىز تۆۋەن يەردە ئىدۇق، ئىش تامامەن ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولدى، ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا بىردەم تۇردى، سەل گاڭگىرىغاندەك بولدى، كېيىن ئۇمۇ ھەيران بولغىنىچە ئولتۇردى، جېم كۈلگىنىچە ئاتامنىڭ قولىنى تۇتتى، كېيىن يەنە مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى، شۇنداق قىلىپ بىز ئۈچەيلەن قوللىرىمىزنى تۇتۇشتۇق.

    خېگبوت ئەنئەنە بويىچە مۇراسىمنى باشلىدى، ئۇ كېيىن جېم ماڭا يازغان خەتنى ئوقۇدى، مەن ئەسلىدە خېگبوت جېمنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بىزگە شۇ زامان قەسەم قىلدۇرىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئۇ بىزنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ جېم بىلەن ماڭا قارىدى، دىنىي رايوندىكىلەرگە قارىدى، كېيىن يەنە بىزگە قارىدى، مۇۋاپىق گەپ- سۆز ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.

    ئۇ جامائەتنى ئېنىق ئاڭلىسۇن دەپ كىكىردىكىنى قېقىپ قويغىنىچە ئۈنلۈك سۆزلىدى، ئۇ مۇنداق دېىدى:

    ـــ مەن ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىزىمنى كۆيئوغلۇمنىڭ قارىشىغا تاپشۇردۇم، ئەمما مەن قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەنمۇ-يوق بىلمەيمەن.

    سورۇندىكىلەر شۇ زامان تىنچلاندى، خېگبوت سەۋرىچان بولۇڭ بالام دەپ ماڭا بېشىنى لىڭشىتقىنىچە ئىشارە قىلدى، جېم قولۇمنى تۇتقىنىچە ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

    ـــ خۇددى مەن ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىدىن ۋاز كېچەلمىگەندەك جېمدىنمۇ ۋاز كېچەلمەيمەن، ئەمما مەن ئۇ ماڭا ئاتا قىلغان شادلىقتىن باشقا يەنە بىر ئادەمنىمۇ تەڭ بەھرىمەن قىلىمەن، بۇ مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، بېشىڭلار باش، ئايىغىڭلار تاش بولغاي.

    شۇ ئەسنادا ئۇ «ئىنجىل»نى قويۇپ قويۇپ، ماڭا قول ئۇزارتتى، مەن ئۇنىڭ قولىنى سىقتىم، بىز بىر مۇكەممەللىككە ئايلاندۇق.

    شۇنداق قىلىپ بىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قەسەم قىلدۇق.

    ئاتام بىلەن ئاپام ماڭا ئۆزلىرى ئالغان ئۈزۈكنى بەردى، جېممۇ ماڭا بىر تال ئۈزۈك بەردى، بىز بىر بىرىمىزگە ئۈزۈك سېلىشتۇق، خېگبوت بىزگە قارىدى، جىمى تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ئۇ بىزنىڭ ئەر- خوتۇن بولغانلىقىمىزنى جاكارلىدى، مەن جېمنى بوشقىنچە سۆيۈپ قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئاپام يىغلاشقا باشلىدى، مەن جېمنىڭ قولىنى تۇتقىنىمچە پەرۋەردىگار بىلەن جامائەت ئالدىدا مەيلى ئۇ ساقسىز ياكى ساغلام بولسۇن ئۇنى سۆيىمەن، ئۇنىڭغا كۆيۈنىمەن دەپ قەسەم قىلدىم، مەن ئەزەلدىن بۇنداق بەختلىك بولۇپ باقمىغانىدىم.

    بۇ مېنىڭ ئەسلىمە دۇنيارىمدىكى ئەڭ گۈزەل چاغ ئىدى.

 

    ھالا بۈگۈن ئارىدىن قىرىق يىل ئۆتۈپ كەتتى، شۇ كۈنى يۈز بەرگەن جىمى ئىش ھېلىھەم ئېسىمدە، بەلكىم مېنىڭ يېشىم ئاشقان، كۆرگەن-بىلگەنلىرىم كۆپەيگەن، شۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە باشقا بىر مەزگىللىك كىشىلىك ھاياتىمنى باشلىغان بولۇشىم مۇمكىن، ئەمما مەن كىشىلىك دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغان ئاداققى چاغدا ئاشۇ كۈندىكى ئەسلىمىلەرنىڭ كۆز ئالدىمدا ئاخىرقى رەت نامايان بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ھەرقايسىڭلارغا مەلۇم بولغاي، مەن ئۇنى ھېلىھەم سۆيىمەن، مەن مۇشۇ يىللاردىن بۇيان بارمىقىمدىن توي ئۈزۈكىمنى ئېلىۋەتمىدىم ھەتتا ئۈزۈكنى ئېلىۋېتىش نىيىتىدىمۇ بولۇپ باقمىدىم.

    مەن چوڭقۇر نەپەسلەندىم، باھارنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلاندىم، بوفۇتمۇ، مەنمۇ ئۆزگەرگەن بولساقمۇ، ھاۋا يەنىلا ئۆزگەرمەي شۇ پېتىدا ئىدى، يەنىلا شۇ بالىلىق دەۋرىمدىكى ھاۋا ئىدى، مەن ئون يەتتە ياش چاغلىرىمدىكى ھاۋا ئىدى، مەن بىراقلا يەنە ئەللىك يەتتە ياشقا قايتىپ باردىم، ئەمما بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىدى، مەن تەبەسسۇم ئەيلىگىنىمچە ئاسمان قەرىگە قارىدىم. يەنە بىر ئىشنى ھەرقايسىڭلارغا دەپ قويۇشنى بىلىپ يەتتىم: توغرا، ھەقىقەتەن مۆجىزە يۈز بەردى، مەن ھازىر بۇنىڭدىن زىنھار شۈبھىلەنمەيمەن.

تەرجىمان: «شىنجاڭ ئىجىتمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11916

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-06
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 1دانە
  1. كۆكتولۇن

    تورنى ئاچساملا ‹پاساھەت › بىلوگىغا كىرىپ، ئەسەر ئوقۇيمەن. بىر-بىرىدىن سەرخىل ئەسەر،باھا، ماقالە-ئوبزورلار مىنى بەكمۇ جەلىپ قىلىدۇ.
    بۇ روماننىڭ تولۇق قىسىمى تېخى تەرجىمە قىلىنمىدىمۇ؟ ئوقۇپلا مەپتۇن بولدۇم.ئەمما……

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: